مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: aybarqn

ئايبەرچىن:ھاراقكەشنىڭ رامىزانلىق كۈندىلىك خاتىرىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15350
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1141 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 02:43:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 بۈگۈن رامىزاننىڭ25-كۈنى.ھەممە مەسچىتلەردە قۇرئان تامام بولۇپ چوڭ دۇئا بارلىقى بەس-بەستە دوسلار چەمبىرىكىدە ئېلان قىلىنماقتا.توۋۋا دەيمەن،بۇرۇن مۇشۇ ئۈندىدارنى قىز-ئوغۇللارنىڭ تېتىقسىز ئىش-پائالىيەتلىرىنى روياپقا چىقىرىپ بېرىدىغان ۋاستە دەپ ئويلايتتىم.بۇ قېتىمقى رامىزاندىن كىيىن كۆپ قىسىم دوسلىرىمىزنىڭ بۇنى خەير-ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى ۋە ئىسلامىي بىلىملەر ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇزىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.دوسلار چەمبىرىكىدىكى ئۇچۇرلارشا ئاساسەن شەپقەت ئىككىمىزمۇ مانا ئەمدى شىخابا مەسچىتنىڭ ئالدىغا جايلىشىۋالدۇق،مەسچىت ئىچى لىق توشقان بولۇپ كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان،ھەممە سىمونت يوللاردا جەينامازنى سېلىپ يۈكۈنگەن....شۈكرى سادالىرى يەر-زېمىننى تىترىتىپ زىكرى ئېيتىلىۋاتقان...شۇ تاپتا مەن ئاللاھقا يېقىنلا يەردە...دىللار ئارام تاپقان...ئاھ..تەڭرىم،مۇھەببەت دىگەن ئەسلى مۇشۇكەن،شۇ تاپتا قەلبىمدە ساڭا ئويغانغان چىن مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە جانلىرىم ئىچىمگە پاتماي دەرگاھىڭنى ئىزلىمەكتە.يىغا ئاۋازى ھەممە يەرنى لەرزىگە سالماقتا،تاشتىن ياسالغان يۈرەكنىمۇ سىماب كەبى ئېرىتىۋېتىدىغان مۇقەددەس دۇئالاربۇ يەرگە غەيرى مەقسەتتە كەلگەن ئالا كىيملىكلەرنىڭمۇ كۆزىنى ياشلىماقتا.
                دۇئا ئاخىرىدا ھەممىمىز ئۆزگۇناھ-كەبىرلىرىمىزنى تىلەشكە تۇتۇندۇق.پەقەت ھاراق ئىچكەن گۇناھىم ئۈچۈن توۋۋا قىلىۋېتىپ ئەتراپىمغا ئوغۇرلىقچە كۆز يۈگۈرتتىم،ھېچكىمنىڭ دۇئاسى ئاخىرلاشمىغان بولۇپ ئىچىمدە توۋۋا،بۇلارنىڭ گۇناھى شۇنچە كۆپمىكىنە دىگەنلەرنى ئويلاۋېتىپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىككى پۇتى پەقەتلا يوق كىشىگە قاراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.دۇئا ئاخىرلاشقانىدى.يېنىمدىن بىر-بىرىنى يىتىلەپ "يول بېرىڭلار"دىگىنىچە ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كۆزى كۆرمەس ئىككى كىشىنى كۆرۈپ ھوشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم.ئالدىمدىن مەسچىت ئىچىدە يېتىپ تۇرۇپ دۇئاغا قاتنىشىش ئارزۇسىدا كەلگەن سەكراتتىكى كىشىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا باسقىنىدا چىدىيالماي قالدىم-دە،مەسچىت دەرۋازىسىغا ئۈزەمنى ئاتتىم.
                        - توۋۋا،،،ساق پۇتۇمدا مەسچىتكە كىلەلمىگىنمگە مىڭ توۋۋا،روشەن كۆزۈمدە ئاللاھنىڭ كىتابىنى كۆرمىگىنىمگە مىڭ توۋۋا،ساق تىنىمدە ئاللاھقا ئىبادەت قىلمىغانلىرىمغا يۈزمىڭ توۋۋا...چىن كۆڭلۈمدىن توۋۋا...مەن توۋۋا قىلىۋالاي جامائەت،مەن بىر گۇناھكار ئىنسان....ياراتقۇچىنىڭ يولىدا تولىمۇ كىچىكىپ ماڭغان ئازغۇن ئىنسان،-دىگىنىمچە ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم،ھېچبىر ئىنسان مىنى زاڭلىق قىلمىدى،ھېچبىرى ئۈستۈمدىن كۈلمىدى،پۈتۈن جامائەت مەن ئۈچۈن يەنە بىرقېتىم دۇئاغا قول كۆتىردى.مەنمۇ قولۇمنى كۆتۈردۈم:
           -ھىچنىمە بەرمىسەڭمۇ مەيلى،يولۇڭدىن ياندۇرمىغىن ئەي رەببىم....................

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15350
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1141 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 03:27:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            بۈگۈن رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى.ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇدۇنيادا مىنىڭدىنمۇ بەك ئازاپلىنىۋاتقان بىرى يوقمىكىن دەيمەن،ئولۇغ رامىزاننىڭ ئەجرى كۆپ ئىبادەتلىرىگە جۆر بولۇپ 30 كۈن رامىزاننى ساق تۇتقان ھەر بىر ئەزىز قېرىندىشىمنىڭ رامىزانغا بولغان قىيماسلىق ھىسياتىنى بىلىپ تۇرساممۇ،ھازىرقى ھالىتىمدە مەن ھەممىدىن ئارتۇق دىيىشكە لايىقمەن.ئەي رامىزان،بەلكىم باشقىلارغا يىغلىغىنىمدا ھاراقكەش ئاتىلىپ كەتكەن مىنىڭدەك بىرىنىڭ ھەقىقىي ھىسياتىمنى باشقىلار چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن.شۇڭا،سەن چىقىپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان بىر نەچچە سائەت ئىچىدە يۈرەك سۆزلىرىمنى ساڭا ئېيتىۋالاي...نىدالىرىمغا قۇلاق سال:
            -سەن  بۇ يىل كىرگەن كۈندىن باشلاپ ئاللاھ قەۋمىمگە شۇنداق بىر نۇر بەردىكى ھەممە سىنى تونىدى،قىسقىسى،مىنىڭدەك بىر ھاراقكەشمۇ شەيتان قىززىقتۇرۋاتقان ئوت نەپسىمدىن كىچىپ سىنى تاللىدىم.ئاۋال مۇھىتىم ئۆزگەردى،ئاندىن،مۇھىت مىنى ئۆزگەرتتى.بۇ بىر ئاي ئىچىدە مۇشلىشىپ ياقا سىقىشقاننى،سەت-ئەپسانا تىللارنى،بۇرۇنقىدەك يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنى كۆپ چېلىقتۇرمۇدۇم.شۇنچىلىك خاسىيەت بىلەن كەلدىڭكى،بىز بىر ئەسىر يۈدۈپ كەلگەن ئەيىپلەرنى بىر ئايدا پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلىدىڭ..ئەي ئۇلۇغ رامىزان مۇشۇنداق كۈنلەردە بىزنى يەنە ئېغىر سىناقلارغا تاشلاپ كىتىش ئالدىدا تۇرۋاتىسەن....سەن كەتكەندىن كىيىن يەنە دۇئادا يىغلاپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىمىز ھايانى ئۇنتۇپ كوچىغا يالىڭاچلىنىپ چىقىۋالغان پاچاقلارغا تاشلىنىپ قالارمۇ،زەنجىر-كىشەنلەردە باغلانغان لەنىتى شەيتانلارۋوجۇدىمىزغا قايتىدىن سىڭىپ كىرىپ گۇناھ-مەسىيەتلەرگە قايتىدىن قىزىقتۇرۇپ تاماشىمىزنى كۆرەرمۇ،سىنىڭ شاراپىتىڭدىن توختاپ قالغان قەبرە ئازابى يەنە قايتىدىن باشلىنارمۇ،ئاللاھۇ ئەكبەر ساداسى بىلەن مىنۇت ئىچىدە تىزىلىپ بولىدىغان سەپلىرىمىز بۇزۇلۇپ كىتەرمۇ.......ئامىن دەپ سەن ئۈچۈن قول كۆتۈرۈپ بولىدىغىچە بىز ئۈچۈن دۇئاغا قىلىدىغان لەكمىڭ پەرىشتىلەر يوقاپ كىتەرمۇ...............ئەي ئولۇغ رامىزان....................
                     شۇڭا كەتمە رامىزان ۋە ياكى مىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەت....ئەگەر سەھەردە ئويغىنىپ كەتكىنىڭنى بىلگىنىمدە كەينىڭدىن يىغلاپ تۇرۇپ ۋاقىرايمەن:
           -سەن باشقىلار ئۈچۈن كەتتىڭ ،لېكىن ماڭا كەلدىڭ.30 يېشىمدا تولىمۇ كىچىكىپ كەلدىڭ،شۇڭا كىلەر يىلى سەن كەلگىچە ماڭا كۈندە رامىزان.................سەن ھەركۈن مىنىڭ يېنىمدا...........

                       تامام.
                             ئاينۇرمۇھەممەدتۇرسۇن چىن قەلىمىدىن.

                 -

سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1961
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9295
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5317 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 07:35:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك يىزىپسىز رەخمەت سىزگە

دۇشمىنىمگە ئۆزەم تىتىيمەن ، دوسلىرىمنىە قەستىدىن ساقلىغىن ئاللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32118
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4090
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 08:34:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخخو ھەدە يەي بەك ئاقسا چىقىپتۇ ، بەك يىغلىدىم ، اللە رازى بولسۇن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32118
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4090
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 08:37:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخخو ھەدە يەي بەك ئاقسا چىقىپتۇ ، بەك يىغلىدىم ، اللە رازى بولسۇن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96045
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 11:28:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قېرىندىشىم، روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!  بەكمۇ تەسىىرلىك يېزىپسىز! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،  

يۈرەك ۋىلىقلاپ كۈلدى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 781
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7371
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1370 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 11:33:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
سىزنىڭ  يازمىلىرىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن . بۇ يازمىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ.
ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن   ھەمشىرەم ، كېيىنكى يازمىلىرىڭىزغا تەشنامەن .

untitled.bmp

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-8 12:22 PM  


كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15350
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1141 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 11:53:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن،تېنىڭلار سالامەت،ئۆي ئىچىڭلار بەرىكەتلىك بولسۇن.ئەسىرىمنى ياقتۇرغىنڭىلاردىن خورسەن بولدۇم،پات ئارىدا يىڭى يازمىلىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2935
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 01:08:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسىىرىڭىزنى ئۇقۇپ بولغۇچە نەچچەقىتىم يىغلاپ چىقتىم...ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ھەدە

كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62122
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3150
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 03:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ئەسىرىڭىز بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ! ھازىرقى ھېسياتىمنى قانداق ئىپادىلەشنىمۇ بىلمەيۋاتىمە....اللا قۇلىڭىزغا دەرد بەمىسۇن !
  مۇنبەردىكى بارلىق دوسلار ئۇلۇغ روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش