mirzi597 يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 07:09 PM
خۇدپەرەس دىسە بىرخىل ئۆزىگە چوقۇنىدىغاندەك مەنا بى ...
ئاللاھ ھەممىمىزگە ياخشىلىق نېسىپ قىلسۇن. شەخسى پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويغانغا خاپا بولغۇدەك ئىش يوق قېرىندىشىم.
ھەقىقەتەن خۇدپەرەست نى ئەلشىر نەۋائى ئۆزىگە چوقۇنغۇچى مەنىسىدە ئىشلەتكەن. مېنىڭ خۇدپەرەست سۆزىنى ياقتۇرۇشۇمدىكى سەۋەبمۇ ئەلشىر نەۋائىينىڭ قوللانغانلىقى ۋە بۇ سۆز ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ نامۇۋاپىق (ئەسەبىيرەك) قىلمىش ئىكەنلىكى كۆرسۈتۈپ بەرگەنلىكىدۇر.
شېرىك سۆز دېگەننى مەن مۇشۇ تېمامدا تۇنجى ئاڭلاۋاتىمەن، بۇ ئارقىلىق مۇشۇ سۆزنى قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ دېمەكچى بولسىڭىز تېخىمۇ ئالىمراق بىرسىدىن سوراپ ئىزدەنسىڭىز ياخشىراقمىكىن. بەزى چەكلىمىلەردىن بىلمەي ھالقىپ كېتىپ بەزى رۇخسەتلەرنى بىلمەي توسۇۋالمىساق.
ئاخىرىدا خۇدپەرەستلىك سۆزىنى بىز ئۆزىنى زىيادە ياخشى كۆرۈش دەپ قوللانساق بولماسمۇ؟