ئارىپ يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 11:12 PM
رەھمەت قىرىن دىشىم. مۈمكىن بولسا يۇقۇرقى بۇ ئىنكاسنىڭ ...
پەن ۋە تۇرمۇش ژورلىنى 2012-6 سان .
«ئىلىم-پەن ھەققىدە خىتابلىق نىدالاردىن ، ئىزتىراپلىق ئويلارغىچە»
ئاپتورى__خوتەن ناھىيە خانئېرىق بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەبتىن .
ۋاقىت ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ، ئىنسانلار پار ماشىنىسىنى بەلگە قىلغان بىرىنچى قېتىملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ، ئېلىكتىرنى بەلگە قىلغان ئىككىنچى قىتىملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ، كومپىيوتېر ۋە ئۇچۇرنى ئاساس قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىنى مۇشەققەت ۋە دەبدەبىلىك ھالدا بېشىدىن كەچۈرۈپ ، يېڭى ئىرانىڭ بۈگۈنكى بوسوغىسىغا ئۇلاشتى . مۇشۇلارنى خۇلاسىلىگەندە ئىلىم-پەننىڭ زور ئىستراتىگىيەلىك ، ئۇللۇق رولى ھەممىگە ئايدىڭ بولغان بىر ساۋات بولۇپ قالدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونوش ۋە چۈشىنىش زۆرىيىتى تۇغۇلدى .
مۇلاھىزىلەرگە باي يازغۇچىمىز ئابدۇلباسىت ئابدۇرەھمان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورلىنىڭ 2008 - يىلى 1-سانىدىكى ماقالىسىدە مۇنداق قەلەم تەۋرەتكەن :
شەرقنىڭ ئالىملىرى بىر تامچە شەبنەم سۈيىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن بەدئىي زوق ۋە ئىلھام ئېلىپ ، شېئىر توقۇپ غەزەللەر دۇنياسىغا شۇڭغۇپ يۈرگەندە ، ئەكسىچە غەرب مۇتەپپەككۈرلىرى ئەقىل شەمشىرىنى ئىشقا سېلىپ ، شۇ بىر تامچە شەبنەم سۈيىنىڭ قانۇنىيىتى توغرىسىدا ئىزدەندى . ماھىيەتتە بىر تامچە شەبنەم سۈيى دېڭىز-ئوكيان سۈيىگە ئوخشايتى . غەرب مۇتەپپەككۈرلىرى سۇنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشەنگەندىن كىيىن ، سۇ يولى تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىپ قۇرۇقلۇق يولىنى بازىرى كاسات بولدى . سىپىكرىتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق دېڭىز سۈيىدىن ئوكسىگىن ۋە ھېدروگىنغا ئېرىشتى . سۇنىڭ پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇكۇل سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق داۋالاشتىن ئىبارەت غەرب تىبابىتىنى شەكىللەندۈردى . بىر تامچە شەبنەم سۈيىنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىپ دۇنيا سانائەت ئىنقىلابىنى باشلىدى .
مانا بۇلار بىزگە ئىلىم-پەنگە ئىتىبار بېرىشنىڭ ، تەپەككۇر قىلىشنىڭ زۆزۆرلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئەمما بىزنىڭ تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى تارام-تارام ئېقىنلاردىن شەكىللەنگەن بوستانلىقلاردا ياشايدىغان خەلىقلەرگە سۇنىڭ شۇقەدەر زۆرۆر بولىشىغا قارىماستىن ، ئۇلار سۇ ھەققىدە پەقەت ھېسسىي تەپەككۇر قىلالىدى ، خالاس .
بىزنىڭ تىلىمىزدا كۆپ زىكىر قىلىنىدىغان «ۋاقىت»ئىبارىسىمۇ غەرب دۇنياسىدا پەلسەپىۋى يۈكسەكلىكتە مۇلاھىزە قىلىنىپ «ۋاقىتنىڭ ماھىيىتى نىمە ؟ ، ۋاقىتنىڭ يۆلىنىشى قانداق بولىدۇ ؟.» دىگەندەك مەسلىلەرنى مۇھاكىمىگە قويۇلۇپ ، ئىلىم-پەن دۇنياسىدا فىزىكا ئىلمىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى . فىزىكا ، ئاستىرونومىيە ئىلمىنىڭ ئۈچ پىشۋاسى بولغان نىيوتون ، ئېنىشتىيىن ، سىتىفىن خاۋكىڭ قاتارلىق ئالىملارنىڭمۇ ئىزچىل مۇھاكىمىگە قويغان تېمىسى ۋاقىتنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بولدى . لىكىن بىز «ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك» ، «ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى» ، «ۋاقىت ئاتقان ئوق» دىگەندەك مەسەللەر ۋە ماقال-تەمسىللەرنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمىدۇق .
ئىلىم پەن ھەققىدە ئويلىنىش تەوەككۇرىمىز چەكسىز ،«قانداق قىلىش كېرەك ؟» دەيدىغانلار ئاز ساندا ، «مۇنداق قىلىش كېرەك»دەيدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا . ئۆز نىسىۋىسىنىڭ چەمبىرىكىدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان بەغەرەز زىيالىلاردىن مۇنداق ئۈمۈتلەرنى كۈتكىلى بولمايدۇ .
نۆۋەتتە تۇرمۇشىمىزنىڭ ھېچقايسى ھالقىسىنى پەن-تېخنىكىسىز تەسەۋۋۇر قىلىغىلى بولمايدۇ . توك ، قاتناش ، ئۇچۇر ۋاستىلىرى يوق بولۇپ قالسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىمىز . بۇلارنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىدا تۇرمۇشىمىزنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە پەن-تېخنىكىنىڭ ھامىيسىغا چۈشۈپ قالغانلىقىمىنى بىلەلەيمىز .
ئۇلۇغ ئالىم ، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»دىگەن كاتتا ئەسىرىدىمۇ «ئىلىم-پەن بەخت سائادەت ئەكەلگۈچى» دىيىش ئارقىلىق ئىلىمنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن ،،،،
خەت يېزىشىم ئاستا بولۇش سەۋەبلىك يەنىلا تولۇق يازالمىدىم ، توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمت قىلىمەن