|
|
|
|
يەنىلا تىلەمچىنىڭ گېپى
ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ تىلەمچىنىڭ ھاياتى تەسۋېرلەنگەن ئەسەر يېزىشنى ئويلاپلا يۈرەتتىم لېكىن ماڭا ياخشى خام ماتىرىيال ئۇچىرىمىدىمۇ ياكى يازالماسلىقىمغا كۆزۈم يەتتىمۇ ئەيتاۋۇر بۇ ئويۇمنى زادى رىئاللىققا ئايلاندۇرالمىدىم، مانا بۈگۈن راستىنلا سەل قايناپ قالدىم ،گەپنى نەدىن باشلاشنىمۇ بىلەلمەي يۈرىمەن شۇڭا تومتاق بولسىمۇ بۇ بىر -ئىككى شىڭگىل گېپىمنى مۇنبەرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمەن، گەپنىڭ نېگىزى يەنىلا مۇشۇ تىلەمچى ئۈستىدە بولغاندىن كېيىن يەنىلا شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سۆزلىرىمنى بايان قىلاي ،گېپىمنى باشلاشتىن ئاۋال نەچچە ھەپتە ئىلگىرى يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىشنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ قېنى ئەمسە ئاۋۋال ھېكايەمگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز .
بىر كۈنى ئاۋات بازار رەستىسىدە كېتىپ باراتتىم، توساتتىن ئالدىمغا غايىپتىن چۈشكەندەكلا 5كوي پەيدا بولۇپ قالدى ،ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولغاچقا مېنىڭ يەردىن پۇلنى ئالغانلىقىمغا ئانچە دېققەت قىلمىدى .قانداق قىلىش كېرەك؟ بەش كوي پۇلنى كوچىدىلا بۇ پۇل كىمنىڭ دەپ توۋلاشنىڭ ئورنى يوقتە،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تىلەمچىگە سەدىقە بېرىۋېتىش ئۈچۈن قاتلاپلا يانچۇقۇمغا سالدىم .
مەن ئادەتتە تىلەمچىلەرنىڭ تۇرقىغا قاراپ سەدىقە بېرىدىغان ئادىتىم بار ئىدى،مۇنداقراق ئادەم بولسا ۋوي قىزىلكۆز ،قويمىچى دەپ سەدىقە بەرمەيتتىم ئەمدى شۇ پۇل قولى مېيىپ ، زادى بېشىغا كۈن چۈشكەن ھەقىقىي يوقسۇل كىشىگە باس كۆزۇمنىڭ سەدىقىسى دەپ خەيرى ئېھسانلىق قىلىشنى ئىماننىڭ جۈملىسى دەپ قارايتتىم. شۇ كۈنى ماڭا ئۇچرىغان ئۇ ھارام پۇلنى بىرە تىلەمچىگە بېرەي دەپ شۇنچە قارىساممۇ بۇ پۇلغا لايىق تىلەمچىنى تاپالمىدىم، گويا شەھەرنىڭ ھەممە پۇقراسى جان بېقىش كويىدا تىلەمچى بولۇپ كەتكەندەك بىلىندى ئەلۋەتتە پۇنىمۇ يانچۇقتا سېلىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق شۇنىڭ بىلەن مانداق قاراپ ئاشۇ ئادەمنىڭ ھالى سەل خاراپكەن دەپ بىر تىلەمچىنى نىشانلاپ ماڭدىم،ئۇ يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي ئاللا-توۋا ئېيتىۋاتاتتى، مەن پۇلنى ئۇ كىشىگە تەڭلىگەن شۇ دەقىقىدە ئۇ ماڭا رەخمەت ئېيىتقىنىچە بېشىنى كۆتۈردى بېشىنى كۆتۈردىيۇ ماڭا چەكچىيىپ قاراپلا قالدى مەنمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇ تىلەمچىگە كۆزۈمنى پارقىرىتىپ قاراپ قاپتىمەن.
ئەسلى ئۇ تىلەمچىنى مەن تۇنۇيتتۇم، ئىلگىرى يۇرتتىكى چاغلاردا ئۇ تىلەمچى بىرنىڭ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇراتتى، شۇ چاغلاردا ئۇ تەقۋادار كىشى بولۇپ باققالچىلىق قىلىپ جېنىنى باقاتتى،شۇنداق بىر كۈنلەر بولىدىغان مەھەللىمىزدە بىر تىلەمچى بوۋاي بار ئىدى ئۆزىغۇ 70ياشتىن ئاشقان ، (لېكىن خەقتىن تىلەيدىغان چاغدا 80ياشتىن ئاشتىم دەپ يالغان گەپ قىلاتتى)تىمەن قېرىغان بوۋاي ئىدى، كۈندە تاڭ سەھەردە چىقىپ كەتسە كەچ بولغاندا ئەلياتقۇدا خىزمەت ئورنىدىن قايتىپ كېلەتتى،بىر كۈنى ھاۋا بۇزۇلۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۇ كىشى بىر كۈن بازارغا چىقمىدى شۇنىڭدەك ھېلىقى باققال ئاكىمىزمۇ (مەن كۆرگەن تىلەمچى شۇ)بىر كۈنلۈك سودام ھارام بولدىدە دەپ ئىشىنىڭ ئاقساپ قالغانلىقىدىن ئاغرىنىپ يۈردى، ئۇ ئاكاش شۇ چاغلاردا 25ياشقا كىرگەن ،مېنىڭ 15ياشتىن سەل ئاشقان چاغلىرىمغۇ دەيمەن ئىشقىلىپ ماڭا بەك ئامراق ئىدى مەن يا ئۆي خوجايىنىنىڭ بالىسى بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ ئۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن قانداق مېۋە بولسا ئاۋال تېتىپ باق ئۇكام دەپ ماڭا سۇناتتى، شۇ كۈنى مەنمۇ ئۇ ئاكام بىلەن چاقچاقلىشىپ تۇراتتىم ، توساتتىن ھېلىقى تىلەمچى بوۋاي ئۆيىمىزگە كىردى ،بىز ئۇكىشىنىڭ نېمىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە گەپنى ئەگىتمەيلا قىلاتتۇق، ھېلىقى باققال ئاكامنىڭ ئۇ بوۋاي بىلەن پەقەتلا خوشى يوقتى شۇڭا ئۇ ھويلىغا كىرگەندىمۇ ئىپادىسىزلا تۇرىۋەردى،ئەسلىدە بوۋاي زىرىكىشلىكتە باققال ئاكامنىڭ قېشىغا مېۋە سېتىۋالغىلى كىرىپتىكەن، ئاكام ئۇ بوۋايغا بىر نەچچە كىلو مېۋە جىڭلاپ بەرگەندىن كېيىن ياندۇرۇپلا بوۋايدىن سوراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ پارىڭى باشلىنىپ كەتتى.
-بالا-چاقىڭىز يوقمۇ؟
-بار، ئاللاھ خالىسا ئۈچ ئوغلۇم، ئىككى قىزىم بار.
-كۆتەكتەك ئۈچ ئوغلۇم بار دەڭ.
بوۋاي ھىم دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى ، باققال ئاكام يەنە گېپىنى داۋام قىلدى .
-شۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى قىلمىسىڭىز بولمامدۇ ئاكا ؟
-مېنىڭمۇ قىلغۇم بار دەمسەن ئۇكام .
باققال ئۆزىنى بىر قۇر رۇسلىۋالغاندىن كېيىن ھەيرانلىق ئىچىدە بوۋايغا قاراپ قويدى، گەرچە مەنمۇ ئۇ يېشىمدا بەزى ئىشلارنى ئانچە ئاڭقىرالمىساممۇ لېكىن بوۋاينىڭ مېنىڭمۇ قىلغۇم بار دەمسەن دېگەن گېپى مېنىمۇ ھەيرانلىق ئالىمىگە باشلاپ كىردى ، بوۋاي بولسا ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا گېپىنى داۋام قىلدى .
-نېمىسىنى دەيسىز ئۇكام، ئاللاتائاللا غۇنچىدەك ئىككى قىز، ئۆكۈزدەك ئۈچ ئوغۇل ئاتا قىلغان بىلەن لېكىن ئۇلارنىڭ ۋاپاسىنى مەندىن ئاياپتۇ، ئايال بالدۇرلا قازا تاپقان كېيىن ئىككى پۇتۇمنىڭ گۆرگە ساڭگىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭمۇ مەن بىلەن كارى بولمىدى، ھەممىسى بىر بىرىگە بەس سېلىپ ...
-ھۆكۈمەت كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى تارقىتىۋاتىدىغۇ؟
-بېرىۋاتىدۇ ؟ھۆكۈمەتقۇ بېرىۋاتىدۇ ،باشقا مەنمۇ شۇ پۇلغا تايىنىپ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈردۈم، ئاي بېشىغا يەتسە ئاي ئاخىرىدا يوق دېگەندەك جاپا ئىچىدە خېلى بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزدۈم مانا ئاخىرى بولالماي مۇشۇ كوچىغا كىرىپ قالدىم ئۇكا .
