ئالىنۇر يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 01:50 PM
ئۇنداق قالايمىقان گەپ قىلماڭ،بىلمەي تۇرۇپ .تەكشۈرمىگ ...
سىزنىڭ سەكرەپ كەتكىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم ، ئەڭ بولمىغاندا مىنىڭ تەشەببۇسۇم خاتا ئەمەس . مەن كۇنكىرت بىر ئادەمنى ئۇنى تۇنۇيدىغان ئىككىنچى بىر ئادەمگە غاجاپ بەرمىدىم ، مۇنبەر ئۆز رولىدىن ئېيتقاندا ناتۇنۇش شەخىسنىڭ گەپ -سۆز ، ئىش -ھەركەتلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىگە كۆپچىلىك پىكىر بىرىپ ، توغرا جامائەت پىكرى توپلايدىغان ۋە ئۇنى يەكۈنلەيدىغان جاي . بۇ خۇلاسىلىلەردىن كەڭ مۇنبەر ئەھلى ئۆز قىلمىشى توغرۇلۇق ئويلىنىپ گەپ -سۆز ، ئىش -ھەركەتلىرىنى قېلىپقا سېلىپ ئۆزلۈكسىز ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن . ناۋادا سىز ئېيتقاندەك ھەممە ئادەم مىنىڭ بېشىمغا كىلىپ قالارمۇ دەپ خاتانى خاتا دىيەلمىسە ، خاتا ئىش جەمىيەتلىشىپ كەتسە چۇقۇمكى شۇ كىشىنىڭ بېشىغا كىلىشى مۇقەررەر .
گەرچە سىز دىگەندەك ئۇ قىزنى تەكشۈرمىگەن بولساممۇ 30 نەچچە يىللىق ھاياتىمدا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن نۇرغۇن ئەقىل توپلىغانمەن ، شۇڭا بايا كۈزىتىشىمچە دەپ ئەسكەرتكەن ئىدىم ، بىراق مىنىڭ ئۇ قۇرلىرىم نەزىرىڭىزدىن ساقىت بۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ .
ئەلۋەتتە تۆۋە قىلىشتا سىزدىن كىيىن قالماسلىققا تىرىشىمەن ، مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ جەمىيەتلىشىپ كىتىپ كەلگۈسىدە قىزىمنىڭ بۇ خۇتۇندەك كۈنگە قالماسلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن ئۈزۈم توغرا دەپ قارىغان تەكلىپىمنى بىرىپ قويدۇم .
مۇنبەردە ئىنكاس يازغاندا تۇل خۇتۇنلارنىڭ سۆھبەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ پىكىر قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !
ئېغىر كەتكەن يەرلىرى بولسا كەچۈرۈڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا albax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-30 03:32 PM