emetbeg يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 12:54 PM
جاۋاپ :مەن كورلىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى چاقلىق ناھيسىدىن . 2002- ...
بۇنداق گەپنى سىز دىسىڭىز ئالىمغا بەكلا ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ، ‹‹مەس موللا›› دىگەن مۇشۇ گەپنى دىيىشتىن نومۇس قىلىڭ، قېرىندىشىم، بەلكىم مۇنبەرنى قىزىتىش ئۈچۈن شۇنداقلا دەپ قويغانسىز.
80-يىللارنىڭ باشلىرى ئالىمنىڭ قەۋرىسى يېڭى بايقالغاندا باشقا قەۋمدىكىلەر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ قەبرىسى قانداق بولىدىكىن دەپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، ھاراق-پىۋا ئىچىپ قايتاتتى، ئۇ چاغدا باشقۇرۇش مۇكەممەل ئەمەس ئدى، ھازىر ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. ھازىر قەبرىگاھنىڭ ھويلىسىدا مەسچىت بار، قەبرىگاھتا تىلاۋەتخانا بار، سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن تەقۋادار مۇسۇلمانلار بۇ مەسچىتتە ناماز ئۇقۇيدۇ، ياكى تىلاۋەتخانىدا ئالىمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ.
سىز قەشقەر شەھرىدە ئاران ئۈچ ئادەمدىن يول سوراپسىز، قەشقەرنىڭ 12 ناھىيىسى بار، شۇڭا كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغانلار كۆپ، ۋىلايەتتە تۆت مىليوندىن ئارتۇق، شەھەردە 500 مىڭدىن ئارتۇق ساپ ئۇيغۇر بار، بىر-ئىككى ئادەمنىڭ يول بىلمەسلىكى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىمنىڭ قەبرىسى قەشقەر شەھرىنىڭ غەربى-جەنۇبىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتا. شۇنچە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئادەمنىڭ بىلمەسلىكىدىن ھەيران قېلىپ يۇرسىڭىز، كاللىڭىز چاتاق ئوخشايدۇ. سىز كورلىغا ئەڭ يىراق چاقىلىقتىنكەنسىز، ئەگەر مەن كورلىدا سىزنى ئۇچرۇتۇپ قېلىپ، تاھىر-زۆھرەنىڭ قەۋرىسىنى سورىسام، سىز بارىدىغان يولنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
مېنىڭ بىلىشىمچە، سىز دىگەندەك ئۇنداق ئاتايدىغان، بوتۇلكىلار چېچىلىپ، ئەخلەتلەر ئۇچۇپ تۇرىدىغان، ئىشەك باغلايدىغان ئىشلار ھازىر مەۋجۈت ئەمەس، 2011-يىلى بېيجىڭ ۋە قەشقەردە ئالىمغا ۋە <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>غا ئاتاپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى، ھەمدە ب د ت پەن-مائارىپ مەھكىمىسى شۇ يىلنى <<مەھمۇد كاشىغەرىي>> يىلى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، بۇنداق ئىشلار پۈتۈنلەي يوقالدى.
قارىغاندا، سىز تېخى بۇ جاينى ‹‹بايىنغولىن›› دەپ ئاتىۋالغان ئىۋۇ قالماق ئوبلاستىڭىزغا ئوخشۇتۇپ قالغان ئوخشايسىز، مېنىڭچە سىز موڭغۇللارنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كەتكەندەك تۇرىسىز. بىلىپ قېلىڭ، قەشقەر ماۋۇ، سىزنىڭمۇ، مېنىڭمۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق قەشقىرى. ئالىم موڭغۇلنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرنىڭ ئالىمى. ئاشۇ گەپنى سىز دەپ، ئىنكاسنى ئۇيغۇرچە يازمىغان بولسىڭىز، سىزنى قالماقمىكىن دەپ قالاركەنمەن، ئۇيغۇرچە خەت يازالىغاچقىلا سىزنى قېرىندىشىم دەپ قويدۇم. ھېلىمۇ ئەل-ئۆمرىڭىزدە بىر قېتىم قۇملۇقتىن چىقىپ قاپسىز، سىزدەكلەر قەدرىنى بىلمىگەن بىلەن بۇ جاي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە دۇنيادىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ نەزەرىدە بۈيۈك، مۇقەددەس جاي ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئاتلىقلار بارىدۇ تازا، چىداڭ! چىدىيالمىسىڭىز قالماقنىڭ ئېتىنىڭ قۇيرىقىغا ئۆزىڭىزنى ئېسىڭ!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-29 10:18 PM