مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yalqunrozi

سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يېڭى رەسىمى ھەققىدە(يالقۇن روزى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20185
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2253 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 03:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسمىنى ياقتۇردۇم... بىر قاراپلا مەكتەپتىكى ئاتۇشلۇق ياتاقدېشىم ئېسىمگە كەلدى دېسە...
خۇددى ئۇنى سىزغاندەك...
بەزىلەر شاھقا ئوخشىماپتۇ دەيدۇ.. بەلكىم ئۇلار چىڭ سۇلالىسىدىكى
كىنولارنى كۆرۈپ شاھ دېگەن يوغان قوساق قاۋۇل بولىشى كېرەك دەپ ئويلايدىغاندۇ...
مۇشۇ رەسمگە بىر قارسىلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى.. بىلگىلى بولىدىكەن...
مۇشۇنداق بولسا يېتەرلىك...
ئىشىنىمەنكى دۇنيادىكى داڭلىق يۈز رەسسام 100خىل سىزىپ چىقسىمۇ
يەنىلا قۇسۇر تاپالايدۇ... شۇڭا بۇغرا خانغا ۋەكىل بولغان مۇشۇ بىر رەسىملا كوپايە..

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 03:03:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

       سۇتۇق بۇغراخان،

ئىسلامغا ئەل باشلىغان،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان،
بۇتنى ئۆرۇپ تاشلىغان،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان.

بۇغراخانلار جانبازى،
تارىخ ھەمدە ئەل رازى،
ئەل قەلبىدە پەرۋازى،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان.

بەشكىرەمدە تۇغۇلغان،
ئەلنى گۈللەپ تونۇلغان،
ئەل قەلبىگە ئويۇلغان،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان.

تېپىپ ئامال داۋانى،
ساپ قىلغان يول ھاۋانى ،
بەرگەن نۇرلۇق سامانى،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان.

تۈرلۈك پاكىز پەن بىلەن،
دىل يايرىتار قەن بىلەن،
ئەل گۈللىگەن تەن بىلەن،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان،

«ئەلدە بەخىت تەل»ئۈچۈن،
توغان بولۇپ سەل ئۈچۈن،
قىلىچ چاپقان ئەل ئۈچۈن،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان.

خۇراپاتنى تاشلىغان،
ئەلنى قۇتقا باشلىغان،
شۇڭا ئىسمى ياشنىغان،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان.

ئاتۇشتا مازارى بار،
ئىسلامدىن بازارى بار،
قالدۇرغان باھارى بار،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان.

مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر،
ئۇنىڭدىن تېپىپ ھوزۇر،
بىز ئۈچۈن تاغدەك غۇرۇر،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان.

  
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، ئىسلام دىننى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكالاپ، ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىننى تۇنجى ئېلىپ كىرگەن پادىشاھ بولسا، تۇغلۇقتۆمۈرخان شىنجاڭغا بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىننى ئاساسەن تولۇق ئومۇملاشتۇرغان پادىشاھتۇر. چۈنكى( قۇمۇل تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار تۇغلۇقتۆمۈرخان دەۋىرىدە ئاندىن تولۇق ئىسلامغا كىرگەن)  دىگەن مەلۇماتلار بار.

            تۇغلۇق تۆمۈرخان

غۇلجا قورغاستا مازارى بار تۇغلۇق تۆمۈرخان،
ھەقنى گۈللىگەن بازارى بار تۇغلۇق تۆمۈرخان.

ئاقسۇدا تەخىتكە ئولتۇرغان ھەقنى خوش قىلىپ،
يازسا تۈگىمەس يازارى بار تۇغلۇق تۆمۈرخان.

ھەققە كىرىپ مۇراتقا يەتكەن تۇغلۇق تۆمۈرخان،
بۇت ئىتىقادىنى چېقىۋەتكەن تۇغلۇق تۆمۈرخان.

ئۇيغۇرلار ئىسلام بۇت بىلەن بۆلۈنۈپ يۈرگەندە،
بۆلۈنۈش ئىشىكىنى ئەتكەن تۇغلۇق تۆمۈرخان.

ئەل بىرلىكى ئىشىغا چاپقان تۇغلۇق تۆمۈرخان،
تارىخقا شانلىق تارىخ قاتقان تۇغلۇق تۆمۈرخان.

قۇمۇل تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنى باشلاپ ھەق يولغا،
ئۇيغۇرنى تولۇق ھەققە تاتقان تۇغلۇق تۆمۈرخان.

چىن تۆمۈر ئەجدات بوۋىسىكەن تۇغلۇق تۆمۈرخان،
ھەق ئالدىدا قوي قوزىسىكەن تۇغلۇق تۆمۈرخان.

بىراق ھەقىقەت دۈشمەنلىرى ئالدىدا دائىم.
تەڭرىتاغ تارىم يولۋىسىكەن تۇغلۇق تۆمۈرخان.         


2013-3





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 03:20:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barghut يوللىغان ۋاقتى  2013-11-26 10:06 AM
سۇتۇق بۇغراخان ئاتۇشلۇق ئەمەس قېرىندشىم ....
رەسىمگە ك ...

