مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: orxuntekin

مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84051
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-8-17
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 10:43:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاكىمىز نەبىجان تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرىغا ئاللا كۆپ سەۋىر ئاتا قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94617
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 862
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 03:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ رەببىم ،ەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىننى جەننەتتە قىلسۇن!...
بۇبىزئۇيغۇرلار ئۈچۈن زوربىريۇقۇتۇش ھىسابلىنىدۇ.
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەۋىرئاتاقىلسۇن!ئامىن......

بىرسى سىنىڭ ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنتۇلدۇرالىسا ئۇنداقتا ئۇ سىنىڭ كەلگۈسۈڭ!!.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30322
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 04:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلھۆكمىللا!بەندىنىڭ مۇشۇنداق  دېيىشتىن باشقا ئامالىمىز يوقكەن!پۈتۈن ئائىلە -تاۋابىتىغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن سەۋر تىلەيمەن!
ئاقكۆڭۈل،ئائىلە ۋە دوستلىرىغا ۋاپادار دوستۇم دىلبەرنىڭ سۆيۈملۈك، مىھرىبان ،ئۆتكۈر پىكىرلىك ئانىسى مەرھۇم نۇرنىساخان  ئاچىمىزنىڭ ۋاپاتىغا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تەڭ قايغۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن سەۋر تىلەپ ،ئاران 45كۈننى ئۆتكۈزۈپ،بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۈۋرۈكى تۇرسۇن ئاكىغا ئاللاھتىن مەدەت،سەۋر تىلەپ تۇرىۋاتقان كۈنلەردە ، دوستۇم  دىلبەرنىڭ «بىزگە يەنە مۇسىبەت كەلدى! ئىنىم ئابدۇرېھىم  كەتتى!»دېگەن سۆز بىلەن تەڭ يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان نادامەتنى  ئاڭلىغىنىمدا ، يۈرىكىم پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشقان ئىدى. دوستۇمنىڭ «ئىنىم ئالىم ئىدى، ئىنىم بەك كۆپ ئىشلارنى قىلغان ئىدى» دېگەن تەرىپلىرىدىن باشقا ، مەرھۇم ئابۇرېھىم تۇرسۇن ھەققىدە مەن ھېچقانچە  مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدىم. بۇ ئائىلىنىڭ ۋە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرلىك زىيالىسى بولغان نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ ماقالىسىنى ئوقۇپ، مەرھۇم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننى باشقىدىن تۇنۇدۇم.دوستۇمنىڭ مۇشۇنداق ئاكا ۋە ئىنىسىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخرلەندىم.بۇ ئائىلىنىڭ  يۇقىرى ساپالىق بىر زىيالى ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، بۇ ئائىلىنىڭ يەنە بىر ئالىملار ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى بۇ ماقالە ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇدۇم.
  ئادەم ھامان كېتىدۇ، بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم. ئادەم كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن قانداق نامۇ-نىشاننىڭ قېلىشى  ــ ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ قەدىرلىك ياكى قەدىرسىز ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل.  مەرھۇم ئابۇرېھىم تۇرسۇننىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىش روھى، ياشاش ئىقتىدارى، ئۇيغۇر ئەرلىرىگە خاس  مەغرۇر ياشاش خارەكتېرى ،ئادىمىيلىك  پەزىلىتى ، ۋاپادارلىقى بىلگەنلەر ئۈچۈن ئۆرنەك  بولغۇسى. دوستۇم دىلبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بولۇپمۇ ،يىراق قىرغاقتا مۇسىبەتتە يۈرىكى ئۆرتىنىۋاتقان بولسىمۇ ،چەكسىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ،مەنىلىك يازمىلىرى ئارقىلىق ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا، ئاتىسىغا، قېرىنداشلىرىغا مەدەت بېرىۋاتقان، ئوت يۈرەك ئوغلان نەبىجان تۇرسۇنغا  ئۇلۇغ ئاللاھتىن سەۋر تىلەيمەن. نەبىجاننىڭ ماقالىسىدا تىلغا ئالغان ،ئىنىسى ئابۇرېھىمنىڭ ئەسەرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن ، نەبىجاندا چوقۇم ساغلام تەن بولۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئاتىسىنىڭ، ئەشۇ باغرى قان سىڭىللىرىنىڭ ئۈمىدى بىر ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!
ئەدىب ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ :« بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ ،نامى تىرىك بولىدۇ؛بىلەمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ ،نامى ئۆلۈك بولىدۇ» دېگەن مەشھۇر شېئىرى ھەممىمىزگە مەدەت بولغاي!

ئادەم ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلىمىسە ،يەر يۈتىدۇ.
نۇمۇسچاننىڭ يۈزى قىزارسا،يالغانچىنىڭ تىلى ئۇزىرار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 07:11:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ مۇشۇ ئۇچۇر دەۋردە مەرھۇم دوكتورنىڭ  رەسىم سۈرىتىنى كۆرۇش نسىپ بولمامدا؟
ھاياتىدا يۈز كۆرشەلمىگەن بولساق ئەمدى رەسىمنى يوللاپ قويساڭلار بولمامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39076
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2198 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 02:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۇرتقا بارغاندا بۇ كەمتەر ئۇكىمىز، دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك سۆھبەتتە بولغان ئىدىم.  مەن ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاشۇنداق بالدۇر ئاخىرلاشقانلىقىغا تولىمۇ قايغۇردۇم.  مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!

تۆۋەندىكىسى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئىنىمىزنىڭ رەسىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-28 02:58 PM  


Dr.Abdurehim Tursun(1973-2013).jpg
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش