Azizan يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:05 PM
مېنىڭچە كىشىنىڭ نامىدىن بۇنداق چىن بولمىغان نەرسىلەرن ...
مېنىڭچە ئەدەبىي ئەسەرنىڭ %95 ى توقۇلما.
ئۇ كىشىلەرگە مەلۇم بىر مەقسەت ۋە ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسەر مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ دېمىگەندىكىن، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ نامىدا چىن بولمىغان نەرسىنى توقۇشقا كىرمەيدۇ.
بۇ ئەسەردە قانداقتۇر خەنزۇچە ئوقۇغان گۇناھ دېگەن گەپ يوق. سىزمۇ مۇشۇ دىيارىمىزدا ياشاۋاتقان بولسىڭىز سىزمۇ ھېس قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. 10 نەچچە يىللىق قارغۇلارچە خەن تىلى قىزغىنلىقى ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خەن مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇش سەۋەبلىك مەدەنىيەت ئەبجەشلىكى، ئىدىيە بۆلۈنىشى، ئىتىقادنىڭ سۇسلىشىشى، خەن مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى كەمسىتىش خائىشلىرى باش كۆتۈردى. يەنە كېلىپ بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر ئانا تىلى خەن تىلى بولغان كىشىلەرگە قارىتىلمىغان. شۇڭا سىزنىڭ جەمئىيەتنى توغرا كۈزىتىشىڭىزنى ۋە ئاپتورنىڭ مەقسىدىنى يۈزەكى چۈشىنىۋالماي توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۆزۈمچە بىلەرمەنلىك قىلىپ سۆزلەپ قالدىم. كەچۈرۈڭلار...