راست دەيسىز! مەنمۇ قەشقەر شەھەرلىك تارىخچى ئالىم "ئىسلام بۇلاق "دىگەن ئادەمنىڭ ئاغزىدىن" سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەۋرىسى ئاتۇشتا بولغان بىلەن، بەشكىرەمدىكى ئورداكەنت دەپ ئاتىلىدىغان "خانئۆي قەدىمقى شەھەر خارابىسى "نىڭ ئورنىدا تۇغۇلغان" دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.

kvndiz-kiche بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 04:05:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2351
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 27669
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 1418 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 04:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىمدە ناھايىتى كۆپ يېتەرسىزلىكلەر بار دېسەك بولىدۇ. شاھلارچە سالاپەت ۋە ئىرادە كۆرۈلمىگەن. چىراي ئىپادىسى ياخشى ئىپادىلەنمىگەن. ئورۇق، ۋىجىك چىقىپ قالغان.

مەن كۆرگەن شاھلارنىڭ رەسىملىرى ئىچىدە ئەڭ كىشىنى جەلىپ قىلىدىغىنى ئورخۇن شەجەرىسىدىكى شاھزادىنىڭ رەسىمى.

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىلا قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94318
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 05:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرسىز يۈز،تاتارغان چىراي،قورقۇنچاقلىق چىقىپ تۇرغان كۆز،سەل ئىگىلگەن قامەت...مۇشۇ سۈپەتلەر ھەزىرتى سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخانغا خاسمۇ؟بۇ رەسىمگە قاراپلا ئەرۋاھىم يۈز مىڭ گەز ئۇچتى.
رەسساملىق ۋە رەسىم دىگەندەكلەر بىلەن قەتئى خوشۇم يوق بولىسىمۇ بىر نەچچە رەسسام تونۇشلىرىم دائىما سىزغان رەسىملىرىنى ماڭا كۆرسىتىپ باھا بىرىشىمگە ئامراق ئىدى.ھەتتىگىنەي...سۇلتان ساتۇقنىڭ بۇ رەسىمىنىڭ تولىمۇ نادان بىر رەسسام تەرىپىدىن  سىزىلغانلىقى چىقىپلا تۇرمامدۇ؟
مۇسۇلماننىڭ چىرايىدىن چىقىدىغىنى نۇرلا خالاس،ئۇلاردا ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمايدىغان جەسۇرلۇق بار.بۇ رەسىمدىكى پىسخىك ۋەيرانچىلىق ۋە ئالاقىزادىلىك مىنى ئارامسىزلاندۇردى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
asma0996 + 11 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 05:17:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۈتۈن ئۆمرى غازات بىلەن ئۆتكەن بۇ بۈيۈك پادىشاھ قەددى-قامەتلىك، دوبۇلغا ساۋۇتلۇق سىزىلغان بولسا تېخىمۇ يارىشاتتى. گەۋدىسى كىچىكرەك چىقىپ قاپتۇ، بىر ئومۇر جەڭ قىلغان ئادەمگە ئانچە ئوخشىماپتۇ، بىر قارىسا ئىسپانىيە چەۋەندازلىرىغا ئوخشايدۇ، كۆزلىرى بىرنەرسىدىن ئەندىككەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويۇپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-26 05:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 05:19:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kvndiz-kiche يوللىغان ۋاقتى  2013-11-26 04:05 PM
ماۋۇ تىمىنى بەزىلەر ىەخلەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ.بۇغراخان ى ...

ئىملايىڭزنى توغرىلاپ ئىنكاس يازسىڭىزچۇ!  خەت ئىملايىڭىز ۋە گەپ سۆزىڭىز چىرايلىق بولسۇن قېرىندىشىم! ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 05:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2013-11-26 03:20 PM
راست دەيسىز! مەنمۇ قەشقەر شەھەرلىك تارىخچى ئالىم "ئىس ...


سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قەۋرىسى ئەسلىدە خوتەندە بولىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى ئۇ جەڭدە شېھىت بولغان، شۇ چاغنىڭ يول شارائىتىدا خوتەندىن قەشقەرغە كېلىش ئۈچۈن ئات-ھارۋىلىق ئاز دىگەندىمۇ  15 كۈن كېتىدۇ، لېكىن مۇسۇلمانلاردا مېيىتنى  ئۇزۇن ساقلايدىغان ئىش يوق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-26 05:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 05:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلۇپمۇ قېلىچى ئۇيغۇرنىڭ قېلىچىغا ئوخشىمايدىكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېلىچىنىڭ قول دالدىغۇچى ئۇنداق تۇز ئەمەس ئۇستى تەرەپ ئۇچى قېلىچ تەرەپكە ئىگىلىدۇ ئاستى تەرەپ ئۇچى دەستىسى تەرەپكە ئىگىلىدۇ ياكى قىلىچنىڭ دەستىسىنىڭ ئۇچىغا تۇتاش تۇر ۋېتىلىپ قۇلنىڭ بىخەتەر لىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان رەسىم دىكى قېلىچنىڭ قول دالدىغۇچى ناسارالارنىڭكىگە ئوخشىتىلىپ سىزىلىپتۇ ئۇنىڭ ئۇستىگە قېلىچتىكى نەقىش كىيىمدىكى كەشتە ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلار خانىنىڭ ياكى بىر شاھزادىسىگە ئەمەس بەلكى بىرئاددىي ئەسكەرگە ماس كەلگىدەك  ئۇنداق ئىنچىكە قېلىچ كۇچتۇنگۇر خاننىڭ بىر زەربە قىلىشىغا بەرداشلىق بىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش