ئەلدەر يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 05:30 AM
«قىينىلىپ پارىسچىدىن ئاتالغۇ كىرگۈزىشىمىزدىكى» سەۋە ...
ئۆزىنى ئۆزى سۆيۈش ۋە ئۆزىنى ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ مەجنۇنلۇقتىن نىمە پەرقى بار، ئۇمۇ ساراڭلىق ۋە روھىي بىنورماللىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى خالاس.ئەينەككە قاراپ ئاھ جېنىم مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئۆزىنىڭ شولىسىغا ئۆزى سۆزلەپ يۈرۈيدىغانلارنى بىزنىڭ تىلىمىزدا شۇ مەجنۇن دەپ ئاتايدۇ.
قۇرئاندىن ئايەت نەقىل ئېلىپ نىمىنى ئىسپاتلىماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەلمىدىم. ئەلۋەتتە مۇھەممەد ئەلەيھسسالام مەجنۇن ئەمەس. ئۇ مەجنۇن ئەمەس بولغانلىقى ئۈچۈن اللە مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنى ئۆزى توقۇپ چىقارغاننى ئىلاھتىن كەلگەن دەپ سۆزلەپ جۆيلۈيدۇ دېگەن ئاساسسىز سۆزلىرىنى رەت قىلىپ ئۇنى مەجنۇن ئەمەس دېدى.
سىز دەۋەتقان زىلىيەنلەر دەل ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى شولىسىغا ،يەردىكى سايىسىگە،سۇدىكى ئەكسىگە قاراپ سۆزلەپ يۈرۈيدىغانلار بولماي قايسى خىلدىكى كىشىلەرنى كۆرسەتمەكچىدىڭىز؟ ئۇنداقلارنى ئەلۋەتتە شۇ مەجنۇن دەيمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-31 02:52 PM