مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

ئارسلان ئابدۇللا ‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى›لىكسىيسىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4927
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 09:58:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارسىلان ئابدۇللاغا ئوچۇق خەت



ھۆرمەتلىك ئارسىلان ئابدۇللا ئەپەندى:

ئالدى بىلەن سىزگە ۋە ئۇرۇق-تۇققان،دوسىت-يارەنلىرىڭزگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!!!

سىزنىڭ《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلنىڭ 2013-يىللىق 4-ساندا ئىلان قىلىنغان 《تىلىمىزدىكى غەلىتە ھادىسىلەر ۋە زىيالىلارنىڭ تىل پوزىتسىيەسى 》ناملىق ماقالىڭزنى ئوقۇغاندىن بۇيان،مەندە سىزگە ئوچۇق خەت يېزىش ئويى تۇغۇلغان.كۆپ سەۋەپلەرگە كۆرە،ئەمدى يېزىش نىسىپ بولدى.سىزنىڭ تىلشۇناسلىق ساھەسىدە مۇتەخەسىس ئىكەنلىكىڭىز ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىڭىز ھەممىمىزگە ئاپتاپتەك روشەن.شۇ سەۋەبدىن ئۇشبۇ ماقالىڭزدىن ھەم كۆپ نەپكە،زۆرۈر بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.ئەمما يەنىلا سىزدىن بەزى سوئاللارنى سورىغۇم،بىلمىگەن بىلىملەرنى بىلۋالغۇم كىلۋاتىدۇ.

سىز دىگەندەك ھازىر تىلىمىزدە غەلىتە ھادىسىلەر كۆپ.ھەممىمىزنىڭ (يالغۇز زىيالىلارنىڭلا ئەمەس) تىل پوزىتسىيمىز بەكلا ناچار.قوش تىللىق مائارىپنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە تىلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپتىكى ئىشلتىلىش ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ،قوش تىللىق مائارىپنىڭ بارا-بارا تاق تىللىشىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللار بۇ خىل غەلىتە ھادىسىلەرنىڭ قىسمەن سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.مەن مەتبۇئات-ئاخبارات ساھەسىنى بۇ جەھەتتىكى چوڭ سەۋەبكارلار دەپ بىلمەن.كۈنىمىزدە گىزىت-ژورنال،تېلۋىزورلاردا دېيلىۋاتقان《مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانا》،《ھېچقانداق خىميىلىك ئىلمىنىت قوشۇلمىغان》قاتارلىق بىر تالاي لاۋزا گەپلەر بىر جەھەتتىن شۇ ساھەدىكى كىشىللىرمىزنىڭ زىيادە بىلىمسىزلىكىنى بىلدۇرسە،يەنە بىر جەھەتتن ئۇلارنىڭ خەن تىلىغا زىيادە بېقىنىپ قالغانلىقىنىڭ بەلگىسى.

ماقالىڭزدىكى پىكىرلەرگە ئاساسەن قوشۇلىمەن.بىز ئۈچۈن تېخمۇ نادىر ماقالىلەرنى توختىماي يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەمما قىسمەن مەسىلىلەردىكى قاراشلىرىڭزغا قوشۇلالمايمەن.زادى ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغىنى،بۇ ماقالىنى ئون يىل.ھەتتا يىگىرمە يىل ئاۋۋال يازغان بولسىڭىزمۇ بولاتتىكەن.نىمە ئۈچۈن شۇنچە كېچىكىپ ئوتتۇرغا قويدىڭىز؟غەلىتە ھادىسىلەرنىڭ شەكللىنىش سەۋەبىنى ئاساسەن ئىسلام دىننىڭ ئومۇملىشىشى ۋە 《ئەرەبگويلۇق》،《پارىسگويلۇق》قاتارلىقلاردىن ئىزدەپسىز.بۇلار تارىخقا نىسبەتەن توغرا.ئەمما بۈگۈنگىچۇ؟ئەڭ قىسقىسى ،ئازادلىقدىن 80-يىللارغىچە بولغان جەريان جەرياننى نىمە دەپ چۈشەندۇرىسىز؟مۇشۇ 30 يىلدا مىنىڭ بايقىشىمچە روسچە بىلەن خەنچە ئاتالغۇ كەسكىن رىقابەتكە چۈشۇپتۇ.ئەجىبا بۇمۇ زىيالىلارنىڭ ياكى ئاۋامنىڭ مەسىلىسىمۇ؟لاتىن ھەرىپى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش قىسمەن زىيالىلارنىڭ ۋە خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان.بۇنى سىز مەندىن ياخشى بىلسىز.ئەمما سەيپىددىن ئەزىزى ۋە ئەلقەم ئەختەم قاتارلىق ھوقۇق ئەھلىلىرى شۇ چاغدا بۇ خىل يېزىق ئىسلاھاتىنى تەشۋىق قىلدىغان ماقالە ۋە كىتابچىلارنى يازغان.ئەجىبا ئۇلار مۇشۇنداق چوڭ غەلىتىلىككە نىمە ئۈچۈن شۈنچە كۆپ كۈچ چىقارغان؟سىز ماقالىڭىزدا بىر تالاي مەسئولىيەتىنى زىيالىلارغا يۈكلەپ قويۇپسىز.ئەلۋەتتە زىيالىلارنىڭىمۇ مەسئولىيىتى بار .بىراق ئەڭ چوڭ سەۋەبىنى ئۇلاردا دەپ قارىمايمەن.

كۈنىمىزدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومتىتى توختىماي ئىملا يېڭلىماقتا.قاملاشمىغان سۆزلەرنى ياسىماقتا.مېنىڭچە ئۇلار بىر ئورگان بولغانىكەن،بۇ مەسىلىلەرنىڭ زىيالىلار بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى يوق.مەن بۇ يەردە 《مەدەنىيەت پوداقچلىقى》دىگەن بىر ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.گەرچە قوپال بولسىمۇ،كۆز-قارىشىمىنى ئوتتۇرىغا قوياي:

مەتبۇئات-ئاخبارات ۋاستىلىرىمىزگە قارايدىغان بولساق،《زۇڭلى》،《زۇڭتوڭ》،《بەنگوڭتىڭ》،《گوۋۇيۇەن》،《شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى》،《بىڭتۇەن》،《گومىنداڭ》،《فاڭجىن》،《لۇشىيەن》قاتارلىق ئاتالغۇلار بار.سىزچە ئۇلارنى ئۇيغۇرچە ئاتىغىلى بولمامدۇ؟ بىز ئامېرىكا گوۋۇيۇەننى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دەيمىزيۈ،دۆلىتىمىزدىكىنى خەنچە بىۋاستە گوۋۇيۇەن دەيمىز.ئون ئىككى ئاينى ئىلىپ ئېيتساق،ھازىر بىر قىسىم ياشلار توردا ئاي نامىنى تولۇق ئۇيغۇرچە ئاتاشقا باشلىدى.بىراق مەتبۇئات-ئاخبارات ۋاستىلىرى يەنىلا ئىنگىلىزچە ئاھاڭنى بىۋاستە ئىلۋاتىدۇ.بۇ زىيالىنىڭ مەسىلىسىمۇ؟ئۇيغۇر تىلدىكى ئا،ئە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشى نەدىن كەلدى؟بۇ زىيالىنىڭ ياكى خەلقنىڭ تۆھپىسىمۇ؟مانا بۇلار مېنىڭچە ھوقۇق ئەھللىرىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك ياكى 《مەدەنىيەت پوداقچىلىقى》قىلۋاتقانلقىنىڭ بەلگىسى.نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بىر كىچىدىلا مويەنچى بولۇپ كەتكەنلكىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر!!! قازاق قېرىنداشلار شىنجاڭ تېلۋىزىيسىدە ئاي ناملىرىنى ساپ قازاقچە ئاتىسا بولدىكەنۇ،بىز ئىلتىماس قىلىپ ئۆزگەرتسەك نىمىشكە بولمايدىكەن؟

ھۆرمەتلىك ئارسىلان ئابدۇللا ئەپەندى،جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ئۆزىنىڭ ئانا تىلغا بولغان قايغۇسى ۋە يۈكسەك مۇھەبىتىنى ئىزھار قىلماقتا.ئانا تىل مەكتەبلىرىنى قۇرۇش تەشەببۇسلىرى نەچچە يۈز مىڭلىغان كىشلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشمەكتە.بۇ ئىشلاردىن سىزنىڭمۇ خەۋرىڭز باردۇر.سىز ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاقىللار ئىشخانسىنىڭ مۇدىرى.دىمەك تىلىمىزنىڭ مەسىللىرىنى ئالتە توك-توك زىيالىغا دۆڭگەپ قويماي،قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-تەلەپلىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش،تىلىمىزدىكى غەلىتە ھادىسىلەرنى ئوڭشاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى دەپ قارايمەن.

سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەپ :

                     ئېلشاد رەخىم

ئەسكەرتىش: ئارسىلان ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى 《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلنىڭ 2013-يىللىق 4-ساندا ئىلان قىلىنغان.تورداشلار شۇڭا بۇ ماقالىنى ئاۋۋال ئەستايىدىل ئوقۇپ ئاندىن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا،قالايمىقان باشقىلارنى تىللايدىغان،قانۇنسىز سۆز-ئىبارىلەردىن ساقلانساق.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4927
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 09:59:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدىكى ئەزىز باشقۇرغۇچىلار بۇنى تېمامنى نېمىگە ئۆچۈرسىلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87021
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 935
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-11-9
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 01:42:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ لېكسىيىنى ھەممە ئىشىمنى تاشلىۋىتىپ ئاڭلىدىم ھەم تەربىيە ئالدىم.ئارىسلان مۇئەللىم ۋە مىسرانىم تورىغا كۆپ رەخمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 10:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن ئىلىم سۆيەر ئوغلانلارغا چوڭقۇر تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن.  ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق، ھۆنەر-كەسىپلىرىنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. بولسا ئۈزۈلۈپ قالمىسا، مۇشۇنداق ئالىم سۈپەت تەتقىقاچلارنى داۋاملىق ياخشى تېمىلار بىلەن لىكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرسا بەك ياخشى بولاتتى.
زالغا پاتمىغىدەك دەرىجىدە قىستىلىپ ئولتۇرغان ئىلمگە تەشنا قېرىنداشلارنى كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلاندىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100198
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 01:51:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا تارتىپسىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25309
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5386
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 10:39:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مسرانىم مۇنبىرى  ئارقىلىق ئارسىلان ئەپەندىمگە ئوخشاش ئىلمى ئەمگەك ساھابلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن كۆپرەك تونۇشۇش پۇرسىتگە ئىگە بولساق دىگەن ئۈمۈتتە مەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94841
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 11:58:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، ئىلىم مۇنبىرىنىڭ 2- ۋە 4- سانلىرىنى تاپالمىدىمغۇ بىلىدىغانلار بىر ئۇچۇر بەرسەڭلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91777
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 610
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-16
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 04:43:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ قاتنىشالىغان بولساقچۇ ھەي

ئادەم ئۆزى ئارزۇ قىلغان نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن تىرىشىشى كىرەك!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 12:53:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى مۇشۇنداق لكسيەدىن بە ھىر ئالدۇرغان بارلىق مىھنەتكەشلەرگە ئاپرىن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   borhanhoja تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-18 12:53 AM  


تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 04:52:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ يىڭىلىق ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺩﺍﺩﻟﯩﺴﺎ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ مىسرانىم مۇنبىرىگە كىرمەسلىك ياكى مۇنبەردىن ئايرىلىش ...

يىغىپ ئېيتقاندا مىسرانىمنىڭ ئوتى يامان جۇمۇ .

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش