مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilgejan

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2088 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 05:56:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غول ھۆجەيرە توغرىسىدا:


ئىزاھات 1: تۆۋەندىكى رەسىمنى قوشۇش ئارقىلىق غول ھۆجەيرە دىگەننىڭ نىمىلكىنى ئىخچام چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن: بىر ھايۋان تۈرىدىكى جانلىق ئادەتتە جىنىسلىق كۆپىيىدىغان بولۇپ، ئاتىدىن كەلگەن ئىسپىرما ئانىدىن كەلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسى بىلەن قوشۇلۇپ بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ئىبارەت سېڭىشىپ كەتكەن بىر تال ھۆجەيرىگە ئايلىنىدۇ. دەل مۇشۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلۈنۈش ئارقىلىق بىر يېڭى جانلىقنى ھاسىل قىلىدۇ. يەنى ئادەمنى مىسال قىلساق ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلۈنۈپ 2 ھۆجەيرىگە ئاندىن 4 ھۆجەيرىگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇ ھۆجەيرە ھەممىسىلا مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئال (totipotent) غا ئىگە بولۇپ، ھەربىرسى ئايرىۋىتىلسە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4 يېڭى جانلىقنى ھاسىل قىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. لىكىن مۇشۇ 4 ھۆجەيرە باسقۇچىدىن كىيىن ئىنسان تۆرەلمىسى داۋاملىق بۆلۈنىدۇ، لىكىن بۆلۈنۈش جەريانىدا بۇ ھۆجەيرىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر پۈتۈن جانلىققا ئايلىنىش پوتىنسىئالىنى يوقىتىپ، بىر يىڭى جانلىق تىنىدىكى مەلۇم خىل ھۆجەيرىلەرگىلا ئايلىنالايدىغان تولۇق پوتىنسىئاللىق (pluripotent) ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ. يتىلىۋاتقان تۆرەلمە خالتىلىق تۆرەلمە (blastocyst) دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كىين بۇ ھۆجەيرىلەر داۋاملىق ھالدا يوشۇرۇن كۈچىنى يوقىتىپ پەقەت بىر قانچە خىل ھۆجەيرە تۈرلىرىگىلا ئۆزگىرەلەيدىغان كۆپ پوتىنسىئاللىق (multipotent) ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل ھۆجەيرىلەر تۆرەلمىنىڭ شۇ مەزگىلىدىن باشلاپ ھامىلە مەزگىلى، تۇغۇلغاندىن كىينكى بوۋاقلىق مەزگىلى ۋە يىتىلگەن كىشىگە ئايلانغۇچە بولغان جەريانلاردا داۋاملىق سانى ئازلاپ ماڭىدۇ. دىمەك، تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرىلەردىن پايدىلىنىپ كۆپ خىل ھۆجەيرىلەرنى ۋە ياكى ئەزالارنى يىتىشتۈرۈش مۇمكىن.

                                          



ئىزاھات 2: قايتا پروگراممىلاش دىگىنىمىز مەلۇم غول ھۆجەيرە بولمىغان چوڭلار (بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پەقەت تۆرەلمە ئەمەس دىمەكچى) تىنىدىكى تولۇق ئىندۇكسىيەلىنىپ بولغان باشقا ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىش ئىقتىدارى يوق ھۆجەيرىلەرنىڭ يادروسىنى ئىلىپ يەنە بىر يادروسى ئىلىۋىتىلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ سىتوپلازمىسىغا كىرگۈزگەندە ھېلىقى تەن ھۆجەيرە يادروسىدىكى تىنىچ ھالەتتە ياتقان نۇرغۇن گېنلار قوزغىلىپ بۇ بىرىكمە ھۆجەيرىنىڭ تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىگە ئوخشاش ھالەتكە قايتىدىن ئۆزگىرىشىنى ۋە تولۇق پوتىنسىئالغا قايتىدىن ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەرياندىكى تەن ھۆجەيرە يادروسىنىڭ يادروسىزلاندۇرۇلغان تۇخۇم ھۆجەيرىگە كۆچۈرۈلىشىدىن ئىبارەت تېخنىكا يادرو كۆچۈرۈش دىيىلىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-3 05:57 AM  


كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 01:26:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى يازمىلىرىڭىزدا  دوكتۇرلۇقنى ئالغانلىقىڭىزنى تىلغا ئالمىغاچقا بىلمەي قىلىپ تەبرىكلىيەلمەپتىمەن، ئالدى بىلەن دوكتۇرلۇق شەرىپىگە   ئېرىشكەنلىكىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. بولۇپمۇ ئامىرىكىدەك دوكتۇرلۇقنىڭ ئۆتكەللىرى چىڭ ئەلدە بۇ ئۇنۋاننى ئالغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. دېمەك ئۇيغۇرۇمدا يەنە بىر دوكتۇر كۆپەيدى دېگەن گەپ.  ئۆزۈمنىڭ بىر بىلىم ئادىمى- دوكتۇر بىلەن پىكىرلىشىۋاتقىنىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن.
تەرجىمىھالىڭىز بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ بىرى مەن ئىدىم، تەرجىمىھالىڭىزنى كىيىنگە قالدۇرۇپسىز، پىكرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن. سۈرىتىڭىزنى بولسىمۇ كۆردۇق. ياش يىگىت ئىكەنسىز.
بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپىڭىزگە  ئۇتۇق تىلەيمەن. اللە  تېخىمۇ كۆپ ھىكمەتلەرنى دىلىڭىزغا سالغاي. ئەگەر توي قىلمىغان بولسىڭىز ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەڭ ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك، ئېسىل نەسەپلىك گۈزەللىرى سىزگە يار بولغاي.

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87054
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 01:31:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت قېرىندىشىم bilgejan،سىزنىڭ قوشۇمچە يوللىغان ماتىرياللاردىن خېلى كۆپ نەسرىلەرنى بىلىۋالدىم،مۇمكىن بولسا ،ئارتۇقچە دەپ ئويلىماي .ئالىمىمىزشۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىش ئىزلىرىغا قوشۇپ ،مۇشۇ خىل بايان ئۇسلۇبىنى ئىزچىل ساقلىسىڭىز .كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز ئاز بولمىغان بىلىملەرگە ئىگە بولسا .ئەجەپ ئەمەس.
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلىيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 07:09:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن باش قىسمىنى ئوقۇپ سىزنىڭ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئوقوغۇچىسى بولالمىغانلىقىڭىزغا كۆڭلۇم يېرىم بولغان ، بۈگۈن ئاخىرىنى ئوقۇپ پورتلان شەھىرىگە بىرىپ ئالىمنىڭ ئۆيىگە ۋە تەجىربىخانىسىغا ئامالسىز بارالمىغانلىقىڭىزغا كۆڭلۇم يىرىم بولدى .
ئاخىرىغا تەشنامىز ، تىزرەك يوللىسىڭىز .
يازمىڭىزدىن سىزنىڭ ناھايىتى كەمتەر ، ئەخلاق -پەزىلەتلىك بىر ئىنسانلىقىڭىزنى بىلۋىلىشقا بولىدۇ ، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن ۋە سىزدىن چەكسىز پەخىرلەندىم .

ئاخىرىدا چۈشەندۈرگەن ھۈجەيرە ، مالىكولا ۋە ۋىرۇسلارنى ئوتتورا مەكتەپتە ئۈگەنگەن بولساممۇ ، سىزنىڭ چۈشەندۈرگىنىڭىز تىخىمۇ تەپسىلى ۋە چۈشىنىشلىك بوپتۇ .

ئاخىرىدا تىنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، ئۇلۇغ ئاللا ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2088 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 05:04:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم (3) - دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يىڭى نەتىجىلىرى



دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن 2011-يىلى پورتلانددا كۆرۈشكەندىن كىيىن بىز گەرچە ئىلخەت ئارقىلىق ئالاقىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ تۇرغان بولساقمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەپسلىي پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولۇپ باقمىدى. لىكىن مەن ئۇ ئېلان قىلغان ھەر بىر ماقالىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردۇم ۋە ئۇنىڭغا ماقالىلىرى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنىمۇ ئۇنىڭغا يىزىپ تۇردۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەنمۇ ئۆز تەتقىقاتىمغا كىرىشپ كەتكەچكە، ئالىمنى بىرەر قىتىم بولسىمۇ يوقلاپ بىرىش، زىيارەت قىلىش پۇرسىتى بولماي قالدى. ھەر قېتىم ئۇنىڭغا خەت يازغىنىمدا ئۇنىڭ مېنى جاۋاپسىز قالدۇرماسلىقى مېنى خوش قىلاتتى. مەزكۇر يازمىنى يىزىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ۋەتەندىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تەپسلىيرەك چۈشەنگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ، مېنىڭ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىش پلانىمنى ئۇقتۇرغىنىمدا، ئۇ ماڭا كۆپ رەھمەتلەرنى ئيتىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئەڭ يىڭى نەتىجىسى بولغان «ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى» توغرىسىدىكى ماقالىسىدا ئىشلىتىلگەن ئەسلى سۈرەتلەرنى قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم ئىلىم-پەندە بۆسۈش ۋە يىڭىلىقلارنى ياراتقان بولۇپ، 2007-يىلى تۇنجى بولۇپ مايمۇننىڭ غول ھۆجەيرىسنى كلونلاپ چىقىپ ئۇ يارىتىش ئالدىدا تۇرغان ئىلىم-پەندىكى «تۇنجى»لارنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن، ئۇ 2009-يىلى تۇنجى بولۇپ مايمۇن تۇخۇم ھۆجەيرىسى ۋە تۆرەلمىسىدە خوندىرىئوسوملۇق گېنلارنى يۆتكەش تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئۇ 2012-يىلى ئۇ تۇنجى بولۇپ ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسنىڭ خوندىرىئوسوملۇق گېنلىرىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك يۆتكەپ، خوندرىئوسوملۇق گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان ئانىلىق ئېرسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى. شۇلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، يىللاردىن بۇيان دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئاۋۋال مايمۇندا سىناق قىلىپ مۇۋاپىققىيەت قازانغان تېخنىكىلىق ۋە نەزەرىيىۋى بايقاشلىرىنى ئىنسانلارغا تەدبىقلاش ئارقىلىق نۆۋەتتە داۋالاپ ساقايتىش قېيىن بولۇۋاتقان كېسەللەرنى ئۆزۈل-كېسل ساقايتىشنىڭ يوللىرىدا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناپ كىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، مەن باشقا بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئەمەس بەلكى دەل دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ھامان بىر كۈنى 2007-يىلى مايمۇندا مۇۋاپىققىيەت قازانغان مايمۇن غول ھۆجەيرىسىنى كلونلاش تېخنىكىسىنى ئىنسانلاردىمۇ ئىشلىتىپ مۇۋاپىققىيەت قازىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدىم.
دەرۋەقە، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى "Cell"  يەنى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەخسۇس بىئولوگىيە ژورنىلى بولغان "ھۆجەيرە" ژورنىلىدا ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنيانى مىسلسىز دەرىجىدە زىلزىلگە سالدى. بۇ زور بۆسۈش ئامرىكا، ئەنگىلىيە، جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىدا كۆپ قىتىملاپ خەۋەر قىلىندى، شۇنداقلا بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىق خەۋىرى ئامرىكىدا بۇ يىل 5-ئايدا مىدىتسىنا خەۋەرلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشكەن ۋە ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان تىما بولۇپ قالدى. غول ھۆجەيرە ساھەسىدە بىرەر ئالىمنىڭ بۇنچىۋالا داغدۇغا قوزغىغۇدەك نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىشى بىلىشمچە 1997-يىلى تۇنجى كلونلانغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان دولى ئىسىملىك قوي كلونلانغان ۋاقىتتا قوزغالغان زور داغدۇغىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن.  ئاۋۋال بۇ ئېسىل ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە مۇقەددىمىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي:

http://www.sciencedirect.com/sci ... i/S0092867413005710

تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى





قىسقىچە مەزمۇنى: تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى (SCNT, somatic cell nuclear transfer) ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنسىئاللىق (plutipotent) تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى(embryonic stem cells, ESCs) ھالىتگە قايتا پروگراممىلاش بولسا كېسەللىك كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىقىشتا بىمارغا خاس يادروسى يۆتكەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يىتىشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئىنسان يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يتىشتۈرۈش ئۈستىدىكى  ئىلگىرىكى ئۇرۇنۇشلار تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆلۈشى تۈپەيلى مەغلۇپ بولغان ئىدى.  نۆۋەتتە، بىز بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىككى نۇقتىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇدۇق، يەنى ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش باسقۇچىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىشى ۋە مۇۋاپىق ئاكتىپلاشتۇرۇلماسلىقىدىن ئىبارەت. بۇ يىتەرسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى مەقسەت قىلىپ لايھىلەنگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى بىزنى ئىنسان يادروسى كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يتىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىر تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى يەنە بىر يادروسى ئىلىۋىتىلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈلگەندە، پەقەت ئىككى تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈلگەن ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرە لىنىيىسى مۇۋاپىققيەتلىك ھالدا يىتىشتۈرۈپ چىقىلدى. يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى نورمال جۈپ خىروموسوملۇق ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلىدى ھەم بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ گىېنلىرى مۇتلەق ھالدا ئاتىلىق بولغان تەن ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن. بۇ خىل يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنىڭ گېن ئىپادىلىنش ۋە ئىندۇكسىيەلىنىش (differentiation) ئالاھىدىلىكى نورمال تۆرەلمىدىن ئىلىنغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى. بۇ نەتىجە تەن ھۆجەيرىلىرىنىڭ تولۇق پوتىنسىئاللىق ھالەتكە مۇۋەپپىقيەتلىك ھالدا قايتا پروگراممىلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.

مۇقەددىمە
بۆلۈنۈش ئىككىلەمچى ئوتتۇرا مەزگىلى (MII, metaphase II) دە توختاپ تۇرۋاتقان تۇخۇم ھۆجەيرىسىدە كۆچۈرۈلگەن تەن ھۆجەيرىسى يادروسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى قايتىدىن تۆرەلمە مەزگىلىدىكىگە ئۆزگەرتەلەيدىغان سىتوپلازمىلىق ئامىللار مەۋجۇت. قوش ماكانلىق ھايۋانلاردا تۇنجى قىتىم بايقالغاندىن تارتىپ (Gurdon, 1962)، تەن ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش (somatic cell nuclear transfer, SCNT) تىېخنىكىسىنىڭ بىر قاتار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا مۇۋاپپىققىيەتلىك بولۇشى يادروسىزلاندۇرۇلغان ۋە ياكى ئۇرچۇق يىپچىلىرى چىقىرىۋىتىلگەن تۇخۇم (سىتوپلاست) نىڭ قايتا پروگراممىلاش خۇسۇسىىيىتىنىڭ ھەممە جانلىقلاردا ئۇنۋىرسالىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى (Campbell et al., 1996; Solter, 2000; Wilmut et al., 1997, 2002). بىراق، SCNT تېخنىكىسىنىڭ ھايۋانلارنى كلونلاشتا غايەت زور قوللىنىشچانلىقى بولسىمۇ، لىكىن تۇخۇمدىكى ئامىللارنىڭ قايتا پروگراممىلاش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت مىخانىزىمى بىزگە يەنىلا ئومۇمەن نامەلۇم.

ئىنسانلاردا، SCNT ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنسىئاللىق (plutipotent) تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى(embryonic stem cells, ESCs) ھالىتگە قايتا پروگراممىلاش بولسا كېسەللىك كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىقىشتا بىمارغا خاس يادروسى يۆتكەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يىتىشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلگەن (Lanza et al., 1999; Yang et al.,
2007). گەرچە ئۆتكەن 10 يىلدىن بىرى سانسىزلىغان سىناقلار ۋە ئۇرۇنۇشلار بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئىنسان يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش تېخى غەلبىلىك بولمىغان ئىدى. بۇ يولنى توسۇپ مەغلۇبىيەتكە سەۋەب بولۇۋاتقىنى بولسا SCNT ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلگەن  ئنسان تۆرلمىلىرى بالدۇر ئۆلۈپ كىتىپ، بۇ تۆرەلمىلەردىن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش مۇمكىن بولمىغان. كۆپىنچە ھاللاردا، SCNT تۆرەلمىلىرى 8 ھۆجەيرە باسقۇچىدىن ئۆتەلمەيلا ئۆلۈپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ كۆچۈرۈلگەن يادرودىكى گېنلارنىڭ ۋاقتىدا ئاكتىپلاشماسلىقىدىن بولغانلىغى پەرەز قىلىنغان (Egli et al., 2011;Noggle et al., 2011). بىر نەچچە قىتىملىق ئەھۋاللاردا، SCNT تېخنىكىسى ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلگەن تۆرەلمىلەر گەرچە تۆرەلمە خالتىسى (بلاستۇلا)  باسقۇچىغىچە يىتىلگەن بولسىمۇ، لىكىن تۇراقلىق تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى (ESC) ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن ياكى  تەتقىقاتچىلار ئايرىپ ئىلىشقا ئۇرۇنمىغان (Fan et al., 2011; French et al.,2008). تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب تېخى ئىنىقلانمىغان بولسىمۇ، لىكىن ئىلگىرىكى ئۇرۇنۇشلاردىكى ئىنسان تۇخۇمىغا ئىشلتىلگەن SCNT تېخنىكىسى ئۇسۇللىرى (پروتوكول، protocol) پىرىمات تىپىدا بولمىغان ھايۋانلار ئۈچۈن لايھەلەنگەن. ئىلگىرى، بىز SCNT تېخنىكىسىنى پىرىماتلار تىپىدىكى ھايۋانلارغا خاس قىلىپ ياخشىلاش ئارقىلىق گانگې دەرياسى مايمۇنى (rhesus monkey) نىڭ يىتىلگەن تىرە ھۆجەيرىسىنى يادرو يۆتكەش تېخنىكىسى (SCNT) دىن پايدىلىنىپ مۇۋاپپىقيەتلىك ھالدا تۆرەلمە غول ھۆجەيرە ھالىتىگە قايتا پروگراممىلاپ چىققان ئىدۇق (Byrne et al., 2007;Sparman et al., 2009). شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز خۇددى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىنسان MII باسقۇچىدىكى تۇخۇم ھۆجەيرىسىمۇ چوقۇم قايتا پروگراممىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقتۇق.

يىقىنقى بىر نەچچە كۆزىتىش نەتىجىلىرى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك. ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسى يادروسىدىكى ئېرسىي ماددىلار (خىروموسوملار) نىڭ ئىلىپ تاشلىنىشى سىتوپلاست (ئۇرچۇق يىپچىلىرى ئىلىۋىتىلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسى) نىڭ داۋاملىق قايتا پروگرممىلاش ئىقتىدارىغا سەلىبىي تەسىر كۆرسەتكەن (Noggle et al., 2011). بىراق، بىر تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى ئۆز خىروموسوملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈلگەندە كۆپ ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە بولغان بۇ تۇخۇم تەرەققىي قىلىپ تۆرەلمە خالتا باسقۇچىغىچە تەرەققىي قىلالىغان ھەم ئۇنىڭدىن ESC يەنى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش مۇمكىن بولغان. بۇ كۆزىتىشلەرنىڭ ئېھتىمالغا يىقىن بىر چۈشەندۈرۈلىشى بولسا ئىنسان MII باسقۇچىدىكى تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىدىكى قايتا پروگراممىلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ئامىللار خىروموسوم ياكى ئۇرچۇق يىپچىلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرغان بولۇشى ھەم تۇخۇمنى يادروسىزلاندۇرۇش جەريانىدا بۇ ماددىلار ئىلىپ تاشلانغان ياكى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، SCNT تېخنىكىسى جەريانىدىكى تۇخۇمنى يادروسىزلاندۇرۇش، تەقدىم قىلىنغان يادرونىڭ كۆچۈرۈلىشى ياكى سىتوپلاستنىڭ ئاكتىپلىشىشى قاتارلىق جەريانلارنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچىسى تۇخۇم سىتوپلازما سۈپىتىگە سەلىبىي تەسىر ئىلىپ كىلىپ تولۇق پروگراممىلاش ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتقان بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكى جەريانغا باغلىنىشلىق بولغان ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ئويلاشقان ۋاقتىمىزدا، بىز يىقىندا كۆزەتكەن MII مەزگىلىدە تۇرۋاتقان  ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنىڭ سان كىمەيتىپ بۆلۈنۈشتە توختىشىنىڭ تۇراقلىق بولمايدىغانلىقى ۋە ئاسانلا مىخانىك مەشغۇلاتلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈردۇق (Tachibana et al., 2013). بۇرۇن بىز سىتوپلاستنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشىگە خاس ھەرىكەتلىرىنىڭ بۆلۈنۈش ئارا دەۋرىدە تۇرۋاتقان تەن ھۆجەيرە يادروسىنىڭ كۆچۈرۈلگەندىن كىينكى قايتا شەكىل رەتلىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق (Mitalipov et al., 2007). بۇ خىل شەكىل رەتلىنىش بىلەن SCNT تۆرەلمىسىنىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلغاندىن كىينكى تەرەققىياتى ئوڭ تاناسىپلىق باغلىنىشقا ئىگە. شۇڭا، بىز تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسىزلاندۇرۇلىشى ۋە تەقدىم قىلىنغان يادرونىڭ كىرگۈزۈلۈشى جەريانىدا ئىنسان سىتوپلاستىدىكى سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئامىللىرىنى ساقلاپ قىلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى سىستىمىلىق ھالدا باھالاپ چىقتۇق. شۇنداقلا، بىز ئادەتتىكى ئۆلچەملىك سىتوپلازمىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغان ئۇسۇللارنىڭ SCNT ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ يىتىلىشى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ يىتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. دەسلەپتە بىز گانگې دەريا مايمۇنىنى ئىشلىتىپ پىرىماتلارنىڭ مۇۋەپىققىيەتلىك ھالدا يادرو كۆچۈرۈلۈشى ئۈچۈن مۇھىم ئامىللارنى باھالاپ چىقتۇق. ئاندىن، بىز ساغلام پىدائىيلار تەقدىم قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنى ئىشلىتىپ SCNT تېخنىكىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم مۇكەممەللەشتۇردۇق ھەم مىتودتىكى ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئىنسان SCNT تۆرەلمىسىنىڭ تۆرەلمە خالتىسى باسقۇچىغا يىتىلىشىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز مۇشۇ تۆرەلمىلەردىن بىر قانچە يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرە (NT-ESC) لىنىيىلىرىنى ئايرىپ ئالدۇق ھەم بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ يادروسىدىكى DNA نىڭ مۇتلەق ھالدا يادرو تەقدىم قىلغۇچى ئاتىلىق تەن ھۆجەيرىسى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدۇق. بىز يەنە قايتا پروگراممىلاشنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك بولغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىنسان NT-ESC لىرى ئۈستىدە كۆپ مىقداردىكى كۆپ ھەسسىلىك تەنچە تەجىرىبىلىرىنى ئىلىپ باردۇق.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ ماقالىدا ھەل قىلغان مەسىلە ۋە ئەھمىيتى:
بۇ ماقالە ئۈچۈن نۇرغۇن ئوبزورلا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر نوپۇزلۇق بولغىنى كالىفورنىيە ئۆزلۈكىدىن كۆپيىىش مىدىتىسناسى تەتقىقات ئورنىدىكى ئىككى ئالىمنىڭ (Alan Trounson, Natalie D. DeWitt) «ھۆجەيرە غول ھۆجەيرە» ئىسمىدىكى داڭلىق غول ھۆجەيرە ئىلمىي ژورنىلىدا ئېلان قىلغان باھا ماقالە بولۇپ، بۇ ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
http://www.sciencedirect.com/sci ... i/S1934590913002154

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنى كلونلاپ چىقىشى يۇقىرىدىكى ئىككى ئالىم ئېيتقاندەك غايەت زور قوللىنىلىشچانلىققا ئىگە. ئالدى بىلەن ئىنسان غول ھۆجەيرىسى ئىلگىرى پەقەت ھايات تۆرەلمىلەردىن ئايرىپ ئىلناتتى، ئەمدى بىر يىتىلىۋاتقان ئىنسان تۆرەلمىسىنى ئۆلتۈرمىسىمۇ بىر تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنىسئاللىق غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. تولۇق پوتىنىسئاللىق غول ھۆجەيرىلەر ئىنسان تىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولغاچقا ئۇلاردىن پايدىلىنپ بىمارغا لازىم بولغان خالىغان ھۆجەيرىلەرنى يىتىشتۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بىمار ئۈچۈن تولۇق فۇنكىسيەلىك ئاشقازان ئاستى بىزى ھۆجەيرىلىرى لازىم بولىدۇ، ھەمدە بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىپ بىمارنىڭ تىنىدىكى بىر خالىغان ھۆجەيرىدىن (تىرە ھۆجەيرىسىنى مىسال قىلايلى) پايدىلىنپ ئۇنى غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرغىلى ۋە ئاخىرىدا ئاشقازان ئاستى بىزى ھۆجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا غول ھۆجەيرىلەرنى بەدەندىكى تولۇق بىر ئورگانغا ئايلاندۇرۇشمۇ مۇمكىن بولۇپ، ئەگەر بۇ تېىخنىكا كەلگۈسىدە پىشپ يىتىلسە يۈرەك ياكى بۆرەك دىگەندەك مۇرەككەپ ئەزالارنىمۇ غول ھۆجەيرىدىن ھاسىل قىلىپ بۇ ئورگانلارغا ئھتىياجلىق بىمار ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلارغا ساقلاپ تۇرمايمۇ ئورگان ئالماشتۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا نۇرغۇنلىغان ساقايماس كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بىر قىسىم كىشىلەر ماقالىدىن ماقالىدىكى ئۈچ يەردە ئوخشاش رەسىمنىڭ ئوخشىمىغان ئىسىمدا ئوخشىمىغان ھادىسىگە ۋەكىل قىلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقاپ ماقالىنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان پەيدا قىلغان. لىكىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ تەمكىنلىك بىلەن بۇ خاتالىقلارنىڭ پەقەت بۇ پۈتكۈل دۇنيانى ھاياجانغا سالىدىغان زور بايقاشنى دەرھال ئېلان قىلىشقا ئالدىراپ تەھرىرلەش جەھەتتە خاتالىقلارنىڭ سادىر بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يۈرەكلىك ھالدا باشقىلارنىڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا تەكرارلاپ بىقىشى ئۈچۈن تېخنكىسىنى ئايىماي باشقا تەجىرىبخانىلارغا ئەۋەتىپ بەرگەن. تۆۋەندىكى رەسىملەر ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە يىتىلىپ تۆرەلمە ھاسىل قىلىش جەرياننى ئوبرازلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ:
http://www.flickr.com/photos/ohsunews/sets/72157633449241885

       

      





يۇقىرىدىكى بۆلەكلەردە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن بولغان بىۋاستە ئالاقىلىرىم ئاساسىدا ئۆز كەچۈرمىشلىرىم ۋە تەسىراتلىرىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئالىمنىڭ نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر نەچچە مۇھىملىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقتىم. گەرچە ئالىمنى باھالاشقا ئۆزەمنى لاياقەتلىك دەپ ئويلىمىساممۇ، ئالىمنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى توغرىسىدا بىلگەنلىرىمدىن ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۈستىدە بىر قۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بىقىشنى لايىق كۆردۈم.

1. ئۆز كەسپىدە دۇنيانى ھاڭ-تاك قالدۇرغىدەك نەتىجىلەرنى ياراتقان ئالىم - دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ

ئىلىم-پەن ساھەسىدە كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى ئادەتتە ئۇلار ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ سۈپتى ۋە سانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ سۈپىتىنى باھالاشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بار بولۇپ، بۇلار ماقالىنىڭ قايسى دەرىجىدىكى ياخشى ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە قانچە كىشى تەرىپىدىن پايدىلىنىلىپ ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىدا نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانىدىن ئىبارەت. خەلىقئارادا ئىلمىي ژورناللارنىڭ سۈپىتى ئۇلارنى تەسىر كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدىغان بولۇپ، مەلۇم تەتقىقات يۆنىلىشىدە شۇ كەسپتىكى قايسى ژورنالنىڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى بولسا شۇ ژورنال ئەڭ ياخشى ژورنال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم جۇڭگودا چىقىدىغان ژورناللارنى تەسىر كۆرسەتكۈچى 1 دىن تۆۋەن. ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان تەبئىي پەن ئۇنىۋىرسال ژورنىلى «تەبىئەت» ژورنىلى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى تەسىر كۆرسەتكۈچىگە ئىگە بولۇپ 2012-يىللىق تەسىر كۆرسەتكۈچى 38.59، ئامرىكىدىن چىقىدىغان «ئىلىم-پەن» ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق تەسىر كۆرسەتكۈچى 31.02 بولغان. مەخسۇس بىئولوگىيەگە ئائىت ژورناللاردىن «ھۆجەيرە» ژورنىلى ئەڭ يۇقىرى تەسىر كۆرسەتكۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۆتكەن يىللىق تەسىر كۆرسەتكۈچى 31.95 بولغان. مەخسۇس غول ھۆجەيرە ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژورنال «ھۆجەيرە غول ھۆجەيرە» بولۇپ 2009-يىلىدىكى تەسىر كۆرسەتكۈچى 23.56 ئىدى. ئادەتتە ئامرىكىدا چىقىدىغان كۆپ قىسىم بىئولوگىيەگە ئائىت ژورناللانىڭ ئوتتۇرىچە تەسىر كۆرسەتكۈچى 3.0 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ تا ھازىرغا كەلگۈچە جەمئىي 54 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسىنىڭ تور بىتىدىن ئۇ ئېلان قىلغان ماقالىلەرنى كۆرەلەيسىز:
http://www.ohsu.edu/xd/research/ ... nter/mitalipov-lab/

http://www.ohsu.edu/xd/research/ ... ab-publications.cfm

http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed

بۇ ماقالىلەرنىڭ ئىچىدە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ «تەبىئەت» ژورنىلىدا 4 پارچە، «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا 2 پارچە، «ھۆجەيرە غول ھۆجەيرە» ژورنىلىدا 3 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئۆز ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېلان قىلغان ماقاللىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن نەقىل ئىلىنىش قېتىم سانىمۇ ناھايتى يۇقىرى بولۇپ ھازىرغىچە 2000 قېتىمدىن كۆپرەك باشقىلار تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنىپ بىئولوگىيە ساھەسىدە ماقالىسى ئەڭ كۆپ نەقىل ئىلىنىدىغان ئەڭ داڭلىق  1% بىئولوگىيە ئالىملىرى (تۆۋەن چىكى 1229) چىكىدىن ئاللىبۇرۇن ئېشىپ كەتكەن. ئەڭ مۇھىمى، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئېلان قىلغان ماقاللىلەر يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك تېخنىكىلىق ۋە نەزەرىيەدە شۇ ساھەنى يىڭىلاش خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىرى ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم ئامبىرىنى قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە داۋالاش قېيىن بولغان كېسەللەرنى داۋالاشتا قوللىنىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بەخىت ئىلىپ كىلىدۇ. دىمەك، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى بىئولوگىيە ساھەسىدە دۇنيادا ئەڭ مۇۋاپىققىيەت قازانغان ئالىملارنىڭ بىرى دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.

2. ئۇيغۇر شاگىرىتلارنى تەربىيەلىگەن تۆھپىكار ئالىم - دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ
دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبىخانىسىدا دوكتۇر ئاشتى بولۇپ تەربىيەلىنىۋاتقان دوستۇم دوكتۇر ئالىم پولات:




داۋامى بار...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-4 05:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2088 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 05:09:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقىرىدا ماڭا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن دوستلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ۋاقىتىم قىس بوپقىلىپ بىردىن-بىردىن ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىدىم، لىكىن ھەممىڭلاردىن سۆيۈندۈم.

مەن ئايالىم ۋە بىر يىرىم ياشقا كىرگەن قىزىم بىلەن بىللە خۇشال ياشاۋاتىمەن. مەن ئۈچۈن تىلىگەن تىكلىكىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن! سىلەرگىمۇ ئەڭ ئالىي تىلەكلىرىمنى بىلدۈرىمەن. رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2199 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 10:29:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال يوللىغان ۋاقتى  2013-8-1 11:39 PM
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىن ...

ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ سەمىمىي ئىنكاسنى يازغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.  مەن ئەكبەر مۇئەللىمنىڭ بەرگەن باھاسىغا لايىق ئەمەس بولۇپ، مەن ئۇنى پەقەت مېنىڭ ھازىرغىچە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمغا قارىتا ئوقۇلغان مەدھىيە، ۋە مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىشىم ئۈچۈن بېرىلگەن مەدەت، دەپ چۈشىنىمەن.  مەن تورداشلارنىڭمۇ ئاشۇنداق چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  

ئاخىرىدا سىزگە ۋە ئەكبەر مۇئەللىمگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-5 01:27 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 11:29:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ  2013-8-5 10:29 AM
ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯘ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار قېرىندىشىم! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ھەقىقى ئالىم دىگەن سىزدەك كەمتەرلىشىپ كىتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 11:39:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilgejan ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ  2013-8-4 05:09 PM
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻦ  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىلگىجان قېرىندىشىم! بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز! بولسا سىزدەك چەتئەلدىكى ئىلمى مۇلاقەتتە بولىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، ئۆزى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ئالىملىرىمىز ھەققىدە سىزدەك ئۇچۇر بەرسە بېشىمىز ئاسمانغا يىتىدۇ!  بولۇپمۇ مەن بۇ تىمىزنى ئالامەت ھوزۇرلۇنۇپ ئوقۇپ كەتتىمكى، ئۇنىڭ ھوزۇرىغا ھېچنىمە توغراكەلمەيدۇ! بۇتىمىنى نەچچە دوسلۇرۇمنىڭ ئوقىشىغا تەۋسىيە قىلدىم! چۈنكى بىز غېرىپ، بىزنىڭ ئاللاھدىن باشقا غەمگۇزارىمىز يوق!

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6758
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1861 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 12:24:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2013-8-2 08:28 PM
بۇ يازمىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھم ...

  ھەققەتەنمۇ كەمتەر ئىكەنسىز.....    ئاللاھتىن  ئىشلىرىڭىزغا ۋە ئالىمنىڭ ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن....  يۈكسەلگەيسىز....

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش