kudirat01 يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 09:35 PM
مەھمۇد قەشقىرى يۈسۈپخاس ھاجىپلارنى تولۇق ئوتتۇر ئەدە ...
1980-يىلى قەشقەرلىق داڭلىق تارىخچى ئىمىر ھۈسەين قازى داموللىنىڭ تەكلىپى بىلەن مىرسۇلتان ئوسمانوف قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ئالىم، تىلشۇناسلار قەشقەرغە تەكشۈرۈشكە كەلدى، ئۇلار ئالىمنىڭ قەۋرىسىنى ئىككى يىل تەكشۈرگەندىن كېيىن، 1982-يىلى ئىمىر ھۈسەين قازى داموللىنىڭ ھۆججەتلىك ئىسپات ماتىرىيالىغا ۋە ‹‹ھەزرىتى موللام--مەھمۇد كاشغەرىي ›› دىگەن ئىلمىي ماقالىسىگە ئاساسەن ئالىمنىڭ قەۋرىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئالىمنىڭ يۇرتى توغرىدىكى تالاش-تارتىش ئاخىرلاشتى. ھازىر بۇنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قەشقەردە ئېچىلىشى ۋە چەتئەللىك ئالىملارنىڭ قەۋرىنى زىيارەت قىلىشى، شۇنداقلا 2006-يىلى قەۋرىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلىشى بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-29 10:11 PM