مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazila998

كۆڭۈلسىز نىكاھ ( نازىلە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39152
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 08:53:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى......   داۋامنى  ساقلايمىز،،،،،

ئاتۇش قىزى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5951
يازما سانى: 909
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11427
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 830 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 11:24:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي قىنى ئاخىرى؟

ئاتۇش قىزى

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3260
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31357
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3610 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 01:17:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      داۋامى

     بۈگۈن ھەپتىنىڭ بىرى ئادەتتىكىدىن بالدۇرلا ئىشقا كەلگەن مۇبارەك خىزمەتداشلىرى كىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ مىجەزىنىڭ يوقلىقىنى دوختۇرغا بېرىپ كۆرنۈپ كىلىدىغانلىقىنى ئىيىتىپ ئىشخانىدىن چىقتى ، ئۇ ئۇدۇل گۈلزىبا ئىشلەيدىغان بۆلۈمگە  كەلگەندە بولۇمدىكى دوختۇر سىستىرالار ئەتتىگەنلىك ئىش ئوتكۈزۈۋىلىش ئۈستىدە ئىدى ، مۇبارەك كارىدوردا تازلىق قىلىۋاتقان بىر قىزدىن گۈلزىبانى سوردى
     - ھەي ئۇكام ، مەن گۈلزىبا دوختۇرنى ئىزدەپ كەلگەنتىم  ، سورايدىغان بىر مەھسالات بار ئىدى ، ئۇ دوختۇرنى تونۇمايدىكەنمەن بۈگۈن ئىشلىگەندۇ ؟
     - ئىشلىدى ئاۋۇ چىچىنى بىر تال قىلىپ ئۆرۈۋالغان خانىم گۈلزىبا دوختۇر شۇ
    مۇبارەك گۈلزىباغا يىراقتىن سەپ سالدى ، بىلىگە چۈشكەن بىر تال قىلىپ ئۆرۈۋالغان چىچى ، ئاق خالاتنىڭ ئىچىدىكى ئەۋرىشىم بەدىنى ، غۇنچە بويى  ، پاقىراپ تۇرغان ئاپپاق يۈزى ، ياساپ قويغاندەك تۇردىغان بۇرنى ، تىرىپ قويغاندەك ئىنچىكە قارا قاشلىرى ، ئەشۇ قاشلىرى ئاستىدىكى كۈلۈپ تۇردىغان قارا قوي كۆزلىرى گۈلزىبانىڭ گۈزەللەردىن ئىكەنلىگىنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى ، گۈلزىباغا قارغانچە مۇبارەكنىڭ يۈرۈگنى بىر نەرسە غاجىلاۋاتقاندەك بىلىنىپ كىتىۋاتاتتى ، ئەتتىگەنلىك ئىش ئۆتكۈزۈشمۇ ئاخىرلاشتى ، سىستىرالار ئىشخانىسىدىن چىققان گۈلزىبا بىر نەچچە خىزمەتداشلىرى بىلەن ئەتتىگەنلىك كىسەل تەكشۈرۈشكە ياتاق تەرەپكە ماڭدى
      - سىز گۈلزىبا دوختۇر بولامسىز ؟ - مۇبارەك ئىتتىكلا گۈل زىبانىڭ ئالدىغا كىلىپ سوردى
      - توغرا مەن شۇ - دىدى گۈلزىبا  چىرايىدىن چېقىن  چىقىپ تۇرغان بۇ ناتونۇش ئايالغا قاراپ تىنى شۈركەنگەندەك بولۇپ  - ئىشىڭىز بامىتى ؟
      - ئىشىم بولمىسا بۇ يەرگە كىلىدىغانغا بىكارچى خوتۇن ئەمەسمەن ئىشىم بولغاچ كەلدىم - ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇرغان مۇبارەك گۈلزىباغا قاراپ قوللىرىنى شىلتىپ ۋاقىردى
       - نىمانداق يولسىز ئايال سىز  گەپ بولسا چىرايلىق دىمەمسىز ؟ ئاۋال سوراپ باقاي ئۆزىڭىز كىمۇ ؟
       - مەندىن سىز كىم دەپ سوراۋاتامسەن تىخى  ، كىملىكىمنى سوراشقا نىمە ھىققىڭ مەن ئەنۋەرنىڭ ئايالى

       - قايسى ئەنۋەرنىڭ ؟ مەن تونۇمايدىكەنمەن ، ئادىشىپ قالمىغانسىز

       - ھۇ نومۇسسىز رەسۋا ، تونۇمايمەن دەپلا قۇتۇلماقچىمۇ ؟ تۈنۈگۈن بىللە تاماق يىگىنىڭ يالغانمۇ ؟ ئايالى بار ، بالىسى بار ئەر بىلەن بىللە بولسا قانداق بولىدىكەن ؟ - گۈلزىباغا ھىچقانداق گەپ قىلىش پۇرسىتىمۇ بولمىدى ، خۇددى پىلىموتنىڭ ئوقىدەك توختىماي سۆزلەۋاتقان مۇبارەك ئىغىزغا ئالغۇسىز سەت تىللار بىلەن ھەم يۈرەكنى ئەلەمزەردە قىلىدىغان زەھەر - زۇقۇم گەپلەر بىلەن گۈلزىبانى تىللاپ پوسكايتىۋەتتى ، مەن بۇ يەردە مۇبارەكنىڭ گۈلزىبانى تىللىغان سەت تىللىرىنى يىزىشتىن قەلىمىمنى ئازاد قىلدىم چۈنكى ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنداق ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن قانداق گەپلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلالايدۇ ،

       كارىدوردىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭنى ئاڭلاشقان كىسەللەر ياتاقلاردىن بىر - ئىككىدىن چىقىشتى ، كارىدور بىردەمدە ئادەملەر بىلەن تولدى ، قوغدۇغۇچىلاردىن ئىككى يىگىت كىرىپ مۇبارەكنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى ، تۇيۇقسىز بولغان بۇ ۋەقەدىن نە نىمە قىلىشىنى  نە نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان گۈلزىبانىڭ چىرايى ئۆمسۆرۈن تاتىرىپ تىنى تىترەپلا كەتتى ، ئۇ خۇددى يامان چۈش كۆرۈپ قار بىسىپ قالغان ئادەمدەك ئەتراپىغا چۆچۈپ قارغانچە بىردەم تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ئۆرلۈپلا  نۆۋەتچىلىك قىلغاندا ئارام ئالدىغان ئۆيگە كىردى -دە ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتى ئۇنىڭ يىغا ئاۋازى ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈرۈگىنى ئىزىۋىتەتتى

      ئەمدى گۈلزىبا مۇشۇ يەردە بىردەم يىغلاپ تۇرۇپ تۇرسۇن ، بىز يەنىلا مۇبارەكنىڭ يىنىغا قايتايلى

      مۇبارەكنى ئىككى قوغدۇغۇچى يىگىت دەرۋازىنىڭ ئالدىغىچە ئاچىقىپ قويۇپ قايتىشتى ، ئاچچىغى تىخىچە بىسىلمىغان مۇبارەك ئىدارىسىغا بارمايلا ئۇدۇل ئەنۋەرنىڭ ئىدارىسىغا كەلدى - دە ئۇدۇل ئۇنىڭ ئىشخانىسىغىلا كىردى :

        - ھەي كونا بۇزۇق ، ھازىر دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاشناڭنى تىللاپ رەسۋايى ئەزەم قىلىپ كەلدىم سەن تىخى بۇ يەردە خىيالىڭدا يوق ئولتۇرۇپسەن - ئايالىنىڭ تۇيۇقسىز كىلىپ بۇ گەپلەرنى قىلىشى ئەنۋەرنى گاڭگىرتىپ قويدى  ،

         - نىمە گەپ ئۇ ئاشناڭ - پاشناڭ دىگەنلەر ، گەپ بولسا يولىدا قىلمامسەن ھۇ ساراڭ

         - ئاشناڭنى تىللىدىم دىسەم يۈرۈگۈڭ ئىچىشىۋاتامدۇ ؟ ئەتتىگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇ گۈلزىبا دىگەن جالىپىڭنى خوتۇنى بار بالىسى بار ئەرلەرنىڭ كەينىدىن يۈرسە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇپ كەلدىم  - بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئەنۋەرنىڭ ئاچچىقتا ۋۇجۇدى تىترەپ كۆزلىرى چەكچىيىپ بۇرۇن تۆشۈكلىرى كەڭىيىپ كەتتى ھەم پۈتۈن بەدىنى سوغۇق تەرلەپ كەتتى ،

     ئەنۋەر نەچچە سىكۇنۇت مۇشۇ ھالەتتە تۇرغاندىن كىيىن ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋالدى - دە خىزمەتدىشىغا ئازراق ئىشى بارلىغىنى ئىيتىپ مۇبارەكنىڭ قولىنى سۆرىگەنچە ئىشخانىدىن چىقتى ، چوڭ يولغا چىقىپلا تاكسى توسۇپ  ماشىنىغا چىقتى - دە شوپۇرغا قاتناش بىكىتىگە دىدى ، ئەھۋالنى چۈشەنگەن مۇبارەك

        - مىنى نەگە ئاپىرسىز ؟ - سورىدى ئەنۋەردىن

        - .......................................

        - گەپ سوراۋاتىمەن ، ئانامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرۋەتمەكچىمۇ ؟

       - ...........................................

      ئەھۋالنى ئازراق چۈشەنگەن مۇبارەك قولىنى ئەنۋەرنىڭ قولىدىن ئاجىرتىشقا خىلى تىرىشقان بولسىمۇ ئۇ كۈچلۇك قوللاردىن قولىنى ئاجىرتالمىدى ، ئۇلار بىردەمدە قاتناش بىكىتىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدى ، تاكسىدىن مۇبارەكنى سۆرىگەنچە چۈشكەن ئەنۋەر مۇبارەكنىڭ يۇرتىغا باردىغان تاكسىغا چىقتى ، ئارلىق بەك يىراق بولمىغاچ ئۇ ئۆيگىمۇ تىزلا كىلىپ بولدى ، بۇ ئىككىيلەن مۇبارەكنىڭ چوڭ ئۆيىگە كىلىپ بولغۇچە چۈشللۈك تاماق ۋاقتى بوپ قالغاچقا ئۇلار بۇ ئۆيگە كىرگەندە مۇبارەكنىڭ ئانىسى ئالدىراش چۈشلۈك تاماق قىلىۋاتقاندى ، قىزى بىلەن كۈئوغلىنىڭ بىللە كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ئانا ئالدىراپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى ھەم خۇشال ھالدا

     - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىچ كەلدىڭلامۇ باللىرىم  - ئەھۋال سورىدى ئانىسى  

     - ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئۆزلىرىمۇ تىچلىق تۇردىلىمۇ ئانا ،- دىدى ئەنۋەر قىينى ئانىسىنىڭ سالامىنى ئىلىك ئىلىپ ، بىراق مۇبارەك چىرايى ھىچقانداق ئىپادىسىز ھالدا قاراپلا تۇردى ، قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئانا بىرە كۆڭۈلسىزلىكنى سەزدى بولغاي ئىتتىك سورىدى

     - بىرە ئىش بولدىمۇ بالام

     - مەنمۇ ھىچنىمىنى بىلمەيمەن ئانا ، مۇشۇ مۇبارەك ئۆزى جاۋاپ بەرسۇن ، مەن ئىشلاۋاتقان ئىدىم ، مەن قايتاي ، ئالدىراپ قالدىم ،

     قىينى ئانىسىنىڭ گىپىگە شۈنچىلىكلا جاۋاپ بەرگەن ئەنۋەر مۇبارەكنى قالدۇرۇپ قىينى ئانىسىنىڭ تۇتقىنىغىمۇ قارماي ئارقىسىغا ياندى   



   داۋامى بار        


كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95048
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 03:01:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاللا نازىلە   يەنە داۋامى بارمۇ  ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،يەنە ساقلايدىغان بۇلدۇقمۇ

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7350
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3550 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 10:31:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 01:17 AM
داۋامى

     بۈگۈن ھەپتىنىڭ بىرى ئادەتتىكىدىن بالدۇ ...

ھەجەپ ياخشى چىقىۋاتاتتى، يەنە تەقەززا قىلدىڭىزغۇ ئادەمنى ھەدە، ئەمدى ئاخىرىغا قاچانغىچە ساقلارمىز..........

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 766
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9519
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 3789 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 10:47:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن ......قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز ھارمىغاي !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 318
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 11:25:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي يۇركۈم،ۋاي  يۈركۈم ، بەرداشلىق بەرگىن ،داۋامىنى تىزىراق يازارسىز ، بولمىسا ماۋۇ كىچىكىنە يۈركۈم  بەرداشلىق بىرەلمەيدىغاندەك قىلدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97530
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 12:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: كۆڭۈلسىز نىكاھ ( نازىلە )

ھىكايىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97530
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 01:01:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: كۆڭۈلسىز نىكاھ ( نازىلە )

ھىكايىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ. قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 1018
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4141
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 772 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 01:07:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى جاۋىلداق خوتۇننىڭ ھېكايىسىنى  ئوقۇپ باقساق بولاتتى دە ....


      مۇنبەردىكى ھەممىڭلار   ھېكايىچى   بولۇپ كىتىپسىلەر ،،،  بىراق مىنىڭ  پەقەت   كاللامغا كەلمەيۋاتىدۇ ھېكايە يازاي دىسەم،،،،     بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى  رومان  يىزىپ سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا  ئۆتۈپ كەتمىسەم  خەپ.......

ئاللاھتىن ھەممىزگە ھىدايەت ،تەۋپىق، مەغفىرەت ،ئىنساپ ۋە ئىمان تىلەيمەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش