ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇرخۇنتىكىن، ئاللا سىزگە سەبىر ئاتا قىلسۇن. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاللا ھەممىمىزگە سەبىر ئاتا قىلسۇن. چۈنكى مەرھۇم سىزنىڭ قېرىندىشىڭىز شۇنداقلا ھەممىزنىڭ قېرىندىشى ئىدى. بىزنىڭ ساناقلىق دوكتۇرلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى.
مەرھۇمنىڭ ياشلا ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى مۇنبەردە كۆرۈپ قايغۇرغان ئىدىم. شۈنچە كۆپ يىل جاپالىق ئىلىم تەھسىل قىلغان ئىلىمىلىك ياش بۇلۇشى بىلەنلا قالماي مەنىۋى ئەمگەكلەر بىلەن ئۆز ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەنلىكى لىكىن ئۆزئىقتىدارىنى تۇلۇق نامايان قىلالمىغىنىغا كۆڭلۈم بىئارام ئىدىم. بۇ قېتىم تېمىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىش -پائالىيەتلىرى ھەققىدە تىخىمۇ تەپسىلى خەۋەردار بۇلۇپ ئازابىم ھەسسىلەپ ئاشتى. بىر دوكتورنىڭ دېھقانغا ئايلىنىپ كىتىشىدەك پاجىئەنىڭ بىزدە يۈز بېرىشى بىر تېراگىدىيە بولماي نىمە دەپ ئۆزۈمدىن سوراپ كەتتىم. ئاللا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. مۇشۇنداق قايغۇلۇق كۈنلەردە سەبىرچان بۇلۇشىڭىزنى تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-23 01:35 AM