بوۋاي يۆتەلگىنىچە ئاسمانغا قارىدى ۋە بىز بىلەن خوشلىشىپ چىكىتىپ قالدى ، ئۇ بوۋاي چىقىپ كەتكىلى خېلى ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ لېكىن باققال ئاكام تېخىچە ئېسىگە كېلەلمەي تۇراتتى.
-نېمە بولدۇڭ ئاكا، تاپاۋېتى ياخشى بولسا مەنمۇ قىلاي دەپ ئويلاۋاتامسەن؟
-ۋۇت،پىستەك، دەۋەتقان گېپىنى ئاكاڭچۇ ئەزەلدىن ھالال كۈچىگە تايىنىپ جان باقىدۇ ، ھەر قانچە بولسىمۇ كوچغا چىقىپ خەقتىن تىلەپ يەيدىغان ئىشنى قىلماسمىنا .
باققال ئاكامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا مەنىلىك قاراپ قويغانىدىم. كېيىن ئۇ ئاكىمىز ئۆيدىن كۆچۈپ كەتتى شۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە قېتىم كوچىدا يىراقتىن كۆرۈپ قالدىم لېكىن قولىدا باققالچىلىق قىلىدىغان ھارۋېسى يوق، ھە-ئىشى يۈرۈشىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ مېنىڭمۇ ئانچە پەرۋايىم بولمىغان ،مانا ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ناتۇنۇش بىر شەھەردە تىلەمچى سۈپىتىدە مەن بىلەن ئۇچىراشقان ئىدى، قارىسام تېخى قىران ۋاقتى پۇت-قولى ساق ،تېنى ساغلام ئەمدى 30ياشتىن سەل ھالقىغان نەۋقىران يىگىت نېمە سەۋەپتىن بۇ يولنى تاللىۋالغاندۇ؟بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ ، ھە! دېگىنىمچە قولۇمدىكى پۇلنى ئۇنىڭ غەللىسىگە تاشلاپ كېتىپ قالدىم،كۆڭلۈم چېۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالغانىدى ئەينى چاغدا مەن ئاكا دەپ چاقىرىدىغان بۇ باققال ئەمدى ئۆزى تولىمۇ يىرگىنىدىغان ئاتالمىش خىزمەتنىڭ پېشىگە ئېسىلغانىدى ،ھەرخىل قىياسلارنى قىلىپ باقتىم.
-سودىسى ۋەيران بولغان بولسىچۇ؟ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان بولسىچۇ...
لېكىن شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ تېخى ياش بولغانكىن ھالال تەر تۆكۈپ ئىشلىسە بولاتتىغۇ؟نېمىشقا ئۆزى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغا ئىشنى قىلىدۇ؟
مەيلى قانداقلا ئويلاي بۇ باھانىلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى بەزلىيەلمەيتى. ئۇنىڭ كۆزۈم بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى ئاشۇ تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ئوڭايسىزلىقى، تېخى مۈكچەيمىگەن قەددى-قامىتى ئۇنىڭ بىجىرىم ئادەملىكىنى بىلىندۈرۈپ تۇراتتى پەقەت كىيىۋالغان كىيىمىلا شۇ دەرىجىدە ئىدىكى قەلەم بىلەن سۈرەتلەپ بەرگىلى بولمايتى، شۇنچىلىك ۋەيرانە قارىغان ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك دەرىجىدە ،پۇتىدا يانلىرى ئاجىراپ كەتكەن قىشلىق ئاياغ،ئۇچىدا تىزلىرى يىرتىلىپ رەڭگىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان تەنھەرىكەت ئىشتىنى ۋە كىرلىشىپ چىپەرقۇت بولۇپ كەتكەن بىر كۆينەك تۇراتتى.ئېغىر خۇرسىنغىنىمچە ئۇ يەردىن ئىلدام مېڭىپ ئايرىلدىم،دېمىسىمۇ يېقىندىن بۇيان بۇ تىلەمچىلىك دېگەن ۋابا كېسەلگە ئوخشاشلا تېز تارقاپ ھەتتا ئاشۇ باققالدەك بىجىرىم ساق كىشىلەرنىڭمۇ تۇرمۇش يولى بولۇپ قالغانىدى ،بۇرۇنلاردىن كىشىلەر تىلەمچىلىك قىلىشنى نۇمۇس دەپ بىلەتتى زادى ئېغىر كۈنگە قالمىسا ياكى باققۇچسى يوق كىشىلەر ئامالسىزلىقتىن شۇ كەسىپ بىلەن جېنىنى قامدايدىغان، ئەمدىچۇ پۇتى ناكاھ ،قولى چولاق، ئاغرىق سىلاق كىشىلەرگىغۇ بوپتۇ دەيلى ئەمما ماۋۇنىڭدەك ساق تۇرۇپ بۇ يولنى تاللىۋالغانلارغا نېمە دېگۈلۈك .
بۇ قۇرلارنى دەۋاتقىنىمدا يەنە شۇنداق بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى ئوقۇرمەنلەرگە سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ .
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كوچىدا كېتىپ باراتتىم بىردىنلا كۆزۈم مەندىن نەچچە قەدەم نېراقتىكى پىيادىلەر يولىغا چۈشۈپ قالدى، ئۇ يەرگە ئادەم توپلىشىۋالغان قارىسام بىر ئايال ئالدىغا دوختۇرخانىنىڭ ئىسپات قەغىزى، رېنتگېن قەغىزى ۋە ئاللىقانداقتۇر ئىسكىرىپكىلارنى تىزىۋەتكەنىدى،ئالدىدا يەنە بىر مۇراجىئەتنامە بار بولۇپ ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ 12بارماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقى، يەنە ئەمچەك راكى بولۇپ قالغانلىقى كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدەك مۇراجەت بار ئىدى .ئۇ مۇرجەتنامىنى ئۇقۇغان ھەر قانداق كىشى تەسىرلەنمەي قالمايتتى، پۇللار ئايالنىڭ چۆنتىكىگە غەلۋىردىن قۇم تاسقالغاندەك سوزۇلۇپ چۈشۈشكە باشلىدى. توساتتىن يېنىمدا تۇرغان بىر كىشى ئىسىت دېگىنىچە لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ قالدى، مەن ۋە ئەتراپىمدىكى بىر نەچچە كىشى ئۇ يىگىتنىڭ قىلىقىغا ھەيران بولۇپ قالدۇق، شۇ ئارىدا بىر ياشتا چوڭ ئاكاش ئۇ يىگىتكە گەپ قىلدى.
-ئىسىت دېمەي توۋا دە بالام، ئاللاھ ،بەندىسىنى كېسەلدىن نېرى قىلغاي .
ئۇ ئاكىمىز شۇنداق دېگىنىچە يېنىدىن 10كوي چىقىرىپ ئايالنىڭ چۆنتىكىگە تاشلىدى،ئايال بىر دۇئا قىلغاندىن كېيىن يەنە ئۈنسىز يەرگە قاراپ تۇردى، يېنىمغا قارىسام يىگىت يوق،قېنىكى دەپ ئۇياق-بۇياققا قارىسام ئۇ يىگىتنىڭ قېشىغا ئادەم توپلاشقىلى تۇرۇپتۇ ، يىگىت ئۇفسىرىغىنىچە سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ.
-ھەي نادان ئاكىلار، ئاشۇ ئالدامچىنىڭ گېپىگە ئىشەندىڭلارمۇ، ئانچىكى ۋاراق ۋە دوختۇر ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ قويسا راستمىكى دەپ قالغىنىڭلار قىزىقتە، مانا مەن دوختۇر ، بايا ئۇ ئايال ئۆزىنى 12بارماق ئۈچەي ياللۇغى دەپ رېنتگېن قەغىزىنى كۆرسەتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ باشقا رېنتگېن قەغىزىكەن قارىسام ئۇ ئايالدا ئازراقلا بوغۇم كېسىلى بار ئىكەن ئانچىكى ئىسسىقلىق قىلىپ قويسا ساقىيىپ كېتىدۇ...
