ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى داڭلىق ئالىملار يىغىلغان چوڭ يىغىنغا قاتنىشىشىم بولغاچقا ماشىنىنى مەن ھەيدىمىسەملا ئۇخلايدىغان ئادىتىمگە قارشى شۇنچە ئۇزۇن يولدا ۋاقىتنى خىيال سۈرۈش ۋە ئامرىكىنىڭ گۈزەل غەربىي شىتاتلىرىنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. تەجىرىبخانىمىزدىن پرافىسورۇم قوشۇلۇپ تۆتەيلەن بىللە سەپەر قىلغان ئىدۇق، لىكىن مەن گەپكە ئارىلاشماي ئۆزەمنىڭ خىياللىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇ مەندىن «سەن ھاياتمۇ؟» دەپ سوراپ قوياتتى...مېنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرۋاتقىنى ئەمەليەتتە ئۆزەمنىڭ دوكلات سۆزلىشىدىن بەكرەك دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشۈش ئىدى. سەپىرىمىزنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئورىگون شىتاتىنىڭ تاغلىق يوللىرىدا ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى ھەم ۋاقىتمۇ تىز ئۆتۈشكە باشلىدى. شۇنداق قىلىپ 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشكە يىقىن گۈزەللىكى كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان يىقىملىق شەھەر پورتلاندغا كىرىپ كەلدۇق. ئىلگىرى شۆھرەتكام بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشكەندە پات-پات پورتلاندنى ماختاپ قويۇشلىرىنىڭ بىكارغا ئەمەسلىكىنىمۇ تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم. شۇ كۈنى كەچتە شەھەرلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۈتىۋىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتىم. شۇنچە كۆپ ئادەم ئىچىدىن كۆزۈم بىرلا كىشىنى ئىزدەيتتى. ئاخىرى زالنىڭ ئۇ بۇرجىكىدىكى بىر ئۈستەلدە باشقىلار بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقان دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ كۆزۈمگە چىلىقتى. ئامرىكىدا بىر ئۇلۇغ ئالىم بىلەن بىئولوگىيە ئۈستىدە ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش نەقەدەر راھەت، ھە؟! قىزغىن ئەھۋال سورىشىشىلار تۈگىگەندىن كىيىن، ئۇ مېنىڭ يىغىندا سۆزلىمەكچى بولغان دوكلاتىم ۋە قىلىۋاتقان تەتقىقاتلىرىم توغرىسىدا تەپسىلىي سورىدى ۋە مىنىڭ چۈشەندۈرۈشلۈرۈمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كىيىن، ماڭا ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەتىسى دوكلات سۆزلەيدىغانلىقى ۋە مېىنىڭ شۇ زالغا كىرىپ ئاڭلاپ بىقىشىمنى تەكلىپ ئەتتى. ئۇ يەنە ئۆز تەتقىقاتىغا نۇرغۇن مەبلەغ كىتىدىغانلىقى ۋە كۆپىنچىسىنى پەقەت شەخسىي فوندى جەمئىيەتلەردىن ئىلتىماس قىلىپ ئالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ تەجىرىبىخانىسىدا كۈنىگە تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىن نۇرغۇننى ئىشلىتىدىغانلىقى ۋە ھەر بىر تۇخۇمنىڭ خىلى قىممەتكە توختايدىغانلىقىنى سۆزلەۋاتقنىدا ئۇنىڭ شۇ ۋاقتتىكى كەيپىياتىنىڭ ئازراق مەيۈس ئىكەنلىكىنى سەزگەندەك بولدۇم. دىمىسىمۇ بۇش ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە ئامرىكىنىڭ تەتقىقاتقا مەبلەغ سالىدىغان ئاساسلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى ۋە دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوندى ئىنسان غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىغا بىرىلىدىغان تەتقىقات مەبلىغىنى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتكەن بولۇپ، ئوباما ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كىيىن غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىدىكى بەزى چەكلىمىلەر ئىلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتتىن بىرىدىغان مەبلەغ يەنىلا ناھايتى قىس بولۇپ كىلىۋاتاتتى. ئالىمنىڭ بىرتەرەپتىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر تەرەپتىن مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان تەتقىقات پىلانلىرىنى يىزىپ چىقىشى كىرەكلىكىنى ئويلاپ ئۇنىڭ قانچىلىك جاپادا ئىشلەيدىغانلىقى ماڭا ئايان بولدى. زالدىكىلەر تارقاپ ئاز قىلىشقا باشلىغۇچە پاراڭلىرىمىز تۈگىمىگەن بولسىمۇ ئاخىرى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئۆيىگە 45 مىنۇت ماشىنا ھەيدەپ بارىدىغانلىغىنى ئېيتىپ خوشلاشتۇق. ئەتىسى يىغىن باشلاندى، ئوخشاش ۋاقىتتا بىر مۇنچە زاللاردا ئوخشمايدىغان دوكلاتلار سۆزلىنىدىغان بولغاچقا ئەڭ قىزىقىدىغانلىرىنى ئالدىنئالا بەلگىلەپ شۇ لىكسىيەلەرنى ئاڭلاشقا توغرا كىلەتتى. ئۈچ كۈن جەريانىدا ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆپلىگەن دوكلاتلارنى بىر ئۆيدە، بەزىدە يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ لىكسىيەلەرنى ئاڭلاپ ئارىلىقتىكى دەمئىلىشلەردە پاراڭلىشىپ تۇردۇق. يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئالىمنىڭ بىر ياپۇنلۇق ئوقۇغۇچىسى مايمۇن كايمىراسى (بىر نەچچە مايمۇن تۆرەلمىسىنىڭ ھۆجەيرىلىرىدىن ھاسىل بولغان مايمۇن، بۇنداق مايمۇن ھۆجەيرىلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان گېنلارغا ئىگە) توغرىسىدىكى ئەڭ يىڭى نەتىجىسىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ياپون شىۋىسدىكى ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىدى. ئۇ قىلغان شۇ ئېسىل سۈپەتلىك تەتقىقاتنىڭ نەتجىسىنى ئەسلى بۇنىڭدىن پەچەت سۆزلەش كىرەكتى، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. 2012-يىلى بۇ ماقالىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بىئولوگىيە ژورنىلى بولغان «ھۆجەيرە» (Cell) ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ياراتقان يەنە بىر دۇنيادىكى «تۇنجى» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بۇ ماقالىنى كۆرەلەيسىز:
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/22225614
بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلماي، لىكىن قىسقىچە نىمە توغرىسىدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. بۇ ماقالىدا ئىككى مايمۇن تۆرەلمىسى تۆت ھۆجەيرە باسقۇچىدا (مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرىلەر باسقۇچى) تۇرۋاتقاندا ئىككىسىنى قوشۇپ بىللە يىتىلدۈرسە ھەر ئىككىلى تۆرەلمىنىڭ گېنلىرىغا ئىگە بولغان يىڭى مايمۇن ھاسىل بولغان بولۇپ بۇ خىل كايمىرانىڭ تۇنجى قېتىم مايمۇندا ھاسىل قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە نورمال جانلىقلارنىڭ تىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەردە ئوپمۇ-ئوخشاش گېنلار بار بولۇپ، كايمىرا دىگىنىمىز سۆزنىڭ ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان ھۆجەيرىنى ياكى تۆرەلمىنى (مەيلى ئوخشاش تۈردىكى ئىككى ھايۋاندىن ئىلىنغان بولسۇن ياكى ئوخشىمىغان ئىككى تۈردىكى ھايۋانلاردىن كەلگەن بولسۇن) قوشۇش ئارقىلىق بىر ھەر خىل گېنلارغا ئىگە ھۆجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن يىڭى جانلىقنى ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئەھمىيىتى، بىر يىڭى جانلىقنى ئوخشىمايدىغان جانلىقلارنىڭ گېن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى ئوخشىمايدىغان فىنوتىپلىق ئالاھىدىلىكلەرنى بىر جانلىقتا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان تەجىرىبىدە ئىشلىتىدىغان چاشقانلارمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا يىتىشتۈرۈلگەن. لىكىن تا شۇ كەمگىچە مايمۇن كايمىراسى تېخى مۇۋاپىققىيەت قازانمىغان بولۇپ، ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسىدە مايمۇندا پەقەت تۆت ھۆجەيرە باسقۇچىدىكى تۆرەلمىلەرنى قوشسا كايمىرا ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كىينكى باسقۇچتا تۇرۋاتقان تۆرەلمىلەرنى قوشسا كايمىرا ھاسىل قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.