كەمتەر،خۇشپېئىل،ھوسۇللۇق ئىلىم ساھىبى ئۇستاز ئارسلان ئابدۇللا مۇئەللىمگە سالامەتلىك ياربولسۇن! تەشكىللىگۈچىلەر ۋە تاراتقۇلارغا ئېھتىرام...
تۆۋەندىكىلەرنى ئويلىنىپ كۆرسەك،
1. __ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدۇققۇ!
(لىفىت ئالدىدا لىفىت ساقلاۋاتقاندا قۇلىقىمغا كىرگەن 20 نەچچە ياشلار قۇرامىدىكى بىرقانچە سىتۇدېنت ياشلارنىڭ پارىڭىدىن)
«تەبىئەت ئادەمنىڭ ئۇستازى،شۇڭا ئادەم ئاللىقانداق بىرەر ئۆلىمانىڭ يۈكسەك ئوبرازىنى ئويىدىغان شام تاختىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.»__ گېئورگى لېختىنبىرگېر
2. يىغىندىن تارقالغاندا ئورۇندۇقلارنىڭ ئۈستىدە ۋە ئاستىدا قالغان ئۇششاق يىمەكلىك قاپ-ئوراملىرى، ئىچىملىك قۇتىلىرى ئۈستىدە ئىلىمخۇمار لېكسىيە ئەھلى ئويلىنىپ كۆرەيلى،توڭزىخېدىكى مەدەكلەرگە بىرنېمىلەر دېدۇق،تىيەنئەنمىندا بايراق چىقارغاندا كىشىلەرنىڭ ئاستىدىن چىققان ئەخلەتلەرگە باشقىلارنى ئۇنداق-بۇنداق دېيىشتۇق،ئۇنداقتا ئۆزىمىزچۇ؟!! ئويلىنىپ كۆرەيلى،قېرىنداشلار. يالتىراققا گازىر ئېلىۋېلىپ پاك-پاكىزە يولغا توختىماي شۆپۈك تۈكۈرگىنىچە كېتىۋېتىشقان بىرجۈپلىرىمىزگە بىرەر نەرسە دېيەلمەيمىز.بىزدە بىرگەپ بارغۇ:"مېڭىشى ئۆزگەردى،مېڭىسى شۇ پېتى"دەپ.
ئەمما، بۇ"ئۇيغۇرئىلىم مۇنبىرى"دە! (تۆۋەندىكى رەسىمدىكى شۇ كۈنى يىغىندىن تارقىغاندا قارلۇقنىڭ زالىدا قالغان "ساپالىق"كۆرۈنۈشىمىزدىن بىرپارچە):