zakir يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 03:54 PM
تىببى ئونۋېرستىتتا خەنچە ئۈگەنگەن ئاتالغۇلارنى ئۆز تى ...
پىكىرلىرىڭىز سەممىي ھەم ئورۇنلۇق بوپتۇ. بۇ يازمىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا ۋە ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
دىمىسىمۇ ھازىر پۈتۈن كەسپىي ئاتالغۇلارنى يات تىلىدا ئۆگىنىدىغان بولغاچقا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ دەل ماس كىلىدىغىنىنى تاپالماي بۇ ماقالىنى ۋە بۇرۇنقى ھورمۇن، كلون تېخنىكىسى...قاتارلىق تىمىلارنى يىزىشتا ناھايتى قېينالدىم. مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىئولوگىيسىدىن باشقىسىنى خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەن بولغاچقا، بەزى ئاتالغۇلار قېلىپقا چۈشمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن، لىكىن مەن ئىمكانقەدەر ئۇيغۇر ئاممىسى كۆرۈپلا چۈشەنگۈدەك يىزىشنى مەقسەت قىلىپ بارلىق ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئالدىم، بەزىلىرىنى لۇغەت ئاختۇرۇپ ئىزدەپ تاپتىم، بەزىلىرى لۇغەتتىمۇ يوق بولغاچقا ئۆزەم ئەڭ ماس كىلىدۇ دىگەن بويىچە سۆزنى ياساپ ئىشلىتىۋەردىم. مەسىلەن، ئېنگلىزچىدىكى totipotent, pluripotent دىگەندەك سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق ۋە تولۇق پوتىنسئاللىق دەپ ئالدىم. مەنچە بۇ خىلى ئىزىغا چۈشتى دەپ قارايمەن.
مېنىڭ پەننى، كەسپىي ئاتالغۇلارنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشىم يازمىلىرىمدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قىممەتلىك قىسمى بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مەن پىشقەدەم ئۇستازلاردىن ئۇيغۇرچە كەسپىي ئاتالغۇلارنى كۆپرەك ئۆگىنۋىلىشنى ۋە ھازىردىن باشلاپ بۇلارنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. قىزىم چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن غول ھۆجەيرە ۋە كلون تېخنىكىسى ئۈستىدە ئۇيغۇرچە مۇنازىرىلىشىشنى ۋە بولسا نەۋرىلىرىم بىلەنمۇ (ئاللاھ شۇ كۈنلەرنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلسا) شۇنداق پاراڭلىشىشى ئىستەيمەن.
سىزگە ئوخشاش تىببىي خادىملارنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى ئۆگىنىپ تۇرۇشىنى ۋە ئۇيغۇر بىمارلارنى داۋالىغاندا داۋالاش ئىلىپ بىرىشنىڭ تىگى-تەكتىدىكى ئىشلارنى ئاددىي قىلىپ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ بىرىشكە تىرىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. خەلقىمىز دورىنىڭ نىمە ئۈچۈن پايدا قىلىدىغانلىقى، ئوپراتسىيەنىڭ ياكى خېمىيلىك داۋالاشنىڭ زادى قانداق قىلىپ كېسەلنى ساقايتىش، ياخشىلاش ئۈنۈمى بارلىقىنى ئۇيغۇرچە بىلىش ھوقۇقى بار. سىزدەك زېرەك، زېھنى ئوچۇق ياش دوختۇرلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىن كۆپرەك كۈچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-6 06:09 AM