مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: orxuntekin

مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27494
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5262
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 09:27:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94218
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 467
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 09:42:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي!

بۇرادەرلەر ياخشى تۇردۇڭلارمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18515
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 10:41:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ھاياتى ئىلمى ئەمگەكلىرىدە  داۋاملىشىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 10:43 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26361
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 01:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-7-21 08:56 PM
مۇنبىرىمىزدىكى ئورخۇنتېكىن ئەپەندىنىڭ ئۆزى نەبىجان ت ...

خەقنىڭ شەخسىي ئىشى بىلەن نېمە كارىڭىز؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 10 بۇ قانداق گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 01:54:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەرھۇمنىڭ قانداق ئەسەرلىرى بار؟ بولسا مۇنبەرگە يوللاپ قويۇلسا  ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقساق

‹ دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى كۆرگەندە ھالال ياشاپ ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ۋىجدانى قاينايدۇ: بوشاڭلارنى كۆرگەندە تىرىشچان، ئىشچان ئادەمنىڭ ئىچى تىت تىت بولىدۇ ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 02:00:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىنى  تۈنۈگۈن توردىن چۈشۈرۋىلىپ ئۆيگە بېرىپ ئوقۇپ چىقتىم، ئالىم ئۆلدى ئالەم ئۆلدى دەيدۇ ئۆمەرجان ئالىم ئۆز ناخشىسدا ،بىر دوكتورىمىز بىزدىن ۋاقتىسز ئايرلىپتۇ.ئاللاھ ئۇنى ياخشلارنىڭ قاتاردىن، ئەمەللىرى ئوڭ قولغا بېرلىدىغانلارنىڭ قاتاردىن قىلشقا نېسىپ قىلسۇن،ئۇلۇغ روزا ئايلىرىدا نامازلىرىمىزدا ھەم  شۇنداق دەپ دۇئا قىلىمىز!
مەرھۇم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن نېمە سەۋەبتىن قىرغىزستاندىن قايتىپ كەلگەندۇ، ئۆز ۋاقتىدا ماقالىدە ئېيتلغاندەك،روسيە شەرقسۇنسلىق ئاكادىميسنىڭ تەكلىپنى قوبول قىلىپ  روسىيگە كەتسىمۇ بولۇپتكەن .  چەتئەلدە تۇرۇپ خىزمەت قىلسمۇ بولاتتى.مېنڭ چۈشنەلمگەن يېرىم شۇ، بەلكىم ئائىلىدە ئاتا -ئانسىغا قاراش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەندۇ.   يۇرتىغا قايىتىپ ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلمەن دېگەنلىك بىر ئەخمەقلىق بولۇپ قالدى ھازىر،بىر ئىلىم ئىگسىگە بىر دوكتورغا  ئاكادىميلەردىن خىزمەت چىقمسا قانداق ئىش بولۇپ كەتتى؟
ئەلۋەتتە ئەجەل يەتسە نەدىلا بولايلى   ھامان قازايى قەدىر يېتدىكەن. بىز دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ  قوش مۇسبەت زەربىسدە  قانداق بىر  ھېسياتتا بولىۋاتقانلىقنى ھېس قىلىپ تۇرماقتىمىز.ھەمدە  بىر ئاللاھتىن مەدەت تىلىشنى ،ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا كۈچلۈك چىدامچانلىق ۋە مۇسبەت سەۋرىسى ئاتا قىلىشنى تىلەيمىز!
مېنڭچە ئۇنىڭ ئەسەرلىنى تېزىراق كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇپ ياكى مۇشۇ تورغا بولسمۇ يوللاپ بىزنى خەۋەرلەندۇرسەڭلار ئۇنىڭ ئىلىمى ئەمگەكلىرنى ئوقۇپ ئۇنى ئەسلىسەك بۇ بىزنىڭ قايغۇلۇق ھېسياتلىرىمىزغا تەسەللى بولاتتى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 03:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:24:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئابدۇرىھىم تۇرسۇنغا بېغشلاپ:

كېتىپ قالدىڭ ئاشۇرۇپ قايغۇمىزنى بىزلەرنىڭ،
كىم تاپىدۇ سېنىڭدەك ئوقۇغاننى ۋەتەندىن.
تىرىك تۇرۇپ كۆرمەپتۇق سەن بارىڭدا يۈزۇڭنى،
ئەجەل  سېنى ئەپقاشتى ھەجەپ تېزلا دۇنيادىن.

كۆز يۇمغانلار ئاز ئەمەس ئارمان ئىكەن بۇ دۇنيا،
قسىمتىگە ھەق دەيمىز نېمە ئامال ھاياتقا.
بىراۋ قېرىپ  كەتسىمۇ يىغا بىلەن ئۇزاتتۇق،
ياشلىقىڭدا يەتمىگەن ئارزۇلىرىڭ بۇ ياقتا.

تالايلارنىڭ قوڭى يوق،ئولتۇرغىنى ساپادا،
خىزمەتچى دەپ چىرايلىق قالپاقلىرى بېشىدا.
خەلق ئۈچۈن  ئشلەيمىز بېزىۋالغان سۆزى بار،
ئاق كۆينەكنى كىر قىلماي مائاش ئۈچۈن جان پىدا.

قايتىپ كەلسە ۋەتەن دەپ ئالىم ئۆزى يۇرتىغا،
ئولتۇرغۇدەك ئۈستەل يوق تۇرۇپ قالدى پەگادا.
چەتئەللەردە شەرەپكە نائىل بولسا بۇياقتا،
ئۇنۋانلىرى بوپ قاپتۇ كىرەك كەلمسەس پراۋا.

ئىلمسىزلىك ئاپەتتۇر، بىلىمسىزلەر خاراپتۇر،
قەدىرلمەي ئالىمنى يۈرگەن جايلار خەسىستۇر.
ئالىم ئۆلسە ئالەممۇ ياش تۆكىدۇ كۆزىدىن،
ئەل سۆيگەنلەر ئۆلمەيدۇ ئەل قەلبىدا ھاياتتۇر.












بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 03:26 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مارشال + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79054
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 6717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 04:43:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ  ئىنىم  دوكتۇر   ئابدۇرېھىم  تۇرسۇن  (2)


          نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)



   دۇنيادا ئېلان قىلىنغان تۇنجى چەتئەل تىلىدىكى ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى



ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى   ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى رۇس تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىدۇر. ئۇ،  ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ  ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردىن باشقا مىللەت كىشىلىرى،  ئومۇمەن،  خەلقارا ئەدەبىيات ساھەسىدىن بىخەۋەر قالغانلىقىنى  ھېس قىلىپ،  ئۇيغۇر دىيارىدىكى  كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان شائىرلىرىدىن 28 كىشىنىڭ نادىر شېئىرلىرىدىن تاللانمىلارنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش ئىشىغا كىرىشىپ،   ئاخىرى 2001-يىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا تۇنجى قېتىم «  ئۇيغۇر  پوئېزىيىسى » نامىدا   ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتتى .

«  ئۇيغۇر پوئېزىيىسى»   ماۋزۇلۇق  مەزكۇر توپلامغا زەلىلى، نۆۋبىتى، بىلال نازىم، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ،  تۇرغۇن ئالماس، ئىبراھىم تۇردى، ئىبراھىم نۇرۇز، ئەنۋەر ناسىرى، ئىمىن تۇرسۇن، نىمشېھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوف،   ئەلقەم ئەختەم، ئابلىز نازىرى، غەنىزات غەيرانى، قاسىمجان قەمبىرى، بۇغدا ئابدۇللا، رەھىم قاسىم، ئابدۇقەييۇم ئىمىن  ۋە باشقىلارنىڭ بىر قىسىم  نادىر ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى  تەرجىمىسى كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، نىمشېھىت،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىق ۋە باشقا ئونلىغان شائىرلارنىڭ  بىر قىسىم داڭلىق شېئىرلىرى تۇنجى قېتىم رۇس تىلىغا  تەرجىمە قىلىنىپ، رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دائىرىسىدىن  رۇس-ياۋروپا ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى  جۇغراپىيىسىگە يول ئالدى.

ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى چەت تىللىرىدىكى شېئىرلار توپلىمى ئەنە شۇ ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  جاپالىق ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن 2001-يىلى، « قىرغىزىستان»  نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

ئەنە شۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا  ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى مۇنداق دۇنيادىكى چوڭ تىللاردا تېخى توپلام سۈپىتىدە  يورۇققا چىقمىغان،  ئۇيغۇر پوئېزىيىسى خەلقئاراغا تېخى مۇنداق  بىر توپلام سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلمىغان ئىدى.  ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەزكۇر زور نەتىجىدە ئەنە شۇ ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  تىرىشچانلىقى ، پىداكارلىقى   بىلەن دۇنياغا كەلدى.

مەزكۇر توپلام ھەققىدە يەنە شۇنى قوشۇمچە قىلىش مۈمكىنكى، مەن 1990-1996-يىللىرى ئارىسىدا موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى، يەنى 1992-يىلىدىن كېيىنكى رۇسىيە  پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە  ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات ، سەنئىتى ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە ئۇيغۇر ئالىملىرى ھەم مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ  ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ، جۈملىدىن  20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە شەكىللىنىپ،  يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتلىق  تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ  دۇنيانىڭ خەۋەرسىز قېلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدىم.   رۇسىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي قېرىنداش زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى،  زامانىۋى ئەدەبىيات-سەنئىتىگە ئىگە بولۇپ، پروزا ۋە شېئىرىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بويىچە زور ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ياكى ئاساسىي جەھەتتىن  مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدى. ئۇلار، 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى، ژانىرلىرى ، ئۇنىڭدىكى ئىدىيە ۋە مىللىي روھ ۋە باشقىلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدى.

بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 70 يىللىق   « بۈيۈك سوۋېت خەلقى» ،  « ئۇلۇق سوۋېت ئىتتىپاقى»  نۇقتىئىينەزەرىنىڭ تەسىرى بىلەن  بىر قىسىم رۇس ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرىدا ئۆزلىرىنى دۇنيادا  ئەڭ ئۈستۈن ھېسابلاش،   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەڭ مۇكەممەل دەپ قاراش خاھىشى ئېغىر ئىدى.  بۇنداق ئەھۋال   ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، قازاق ، قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە باشقىلاردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشىكنى ئېتىش سىياسىتى نەتىجىسىدە چەتئەللەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇش  ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش  ئىدىيولوگىيىلىك مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن  بۇنداق تاشقى ئامىللارنى چەكلەش مۇئامىلىسى قوللىنىلغان،  ئىلىم ساھەسىدىمۇ بۇ ئەھۋال داۋاملاشقان ئىدى . ئۇزۇن مەزگىللىك   ئىشىك تاقاش،  «ئۇلۇغ سوۋېت » تەشۋىقاتى ۋە كاللا يۇيۇش ھەرىكىتى جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا ، جۈملىدىن ئىلىم ساھەسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ھەتتا بەزى ئۇيغۇرشۇناسلىق ماتېرىياللىرىدا   ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئاپتورلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى، تىلى-ئەدەبىياتى،  مەدەنىيىتى ھەققىدىكى قىسمەن ئەسەرلىرىگە باھا بېرىلگەندە  ، مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ   ئىلمىيلىك دەرىجىسى تۆۋەنرەك، ئاكادېمىيىلىك  ساھەگە  تەۋە  ئەمەس، بەلكى  ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن  يېزىلغان  « ئىلمىي ئاممىباب»  لىق خاراكتېرى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بىراق، 1990-1992-يىللاردىن كېيىن ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئالىملىرى بۇ خىل چۈشەنچىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ  ئۇيغۇر ئاپتورلىرىنىڭ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ھەر خىل يوللار  بىلەن ئىپادە قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، مۇتلەق كۆپ قىسىم  رۇس تىللىق زىيالىيلار ئۇيغۇرچە  بىلمىگەنلىكى،  بولۇپمۇ  ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئوقىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەسەرلەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى قىيىن ئىدى.

مەن ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئىلىم ساھەسىگە تونۇشتۇرۇش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.

مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ رۇس تىلىدىكى  چوڭ ھەجىملىك بىر ئانتولوگىيىسىنى تۈزۈپ، موسكۋادا نەشىر قىلىش ئارقىلىق  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا  يۈزلەندۈرمەكچى بولدۇم. 1996-يىلى، ئۈرۈمچىدىكى  بىر ئىلمىي مۇھاكىمە  يىغىنى جەريانىدا  بۇ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.  بۇ ھەقتە مەخسۇس پىكىر ئېلىش پائالىيىتىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. كۆپىنچە كىشىلەر قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.  قۇۋۋەتلىگەنلەر، قوللىغانلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى. ئەشۇ 1996-يىلى، مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردى. مەن ھازىرمۇ دائىم ئەشۇ كۈنلەرنى ، ئۈرۈمچىنىڭ 1980-90-يىللىرىدىكى  ئەشۇ گۈزەل كۈنلىرىنى ئەسلەيمەن.  1995-1996-يىللىرى، مېنىڭ  تەتىل جەريانىمدا  مەن ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە زىيالىيلارغا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى.  « موسكۋا خىياللىرى»  ناملىق ئەسىرىم   جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل قاتلىمىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا ئېلىپ كەلدى. بەلكى ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك ئەنئەنىۋى تەسىر ئىسكەنجىسى  ئاستىدا ئۇزۇن ۋاقىت ياشىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمى  سوۋېت ئىتتىپاقىدەك قۇدرەتلىك مەملىكەتنىڭ بىر پاي ئوقسىز غولاپ چۈشكەنلىكىنىڭ سىرلىرىنى مېنىڭ « موسكۋا خىياللىرىم» دىن ئىزدىمەكچى بولغان بولسا كېرەك.   مەن ئۇچراشقان  20-ئەسىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇيغۇر  زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى، سىياسىيونلىرى  بىلەن  بولغان سۆھبەتلەردە موسكۋا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرى ئاساسلىق تېما ئىدى.   سەيدۇللا سەيفۇللايېف،  ھاكىم جاپپار، سوپاخۇن سوۋۇروف   قاتارلىق تارىخىي شەخسلەر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،  ھاجى ياقۇپ، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن ،  شەرىپىدىن ئۆمەر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، زارىپ دولات،ئابلىمىت روزى  ۋە باشىقا تەبىئىي پەن  ھەم ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى  كۆپلىگەن  ئۇيغۇر پروفېسسور-دوتسېنتلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئابدۇللا تالىپ،  قەييۇم تۇردى  قاتارلىق كۆپلىگەن، بۇ يەردە مەن  ئىسمىنى ئاتىمىغان  پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئەدىبلەر، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر   ھازىرغىچە مېنىڭ   خاتىرلىرىمدە ساقلانماقتا.

ئەنە شۇ 1996-يىلى مېنىڭ   ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى بىر توپلام قىلىپ، رۇس تىلىدا نەشىر قىلىش ، ئارقىدىن ئۇيغۇر پروزا ئەسەرلىرىنى توپلام قىلىپ نەشىر قىلىش، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ۋە سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش  ئويۇم  خېلى كۆپ كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن، ھەتتا  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئارىسىدىمۇ قوللاش ۋە ئىلھام بېرىش پوزىتسىيىسى  بولغان ئىدى.

ئەمما، ئاخىرقى ھېسابتا  ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى  رۇس تىلىدا نەشىر قىلىش پىلانىم ئىقتىسادىي ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن كۈن تەرتىپتىن قالدى.  بىراق ، مەن كۆڭلۈمدىكى بۇ ئارزۇيۇمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دېگەن ئويدىن  ھېچقاچان قالمىدىم.  مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇم بەرىبىر يەنىلا خېلى كۆپساندىكى ئەدىبلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىلدى. مەن  ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى  ۋاپات بولغان ئەدىبلەرنىڭ  مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان تاللانما شېئىرلىرىدىن كىچىكرەك بولسىمۇ بىر توپلاپ چىقىرىش، ئىككىنچى قەدەمدە ھاياتلار ۋە  ياشلارنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاپ قىلىش ئويىغا كېلىپ، جىددىي تاللاشقا كىرشتىم ۋە ئاخىرىدا 20-ئەسىردىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەر ۋە بىر قىسىم ھايات ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشتىم.  بۇ ئىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى.  مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي تەرجىمىسىنى تەييارلاش ھەمدە ھەر بىر ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى تەييارلاش ، ئاخىرىدا كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىش ئىشى قەدىرلىك ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇنغا يۈكلەندى.   بۇ جەرياندا قازاقىستاندا تونۇلغان ئاتاقلىق  ئۇيغۇر شائىرى ، مەرھۇم  ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف  شېئىرلارنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنى  گۈزەل شېئىرىي  ھالغا كەلتۈرۈشتە  تەجرىبىلىك بولغان رۇس شائىرەسىنى تېپىشقا ياردەملەشتى. ئەلۋەتتە، شېئىرنى شېئىرىي ھالدا تەرجىمە قىلىش ئەڭ يۈكسەك تىل سەنئىتى ۋە شائىرلىق قابىلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ئاخىرىدا  مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى،  پروفېسسور مۇرات ھەمرايېف ھايات ۋاقتىدا تەرجىمە قىلغان ئاز ساندىكى  ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى ۋە لۇتفۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى  ھەم باشقىلارنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرىمۇ توپلىنىپ، 28 شائىرنىڭ تاللانما شېئىرلىرىدىن  تۈزۈلگەن «  ئۇيغۇر پوئېزىيىسى»   دۇنياغا كەلدى.  

ئىنىم ئابدۇرېھىم بۇ جەرياندا  بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىنى قىلدى، بارلىق شائىرلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى مېغىزلىق قىلىپ رۇسچە يېزىپ چىقتى ھەمدە مېنىڭ  كىتابنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن «   20‏-ئەسىر  ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقات پروگراممىسى»  ماۋزۇلۇق  ماقالەمنى ئۇيغۇرچىدىن  رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى. ئەلۋەتتە، كىتابنىڭ تەرجىمىسىدىن تارتىپ، تەھرىرلىكىنى قىلىش، كومپيۇتېرغا ئېلىش، نەشىر قىلىنىشىدىن ئىبارەت  ئۇزۇن خىزمەت جەريانىدا خېلى كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلىناتتى. ئىنىمنىڭ ئوقۇشى  ئۈچۈنمۇ خىراجەت كېتتەتى.   بۇ، مېنىڭ ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن، تېخى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ئىشلىرىم ياخشى ئورۇنلاشمىغان يىللار  بولۇپ،  تۇرمۇش، ئۆي كىراسى، ئېلېكتىر، تېلېفون  ۋە باشقا ھەممە چىقىملار ئۈچۈن زور ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇش ئىستىلىگە كۆنۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك ئىدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىنگلىزچە ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشۈم كېرەك بولۇپ، ئىنگلىزچە ئۆگىنىش ۋە باشقا ئوقۇش  چىقىمىمۇ  يۇقىرى ئىدى. بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن ھەر كۈنى 8-10 سائەتلەپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى.  مەن، دەسلەپتە  بىر ياقتىن ئوقۇپ، بىر ياقتىن   تاماق توشۇپ، ئاشخانىلاردا ئىشلەپ ،زاۋۇتلاردا ئىشلەپ  تاپقان پۇللارنىڭ بىر قىسىمىنى ئىنىمنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئەۋەتىپ بېرەتتىم  ھەمدە ئاخىرىدا «  ئۇيغۇر پوئېزىيىسى» نى نەشىر قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتىم.  ئىنىممۇ دادام ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇللىرىدىن  ئىقتىساد قىلغانلىرىنى مەزكۇر  كىتاب ئۈچۈن ئىشلەتتى.

ئاخىرىدا ئىنىم بۇ كىتابنى ئۆزى نەشىرگە تەييارلاپ، ئىككىمىزنىڭ  نامى ئاستىدا  ئېلان قىلدى. قىسقىسى، ئەگەر ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  جاپالىق ئەمگىكى، ساداقىتى،  ئەقىل-ئىدرىكى، قابىلىيىتى ۋە  مەبلىغى بولمىغان بولسا،  مەزكۇر كىتاب دۇنياغا كەلمەيتتى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات  تارىخىغا يېزىلمايتتى.  شۇڭا مەن   ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر  شائىرلىرىنىڭ  تۇنجى چەتئەل تىلىدىكى ، يەنى رۇس تىلىدىكى ئانتولوگىيىسىنى  ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  تۆھپىسى دەپ قارايمەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى   ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،  ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە  ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەتبۇئاتلارلار ھەم ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئۇچۇرلار تارقىتىلىپ، خەلق ئىچىدە ياخشى ئىنكاسلار بولدى. بۇ توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن شائىرلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، بۇغدا ئابدۇللا ، غەنىزات غەيرانى  ۋە باشقىلار   كىتابنى تاپشۇرىۋېلىپ،  ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئابدۇرېھىم تۇرسۇنغا چەكسىز رەھمىتى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

ۋاپات بولغان شائىرلارنىڭ ئائىلە-تاۋىباتلىرىمۇ  بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئىنىمغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.  ئەلۋەتتە، ۋاپات بولغان شائىرلار بىلەن بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقىمىز ياكى  ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋىئاباتلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ۋە ئارزۇ -ئارمانلىرىنى بىز ياخشى چۈشەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى مەنىۋى جەھەتتىن تەقدىرلەش ئۈچۈن  ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، تونۇشتۇرغان ئىدۇق،  ئۆزلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن  ۋاپات بولغان دادىلىرىنىڭ  شېئىرلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن   چوڭ بىر تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، كىتابقا كىرگۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنىشىدىن  ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشى تەبىئىي ئىدى. دېمەك،  ئىنىم بۇ ئىشلارنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقى  ئۈچۈن قىلغان ئىدى. بۇنىڭ قىممىتىنى  خەلق بىلىدىكەن !

مەزكۇر توپلام، رۇسىيە،ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى كۈتۈبخانىلارنىڭ تىزىملىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تارقىتىلدى.  ھەر مىللەت   رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەر   مەزكۇر توپلامنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات دۇردانىلىرىدىن، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ دۇنيا قاراشلىرى ۋە شېئىرىي تەپەككۈرلىرىدىن  خەۋەردار بولدى . ھەتتا،  بۇ ئەسەر قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەدەبىيات  فاكۇلتېتلىرىنىڭ دەرسلىك قوللانمىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىرىدە بۇ ئەسەرلەر ئاساس قىلىندى ھەمدە كىتاب ئاخىرىدىكى « 20‏- ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقات پروگراممىسى»  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى ھەم ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەنبەلىك رولىنى ئوينىدى.

كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەگەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈلۈش  تارىخىنى يېزىش  توغرا كەلسە، ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  بۇ ئەمگىكى ئەڭ ئالدىنقى بەتلەردىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك . چۈنكى،  ھەر قانداق بىر ئەدەبىيات باشقا تىللارغا، بولۇپمۇ دۇنيادىكى چوڭ تىللارغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلمىسا،  ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن خىلۋەت قېلىشى،نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى تەبىئىي.  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش  ھېچقاچان  ئۆز جىددىيلىكىدىن قالغىنى يوق، ھەتتا بۈگۈنكى كۈنلەردە بۇ خىزمەت تېخىمۇ مۇھىمدۇر.  بۇنداق ئەسەرلەر  دۇنيادىكى چوڭ تىللاردىن ئىنگىلىزچە، رۇسچە، فرانسۇزچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە،تۈركچە، ياپونچە    ۋە باشقا تىللاردا  كۆپلەپ چىقىرىلىش لازىم،  پەقەت ئۇيغۇر شېئىرىيىتىلا ئامەس، بەلكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى، مەسىلەن :  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زوردۇن سابىر،  مەمتىمىن  ھوشۇر ، پەرھات جىلان، ئەخمەت ئىمىن،   جالالىدىن بەھرام،  ياسىنجان چوغلانى ، ئەخەت تۇردى،  باتۇر روزى،  پەرھات تۇرسۇن، ئەختەم ئۆمەر ، ئابدۇۋەلى ئەلى ، مۇھەممەد پولات ۋە باشقا  يۈزلىگەن ئەدىبلەرنىڭ   ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،  زامانىۋى  ھايات مۇئەممەئالىرى  ۋە  كارتىنىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان   نادىر رومانلىرى،  ھېكايىلىرى ،  نەسىرلىرى ۋە باشقا زھانىردىكى ئەسەرلىرىنى  دۇنيادىكى چوڭ تىللارغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك،  ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  تەكلىماكان-جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلىنەلەيدۇ.   ئومۇمەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ،ئۆزگىچىلىكى، رەڭدارلىقى ۋە باشقا  ئالاھىدىلىكلىرى پۈتۈن جۇڭگوغا، بولۇپمۇ دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇشى كېرەك،  ئۇيغۇر تىلىنىڭ  ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەر غەزىنىسىگىلا ئۆچمەس ھەسسە قوشقانلىقى ئەمەس، بەلكى بۇ تىلنىڭ دۇنيادىكى چوڭ تىللارغا ئوخشاش سەۋىيىدە  مەمۇرىي باشقۇرۇش تىلى، ئىلىم-پەن تىلى، ئۇنىۋېرسىتەت مائارىپ تىلى، مەمۇرىيەت تىلى، دىپلوئاتىيە تىلى، ئاممىۋى ئاخبارات تىلى ھەمدە دۇنيادىكى   فرانسۇز، رۇس، ئىنگىلىز قاتارلىق  ياۋروپا تىللىرىدا يېزىلغان ئەڭ نادىر كىلاسسىك ئەدەبىي  ئەسەرلەر، نوبېل مۇكاپاتى ئەسەرلىرى،   19-20-ئەسىر ئىدېئولوگىيە كۈرىشىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى  بولغان ماركىس، ئېنگلىس، لېنىن، ستالىن، گېگېل، فېييېرباخ،  ماۋزېدوڭ، نىتزې، فرويىد   ۋە باشقىلارنىڭ  ئەسەرلىرى، خەنسۇ  تىلىنىڭ جەۋھەرلىرى بولغان كىلاسسىك ئەسەرلەرنى  ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە تەرجىمە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇنغان  مۇكەممەل تىل ئىكەنلىكىنى، قانداقتۇر ھەرگىزمۇ  «  قۇشلار» نىڭ تىلى ئەمەسلىكىنى ئىپادە قىلىش  ھاجەتتۇر، بۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ  باش تارتىپ بولماس  بۇرچى! بۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق  جۇڭگو  ۋە چەتئەللەردىكى   ئوقۇتقۇچىلىق ، ئوقۇغۇچىلىق ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىمدا داۋاملىق ھېس قىلغانلىرىمدۇر.  

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئەنە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم شېئىرلارنى رۇس تىلىدا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ  شۇ يولدىكى   پىداكارلاردىن ئىكەنكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئابدۇرېھىم  ئۇيغۇر زىيالىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك بۇرۇچنى ئادا قىلدىمۇ يوق؟  بۇنى خەلق بەلگىلەيدۇ ئەلۋەتتە !



ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتىنىگە قايتىش ۋە قىسمەت


ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 2003-يىلى،  تۈركىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىش  ۋە  بىلىم ئاشۇرۇش تەكلىپلىرى ھەم  ئىمكانىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ  ئۇيغۇر  ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىجتىمائىي پەلسەپىسى  تەتقىقاتىغا ھەسسە قوشۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

مەن ئۇنى  ئامېرىكىغا چاقىرتىشنى ئېيتسام، «ئەڭ ياخشىسى ئاتا-ئانامنىڭ  يېنىدا تۇراي، ئىككى ئوغۇل چەتئەلدە تۇرساق، ئاتا-ئانىغا كىم قارايدۇ ؟» دەپ رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيىلىك پروفېسسورلار ئۇنىڭ تۈركىيىگە بېرىشى ۋە ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىشلەپ تېخىمۇ گۈللىنىش ئىمكانىيىتى بارلىقى ھەم بۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى  ئېيتقان. بىراق ، ئۇ  ئۇدۇل ئانا ۋەتەنگە يول ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مېڭىش ئالدىدا  ئۆزىنىڭ دىپلومىنى  ۋەتەندە ئىشلەش پۇرسىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولسۇن دەپ  قانۇنىي گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزگەن .

ئۇ، ئالتە يىللىق ئوقۇشنى پۈتۈنلەي ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ خىراجىتى بىلەن تاماملىغان  بولۇپ،  جاپالىق ئوقۇش جەريانىدا ئىقتىسادچانلىق بىلەن  ياشاش ئىستىلىنى تۇرغۇزغان ئىدى.   بىر ياقتىن ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلەش ، بىر ياقتىن  تۇرمۇش چىقىمىنى ھەل قىلىش، كىتاب -ماتېرىيال سېتىۋېلىش ئاسانغا چۈشمەيتتى.  جاپالىق ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم ئاغرىپ قېلىش، ھەتتا خەجلەيدىغانغا پۇل قالمايدىغان ئەھۋاللارغىمۇ يولۇققان ، مەن ئۇنىڭغا ۋاقتىدا پۇل ئەۋەتىپ بېرەلمىگەندە ياكى ئۈرۈمچىدىكى ئاتا-ئانامدىن ئىقتىسادىي ياردەملەر ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەندە قىيىن ئەھۋاللاردا قالغان پەيتلەرمۇ كوپ  بولغان .  ئۇ، باشقىلارنىڭ  « ھەممە ئادەم سودا-تىجارەت قىلىپ جان بېقىۋاتسا، جېنىڭنى قىيناپ ئوقۇيمەن دەپ نېمە قىلىسەن؟»  دېگەن تاپا-تەنىلىرىگە پىسەنت قىلماي، ئوقۇشنى يېرىم يولدا تاشلىۋەتمەستىن  ئۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن يانمىدى.  ئۇنىڭ بۇ روھى ئۇنى بىلگەن  ئۇيغۇر، قىرغىز، رۇس ۋە باشقا ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى  ھەم تونۇشلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.

ھەقىقەتەن، 1992-2000-يىللارغىچە ئۇيغۇر دىيارى ۋە باشقا ئىچكىرى جۇڭگودىن رۇسىيە ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى خېلى كۆپ بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىرەر يىل رۇسچە ئۆگىنىپلا بولدى قىلدى، يەنە  بەزىلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرسىمۇ ئوقۇشنى يېرىم يولدا تاشلىدى. شۇ سەۋەبتىن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگودىن كەلگەن بۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىشەنمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى  ئويۇن -تاماشا قىلىش ياكى تىجارەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە سەلبىي چۈشەنچىلەر پەيدا  بولغان ئىدى.

قىرغىزىستان، قازاقىستانلاردىمۇ  ئەنە شۇنداق ئىنكاسلار مەۋجۇت بولۇپ، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى مۇتەخەسسىس -ئۇستازلار ۋە ئابدۇرېھىمنىڭ ساۋاقداشلىرى دەسلەپتە  ئابدۇرېھىمنى  ئەنە شۇ جۇڭگودىن كەلگەن « ئوقۇغۇچىلار»  غا قارىغاندەك   ئىشەنمەسلىك كۆزى بىلەن قارىغان ئىدى. لېكىن، ئۇلار ئابدۇرېھىمنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ  پوزىتسىيىسى ئۆزگەردى ۋە ئۇنى قەدىرلەشكە ، ھۆرمەتلەشكە باشلىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان جەمئىيىتىدە  ئۇيغۇرلارنى « سودىگەر مىللەت، ئوقۇشقا قىزىقمايدۇ» دەيدىغان خاتا چۈشەنچىلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ،  ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ  جۇمھۇرىيەتتىكى خەلقلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-مەرىپەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەيدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن  ئۆزىنىڭ شەخسىي ئوبرازىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ياخشى چۈشەنگەن ئىدى.

ئابدۇرېھىم  جاپاغا چىداپ، ئائىلىسىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ،  ئۆزىنى زور بىلىم بىلەن تەييارلاپ، ۋەتىنىگە، ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى، دوستلىرى، جۈملىدىن ئۆز مىللەتداشلىرىنىڭ  يېنىغا قايتىپ كېلىش يولىنى تۇتتى. ھەتتا،  بېيجىڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بىشكەككە   بىلىم  ئاشۇرۇشقا  كېلىپ، ئابدۇرېھىم بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ ئىلمىي ياردەملىرىگە ئېرىشكەن بەزى مۇتەخخەسىسلەرمۇ ئابدۇرېھىمنىڭ  تالانتى ۋە قابىلىيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن،  ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  پەلسەپە ساھەسى بويىچە مەخسۇس تەربىيە كۆرۈپ، يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋان ئالغانلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكى، ئەگەردە ۋەتىنىگە قايتسا، چوقۇم ئۇنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە ئۆز قابىلىيىتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ھەم راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بېرىشكەن .

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئەنە شۇ يۇقىرى قىزغىنلىق ۋە ئۈمىد-ئىشەنچ بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى .  بىراق، ئۇ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ، ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرىدە ئۆزىگە مۇۋاپىق خىزمەت ئورنى تېپىپ، ئۆز بىلىمىنى  ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلىتىش ھەم  تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشقا كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما  مۇۋاپىق خىزمەت تېپىش  ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى. ئۇنىڭ  سۆزلەپ بېرىشىچە،  ئۈرۈمچىدىكى  بەزى  تەتقىقات  ئورنى  ئۇنىڭ ئەھۋالىنى  كۆرگەندىن كېيىن،  ئۇنىڭ  بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا  ئۇنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش مۇمكىنلىكى، بىراق ئۇزۇن يىللارغىچە قايتىدىن چەتئەلگە ۋە باشقا جايلارغا بىلىىم ئاشۇرۇشقا بېرىشقا رۇخسىەت قىلمايدىغان قاتتىق شەرتنى قويغان.  بۇلارنىڭ ھەممىسىمۇ  ئەمەلىيەتتە رەسمىي خىزمەتكە قوبۇل قىلىش تەكلىپى ئەمەس بولۇپ،  پەقەت سۆھبەت جەريانىدىكى  ئاغزاكى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. ئابدۇرېھىمنىڭ پىلانىدا بىرەر-ئىككى يىل ئىشلەپ،  قايتىدىن موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ۋە ياكى ئىچكىرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە   بىلىم ئاشۇرۇپ ، ياكى دوكتور ئاشتىلىق ئوقۇپ،   ئۆزىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش  نىشانى بار ئىدى.  كىم بىلىدۇ؟ بۇ بەلكى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر پۇرسەتنى  قاچۇرۇپ قويۇش بولسا كېرەك؟!، ئەگەر ئۇ ئاغزاكى ئېيتىلغان  بۇ  شەرتكە كۆنگەن بولسا، ئۇ ئورۇندىن ئاخىرقى جاۋاب قانداق بولار ئىدى؟ ھەقىقەتەن ئالارمىدى؟ بۇنىسى نامەلۇم. بىراق، ئۇ شەرتلەرنى بىراقلا رەت قىلىۋەتتى.  ئۇ كېيىن داۋاملىق خىزمەت ئىزلەپ، ئۆزىنى ئىختىساسلىق ئورۇنلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويدى.  ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا  ئېيتىشىچە، ئىختىساسلىقلارغا  ئىش تېپىپ بېرىش ئورنى ئۇنىڭ مۇۋاپىق خىزمەت  ئورنىغا كىرىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ چەتلەردە ئوقۇپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن.  ئەمما، بەرىبىر  ئۇنىڭ ئارزۇلىرى  لايغا چىلاشتى.  دېمەك، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول تۇراتتى،  ئۇنىڭ بىرى يەنە قايتىدىن چەتئەلگە كېتىپ، ئۆز ئورنىنى تېپىش، يەنە بىرى داۋاملىق ۋەتىنىدە قېلىپ، باشقا كەسىپلەر  بىلەن  شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش تىرىكچىلىكى قىلىپ، ئۆز كەسپى بىلەن ئىشتىن سىرت شۇغۇللىنىش. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن  ئىككىنچى يولنى تاللىدى.  ئۇ،  ۋەتەندە قېلىپ، سودا -تىجارەت بىلەن  تىرىكچىلىك يولىنى تۇتۇپ، پەلسەپە تەتقىقاتىنى ئىشتىن سىرىت قىلىشقا قارار قىلدى. ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ چاغدىكى ئۆي -پىكىرى ھېچكىمگە تايانماسلىق، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزىنى-ئۆزىنى بېقىش ، ئەركىن تەتقىقاتچى بولۇش،  تاپقان پۇلىنى ئىلىم-مەرىپەت ۋە  خەيرى-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش ئىدى.  

ئەمما, ئابدۇرېھىمنىڭ قوبۇل قىلماقچى بولغان ئورۇننىڭ ئاغزاكى شەرتىنى رەت قىلىپ، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆز ئوي-پىكرىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ ياشاش قارارىغا كېلىشىگە نىسبەتەن ئانىمىز نارازى بولدى. ئانا دېگەن بەرىبىر ئانا!  دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان ئىنسان ! ئانا بالىسىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ھەر بىر ئېلېمېنتلىرىغىچە  ئەڭ  دىققەت قىلىدۇ ۋە  ئەڭ كۆيۈنىدۇ. ئانىمىز ئاخىرغىچە ئابدۇرېھىمنىڭ بىرەر خىزمەت ئورنىغا داخىل بولمىغانلىقىدىن ئەڭ ئەپسۇسلىنىپ، كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا باش قاتۇرغان ئىدى.  مەنمۇ  كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەنسىرەپ، مۇمكىن بار  بىرەر خىزمەت ئورنىغا كىرىپ ئىشلەپ، خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلەشتىن يېنىشنى  تەۋسىيە قىلغان ئىدىم، بىراق ئۇ «  ھېچ  يەردە ئىشلىمەيمەن، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا  بېرىپ، يالۋۇرمايمەن،  ئۆزۈمنى ئۆزىم باقىمەن، ئۆزۈم ئويلىغان ئوي پىكرىمدە ياشايمەن »   دەپ  ئۆزىگە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ۋە ياكى كەسپىگە مۇۋاپىق  بىرەر ئورۇندىن داۋاملىق خىزمەت ئىزلەشنى رەت قىلغان  ئىدى . ئەلۋەتتە، ئۇ نېمە ئويلايدۇ؟  نېمە ئۇنىڭ كاللىسىغا ۋە ئىدىيىسىگە   تەسىر قىلدى؟  نېمە ئۈچۈن شۇنچە يىل ئوقۇپ، يۇقىرى سەۋىيە ۋە ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ تۇرۇپ،  بىرەر جايدىن ئاخىرغىچە  چىڭ تۇرۇپ،  ئۆزىنىڭ دىپلوملىرىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرگە يالۋۇرۇپ،  ئىپادە بىلدۈرۈپ بولسىمۇ، خىزمەت تېپىش يولىنى تۇتماي،   ئۆزى  مۇستەقىل ياشاش  قارارىغا كەلدى؟  بەلكى ئۇنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ئوي پىكىرلىرى بار بولسا  كېرەك، ئەمما ئۇنىڭغا ئۈلگۈرمىدى.  بىراق، مەن ئەقلىمنى  ئىشلىتىپ، كۆپ نۇقتىلارنى قىسمەن بولسىمۇ پەرەز قىلالايمەن.

ئۇ،  ئاخىرى  رۇس تىلىدىن پايدىلىنىپ، تىجارەت ئىشلىرىغا كىرىشىپ،  بەزى شىركەتلەردە خىزمەت قىلدى ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تىرىشتى.  ئۇ، دەسلەپتە خىزمەت   قىلغان بىر شىركەتنىڭ خەنزۇ خوجايىنى ئابدۇرېھىمنىڭ دوكتورلىق ئۇنۋانى بار،  رۇس، خەنزۇ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز تىللىرىنى بىلگەن   ھەم قابىلىيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى خىزمەتكە قوبۇل قىلدى شۇنىڭدەك ئۇنى گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى سودا ئالاقىلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ئابدۇرېھىم مەزكۇر شىركەت ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت ياراتتى ھەمدە شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.   خوجايىن ئۇنىڭ سەمىمىيىتى  ۋە قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنى  يۇقىرى دەرىجىدە ھۆرمەتلىدى. ئەينى ۋاقىتتا  ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،  مەزكۇر  شىركەت پرېزىدېنتى   ئانىمىزنىڭ   ئاغرىپ قالغانلىقىنى  بىلىپ،  ئۆيىگە كېلىپ ئانىمىزنى يوقلىغان  ھەمدە، ئابدۇرېھىمدەك سەمىمىي ۋە قابىلىيەتلىك ياشنى ئۆستۈرگەنلىكىگە رەھمەت  ئېيتقان.

بۇ جەرياندا ئابدۇرېھىم بىر ياقتىن ئىشلەپ ، يەنە بىر تەرەپتىن تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ،   بىر قانچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئىلمىي دوكلات بەردى. ئىلمىي ژۇرناللاردا  ئىلمىي ماقالىلار يېزىپ ئېلان قىلدى.  بىراق ، بىرەر تەتقىقات ئورنى ۋە ياكى ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىپ، ئۆز كەسپى بىلەن  بىۋاسىتە ۋە  مەخسۇس شۇغۇللىنىش بىلەن تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىدا باشقا كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تەتقىقاتنى ئىشتىن سىرت قىلىشنىڭ زور پەرقى بار ئىدى.  ئەلۋەتتە،  كۆپ ۋاقىتلارنى ئۆز كەسپىگە ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش يولىغا سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى.مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ ئازلىشى تەبىئىي ئىدى.  چۈنكى، ئىنسان ھاياتىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قورسىقىنى باقىدىغان تىرىكچىلىك يولىنى يارىتىشى، تۇرمۇش چىقىمىنى ھەل قىلىدىغان كىرىم مەنبەسىنى ھەل قىلىشى، قىسقىسى  ئالدى بىلەن كۈندۈلۇك تاماق يېيىشى ھەم كىيىشى كېرەك ئىدى. بۇ مەسىلە ھەل بولماي تۇرۇپ،  ھەر قانداق خىزمەت ۋە ياكى تەتقىقاتتىن سۆز ئېچىش  مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئەمما، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىنىڭ قايناملىرىدا يۈرسىمۇ، ئۆزى سۆيگەن پەلسەپە كەسپىنى تاشلىمىدى، پەلسەپىۋى تەپەككۈر قىلىش، ھايات ۋە تۇرمۇشىنى ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى  پىكىرلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى.ئۇ، دائىم «  ئىلگىرى مەن پەلسەپىنى كىتابتىن ئۆگەنگەن بولسا، مانا ئەمدى تۇرمۇشتىن ئۆگىنىۋاتىمەن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ  ئۆزى ھەقىقىي پەلسەپە»  دەيتتى. ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ  ئۇنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىرى، ئاز ئەمما،  چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك، مەنتىقىيلىق سۆزلىرى ۋە خۇلاسىلىرىدىن قايىل ئىدى.  ھەر بىر سۆزىنى ئويلىشىپ، مەنتىقىيلىق، ئىلمىي ئاساس ۋە پاكىت بىلەن  ئېيتىشقا ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى « دوكتور ئابدۇرېھىم »  دەپ چاقىراتتى.

كىچىك پېئىل، سالماق،كەمتەر ۋە مەرتلىك، ، ۋىجدانىغا، ئۆز خەلقىگە ۋە ئۆز قوۋىمىگە،  ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ھەدە سىڭىللىرىغا ھەم  تۇغقان قېرىنداشلىرى شۇنىڭدەك دوستلىرىغا  سادىق بولۇش ،  ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلەنمەسلىك، كىشىلىك غورۇرىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ئۆز نىشانىغا يەتكەنلەر ھەم ئۆز ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ،  باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسەتكەنلەرگە نەپرەتلىنىش ئابدۇرېھىمنىڭ شەخسىي خاراكتېرلىرىدىن ھېسابلىناتتى. سېخىلىق، كەڭ قورساقلىق،   ئاق كۆڭۈللۈك ، تاپقىنىنى دوستلىرىدىن ئايىماسلىق  ئۇنىڭ  كىشىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئىدى.

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن  كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاساسلىق تەتقىقاتىنى  ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر  تەرەققىيات تارىخى، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنىشى ھەم   ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخى تەتقىقاتىغا قارىتىپ، بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىلىرىنى پۈتتۈردى. بۇ يىللاردا ئۇ ئىككى قېتىم ئامېرىكىدىكى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ  خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ماقالە ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى، مەزكۇر ئىلمىي  جەمئىيەت ئۇنىڭ  ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىسىگە ئائىت  ئىلمىي دوكلاتلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى لايىق كۆرۈپ، تاللىنىش تەلىپى يۇقىرى بولغان مەزكۇر خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا  قاتنىشىپ، دوكلات بېرىش سالاھىيىتىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ  يىغىنغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى.

قىسقىسى، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىنكى يىللار جەريانىدا  بىر تەرەپتىن  جاپالىق تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىدا  ئەمگەك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ، بار ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. بىراق ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن ئارزۇ قىلغان نەتىجىلەرگە ۋە ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ، نۇرغۇن ۋاقتىنىڭ تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىغا كېتىۋاتقانلىقىدىن، ئەسلىدىن بىرەر تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەش پۇرسىتى بولغان بولسا، بۇنداق نۇرغۇن ۋاقتىنىڭ زايا كەتمەيدىغانلىقىدىن  ئەپسۇسلانغانلىقىنى   ئېيتقان ئىدى.  ئۇ، ھەقىقەتەن  زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋە ئۇنى ئۆز خەلقىغە تەقدىم قىلىشقا ئۈلگىرەلمىدى. بەلكى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭغا يەنە ئۆمۈر بەرگەن بولسا، بەلكى ئۇنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشقان، بەلكى يازغان ھەم يېزىۋاتقان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولار ئىدى. بىراق، ئىشىنىمەنكى،  ئۇنىڭ  ئەمگەكلىرى  پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىلىدۇ. ئۇنى چۈشەنگەن ، ئۇنىڭ ئىززىتىنى ۋە قىممىتىنى بىلگەن خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ ! ئۇيغۇر خەلقى ھېچقاچان ئۆزىنىڭ  ياخشى پەرزەنتلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس!


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
soygum + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
matros1 + 10 توغرا دەيسىز، ئۇيغۇر .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ماتروس ــ ئەنۋەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14405
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 644
توردا: 1424 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 05:39:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ،  ئىنكاس ،  تۇلۇقلىما تېمىلارنى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم .
نەبىجان تۇرسۇننى ئالتە يەتتە يىل بۇرۇن ئالى مەكتەپ ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلۋاتقان چېغىمدىلا ئاڭلىغان. ئالى مەكتەپكە چىقىپ خېلى كۆپ ماقالىللىرنى ئوقۇدۇم.  ھەم نەبىجان تۇرسۇنغا مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر تەرجىمھاللارنى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم ( بەلكىم بىر يۇرتتا تۇغۇلغان بولغاچقا بەكرەك قىززىققاندىمەن ) .   
ئەمما مەرھۇم دوكتۇرىمىزنى ۋاپات بۇلۇپ كەتكەندە بىلىپتىمەن.  ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.
دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇنغا سەبىر، چىدام غەيرەت تىلەيمەن.   چەتتە تۇرۇپ ۋەتەن سۆيگۈسى دەردى يەتمىگەندەك دەرت ئۈستىگە دەرت قۇشۇلغان مۇشۇنداق ئەھۋالدا قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش تولىمۇ مۈشكۈل بۇلىشى مۇمكىن.  ئەمما نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ قايغۇلارنى يېڭىپ تېخىمۇ  كۆپ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرشىگە تىلەكداشمەن.  

ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نىمىشقا كەڭ !؟؟؟

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:17:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ‹‹ھايات ئىككى مەڭگۈلىك ئوتتۇرسىدىكى غار ۋە ئىككى قارا بولۇت  ئوتتۇرسىدىكى
چاقماقنىڭ  چاقنىشىدۇر..››   ئولۇق ئاللاھتىن مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنىڭ جەننەتتە
بولۇشىنى تىلەيمەن!....مىڭ ئەپسۇس  ئىنىمىز ھايات  چاغدا  بىر دىدارلىشىش...نىسىپ
بولمىغان زامانغا.......

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش