فىزىكا مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدى، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟
ئاپتۇرى: لىيۇشىيا
(«جۇڭگو پەن-تېخنىكا تورى» 2013-يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنى)
ئەركيار تەرجىمىسى
2013-يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى تەرجىمە
ئەنگىليە بولىستوردىن ئىختىيارى يازغۇچى ماسىيو.جامۇس2012-يىلى«ئىلمىي ئامېرىكىلىقلار»ژۇرنىلىدا«كېيىنكى ھېككىس زەررىچىسى دەۋرى»ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.ئۇمۇنداق بايان قىلىدۇ:"ھېككىس زەررىچىسى بايقالغاندىن كېيىن،بۇخىل زەررىچىگە تېخىمۇ ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ،چوڭ تىپتىكى ھادرون سوقۇشتۇرغۇچ(LHC) بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇنداشقا ئامالسىز".ھازىر ئالىملار يېڭى ئەۋلاد سوقۇشتۇرغۇچ ياساپ تەتقىقات ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ،ئۆلچەملىك مودېلدىن باشقا فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى بايقاشتا تۆت خىل لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھېككىس زەررىچىسى خالتا كوچىغا كىرىپ قالدى
ھېككىس بوزىيوننىڭ بايقىلىشى تارىختىكى ئەڭ توغرا ئىلمىي مودېل ــــ زەررىچىلەر فىزىكىسى ئۆلچەملىك مودېلىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلدى.ئەمما،«بىرھېكايىنىڭ ئاخىرلىشىشى يەنە بىر ھېكايىنىڭ باشلىنىشى»بولغاندەك،بۇ يەنە يېڭى مەسلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
1964-يىلى2-ئايدا،بىتلىس(ئەنگىليىدىكى داڭلىق روك مۇزىكا ئەترىتى) ئامېرىكىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقاندا،بەزى كۈچلۈك ماددىلار نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى مورى. گىلماننىڭ كاللىسىدا پىرقىراپ يۈرەتتى. گىلمان ئىزدىنىۋاتقان مەسىلە شۇكى: ماددىنى تۈزگۈچى ئاتوم ۋە نېترونلارمۇ تېخىمۇ كىچىك تۈزگۈچىگە ئىگىمۇ؟ئۇ بۇ خىل كىچىك ماددىنى «كۋارك»دەپ ئاتىدى.«كۋارك»سۆزى ئېرلاندىيە يازغۇچىسى جامۇس.جويىسنىڭ«فېنگان كېچىسى»ناملىق ھېكايىسىدىكى شېئىرى جۈملە«مەيك خوجايىننى قايتا-قايتا كۋارك دەپ چاقىرىدۇ»دىن كەلگەن بولۇپ،گىلمان بۇ سۆزنى ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق دەپ ئاتىغان.
ئۇ چاغلاردا فىزىكىنىڭ يېڭى ئىدىيىگە بولغان تەقەززالىقى چۆل-جەزىرىگە پالىنىپ كەتكەن كىشىنىڭ بوستانلىققا بولغان تەقەززاسىغا ئوخشاش كۈچلۈك ئىدى.ئالىملار كائىنات نۇرلىرىدىن نەچچە ئون خىل غەلىتە يېڭى زەررىچىلەرنى بايقايدۇ.بۇ كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى ھەم سەۋەبى چۈشەندۈرۈكسىز ئىدى.گىلمان ئىجاد قىلغان كۋارك پروتون،نىترون ۋە باشقا مۇشۇنىڭدەك يېڭى زەررىچىلەرنى ئىككى ياكى ئۈچ تېخىمۇ ئاساسىي بولغان زەررىچىدىن تۈزۈلىدۇ،دەپ تەسۋىرلەيتتى.
كۆپ ساندىكى فىزىكلارغا نىسبەتەن بۇ قىياس بەكلا ئالدىغا كېتىپ قالغاندەك بىلىنەتتى.يېڭى زەررىچە بەلگىلىنىپ بولغان قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلىدى،سەۋەبى 2/3、-1/3 + زەرەتلەرگىمۇ ئىگە بولۇپ قالاتتى ھەمدە ئالىملار بۇنداق «ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدىغان»زەرىچىلەرنى ئەزەرلدىن ئۇچراتمىغان ئىدى.ئەھۋال نېمىشقا شۇنچە غەلىتە بولىدۇ؟نېمىشقا مۇشۇنداق بولمايدۇ؟ مېكسىكا شىتاتى سانتافىي تەتقىقات ئورنىدىن گىلمان رەددىيە بەردى:
«ھەممىلا ئادەم ئۇنىمۇ مۇمكىن ئەمەس،بۇنىمۇ مۇمكىن ئەمەس،دەيدۇ.ئېھتىمال ھېچقانداق ئاساس يوقتۇ ياكى تەبئىي مۇشۇنداق غەلىتىدۇ»نەتىجىمۇ دەل مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.كۋارك ھەممە پەنلەرنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈشكە ئەڭ بەرداشلىق بەرگەن نەزەرىيۋى مودېل بولۇپ،زەررىچىلەر فىزىكىسى ئۆلچەملىك مودېلىنىڭ ئاساسى بولدى.40يىل ئىچىدە ئۆلچەملىك مودېل ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى.قايتا-قايتىلاپ نەزەرىيەشۇناسلارنىڭ خىياللىرىنى رەددىيە بەرگىلى بولغۇسىز پاكىتقا ئايلاندۇردى.2012-يىلى7-ئايدا،ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى(CERN) نىڭ چوڭ تىپتىكى ھادرون سۇقۇشتۇرۇش تەجرىبە گۇرۇپپىسى ھېككىسى بوزىيوننى بايقىغانلىقىنى خەۋەرقىلدى.بۇ ئۆلچەملىك مودېلنىڭ ئەڭ يېڭى،ئەڭ ھەيران قالارلىق،كىشىنىڭ دېققىتىنى ئەڭ تارتقان بىرقېتىملىق نامايەندىسى ئىدى.
گەرچە ئالىملار مۇشۇنداق زورنەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما «گۈللىنىشنىڭ چېكى ــ خارابلىشىش»،«فىزىكا تۈگەشتى»دېگەندەك پاراڭلار قۇلاق تۈۋىمىزدىن كەتمىدى.ھېككىس بوزىيونى بايقىلىپ ئېنىقلا مۇكەممەل بولمىغان ئۆلچەملىك مودېل مۇكەممەللىككە ئېرىشتى.ئەمما،بۇ ئۆلچەملىك مودېلنىڭ نۇقساندىن خالىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.تەجرىبىمۇ ئالىملارغا تېخىمۇ ياخشى مودېلنى تۇرغۇزۇپ تۇلۇقلاشقا قايتا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلاجسىز.تارىخ قايتا تەكرارلىنىپ زەررىچىلەر فىزىكىسى نەزەرىيسى پۈتۈنلەي يېڭى ئىنقىلابنى چاقىرىدۇ.
ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوۋستىن تارماق مەكتىپىدىن نەزەرىيەشۇناس سىتېفىن.ۋېنبىرگ 1974-يىلى«ئۆلچەملىك مودېل»نى ئوتتۇرىغا قويغان.ۋېنبىرگ ئېيتىدۇ: مەن بۇ ئاتالغۇنىڭ قېلىپلىشىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن،ئۇنىڭ ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ۋە تەجرىبىنىڭ ئاساسى بولۇشىنى،ئالىملارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلارنى تېپىپ چىقىپ ئۆلچەملىك مودېلنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۆلچەملىك مودېلنىڭ ئاساسى ئىدىيسىنى بىرپارچە ئاتكېرتكا يۈزىدىن پايدىلىنىپلا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ: 6تال كۋارك قوشماقلىشىپ جۈپ تۈزۈپ ماسسىدىن باشقا بارلىق ئوخشاش ئۈچ «ئەۋلات»نى تۈزىدۇ؛ئېلېكترون ۋە نېترون قاتارلىق 6«لېپتون»مۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا تىزىلىدۇ؛ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرقىسىم بوزىيونلار كۋارك ۋە لېپتون ئارىسىدا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسى تەسىركۈچنى ئۇزىتىدۇ.
بۇ زەررىچىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىش ــ ئۇلار ماھىيەتتە ھەممىسىلا كۋانت زەررىچىلىرىدۇر.كۋانت نەزەرىيسى20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ھالقىلىق بايقاشلاردىن كەلگەن.بۇ بايقاشلاردىن ئايانكى،ئاتوم قويۇپ بەرگەن ۋە سۈمۈرگەن رادىئاتسىيە شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق دۇلقۇن ئوزۇنلۇقىغا ئىگە ئىكەنكى،ئېنىرگىيەنىڭ ئۈزۈك پارچىلىنىشى ياكى«كۋانت»تىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.مۇشۇ پىكىريولى بويىچە بولغاندا بىزغەلىتە ئىككى ياقىلىمىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز،ئەڭ كىچىك ئۆلچەمدە،زەررىچىنىڭ ئۆزى دولقۇن،دۇلقۇننىڭ ئۆزى زەررىچە.بۇ «سالاھىيتى» ئېنىق بولمىغان دۇلقۇن-زەررىچىنىڭ ھەرىكىتى نىيۇتۇن كىلاسسىك دىنامىكىسىغا بويسۇنماستىن،ئابىستراكىت ماتېماتىكىنىڭ بوشلۇقىدىكى غەيرىيلىك قائىدىسىدىكى ئېھتىماللىق بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ.
داۋامى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ...
مەنبە:
http://www.stdaily.com/stdaily/c ... /content_612608.htm