sirdax0755 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 12:14 PM
مەن تۇنىيدىغان بىر تىلەمچى بارىدى ،بىر كۇنى ئاشخانىغا ...
ئەگەر بۇلار بىلەن مۇشتلىشىپ قالسىڭىز گەپ يوق سىزنى ئۇرىۋېتىدۇ. مەن تۇلۇقسىزدا ئوقۇيدىغان چاغلاردا ئانچە- مۇنچە تاغامغا ياردەملىشىپ ئامۇت سېتىشىپ بېرەتتىم. بازار كۈنى بىر تىلەمچى(ئايال) كەپتۇ. تاغامنىڭ ئايالى بىر سۇلياۋ خالتا ئامۇت بەردى.
تىلەمچى: __ ماڭا نىمىشقا بۇنداق سېسىق ئامۇتنى بېرىسەن، كىمىڭنى كۆزگە ئىلمايسەن؟
يەڭگەم: __ ئامۇت بەرسەم نىمە بوپتۇ؟ ئامۇتنى مۇشۇ يەردە ياكى ئۆيۈڭگە ئاپپىرىپ يىسەڭ بولىدىغۇ.
تىلەمچى: __ بۇنداق سېسىق ئامۇتىڭنى چېكەڭگە تاڭ، ھۇ دىۋانە
يەڭگەم: __ ماۋۇ تىلەمچىنى، دىۋانىغا ئاش بەرسەڭ جىڭىڭ ساقمۇ دەيدۇ دەپ نىمىندا چوڭ سۆزلەيدۇ....
شۇ چاغدا ئاۋۇ تىلەمچى قولىدىكى سۇلىياۋ خالتا بىلەن يەڭگەمنىڭ بېشىغا بىرنى قويدى. بۇنى كۆرۈپ يەڭگەمنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ ئۇ تىلەمچى بىلەن چاچلىشىپ كەتتى. ئۇلار ئۇرۇشىۋاتقاندا قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى ئۇقمۇدۇم. بىر ئەركىشى پەيدا بولۇپ يەڭگەمنى شاپىلاقلىۋەتتى. (مەن ماشىنىدا تۇرۇپ يېشىككە قاچىلانغان ئامۇتلارنى تاغامغا، تاغام يەڭگەمگە سۇنۇپ بېرىۋاتاتتى.)تاغام بىلەن ئىككىمىز تۇرۇپلا قالدۇق. تاغام بىردەم تېڭىرقاپ قالغاندىن كېيىن يەڭگەمنى ئۇرىۋاتقان ئاۋۇ ئەركىشىگە ئېتىلدى. تاغاممۇ خېلى گەۋدىلىك ئىدى. ئىككىسى تەڭ مۇشتلاشتى. يەڭگەم بىلەن ئۇرىشىۋاتقان تىلەمچىمۇ يەڭگەم بىلەن كارى بولماي تاغامغا ئېتىلدى. ئىككىسى بىر بولۇپ تاغامنى ئۇرۇپ كەتتى. بىر چاغدا تاغامنىڭ قولىغا يېشىكنى مۇقۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن كالتەك چىقىپ قاپتىكەن. ئۇلارنى قوناق سوققاندەك سالغىلى تۇردى. جېدەل چىققاننى كۆرگەن باشقا تىجارەتچىلەر، تىجارەتچىلەرگە ئورۇن كۆرسەتكىلى چىققان بازار باشقۇرغۇچىلار توپلاشتى. بازار باشقۇرغۇچىلار ئۇنى- بۇنى دەپ يۈرۈپ جېدەلنى بېسىقتۇردى....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 12:36 PM