hudayar6 يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 12:21 AM
ئەستايىدىللىقىڭىزغا قايىل بولدۇم .. ئىزدىنىشلېرىڭىز ...
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.
خۇدپەرەست تىن تاپقان قۇسۇرلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق. شۇنداق بۇ سۆزدىمۇ مەنا زىتلىقى كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار. لېكىن باشقا سۆزلەردىن بۇ سۆزنى ئەڭ مۇۋاپىق كۆرۈشۈمدىكى سەۋەب :
1. كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ قوللانغانلىقى، دېمەك بۇ تارىخىمىزدا بار.
2. ھەم سەلبى تۈسنى ئالغان ئىسىم ھەم بىز قوللانماقچى بولغان مەنىگە يېقىن مەنىدە قوللىنىلغان.
شۇڭا بۇنى قوللۇنۇپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىمىز دېگەن گەپ.
سۆيۈنچەك كە كەلسەك خۇدپەرەست تىن قالسىلا بۇ سۆزنى ياقتۇرىمەن، لېكىن تارىخىمىزدا ھېچ قوللىنىلمىغان بولغاچقا بىر باغلىنىش ھاسىل بولماي قالىدۇ.
سۆيگۈنچەك ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ (ئەمما سۆيۈنچەكتىن بىر بۇغۇم ئۇزۇن ئەمەس
سۆزنىڭغۇ قىسقىسى ياخشى). ئەمدى سىز دېگەندەك كۈلگۈنچەك تولا كۈلىدىغان كۈلگەندىمۇ نۇرمال ئىشلارغىمۇ كۈلۈپ يۈرۈيدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇغۇنىسى بىز ئىپادىلىمەكچى بولغان ئۇقۇم ھەممىلا ئادەمنى سۆيىدىغان، شاپاقلىق ئەمەس بەلكى
ئۆزىنى ئۆزى سۆيىدىغان ھالەت بولغاچ سۆي
ۈنچەك دەپ ئالغان، خۇددى ماخت
انچاق=
ئۆزىنى ئۆزى ماختايدىغان دېگەندەك.