مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rinatcn

سەلتەنەتلىك 100يىلدىكى ھەققى شەخسىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94193
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1861
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 401 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 07:52:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن ، بىزنى ھەقىقى تارىخ بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت .

ئى ئاللا ،دۇشمىنىمنىڭ قەسلىرىدىن ئادەملەرنىڭ پەسلىرىدىن يىراق قىلغايسەن.

ئۈچ مىىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6402
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 10:48:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

http://www.5hil.com/

http://ajdad.cn/?a=show&id=2646

ھەممە قىسمى مۇشۇ تور بەتتە بار
http://www.5hil.com/ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-16 11:05 PM  


ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96914
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-8-11
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 01:17:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11235
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5210 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 07:16:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
esyankarr يوللىغان ۋاقتى  2013-8-13 01:21 AM
مەنلا بىلىمەن دىگەنما بىلەمسىلە دەپكەتكىننى

ئەستاغفۇرۇللا ما گەپنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 12:04:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كېنونى كۆرمىدىم ھەم كۆرمەيمەن.

ئاللاھقا شۈكرى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 12:04:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كېنونى كۆرمىدىم ھەم كۆرمەيمەن.

ئاللاھقا شۈكرى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 06:41:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر تۈركىيەنىڭ كنولىرى سەل چاكىنا،بەس-بەس بىلەن مودا تالىشىپ كۆرۋاتىدۇ بىر قىسىم كىشىلەر....
توۋا دەيمەن،شۇنچە بىكارمىدۇ ئۇلار،تارىخنى بۇرمىلىغان يالغان كىنولارنى كۆرۈشكە.
ئكزىمىزنىڭ  ئانا يۇرت ،ئىز رومانلىرىنى ئوقۇسىچۇ كاشكى.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79677
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 06:47:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       
مھنمۇ   قىزىقمىدىم   بۇ   كىنوغا


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8188
تۆھپە نۇمۇرى: 749
توردا: 8237 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 11:15:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇلفەتتاھ سىيسى ھەققىدە «جىنايەت» داۋاسى ئېچىلماقچىيوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2013-08-17 15:32:41
خەلەف بەييۇمى يەنە ئۈممەتنىڭ پۈتۈن غۇرۇرلۇق ئەدلىيە - مېدىيا ۋاستىلىرىنى ۋە خادىملىرىنى ئۆزلىرىگە ياردەمچى بولۇشقا ۋە يۇقارقى جىنايەتچىلەرنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتقا تارتىلىشىغا ياردەمدە بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.



‏دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 17-ئاۋغۇست خەۋىرى: مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيەدە بىر گۇرۇپ ئادۋوكاتلار ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغۇچى گېنىرال ئابدۇلفەتتاھ سىيسى قاتارلىق ئارمىيە تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەققىدە «جىنايەت» داۋاسىنى ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شاھاب ئەدلىيە تارمىقىغا تەۋە بىر گۇرۇپ ئادۋوكاتلار مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ، خەلق سايلىغان  پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىينى ئاغدۇرىۋەتكەنلىكى ۋە ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تېنچ نامايىش قىلغان مۇرسىينى قوللىغۇچىلارنى قىرغىن قىلغانلىقى سەۋەبلىك باشتا ئارمىيە قۇماندانى گېنىرال ئابدۇلفەتتاھ سىيسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېنىرال مۇھەممەد ئىبراھىم بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باشلىقى ئەدلى مەنسۇر قاتارلىقلار ھەققىدە ئىنسانىيلىققا  قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك خەلقئارا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن داۋا ئېچىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى

شاھاب ئەدلىيە بىيروسىغا قاراشلىق ئادۇكاتلار تەييارلىغان داۋا ئىلتىماسىدا « ئارىسىدا ئايال ۋە كىچىك بالىلار بار بولغان 2600 بىگۇناھ ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە، مىڭلارچە مىسىرلىقنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى» سەۋەبلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باشلىقى ئەدلى مەنسۇر بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېنىرال مۇھەممەد ئىبراھىم ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇلفەتتاھ سىيسى ھەققىدە خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە داۋا ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تېنچ نامايىش قىلغۇچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن نامۇۋاپىق كۈچ ئىشلەتكەنلىكى ئىپادە قىلىنغان ئىلتىماستا مۇقەددەس ئىبادەت ئورۇنلىرى بىلەن (مەسىلەن رابىئەتۇل ئەدەۋىييە جامەسى ۋەيران بولدى) مەيدان دوختۇرخانىلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ باشتا دوختۇرلار بولۇپ بارلىق سەھىيە خادىملىرىنىڭ قوغلىنىشى بىلەن ئىنسانىيلىققا قارشى ئەڭ  نەپرەتلىنەرلىك جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى تەكىتلەندى

ئىلتىماسنىڭ ئاستىدا ئىمزا قويغان شاھاب ئەدلىيە تارمىقى مۇدىرى خەلەف بەييۇمى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك قىلىپ شۇلارنى ئېيتتى:

<مىسىر تارىخىدا بۇنداق جىنايەتلەرگە شاھىد بولمىغان ئىدى، مىسىر ئارمىيسى ھېچقاچان مىسىر خەلقىگە بۇنداق جىنايەتلەر ئۆتكۈزمىگەن ئىدى، بۇ جىنايەتلەر دۆلەت ۋە خەلقئارالىق بارلىق قانۇنلارغا ، ئاساسى قانۇنلارغا ۋە ئەدلىيەگە قارشىدۇر، بۇ تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ ھېچبىر ئۆرپ ۋە ئەنئەنىدە ئورنى يوقتۇر. بۇ جىنايەت ۋە گۇناھلارنىڭ ئۆتكۈزىلىشىگە سەۋەب بولغان ، بۇ جىنايەتلەرگە تەشۋىق قىلىپ ياردەم بەرگەن كىشىلەر بولسا ئابدۇلفەتتاھ سىيسى بىلەن ئەدلى مەنسۇر ۋە مۇھەممەد ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئەينىدۇر. بۇ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى بۇ قۇراللار بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ جىنايەت بۇيرىقى بەرگەن ، خەلقئارالىق قانۇنغا قارشى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ نامايىشنى باستۇرۇش بۇيۇقى بەرگەن، تانكا-برونۋېك، تىك ئۇچار ۋە بومبا بىلەن تەمىنلىگەن، ئېگىز ئورۇنلارغا مەرگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئۈچۈن ئەسكىرى ئەسلىھەلەرنى ئىشقا سالغان مۇشۇكىشىلەردۇر».

خەلەف بەييۇمى يەنە ئۈممەتنىڭ پۈتۈن غۇرۇرلۇق ئەدلىيە - مېدىيا ۋاستىلىرىنى ۋە خادىملىرىنى ئۆزلىرىگە ياردەمچى بولۇشقا ۋە يۇقارقى جىنايەتچىلەرنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتقا تارتىلىشىغا ياردەمدە بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8188
تۆھپە نۇمۇرى: 749
توردا: 8237 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 11:35:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخىنى بىلمىگەنلەرنىڭ خەرىتىسىنى باشقىلار سىزىدۇ



قابىل يەنە ئۆلتۈردىيوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2013-08-17 13:11:29
يەنە ئۇلار خەلقىنى قۇل قىلغان ۋە خورلىغان پىرئەۋىننىڭ ئەمەس، مۇسانىڭ يولىنى تاللىدى، «ھەر پىرئەۋىنگە بىر مۇسا» دېدى، مۇسا چوقۇم كېلىدۇ. ! پىرئەۋىننى غەرق قىلغان نىل دەرياسى يەنە ھازىرقى يېڭى دەۋىر پىرئەۋىنلىرىنىمۇ غەرق قىلالايدۇ






قابىل يەنە ئۆلتۈردى

‏ئاپتۇرى زامان گېزىتى يازغۇچىسى :ئەلى بۇلاق
‏(تەرجىمىدە:جان پولات)

‏زامان گېزىتى يازغۇچىسى ئەلى بۇلاق بۈگۈن مىسىرغا سالام يوللاش، سالامغا تۇرۇش كۈنىدۇر. بۇ سالامنى ئىستانبۇلنىڭ قەلبىدىن ئەرزۇرۇمغا، دىياربەكىردىن ترابزونغا، سامسۇندىن مانىساغا ۋە ئەدىرنەدىن كەلگەن سالاملارنىڭ ئۈستىدە قۇيۇپ يوللىشىمىز كېرەك،دېدى. رابىئەتۇل ئەدەۋىييەدىن نەھزەگە، ئىسكەندەرىيەدىن ئاسسۇئانغا ناھەق قانلىرى يەرگە تۆكۈلگەن مىلىيۇنلارچە مەزلۇملارغا سالام يوللاش كېرەك،  ئۇلارغا تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيادا مىلىيۇنلارچە مۆئمىن ئەر ۋە مۆئمىن ئاياللارنىڭ قەلبىنىڭ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىش كېرەك، ۋە كۆزلەر ئالدىدا پەرزەنتلىرى ۋە ئاياللىرى ئۆلتۈرگەنلەرگە نىھايەتتە زەپەر ۋە نۇسرەتنىڭ كېلىدىغانلىقى بىشارىتىنى بېرىشىمىز كېرەك، بۇ بولسا ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقۇچىنىڭ ۋەدىسىدۇر

‏تۇمۇز ئېيىنىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ 45 كۈن مەيداندا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقانلار، كېچە ۋە كۈندۈز سەبىر بىلەن قوراللاندى. ئىماننى ۋە تەقۋالىقنى، ھەقنى ۋە ھەققانىيەتنى گۈزەل بىر كىيىم قىلىپ پانى بەدەنلىرىنىڭ ئۈستىگە كەيدى. زۇلۇمغا ئۇچرىدى، بوشاشمىدى چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەققى بولغان بىر نەرسە قوللىرىدىن ئېلىنغان ئىدى. ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ھەق ۋە ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەر بولۇپ مەيدانلارغا تۆكۈلدى. چۆلنىڭ ھارارەتلىك ئىسسىقلىرىدا روزىلىرىنى تۇتتى، ۋە شۇ ئورۇنلىرىدا ئىپتار قىلدى. ئۇلار ھېچ تەرەددۇد قىلمىدى، چۈنكى قانۇنلۇق ھۇقۇقنىڭ ۋە ئېسىل ئەخلاقى ئۈستۈنلۈكنىڭ ئۆزلىرىدە بارلىقىنى ئۇنۇتمىدى. ھەق ئىزدىشىنى، قارشىلىقىنى سەبىر -تەمكىنلىك بىلەن ۋە تېنچ نارازىلىق نامايىشى بىلەن داۋاملاشتۇردى. شىددەتتىن ۋە تېروردىن، قورالدىن ئۇزاق تۇرۇپ ئاۋازلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. ئۇلار بىلىدۇكى، ئاخىرىدا دۈشمەنلىرى ئاجىزلىشىدۇ، ئاۋازلىرى دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىغا يىتىپ بارىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسى ئورنىدىن تۇرىدۇ، بۇنى شەرق ئاڭلايدۇ، «ھەربىي ئۆزگىرىشنى ھەربىي ئۆزگىرىش» دېمىگەن غەربنىڭ ۋىجدان ئىگىلىرى ئاڭلايدۇ، ئافرىقا ئاڭلايدۇ، ئاسىيا پەريادلىرىغا ئورتاق بولىدۇ.

نىمە دېگەن گۈزەل سۆزدۇركى بۇ، «بىزنى ئۆلتۈرسىڭىزمۇ بىز سىزنى ئۆلتۈرمەيمىز!» بۇ ئادەمنىڭ ئوغلى ھابىلنىڭ قابىلغا ئېيتقان سۆزىدۇر. تارىخقا قابىل قاتىل بولۇپ يېزىلدى ۋە قىيامەتكە قەدەر قىلىنغان ھەر بىر جىنايەتكە شېرىك بولدى. ھابىل بولسا ۋىجداننىڭ، ھەقنىڭ، ھەققانىيەتنىڭ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ،ئادالەتنىڭ سىمۋولى بولدى، مىسىرنىڭ شەرەپلىك ئەۋلادلىرى قابىلنىڭ ئەمەس، ھابىلنىڭ ئەۋلاتلىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇشنى ئىزدىگۈچىلەر بولدى. ئۇلار «ئىخۋان»دۇر.

ئۇلار ئەسلىدە داۋاسى ئاسماننىڭ ئىشارەتلىرى بىلەن رەت قىلىنغان قابىلنىڭ يولىدا بولالمايتتى، ئەمما قابىل يولىدا ياكى ھابىل يولىدا بولۇش ئىختىيارلىقى بار ئىدى. يەنە ئۇلار خەلقىنى قۇل قىلغان ۋە خورلىغان پىرئەۋىننىڭ ئەمەس، مۇسانىڭ يولىنى تاللىدى، «ھەر پىرئەۋىنگە بىر مۇسا» دېدى، مۇسا چوقۇم كېلىدۇ. ! پىرئەۋىننى غەرق قىلغان نىل دەرياسى يەنە ھازىرقى يېڭى دەۋىر پىرئەۋىنلىرىنىمۇ غەرق قىلالايدۇ

بۇ قانلىق خەلق كۈرىشىنى ھەربىي كۈچ بىلەن باستۇرماقچى بولغانلار بار، ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن پەخەس بولۇش كېرەك،بىز بۇ گۈزەل دۆلەتتە/تۈركىيەدە 4 قېتىم ھەربىي ئۆزگىرىشكە دۇچار بولدۇق، قۇرال كۆتۈرمەستىن، مەزھەب ئىماملىرىنىڭ تەمكىن يولىنى تۇتۇپ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغۇچىلارنى چېكىندۈردۇق ۋە ھازىرمۇ زەربە بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىز ھازىر رايۇن خاراكتىرلىك ۋە دۇنيا خاراكتىرلىك بىر ھۇجۇمنىڭ قارشىسىدا تۇرىۋاتىمىز. مىسىردا، تۇنىستا، ئىراقتا،سۇرىيەدە، ئافغانىستاندا، يەمەندە، بەھرەيىندە، پاكىستاندا، تۈركىيەدە ۋە ھەممە يەردە.......

زۇلۇم ھەددىدىن ئاشتى! ئەمما  ھەزىرتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تائىفتىن قايتقىنىدا ئېتىلغان تاشلارنىڭ زەربىسىدە قانداق قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، بەدەنلىرى يارا-جاراھەت ئىچىدە تاشلانغانلىقىنى ۋە ئەگەر رەسۇلۇللاھ خالىسا ئىدى ئاللاھ ئۇ گۇناھكار شەھەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشقا قادىر ئىدىكى، ئەمما «ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن ئەلچى»نىڭ «رەببىم! مېنىڭ قەۋمىم جاھىلدۇر، بىلمەيدۇ!» دېگىنىنى ئەسلەيلى

زالىملار ۋە تاغۇتلار، ئوغرىلار ۋە قاتىللار جاھىلدۇر. شەھىد سەييىد قۇتۇب « جاھىلىيەت ئەسرىدە ياشاۋاتىمىز» دېمىگەنمىدى؟ مىسىرنى بىر ئىچكى ئۇرۇشقا پاتقۇزۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ تۇزاققا ھېچكىم چۈشمىسۇن. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا قان ئېقىۋاتىدۇ، مەزھەب ئۇرۇشلىرى، ئىرقى تۇقۇنۇشلار مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىگە قىرغۇزۋاتىدۇ. ئىلاھىمىز بىر، كىتابىمىز بىر، پەيغەمبىرىمىز بىر، ۋە قىبلىمىز بىر، ئەڭ مۇھىمى قەلبىمىز بىردۇر. بىز بىر ئۈممەتمىز، دۇنياۋى بىر ئائىلىمىز، قېرىنداشنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرىشى ھارامدۇر. ھازىر بىر-بىرىمىز بىلەن تۇقۇنىشىدىغان ئەمەس، بەلكى بىرلىشىدىغان ۋاقىتتۇر، چۈنكى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرىمىز بار، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئاجىز ئەھۋالدا بىرلىشەلمەسلىكى دۈشمەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتىدۇر. زالىملارنىڭ «ئىسلام»  دەپ نامدا كىملىكى بولىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاللاھنى تونۇشى يوقتۇر. بىز ۋىجدانلارغا ۋە ئەقىللەرگە ئويغىنىشى ئۈچۈن خىتاب قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

قاھىرە مەيدانلىرىدا ھەق ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقانلار! بىلىڭلاركى قاھىرە قەھرى قىلىدۇ! زالىملارنى، ھەددىدىن ئاشقانلارنى مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىدۇ. بۈگۈن بۇنداق، ئەتە مۇنداق بولىدۇ. قانۇنىيەت شۇدۇركى « كۈنلەر ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ!» زەپەر سەبىر قىلغۇچىلارغا مەنسۇپتۇر. « ئاللاھ سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر».


ئاپتۇرى زامان گېزىتى يازغۇچىسى :ئەلى بۇلاق
‏(تەرجىمىدە:جان پولات)



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش