2011-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، بىر روھىي كېسەل بولىشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلىنغان ئەر پۈتۈن كىيىملىرىنى سېلىۋىتىپ، گۇاڭدۇڭدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى ۋە «مەن سۇن ۋۇكۇڭ» دەپ جار سالدى. ئۇنىڭغا قايتا-قايتا نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى كۆۋرۈكتىن سەكرەشتىن ۋاز كەچتى.
بۇ خەنزۇ سۇنۋۇكۇڭنى ئەسلەپ قاپتۇ.
......................................................................................
2008-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ. بىر روھىي كېسەل بىمارى تاللا بازىرىدا قولىغا كۆكتات توغرايدىغان قىڭغىراقنى كۆتۈرۈۋىلىپ تۇيۇقسىز بىر ئالتە ياشلار چامىسىدىكى كىچىك قىزچاقنى تۇتقۇن قىلىۋالدى ۋە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار بىلەن 40 مىنۇتچە تىركەشتى. ئەگەر بۇ خەنزۇنىڭ ئورنىدا ئۇيغۇر بولسا، روھى كىسىلى بارمىكىن دىگەن قاراش پۇت دەسسەپ تۇرالامدۇ؟
............................................................................................
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17 لەردىن ئاشقاندا، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ دىلو تاپشۇرۇپ ئالدى، چاۋياڭ رايونى ياشلار يولىدا بىر ئەر پىچاق كۆتۈرۈپ قاتىللىق قىلماقچى بولغان ۋە يولدا كېتىۋاتقان ئىككەيلەننى يارىلاندۇرغان (بىر چەتئەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
ئەگەر بۇ ئەھۋال شىنجاڭدا يۈز بەرسىچۇ؟ ئەھۋالنى قەنداق بىر تەرەپ قىلار؟
تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولاي دىسىڭىز، نۇر تورىغا كىرسىڭىز بولىدۇ.
مەنزىلگە يەتكۈزۈش ئالەم كارىدورى: http://www.nur.cn/news/2013/07/129299.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 03:29 PM
|