كىشىلەر توۋا دېگىنىچە ياقىسىنى چىشلەپ ئۇ يەردىن تارقاپ كېتىشتى، ئاجايىپ خەقلەر بار دېسە جاھاندا ، تىلىسەڭ تاپارسەن دەپ ئۆزىنىڭ راستىنلا ئاشۇنداق كېسەلگە گىرىپدار بولۇپ قېلىشىدىن قورقمامدىغاندۇ ؟
قايسى كۈنى بىر دوستۇم شۇنداق پاراڭ سېلىپ قالدى، ھازىر ئاشۇنداق دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ ،ئۆزىنى كېسەل كۆرسىتىپ تىلەمچىلىك قىلسا بەك ئاقارمىش، بىزنىڭ بۇ ئەقىللىق تىلەمچى ئۇستىلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى تاپاۋەت قىلىش ئۈچۈن دوختۇرلارنىڭ قانداقتۇر بىر سايمىنى بار مەنمۇ ئېنىق ئۇقمايكەنمەن .ھېلىقى سۈيدۈك يولىدىن كىچىك تەرەت ماڭمىغاندا بىر يەرلىرىگە شىلەڭگە چېتىپ خالتىغىلا سىيىدىغان بىچارە ئاغرىق كىشىلىرىمىز بولىدىغان ،ئەمدى ئۆتەپ بېرىپ بۇ ئىشنى ساقمۇ -ساق تىلەمچىلىرىمىزمۇ قىلغىلى تۇرۇپتۇ، ئۇلار ئاۋال خالتىغا كىچىك تەرەت قىلغاندىن كېيىن شىلەنگىسىنى ئاللىقانداقتۇر بىر يەرگە يۇغۇشتۇرۇپ بىر كۈن كەچ بولغىچە ئۆزىنىڭ كىچىك تەرىتىنى چاڭگاللاپ تىلەمچىلىك قىلىدىكەن . بۇ ئىشلارنىڭ جىقىيىپ قالغانلىقىنى بىلگەن دورا دۇكان ۋە دوىتۇرخانىلار كىشىلەرنى بۇ قىلمىشتىن توسۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىسپات بولمىسا ئۇنداق سايماننى سېتىپ بەرمەيدىكەن ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ھايانكەش دورىپۇرۇش،دوختۇرلار ئانچىكى مەنپەئەتنى دەپ يەنىلا تىلەمچىلەرنى ئۇ سايمان بىلەن تەمىنلەيدىكەن .
توۋا!نېمە ئىش بولۇپ كەتتى جاھاندا دەپ ياقامنى چىشلەپ قاپتىمەن ،بىچارە خەلقىم جان بېقىش، پۇل تېپىش كويىدا ئەمدى ئۆزىنىڭ گەندىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىدىغان يەرگە كەلدىما؟ئىچ-ئىچىمدىن ئازاپلىنىۋاتىمەن، قايغۇرىۋاتىمەن دېمىسىمۇ مېنىڭ قولۇمدىن مۇشۇنداق قايغۇرۇشتىن باشقا نېمە كېلىدۇ؟روھىيىتى زەيىپلەشكەن ئادەمگە قانچە گەپ قىلساڭمۇ بىكار،يەنىلا ئاللاھنىڭ بەرگەن كۈنىگە شۈكرى!
كۆنۈپ قاپتىمەن (تىلەمچىلەر تىلىدىن)
گەر ئاسمان ئۆرۈلسە مانتا يەپ پەستە ،
ئۆزگىچە كەسىپـكە قاراپ ھەۋەسـتـە
قاراڭـغۇ بـۇ دىلـلار كـۆزلـەر ئەلـەسـتـە ،
ئامال يوق بۇنـىڭغا كـۆنۈپ قاپتىمـەن .
پاخپايدى چاچلىرىم ساقال بىر غىرىچ ،
كىرلاشقان بەدىنىم قىلار مىچچىر -مىچ.
شۇندىمۇ ئۆزگەرگىـم كەلمەيدىغۇ ھىچ ،
يۈرەك شوخ بۇنىڭغا كۆنۈپ قاپتىـمەن .
پۇل تاپتىم رەستىدە ئامىن دەپ يۈرۈپ،
تېشىمدا قان يىغلاپ ئىچـىمـدە كۈلۈپ.
رازىـمەن بىر ئۆمـۈر تۇرسـام يۈكۈنۈپ ،
قورساق توق بۇنىڭغا كۆنۈپ قاپتىمەن.
ئەيمىنىـپ قاراشـتى ماڭـا ھەر كىـشى ،
ياشايمەن ھەر يەردە ئۆزەمنىڭ ئىشى .
يازدا يول، قىشـلاردا تۇنـۇرنىڭ ئىچى ،
ئىسسق چوغ بۇنىڭغا كۆنۈپ قاپتىمەن.
قول چولاق،پۇت مېيىپ،ئۈزۈلگەن تېقىم ،
مەجرۇھتەك خەلىقنى ئالداپ كۆپ قېتىم.
مېـھىرنىـڭ قەلبىــگە مېنىـڭ بۇ ئىچىم ،
ئاتـار ئـوق بۇنىڭغـا كۆنۈپ قاپتىمـەن .
ئېيتىمەن اللاھقا كۆپ ھەمـدۇ-سانـا،
پۇل بەرسـە خېرىدار قانچىـلىـك ماڭـا.
ساھىللىق گۇناھمەس سۆزلىسەم ساڭا،
بىر بۇيرۇق بۇنىڭغا كۆنۈپ قاپتىمەن .
تىلەمچىنىڭ دۇئاسى
ھەممىمىزگە ئايان بىز ئادەتتە مەيلى راست ياكى يالغان بولسۇن تىلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كىشىلەرگە سەدىقە بەرگىنىمىزدە ئۇلار بىزگە ئۇزاقتىن -ئۇزاق دۇئا قىلىپ كېتىدۇ،خوش!ئەمدىكى دېمەكچى بولغىنىم دەل ئاشۇ دۇئا ئۈستىدە بولىدۇ.تىلەمچىنىڭ دۇئاسى بىلەن ئورتاقلىشىشتىن ئاۋال ئۆزەم يەكۈنلىگەن مۇنۇ كومىدىيىلىك تەجىرىبىنى دوستلار بىلەن تەڭ ئورتاقلاشماقچىمەن .
بىر دوستۇم بولىدىغان ، رامزان ئايلىرىنىڭ بېشىدىغۇ دەيمەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بازار ئايلىنىپ قالدۇق، ئۇ دوستۇم نامازنى تەرىك ئەتمەيدىغان مۆمىن يۇۋاش بالا ئىدى، تىلەمچىگە ئۇچىراپ قالسىمۇ مەيلى يالغان مېيىپ ياكى ئالدامچى بولسۇن قارىمايلا سەدىقە بېرىۋېرىدىغان ئادىتى بار ئىدى، شۇ كۈنى ئۇ ئادىتى بويىچە ئۇچرىغان بىر بىر تىلەمچىگە سەدىقە بەردى، ئۇ پۇل بەرگەن تىلەمچى 40ياشلار چامىسىدىكى بەللىرى سەل مۈكچەيگەن ،بىجىرىم ،تەمبەل كىشى بولۇپ تىلەمچىلىك ۋاستىسى بىلەن جان بېقىۋاتقان ئالدامچىلىقى مانا مەن دەپلا تۇراتتى.قاراپ تۇرۇپ ئادەم ئالداۋاتقانلىقىنى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا ئاچچىغىم كەلدى ۋە دوستۇمغا
-ئاداش ،سەدىقە بەرسەڭمۇ قاراپراق بەرگىن، ئۇنىڭغا بەرگەن سەدىقىنى ئاۋۇ چەتتىكى مومايغا بەرسەڭمۇ بوپتىكەن، قارىمامسەن ياشلا ئادەمكەن،ئۆزىنى خار قىلغۇچە كۈچىنى خار قىلىپ ئىشلىسىغۇ بولىدۇ.
مەن شۇنداق ھومايغىنىمچە دوستۇمنى ئەيىپلەپ كەتتىم، ئۇ بىر ھازا سۈكۈت ئىچىدە تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.
-ئاداش ،مەن ئادەتتە تىلەمچىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن ھېساپلىشىپ تۇرمايمەن، مەن ئۇلارغا سەدىقە بەرسەم، ئۇلار ماڭا ،ئۆلگەن ئەۋلادلىرىمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ قويىدۇ ، ھىچ بولمىسا رەھمەت دەپ قويسىمۇ ھېساب ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن رامزان ئايلىرى خەيرى-ئېھسانلىق قىلساق ئىككى دۇنيادا تەڭ ساۋابىنى ئالىمىز ئەمەسمۇ ؟ قالغىنىنى ئاللاھ ئۆزى تەڭشەيدۇ .
راستىننى دېسەم ئۇنىڭ بۇنداق جاۋاپ بېرىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم مەنمۇ دەماللىققا ئاغزىمغا كەلگەننىلا دېدىم
-يا ئاللاھ ئاداش!ھېلىمۇياخشى داموللا-قارىلىرىمىز تىلەمچى بولۇپ قالماپتىكەن ،بولمىسا بىرە ئۇزۇن ئايەت ئۇقۇپ ياكى ساڭا دۇئا قىلىپ قىرائەت قىلىپ بەرسە پۇل دېگەننى ئايىماي بېرەركەنسەن .
ئۇ ماڭا ھەي!دېگەن مەنىدە ئاجايىپلا قاراپ قويدى، مەنمۇ گەپتە ئېزىپ كەتكەنلىكىمنى بىلىپ شاپپىدە تىلىمنى يۇغۇشتۇرىۋالدىم،ئۇ يەردىن ئايرىلغاچ كۆزۈم تۇيۇقسىزلا چەتتە تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان بىر تىلەمچىگە چۈشۈپ قالدى، ئۇ ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ سەدىقىسىگە ئېرىشكەندە ئۇزاقتىن ئۇزاق بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ كېتەتتى، شۇ كۈنى بازاردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ھېلىقى بازاردا كۆزۈم چۈشكەن تىلەمچىنىڭ سىياقىنى پەقەت ئۇنىتالمىدىم ،شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىدىن باشلاپ ۋاقتىم بوپ قالسىلا ئۇ يەرگە بېرىپ ھېلىقى تىلەمچىنى كۆزىتىدىغان بولۇپ قالدىم، ھەپتە كۆزەتتىم پەقەت تۆت كۈنلا شۇ ئەتراپتا تىلەمچىلىك قىلغاندىن سىرت ئۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا نەدە بولىدىغانلىقىنى بىلمىدىم ،شۇ تۆت كۈن جەريانىدا ئۇ تىلەمچىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش قىياپىتىنى يانفۇنۇم سۈرەتكە تارتىۋالدىم،بەلكىم سىز نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ دەپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن .ئىشنىڭ قىزىقى تېخى ئەمدى باشلاندى، مېنىڭ شۇنداق بىر خۇيۇم بار بىر ئىشقا قىزىقىپ قالسام چامىمنىڭ يىتىشىچە شۇنىڭ تىگىگە يېتىشنى كۆزلەيدىغان،مەن دەسلەپتە ئۇ تىلەمچىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ ئېغىز شەكلىگە قاراپ سەل گۇمانلانغان ئىدىم،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كۆزەتكەن تۆت كۈن ئىچىدە ئاساسەن دېگۈدەك ئۇنىڭ ئېغىز ھەركىتىنى كۆزەتتىم.مانا ھەپتىدىن كېيىن ئىشتىن يەكۈن چىقىرىشقا باشلىدىم،يەنى يانفۇنۇمنىڭ كامىراسىغا چۈشكەن 40پارچىدىن ئارتۇق سىن كۆرۈنۈشنى قايتىمۇ قايتا سېلىشتۇرۇش ۋە كۆرۈش ئارقىلىق بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم يەنى ئۇ تىلەمچى كىشىلەرنىڭ سەدىقىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇزاقتىن-ئۇزاق دۇئا ئۇقۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ نەيرەڭۋازلىقى ئىكەن ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۇ پەقەت ئۆزىنى بىچارە،تەقۋادار كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېغىزىنى ئۆمەنلىتىپلا قويىدىكەن خالاس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەزەلدىن دۇئانى تېشىدا قىلمايدۇ ، ئىچىدىلا بىر نېمىلەرنى دەپ كىشىلەرگە ئاتالمىش شۇ دۇئاسىنى قىلىدۇ، مانا ئىسپات دېگەن مېنىڭ باشتىكى گۇمانىم توغرا چىقتى، ئۇ ئەقەللىي بولغان رەخمەت دېگەن گەپنىمۇ دېمەيدۇ، ئۆزىنىڭ نېمە دەپ دۇئاقىلىۋاتقالىقىنىغۇ ئەسلا ئۇقمايدۇ ، ئۇنىڭ دۇئا قىلغىنى پەقەت تاڭسىڭنىڭ ئىتىكاپتا ئولتۇرۇپ نومۇنومۇنومۇ...دەپ نوم ئۇقۇغىنىدەكلا ئىش، بۇنى مەن شۇ سىن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭ ئېغىز ھەركىتىگە قاراپ تەپسىلى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن ھېس قىلدىم، بەلكىم كۆپچىلىك بۇنى ئوقۇغۇنىدا بۇ ئەپچىلەمگە قىلىدىغان ئىش چىقماي مۇشۇنىمۇ سىناپ ئولتۇرغانمىدۇ؟، ئېغىز شەكلىدىن ئۇققىلى بولارمىدى دەپ مېنى ئەخمەق قاتارىغا چىقىرۋېتىشىڭلار مۇمكىن، لېكىن مەن باشتا سىلەرگە دەپ قويغاندەك بىر نەرسىگە قىزىقىپ قالسام چامىمنىڭ يېتىشىچە شۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقىمەن، بۇ دەل مېنىڭ چامىم يەتكۈدەك ئىش بولغاچ ئەخمەقلەرچە سىناپ باقتىم.نېمە بولۇپ كەتتى بۇ ئىشلار چىققان يەكۈن مېنى راستىنلا غەزەپلەندۈردى، ئەمدى دۇئامۇ ساختىلىشىپ كەتسە،ئۇف قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.
شۇنداق قىلىپ مېنىڭ بۈگۈنكى تىلەمچىلەر توغرىسىدىكى پاراڭلىرىم تۈگەپ قالدى، مەن ئاڭلىمىغان ،كۆرمىگەن يەنە قانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدىغان پاراڭلار بار بۇ خۇدايىمنىڭ ئۆزىگە ئامانەت .
يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر خۇرسىنىش ، يەنە بىر قېتىملىق ياقا نەمدەش،يەنە بىر قېتىملىق توۋا دېيىش ئىچىدە ئاللاھقا سېغىنماقتىمەن .
ئېي ئۇلۇغ رەببىم بەرگەن كۈنۈڭگە شۈكرى ،شۈكرى!!!
خاتىمە:ئېغىر خۇرسىنىش ئىچىدە قەلىمىم يېزىشتىن توختىدى ،قەلبىم يەنىلا كۈنسايىن ئاۋۇيىۋاتقان تىلەمچىلەر توپىغا قاراپ ئاغماقتا،ئاغزىدىن خۇدايىم بېرە دەپ بىزلەردىن تىلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، روھىنى زەيىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ئاشۇنداق بەزى بىر غەيرى كەسىپتىكىلەر كۆز ئالدىمغا كەلمەكتە، توساتتىن ئۇلارنىڭ ئىسمى توغرىسىدا ئويلاپ قالدىم پاھ !گەرچە ئۇلارنىڭ كەسپى جەمىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كەسىپ دەپ قارالسىمۇ ئاتىلىدىغان ئىسىملىرى ئۆزگىچىكەن دېسە، تىلەمچى دەمدۇق،قەلەندەر دەمدۇق، دىۋانە ۋە ياكى ساھىل دەپدۇق ھەممىسى خەلقىمىز تەرىپىدىن ئۇلارغا بەرگەن ئۈنۋان ئىكەن، ھېلىمۇ مېھرىبان خەلقىم كۆپ ياردەملەرنى قىلدى ،ئۆزىنىڭ باشقىلارغا، ئاجىز يوقسۇنلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان خۇلقى بىلەن ئەسىرلەردىن بۇيان تىللارغا داستان بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، مانا جەمىيەتنىڭ تەققازاسى، مانا ئاتالمىش تىلەمچىلەرنىڭ ساددا خەلقىمگە بەرگەن دۇئاسى، قىزىق ئىش بىر چاغلاردا شائىر ئەدىپلىرىمىز ئىشقى ئوتۇڭدا دىۋانە بولدۇم...دەپ شېئىر-ناخشىلارنى ئېيتىپ كېتىدىغان،سەۋدالىقنىڭ چىن ئىخلاسمەنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قوللىنىدىغان بۇ نام قانداق قىلىپ بۇ تىلەمچىلەرگە يار بولۇپ قالدى، قايسى كۈنى بىر دوستۇم دەۋاتاتتى، تىلەمچىلەرنىڭ بىر كۈنى ھازىر بازارچىلاردىنمۇ ياخشىكەن دەپ ، قارىغاندا ئۇلارغا يەنە يېڭى ناملارنى بەرسەك بولغۇدەك، زامانىۋې بازارچىلار دەپ .تىلەمچىگە يانداشقان ھىسلار ئويلىسام-ئويلىسا تۈگىمەيدۇ، لېكىن ئۇنى قەلەمدە ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن، ئاللاھ خالىسا تىلەمچىگە ئۈنۋان سۈپىتىدە بېرىلگەن ئاشۇ تۆت ئىسىم ئۈستىدە ئىزدىنىپ باققۇم بار.يەنىلا ئاللاھنى ئەسلەش تۆۋبە قىلىش ئىچىدە بۇ يازمامنى ئاخىرلاشتۇراي.
شۇكرى !ئاللاھ بەرگەن كۈنۈڭگە يۈزمىڭ قەترە شۈكرى .
مەنبەسى: ئەپچىلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 11:45 AM
|
|
|
|
|
|