مەن بىر تەبئىي پەنچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ، بۇ تېمىڭىزنى بالدۇر كۆرگەن بولساممۇ ئىنكاس يېزىشقا پۇرسەت بولماي قالدى ،،،،
تەبئىي پەن ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى ، ئىجتىمايى پەن بولسا ئەشۇ تەرەققىياتلارنىڭ ئەدەبىي چۈشەندۈرىشى . تەبئىي پەن ئاچىدۇ ، ئىجتىمايى پەن ئۇنى ئوبرازلىق بايان قىلىدۇ ،،،
تەبئىي پەن پائالىيەتلىرى گەرچە يەككە ھەركەتتەك قىلسىمۇ ، ئەمما ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئەڭ تەنھا پالىيىتى دىگىلى بولمايدۇ . بىر قىزىقارلىق پەن خۇددى غايەت زور پاراسەتلىك چۆمۈلىلەر ئۇۋىسىغا ئوخشاش بولۇپ ، يالغۇز مىڭە قەۋەتمۇ قەۋەت قاتلىنىپ كەتكەن مىڭىلەر توپىغا سىڭىشىپ كېتىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ھەربىر مىڭە ئۆز ئالدىغا ئۇچۇر ئېلىپ يۈرۈپ ، يورۇقلۇق تېزلىكى بويىچە ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ .
بەزى ئالاھىدە ئۇچۇرلار يۈزلىنىشچانلىقا ئىگىدەك قىلىدۇ (؟) .
مۇشۇنداق ئالاھىدە ئۇچۇرلاردا ، كۆپلىگەن پائالىيەتچان مىڭىلەر بىر جايغا توپلىشىپ ، خۇددى بىرتوپ قۇچقاچ شاۋقۇندىن ئۈركۈپ ، شامالغا قارشى ئۇچۇپ كەتكەندەك ، ئۇچۇرنىڭ كىلىش مەنبەسىنى قەۋەتمۇ-قەۋەت ئوراپ ئالىدۇ . بۇ خىل ئەقلىي كۈچنىڭ يامرىشىنى بىئولوگىيىدە بىرخىل ياللۇغلىنىش ھېسابلايدۇ . بىزدىمۇ مۇشۇنداق ياللۇغلىنىش يۈزبېرىۋاتقاندەكمۇ قىلىدۇ ؟ .
بۇنداق ياللۇغلىنىشنى ھېچقانداق نەرسە ئۆزگەرتەلمەيدۇ . قالايمىقان مىڭىلەر توپى ئارلاش ھەم تەرتىپسىز ھالدا بىرجايغا يىغىلىپ ، بىر مەيدان پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ، پارچە-پۇرات ئۇچۇرلار ھەرتەرەپكە تارقىلىپ ، تاسقىلىپ ، ئۇششاقلىنىپ ، يىمىرىلىپ ۋە غاجاش-يالماشلاردىن ئۆتكەندىن كىيىن ، توساتتىن باشقا تەرەپكە بۇرىلىپ ، خاتىرجەم-ئارامخۇدا تۇرمۇش كەچۈرۈش باشلىنىپ ، تەبىئەت دۇنياسى توغرىسىدىكى بىر يېڭى ھەقىقەت بارىلىققا كىلىدۇ . قاسىمكامنىڭ نەزەرىيىسىگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن،،،،،،