UYGRAF يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 08:40 PM
بۇنداق گەپنى سىز دىسىڭىز ئالىمغا بەكلا ھۆرمەتسىزلىك ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، گىراف
سىزگە نىمە بولدى ؟ نىمە ئانچە ھاياجانلىنىسىز ؟ مەن نىمە دەپ ئالىمغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپتىمەن ؟ ‹مەس موللام › دىگەن گەپنى مىنى ئوپال بازىرىدىن مەھمۇد كاشىغەرى مازىرىغا ئاپىرىپ قويغان ھارۋىكەشنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغانمەن ، ئۇنىڭ دىيىشىچە يەرلىكلەر شۇنداق ئاتايمىشكەندۇق . مەن بۇ يەردە مەس موللام دىدىم ، ‹مەست موللام ›دىمىدىم ، كاللىڭىز قىزىپ كەتمىگەن بولسا بۇ ئىككى سۆزنى پەرىقلەندۈرۈڭ . سىزدىن سوراپ باقسام سىز قەشقەرنىڭ ئوپالدىنمۇ ؟ نىمىگە ئاساسەن بۇ سۆز ھەققىدە تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا مىنى قالايمىقان ھاقارەتلەيسىز ؟ بۇ سۆز ھەققىدە ئەڭ ياخشىسى قەشقەر ۋىلايىتى توققۇزاق ناھيىسى ئوپال يېزىسىنىڭ شۇ كەنتتە ياشاپ باققان بىرىسى سۆزلىسۇن ، باشقىلار كەلسە كەلمەس بىر نىمە دىمەڭلار .
ئەمدى ئالىمغا بولغان ھۆرمەت مەسلىسىگە كىم بەك ھۆرمەت قىلىدۇ بۇنى ئۆلچەپ چىققىلى بولمايدۇ . ئەمما ئۆز ۋىجدانىمغا يۈز كەلگەن ھالدا شۇنى جاكارلايمەنكى تولۇقسىز ئوتتۇرا دەرسى ئارقىلىق ئالىم ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ يۈرۈكۈمگە ئوت تۇتاشقان بولسا 17يېشىمدا پەرھات جىلان ئەپەندىنىڭ ‹مەھمۇت قەشقىرى › روماننى ئوقۇپ چىقىتىم . 18يېشىمدا ئۈچ توملۇق ‹تۈركى تىللار دىۋاننى باشتىن ئاخىر كۆرۈپ خاتىرە قالدۇردۇم . 21يېشىمدا مىڭ كىلومىتىر يول يۈرۈپ قەبرىنى زىيارەت قىلىغىلى باردىم . قەشقەردە بارغىنىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى ۋە ئوپالغا باردىم . ئەمما قەشقەردە ھازىرمۇ مۇرىتىلىرى بولغان ، بىر قىسىم كىشلەر ئۇلۇغلايدىغان مۇناپىقنىڭ قەبرىسىگە بارمىدىم . مانا بۇنى ھۆرمەت دەيمىز . بۇلار بەلكىم يىتەرلىك ئەمەستۇر .
مىنىڭ ئۈچ كىشىدىن يول سوراپ ئېزىپ قېلىشىم ئەينى ۋاقىتتا ماڭا توىمۇ ھار كەلگەن ئىدى . ئۇ چاغلاردا نەدە ھازىرقىدەك ئۇچۇر تەرەققى قىلسۇن ؟ قەشقەر شەھىردىكى بىرنىچى كۈنلۈك پىلانىم ئوپالغا بېرىش ئىدى . مەن يول سورىغان بىرىنچى كىشى ماڭ ھېلىقى مەلئۇننىڭ قەبرىسىنى دەپ بەردى ، مەن ئۇ يەرگە بارمايدىغانلىقىمنى دېسەم ئۇ كىشى ماڭا ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانىقىنى ئېيىتتى ، ئىككىنچى كىشى مىنى يېڭى شەھەر ناھيىسگە بۇيرۇپ قۇيۇپتۇ . يېڭشەھەر ناھيىسى بىكىتىگە چۈشۈپ قارىسام نە ئوپالغا بارىدىغان ماشنا بولسۇن ئۇلاردىن سورىسام ئوپالنىڭ يېڭى شەھەر ناھيىسىدە ئەمەس كونا شەھەر ناھيىسىدە يەنى توققۇزاقتا ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى . شۇنىڭ بىلەن كەينىمگە قايتتىم . قەشقەرگە قايتىپ مىڭ تەستە توققۇزاق بىكەتنى تېپىپ يولغا چىقىتىم ، كىم بىلسۇن ئۇ چاغدا قەشقەردىن توققۇزاققا يول ياسلىۋېتىپىكەن . 30نەچچە كىلومىتېر يولنى 3سائەتتە بېسىپ چۈشىتىن كىيىن بولغاندا ناھيە بازىرىغا ئاران باردۇق . ئاندىن تاماق يەپ ئوپالغا قاراپ يولغا چىقتىم . ئوپالدىن خادىك ھارۋىغا كىرا قىلىپ بۇ بۈيۈك تىلشۇناس ئالىمىمىزنىڭ قەبرىگاھغا يىتىپ كەلدىم . مانا بۇ 11يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ھەققى ۋەقە .
قەشقەردە مۇنچە ناھيە ، مانچە مىليۇن ئۇيغۇر بايەي دەپ كىتىپسىز ، مەن ئەجىبا يولنى
مانچە مىليۇن ئادەمنىڭ ھەممىسىدىن سوراپ چىقىشىم شەرتمۇ ؟ مەن كۆرگىنمنى ، ئاڭلغىنىمنى يازدىم .
سىز ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىڭىزىچە قايناپ كىتىپىسىز ، جاۋاپ بىرىڭچۇ سىز كورلا ھەم كورلىقىلارنى قانچىلىك چۈشىنىسىز ؟ بايىنغۇلىن مۇڭغۇل دەپ ئاتالغان ئوبلاستىنىڭ قانداق قۇرۇلۇپ قالغانلىقىنى ، بۇ ئوبلاستىكى شىمالدىكى ئۈچ ناھيىدىن بۆلەك كورلا ، بۈگۈر ، قارا شەھەر ، لوپنۇر ، چاقىلىق ، چەرچەن ناھسىيدە بىرمۇ يەرلىك مۇڭغۇلنىڭ يوقلىقنى بىلەلمسىز ؟ موڭغۇللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن دەپسىز ؟ نىمە ئاساسىڭىز بار ؟ مۇڭغۇللاردىن چىڭگىزخاندىن بىلەكنى بىلەيدىكەنمەن . شۇڭا ئاغزىمغا كەلدى دەپ جۆيلۈۋەرمىگەيىسىز . ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك .