aptap104 يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:48 PM
باھادىرنى ھاراق ئىچىدۇ دىسە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ . بۇگۈن ...
ئۇ چاغلارنى نىمە دىسەك مۇۋاپىق بولار؟ نادانكەنمىز دىسەك بولارمۇ؟
ئىشقىلىپ ھاراقنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاشلىۋالدىم، ھاراق تاشلىغىنىمغا دوستىلىرىم پەقەت يېرىم سائەتلا ‹تەربىيە› ئىشلەپ بولدى قىلدى، لىكىن ئارقىدىنلا بەس - بەستە ھاراق تاشلاشتى، ھازىر دوسىتلىرىم بىلەن بىللە مۇڭدىشىش توغرا كەلسە چايخانىغىلا كىرىپ چاي ئىچىمىز، لىكىن ھاراق تاشلاش جەريانىدىكى، خىزمەتداشلىرىم ئالدىدىكى كۈنلىرىم دەسلەپتە ناھايىتى تەستە ئۆتكەن، خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئولتۇرغان سورۇندا ‹خوتۇن كىشى› ، ‹ھامىلدار ئايال› ، ‹ئىززىتىنى بىلمەيدىغان كىشى› ... ئاتىلىپ ھاقارەتلەنگن ئىدىم، چىشىمنى چىشلەپ ئولتۇرغان ئىدىم، لىكىن ھازىر سورۇن بولسا ‹باھادىرغا قۇيماڭلار، ئۇ ئىچمەيدۇ› لا دەيدۇ، باشقا ئارتۇق پاراڭ قىلمايدۇ، دەسلىۋىدە ‹ھازىر ئىچمىسەم، باشلىق يامان كۆرۈپ قالارمۇ؟› دەپ ئويلاپ بەكلا ئەنسىرىگەن ئىدىم، لىكىن ئۇنداق بولمىدى، سورۇننىڭ ئەتىسى باشلىقمۇ نورمال مۇئامىلە قىلدى. ھازىر خىزمەتنى بۇرۇنقىدىنمۇ ئەستايىدىل قىلىۋاتىمەن، باشلىقلىرىممۇ ماڭا ھاراق ئىچىدىغانلاردىن بەكراك ئامراق.
خىزمەتچى بولسىمۇ تاشلىغىلى بولىدىكەن ئەسلى...