مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

ئارسلان ئابدۇللا ‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى›لىكسىيسىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100474
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-12-4
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 12:18:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى كۆرۈپ ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى،دەرىسنىمۇ بەك ياخشى ئۆتەتتى بۇ مۇئەللىم،بۇ مۇئەللىمنىڭ دەرىسىدە بىز بەك ھاياجانلىناتتۇق، ھەم مەنىلىك ھەم كۆڭۈللۈك...بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ئارسىلان مۇئەللىم...

xemsi بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 09:05:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13011
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-21 02:19:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    قالاق مىللەتنىڭ تىلى يوقالمايدۇ(چۈنكى،ئۆزىنىڭ تىلىدىن باشقا تىلنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ)،ئىلغار مىللەتنىڭ تېخىمۇ شۇنداق،پەقەت بىر مىللەت تىرىكچىلىك سەۋەبىدىن  باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەندىلا تىل ئاندىن يوقۇلىدۇ. سىگانلارنىڭ تىلى يوقالماي،يەھۇدىلارنىڭ تىلىنىڭ يوقۇلۇشى (ئەلۋەتتە ،ھازىر قايتىدىن تاپتى) بۇنىڭ پاكىتى. بىز توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقىنىمىز ئۈچۈن باشقىلارغا سىڭىپ كېتىش ئېھتىمالىمىز يوق،شۇڭا تىلىمىز يوقۇلۇش شەرتىگە توشمايدۇ. لېكىن ،ئارىسلان مۇئەللىم ئېيتقان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشى، بىزنىڭ مەدىنىيەتتە ئارقىدا قالغانلىقىمىزدىن بولغان،ئەگەر مەدىنىيىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرساق،بۇ خىل ھادىسىلەرمۇ ئاستا-ئاستا تۈگەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99170
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-21 09:05:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك نادىر تېمىىنى روياپقا چىقىرىپ ،بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان مىسرانىم مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى ھەم شۇنداقلا مۇشۇنداق ئەھممىيەتلىك ئىلىم چايلىرىنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن ...........
ئاخىرىدا ئارسلان ئابدۇللا مۇئەللىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى ،
ئائىلىسىنىڭ تىنىچ - خاتىرجەم ، كۆڭۈللۈك بۇلۇشىنى ۋە ئەزىز تېنىنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى مۇشۇ تېمىلىرىغا ئوخشاش ئىلىمنىڭ زاكىتىنى پات - پات ئايرىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8959
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 11:45:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ئۆتىشىنى بىر ئاللاھدىن تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88142
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 04:28:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ئېسىل تىما ئىكەن ،ئارسلان ئاكمىز تىلنى سىستىملىق چۆشەندۈردىكەن.تىلنىڭ  تارىخىنى مۇ شۇنداق تەپسىلى چۈشەن دۈردى.  ئەڭ مۇھىمى ، ئۆزى خەنزۇ مەكتەپدە ئۇقۇپتۇرۇپ ئۇيغۇرتىلىمىزنى شۇنچىلىك ياخشى ،پىششىق بىلدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100881
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2014-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 08:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان بىر لېكسىيە بوپتۇ. رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 01:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيالىيلار نىمىشقا ئوبرازىغا دىققەت قىلمايدۇ
توردىن بىر سەنئەتكارنىڭ ناخشا كېچىلىكىنىڭ نەق مەيدان سۈرەتلىرىنى كۈرۈۋېتىپ ، بىر پەيلاسۇپنىڭ يېنىدىكى بۈدرە چاچلىق ئايالنى كۈرۈپ قالدىم.پەمىمچە بۇ ئايال ئۇ ئەدىپنىڭ ئايالى ئىكەن.نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمەن،خۇددى زارىقىپ كۈتكەن بالىلار بايرىمى ئاخىرلاشقان بالىنىڭ كەيپىياتىدەك مەنىسىزلىك ئىلكىدە كۆڭلۈم بەكلا غەش بولدى.
نىمىشقا دېگەندە ئەدىپلەر ھەقتە گەپ بۇلۇنسا مەن ئىختىيارسىز ئۇ ئەدىپنى ئەسكە ئالاتتىم. ئۈزەمچە ئەدىپلەرنى ئەركەك ئەدىپ ۋە ئەخلەت ئەدىپ دەپ ئىككىلا تۈرگە ئايرىيتتىم.ھېلىقى ئەدىپمۇ دەل مىنىڭ نەزەرىمدىكى ئەركەك ئەدىپ ئىدى.چۈنكى ئۇ پاساھەتلىك يازمىلىرى،يازمىلىرى چۇڭقۇرلىقىدا پارلاپ تۇرغان نۇرلۇق شولىلار، ،ئىنساننى ئۈزى ھەقتە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدىغان ئىماگلاردىكى مەنىلەر چوڭقۇرلىقى بىلەن يۈكسەك ھۆرمىتىمگە سازاۋەر بولغان بىلىم ئىگىسى ئىدى.ئايالىمۇ مىنىڭ تەسەۋۇرۇمدا قالتىس تۇيۇلاتتى.قىياسىمدا ئۇ ئايال، (بىر قىسىم ئايال زىيالىيلاردەك ئىلىم دۇنياسىدا يۇقۇرى ئۇرۇندا تۇرغىنى بىلەن،ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك قىياپەتلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان زامانىۋى خانلار ئەمەس ئىدى.)   بىر كىمنىڭ تاشقى جەھەتتىكى كىملىكى بولغان قىياپەت جەھەتتە چۇقۇم بىر ياخشى ئوبرازغا ئىگە ئىدى.ئەپسۇس،ئۇمۇ باشقىلاردىن قىياپەت جەھەتتە پەرىقلەنمەيدىكەن.
ئىچىمنىڭ ئاچچىق بۇلىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ئىدى.نىمىشقا دىگەندە ئۇ ئەدىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدىپلىرى ئىچىدىكى يازمىسى بىلەن ئەمىلىيىتى ماس كېلىدىغان بىردىن –بىر سەردار كىشى ئىدى.مەن ئۇنىڭ رەپىقىسىنىمۇ خۇددى نەزىرە مۇھەممەد سالىھتەك ھەم بىلىدىغان،ھەم ئەمەل قىلىدىغان ھەقىقى ئىلىم ئىگىسى دەپ ئويلىغانىدىم.چۈنكى ئېڭىمدىكى بۇشلۇقلار تارىيىپ ،مەنىلەر چوڭقۇرلىقىغا شۇڭغىغانسىرىم بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىيتىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەنىدىم.
بۇلۇپمۇ ئەلنىڭ نەزەرى چۈشكەن كاتتىلارنىڭ مىڭ ئېغىز قۇرۇق گەپ قىلغىنىدىن،ئەمەلىيىتىنىڭ قانداق بۇلىشى ،«ماي قاچىسى سىرتىدىن مەلۇم »دېگەن قاراشقا ئىگە خەلقىمىز ئۈچۈن نەچچە سائەتلىك نەزەرىيەنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى مەنلا ئەمەس ھەممەيلەن  بىلەتتى.
مىنىڭچە ئۇ ئەدىپ بىر ئايالنىڭ قانداق بۇلىشىنى، قانداق كىيىنىشىنى بىزدىن ئوبدان بىلىدۇ.ھازىرقىدەك روھى ياتلىشىشلارنىڭ،ئەقىدىدىكى  بۇزۇلۇشلارنىڭ بىر قەۋىمگە بىر مىللەتكە نىسبەتەن نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنىمۇ تۇلۇق چۈشۈنىدۇ-يۇ رەپىقىسىنىڭ قىياپىتى ئەنە شۇنداق.
ئۇنىڭ تۇرقى نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ؟مىنىڭچە بۇنداق كۆز قاراشتا بولغۇچى يالغۇز مەنلا ئەمەس .
ئەتىمالىم مەن زاماننىڭ بەكلا ئارقىسىدا قالغان «مەتۇدۇرمەن».شۇڭا ھازىرقىدەك زامانىۋى مەدەنىيەتلەر روھىيەتكە كۈنسىرى سەلبى تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەيتلەردە،ئاشۇ شالغۇت، ئازغۇن مەدەنىيەتلەرنىڭ  مىللى كىملىكىمىزنى شىددەت بىلەن «بېيىتىۋاتقانلىقىنى»بىلەلمىگەندىمەن.بۇ قارىشىم يەنە كىملەرنىڭ غەزەپ پىلتىسىگە ئوت بۇلىدۇ بىلمىدىم.[ئۈرۈمچىلىك ئاياللار ناملىق شېئىرىم ئۈچۈن بەزىلەر ھېلىھەم تىللاشتىن توختىمىدى.
     شېئىردا يۇرتۋازلىق مەزمۇنى يوق.پەقەت مەركىزى شەھەردىكى ئايال زىيالىيلارنىڭ  ئەقىدە ئېتىقاد جەھەتتىكى نامراتلىقىنى ،بار كۈچى بىلەن تاشقى قىياپىتىنى پەردازلىغان بىلەن،مەنىۋى جەھەتتە نەقەدەر غېرىبانە ياشاۋاتقانلىقىنى، ،شېئىرى ئىماگلار بىلەن غىدىقلاش مەقسىتىدە (گال پىچاقنى بىلەش ئۈچۈن بىلەي لازىم بۇلىدىغىنىدەك) يوللاپ قويغانىدىم.
چۈنكى مەركىزى شەھەردىكى ئىككى يىللىق ئۇقۇشۇم( يولدىشىمنىڭ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن ماڭا بۇ پۇرسەت كەپ قالغان) ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشۈنۈش ئىمكانىيىتى بەرگەنىدى.مەن داۋاملىق ئاياللار تۇپىغا نەزەر سالدىم.بىلىملىكلەر،ئالىملار،ئەدىپلەر، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى سەرخىل ھىساپلىنىدىغان داڭلىقلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان بۇ مەركىزى شەھەر، ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ(ھەممىسى ئەمەس) ئەقىدىسىزلىكى ئاياللىرىنىڭ ئۈزىدىن يىراقلىقى،بالىلىرىنىڭ نۇرانە ئۈگۈتلەرجەھەتتىكى پەرۋىشسىز قېلىشلىرى بىلەن مىنىڭ نەزەرىمدە بەك غېرىپ ھەم بىچارە ئىدى.
سۈبھى سودا سارىيىدا مەلۇم بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلات ۋەكالەتچىلىكىنى قىلىدىغان بىر ياشانغان ئايال(ئەسلى بىزنىڭ يۇرتتىن ئىكەن)نى تۇنۇيتتىم.بىچارە مەھسۇلاتلىرىنى ماختاپ كەتسە ،شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ ياشاش ھەقىقىتىنى بىلەلمەي نەدىكى نەرسىلەر ئۈچۈن بىھۇدە ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقتىغا ئېچىناتتىميۇ بىراق ئۇنىڭ غېرىپ روھىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەنمەيدىغانلىقىغا بولغان ئۈمۈتسىزلىكىم بىلەن ئۇنىڭغا  ئاستا خوش دەيتتىم.ئۇنىڭمىغۇ پۇلغا ئىھتىياجى يوق ئىكەن پەقەت بىكار قېلىپ زىرىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن نەرسىلەرنى ساتىدىكەن.ئۇنىڭ چاچ بۇياقلىرى ياپالمىغان ئۇچتەك ئاق چاچلىرىغا قارىغىنىمدا ،قېنىق گىرىملىك چىرايىدىكى بىئولۇگىيەلىك يېشى ئاللىقاچان ئاتمىشلاردىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق روھىنىڭ تېخىچە گۈدەك، بىخۇت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان قۇرغاق نىگاھلىرىدىن مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلاتتىم.مىنىڭچە ئۇ بۇ يېشىدا چېچىنى ھەر خىل ياساپ ،ئالۋاستىدەك بەتبەشرە گىرىم قىلىپ،زىرىكىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن مەھسۇلات سېتىپ يۈرمەي ،ئۈزىگە ئىشلىشى، ئاخىرەت ئۇزۇقى بولغان پەرىز ئەمەللەرنى جىددى ئۇرۇنلىشى لازىم ئىدى.
ئۇنى ئىزلەپ كەلگەن (توي قىلغان) قىزىنى مەن تېخى مەھسۇلات ئالىدىغانلار (باشقا خەقلەر )ئوخشايدۇ دەپ قېلىپ خەنزۇچە سۆزلەپ قۇيۇپ خىجالەت تارتقانىدىم.
ئاڭلىسام ئۇ موماي كېسەل تارتىپ  ئۈلۈپ كېتىپتۇ. موماينىڭ ھۇسۇلسىز، ھىكمەتسىز ،نۇرسىز ،ئۈتۈپ كەتكەن ساقلىقى ئۈچۈن نەقەدەر ئېچىنغىنىمنى ،( ئەگەر ئاللاھ ماڭا  قېرىلىق مەۋسۇمىغىچە ئۆمۈر بەرسە  مىنىڭمۇ ئاشۇنداق گۇمراھ ھالەتتە قۇرۇق قول كەتمەسلىكىم ئۈچۈن  ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىنىمنى) ئاللاھ بىلىدۇ.
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز قىستۇرمىنى بايان قىلىشىم ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن.
ئۆز گېپىمگە كەلسەم،يەنە شۇ ئاياللارنىڭ گېپى.ئاياللارنىڭ ئىنسانىيەت،مىللەت قەۋىمنىڭ ئۇستازى ئىكەنلىكى بۇ بۇرۇن دىيىلىپ بولغان ئىبارىلەر.بىراق بىزنىڭ ئايال زىيالىلىرىمىز ئۈزىنىڭ رۇلىنى قانداق جارى قىلدۇردى ،بۇ ھەقتە ئويلىنىش ۋە ئۈزىگە دىئاگنۇز قۇيۇش مانا بۇ ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى .(ۋىجدانسىز بولسا ئامال يوق،ۋىجدانسىزلار توپىدا ئەدەپ-ئەخلاق-ھايا يوق).
يەنە كېلىپ خەلقنى توغرىغا باشلاش ،مىللەتنىڭ مەنىۋى يېتەكچىلىرى بولغان ئەدىپلەرنىڭ ،بىلىم ئىگىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئىدى.چۈنكى ئۇلار ئىلمىدىنمۇ ھىساپ بىرەتتى.مېنىڭچە ھەقنى تۇنۇماي،تۇنۇسىمۇ ئىبلىستەك ئەمەل قىلماي،شۆھرەت پاتقىقىغا چۈكۈپ كەتكەن داڭدارلارنىڭ مال جاھازىسىدىكى قىممەت باھالىق، ئەمما ئىچىگە تۇپا چىڭقاپ قۇيۇلغان قاشتېشى لوڭقىدىن پەرقى يوق ئىدى..
سەۋەبى مىللىتىمىز ٪90 دېھقان مىللەت.ئاشۇ ساددە ،جاپاكەش ،سەترەك ئېيتساق كۈپىنچىسى  نادانغا مايىل دېھقانلىرىمىز كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدىغان ئىجدىمائى توپقا نىسبەتەن زىيالىيلارنىڭ ئالتە ئىشەككە يۈك بۇلىدىغان نەزەرىيەسىدىن،ئەمەلىيەتتىكى بىر ھەركىتى ئەلا ئىدى.
خەلقىمىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى كىتاپتىن ئەمەس رېئاللىقتىن،مەنىۋى سەركىلەر بولغان بىلىملىكلەرنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئۈگۈنەتتى.
يالىڭاچلىشىشنى تۈگۈتۈش ھازىرقى دەۋىردە بىز جىددى ھەل قىلمىساق بولمايدىغان مەسىلە بۇلۇپ قالدى.چۈنكى ئاياللارنىڭ يالىڭاچلىشىشى قىيامەتتىن دىرەك بىرىدۇ.ئەمما بۇ يالىڭاچلىق ئايال زىيالىيلاردىن باشلانغاچقا ، نورمال كەيپىياتتەك تۇرغۇنلۇق ھالىتىگە ئۈتۈپ قالدى.ئىش ئورنىدىغۇ «خىزمەت ئىھتىياجىكەن»
دەيلى،بىراق جەمىيەتتىچۇ؟مەركىزى شەھەردەك ئىجدىمائى سىياسى ھاۋاسى ياخشى ،ئەۋزەل ماكاندىمۇ ،ئاشۇ بىلىملىكلەرنىڭ ھالى شۇ بولدى.
بىر قىسىم ئەدىپلەرنىڭ «ئۈزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي »دەيدىغان ساتقىنلارچە مەنتىقىسى(بۇ خىل قاراش ئەمەلىيەتتە ئەڭ قورقۇنۇچلۇق.ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭلا قۇلى كۆيمەيدىغانلىقىنى ھەممەيلەننىڭ كۈيىدىغانلىقىنى ئەقىدىلىكلەر بىلىدۇ.لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاكىتىنى كېيىنچە سۆزلەرمىز) ئاستىدا «كىملىكى يوق ئۇيغۇر زىيالى» دىگەندەك ھەققانى چۇقانلار پەيدا بولدى.( مىنىڭچە بۇ قالتىس ئېسىل ئەسەر).
سۈرەتتە يالاڭباش كۈرۈپ رايىم يانغان ئۇ خانىم ئىلىم جەھەتتە مەيلى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، تەشۋىقاتتا سۆزلىگۈچىلەرنى  «ئۇيغۇرنىڭ ئۇنداق داڭلىق ,مۇنداق مەشھۇر ».....سى دەپ مىڭلارچە كاكىراتقاندىن ،ئېتىقاد جەھەتتە ئاينىش ،بۇزۇلۇش، ياتلىشىش خەۋپىگە دۈچ كەلگەن مەدەنىيەت ساپاسى تۈۋەن،بىلىم قۇرۇلمىسى ئاجىز،روھى قاتلىمى تىيىز خەلققە نىسبەتەن ئاشۇ خانىمنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا چاچلىرىنى(بۇيۇن كۆكرەك بىلەك پۇتلارغۇ ئالدىدا)  يۆگەپ يۈرۈشى ،پەيلاسۇپنىڭ مانچە دانە كىتاۋىدىكى ئۈگۈتلەرنى ،شەكسىز بېسىپ چۈشەتتى .چۈنكى بىر ئالىم؛-« بەندىلىك لاياقىتى ئۈچۈن ئەڭ زۈرۈر بۇلىدىغىنى شەرىئەت(بۇ مەجبۇرى)،ئاندىن تەرىقەت(جىمى يامانلىقلاردىن قول ئۈزۈش لېكىن بۇ ئىختىيارى) ئاندىن مەرىپەت،ئاندىن ھەقىقەت»- دەپ ئېيتتى . شەرىئەتنى تۇنۇماي تەرىقەتنى تۇتتۇم دىيىش يالغانچىلىق،شەرىئەتنى تۇتماي مەرىپەت ئالدىم،دىيىشلەرمۇ كاززاپلىق.شەرىئەتنى تۇتماي ھەقىقەتنى تۇنۇدۇم دىيىشمۇ رىياكارلىق خالاس.پەقەت ۋە پەقەت شەرىئەتتىن تەرىقەتكە، تەرىقەتتىن مەرىپەتكە، مەرىپەتتىن ھەقىقەتكە يىتىمىز.بىراق بىزدە شەرىئەتسىز تەرىقەتچىلەر،شەرىئەتسىز مەرىپەتچىلەر،شەرىئەتسىز ھەقىقەتچىلەر شەرىئەتسىز..........لەر كۆپ بولغاچقا ئەھۋالىمىزدا يۈكسىلىشلەر بولمىدى.
شائىرلار ئىچىدە نىمىشقا ئادىل تۇنىياز ئەڭ ھۆرمەتلىك؟چۈنكى ئۇ يازمىسىغا ۋاپا قىلىدىغان ئېتىقادلىق شائىر .ئۇنىڭدا ھىكمەت شولىلىرىغا تولغان بىر ئاينىماس قەلب، ھەر بىر مىسرالىرىنى ئۈزىنىڭ بەندىلىك ئاجىزلىقىغا لايىقلاشتۇرغان نۇرلۇق تىۋىشلار بار.  
ئايال زىيالىيلار ئىچىدە نەزىرەدەك ئىچى تىشى بىردەكلەر قانچىلىك؟ئايال زىيالىيلار نىمىنى ئويلايدۇ؟ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئۇچۇق گەپ قىلساق بىزنىڭ ئايال زىيالىلىرىمىزدا چوڭ ئۈمۈتلەر قالمىدى. دىمىسىمۇ شۇنچە بىلىم ئۈگۈنۈپمۇ (ئاتالمىش ئېھتىياجلاردىن سىرت يەرلەردىمۇ)ياتلاردەك  يۈرۈشلەرنىڭ ئەقىدىلىك ئىنسانغا نىسبەتەن قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەي، بىلسىمۇ تاقاق سېلىنغان بوينىنىڭ ئۆرىلىكى بىلەن تەن ئالمايدىغان روھى غېرىب زىيالىيلاردىن نىمە ئۈمۈتلەرنى كۈتكىلى بولسۇن؟مەنچە بولسا ئۇلار مىللەتكە تۆھپە(تۆھپە سۇبىكتىپ ھەم ئۇبىكتىپ بۇلىدۇغۇ) قۇشۇۋاتىمەن دىيىشتىن بۇرۇن ،ئۈلگە بۇلالىدىممۇ ئۈزەمنى تۈزىيەلدىممۇ؟دەپ سۇراش كېرەك ئىدى.
نەھايەت بۇلارنىڭ جەمىيەتكە قوشقان  چوڭ.ئۇلار ئىجاد قىلغان نەزەرىيەنى ،بايقاش ،كەشپىياتلارنى،ھەيۋەتلىك سەھنىلەردە ئالغان شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىنى ،خالىسانە ياخشى ئىش قىلىپ ،جەمىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىنىنى ،كەسىپلەردە ئۇتۇق قازىنىپ ،ئىگىلىك تىكلىشىنى،مېدىتسىنا ۋە تەبىئى پەنلەردە چوڭ-چوڭ شەرەپ مېدالى ئالغانلىقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز.ھەم نۇرغۇنلىرىمىز ئۇلار قىلالىغاننى قىلالمايمىز.مەنمۇ ھەم شۇنداق.بىراقكى ئۇلار ئۈزىگىلا ۋەكىل بولماستىن مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلاربولغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى.بۇلۇپمۇ قىياپەت جەھەتتە ياتلارغا ئوخشاپ قالماسلىقى لازىم ئىدى.ئىلىم ئۈگۈنۈشتىن مەقسەت ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن بولمىسا،بۇنداق بىلىمنىڭ سەلبى تەسىرى چوڭ بۇلۇپ كېتىپ،زىيادە چېچەنلىكتىن ئەقلىدىن ئېزىپ قالغاندەك نەتىجەلەر يۈز  بىرىپ قالاتتى.
ئەدىپلەر ئەدىپلىكىنى،شائىرلار شائىرلىقىنى ،كەشپىياتچىلار كەشپىياتچىلىقىنى،دوكتۇرلار دوكتۇرلىقىنى ،ساخاۋەتچىلەر ياخشى ئىشلىرىنى قىسقىسى،ھەر بىر كىشى ئۆز قابىلىيىتىنىڭ يادرۇسىنى دۇنيادىكى شۇ بىرلا مەۋجۇدىيەتكە ئويغۇنلاشتۇرمايدىكەن قۇمغا سېپىل سالغاندەكلا بىر ئىش خالاس!چۈنكى قىيامەتتە ئەڭ ئاۋۋال ھېساپ بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى ئالىملار(ئىلىم ئىگىلىرى)دۇر.
مەركىزى شەھەر نۇرغۇن تەرەپلەردىكى ئەۋزەللىكى بىلەن دىللارنى مەھلىيا قىلىدۇ.ھەم يەنە نۇرغۇن يۇقۇتۇشنىڭ،بەرباتلىقنىڭ ،ئاينىشنىڭ ،بۇزۇلۇشنىڭ ياتلىشىشنىڭ،ئەقىدىسىزلىكنىڭ،ئۇۋىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دىللارنى تەشۋىشكە سالماقتا.بۇلۇپمۇ زىيالىيلارنىڭ زىيادە زامانىۋىلىشىشى ئاۋامغا«ھەممە ئىشنى موللا بىلەر، موللا قۇپۇپ كۆلگە سىيەر » دىگەندەك تەسىر بەرگەچكە زىيالىيلارنىڭ ئوبرازى خۇنۇكلىشىپ قالدى.
زۇلپىقار بارات(ئۆز باش) مىنىڭ نەزەرىمدىكى يەنە بىر ئەركەك ئەدىپ.ئۇ ئۆزلۈكنىڭ نۇرانىلىكىدە تىنىمسىز ئىزلىنىۋاتقان ئاكاش .بىراق ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ قىياپىتىنى بىلمەيمەن.نەھايەت ئۇ خېنىمنى ھېلىقى ئەدىپنىڭ ئەھلىدەك ھالەتتە ئۇچرىتىپ قالمىسام دەيمەن.ئەگەر شۇنداق يالاڭباش،كالتە يوپكا،يېرىم –يالىڭاچ ھالەتتە ئۇچراتسام،مىنىڭ ۋە مەندەكلا ئوي-پىكىر قىلىدىغان ئاۋامنىڭ سۈيۈنىدىغان روھى پەخىرلىرىمىزدىن يەنە بىرى  گۇمران بۇلىدۇ.
ئېتىقادسىزلىق،ئەقىدىسىزلىكتىن رەزىللىك جەمىيەتلىشىشكە يۈزلەندى.بۇنىڭ يىلتىزى يەنە زىيالىيلاردىن باشلاندى.ئەقىدىسىز(ھەممىسى ئەمەس) ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزخەلقىگە ئۈلگە بۇلالمىدى. روھى غېرىپ زىيالىيلار«ئەدىپلەرمۇ ئادەمغۇ ،ئەلۋەتتە بەزىبىر يېتەرسىزلىكتىن خالى بۇلالمايدۇ»دىگەننى بار كۈچى بىلەن قوللاپ ئۈزىنىڭ بەندىلىك جەھەتتىكى ئازغۇنلىقىنى يۇشۇرۇشقا دەسمايە تاپتى.
مەنغۇ ئۈزۈمنى زىيالى دەپ كېتەلمەيمەن. بىراق يىڭنىنىڭ قۇلىدىن كەلگىنى نەيزىنىڭ قۇلىدىن كەلمەپتۇ دېگەندەك بىزنىڭ ئالى شەمشەرلىرىمىز ئېگىزدە تۇرۇپ  نەزەردىن ساقىت قىلغان تەرەپلەرنى ،مەندەك ئاددى يىڭنە بايقىغاندىمەن.شۇڭا

باردى دەيدۇ،ياندى دەيدۇ،
مەيلىم ئۈزەمنىڭ.
سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن،
يارىم ئۈزەمنىڭ.
دېگەندەك ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ مىھرىبانلىرى بولغاچقا ئۆزقەۋمىمنىڭ سەركىلىرىگە دوق قىلىپ سالغاندىمەن.بۇ دوق قىلىشىم ھەرگىزمۇ ياتقا قىلغان زەھەرخەندىلىك ئەمەس بەلكى قېرىنداشقا قىلغان كۈيۈم،باتناش ئەمما چوڭقۇر مىھىر مۇجەسسەملەنگەن سەمىمى قېيداشتىن ئىبارەت.
شۇڭا زىيالىيلار كاللىسىنى سىلكىۋېتىشى لازىمكى ئەمدى خامۇشلىقىنى،تۈگۈتۈشى كېرەك.ئۇلار يازمىلىرىدىلا ئەلگە ئۈگۈت قىلماي ئەمەلىيىتىدىمۇ  ئۈلگە بۇلىشى لازىم.
يەنە بىر باياننى قىستۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ،يازغۇچىلار تورىدا ئايال يازغۇچىلارنىڭ كىتاپ ئۇقۇش كۇرسى ئېچىلغانلىق توغرىسىدىكى خەۋىرىنى كۆردۇق.ئايال ئەدىپلەرنىڭ تۇرقى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.ئۇلار بىلمەمدۇ ؟كىمنىڭ يازغۇچىسى؟نىمىنى يازىدۇ ؟نەگە قايتىدۇ؟ئۇلارنىڭ ئاشۇ يېرىم –يالىڭاچ تۇرقىدىن نە بىر روھى بالاغەتنى ،روھى تاكامۇللۇقنى سېزەلەيدۇ كىشى؟ھەتتا بەزى پىشقەدەم ئەدىبەلەردىن ;ھازىرغا قەدەر يۆگىمىگەن ئەۋرەتلىرىڭىزنى قاچان يۆگەيسىز؟يا بىر يۇلى ك ...دە ياپماقچىمۇسىز دەپ سورىغۇم كەلدى.شۇ كۇرۇسقا قاتناشقان بىر ئەدىبەنىڭ بايانىچە ئۇنىڭ چىرايلىق ياغلىقى مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ،قالاقلىقنىڭ بەلگىسىمىش.ياغلىقنى پەقەت سەھرالىقلار ئارتارمىش ؟يازغۇچى دېگەن زامانغا لايىق(مۇشۇ گەپنى دىگەنلەردەك، ياتلاردەك ئۇچۇق مەيدە ،چاڭگا چاچ ،قىسقا كىيىملىك تۇرقىدىن ھاياسىزلىق، گۇمراھلىق تاراملاپ تۇرىدىغان)مەدەنى بولمىسا سەھرالىق خۇتۇنلاردىن پەرقى بولماسمىش.
بۇ نىمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇ ئاشۇ ئەدىبەلەرنىڭ روھى نامراتلىقىنى،ئەقىدىسىزلىكىنى،ئازغۇنلۇقىنى بىلدۇرىدۇ خالاس!مانا بۇنداق ئازغۇن ئەدىپلەرنىڭ يازمىسى بىلەن ئەمەلىيىتى ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بولغاچقا ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىلەش نازاكىتى بۇرۇنلا سۇنغان.
بىزگە ئادىل تۇنىيازدەك شائىرلار،نەزىرەدەك ئەدىبەلەر(ئۇنىڭ خىزمەت قىلمىغانلىقى بۇنىڭ سىرتىدا) زۇلپىقار باراتتەك روھى ئويغاقلار پاكىزە زىيالىيلارلازىم .پەرىشتىلەرگە دەرس بەرگەن ئەمما ئەمەل قىلمىغانلىقتىن لەئىنلىككە گىرىپتار بولغان ئىبلىستەك، يازمىسىدا ئەخلاقنى، ئەمەلىيىتىدە يالاقنى ياقىلايدىغانلار لازىم ئەمەس.ئەدىپ بۇلۇشتىنمۇ ساپ ئادەم بۇلۇش مۇھىم.يازغۇچى بۇلۇشتىنمۇ ئاشۇ بىرلا مەۋجۇتلۇققا قايتالايدىغان ئەقىدىلىك بەندە بۇلۇش ئەڭ مۇھىم.بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ئەمدى ساختا شەرەپ شەرمەندە شۆھرەت كۇيىدا پالاقلاۋەرمەي،ئۈزىگە يۈزلىنىشى ئەھلى-ئاياللارغا مەسئۇل بۇلىشى لازىم.                         بىزنىڭ مەشھۇرلىرىمىز نۇتۇقلاردا, جاي-جايلاردىكى لېكسىيەلەردە،كىتاپ-كىتاپلاردىكى يازمىلاردا ،بۇ ھەقتە مىڭ پاتمان ۋەز ئېيتقاندىن يېنىدىكى ئەھلىنى تۈزۈشى ھەممىدىن ئەۋزەل.چۈنكى ئۇلار نىمىشقا ئەسەر يازمىغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى نىمىشقا ئەھلىنى ئاشۇ چەكسىزلىكنىڭ قانۇنىغا لايىقلاشتۇرالمىغىنىدىن، (ئاددى مىسالى ;ياتلاردەك يۈرۈشتىن چەكلىمىگەنلىگىدىن) ھېساپ بېرىدۇ.شەرىئەتنى تۇتماي ئېرىشكەن ھەر قانداق شان-شەرەپلەر دەرگاھى ھەقتە ئەجىرگە ئېرىشمەيدۇ.مەيلى قايسى قاتلامغاتەۋە بولسۇن ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئوبرازى.ئاياللارنىڭ تاشقى قىياپىتى(ئىچكى ھالىتىنى پەقەت ياراتقۇچىلا بىلىدۇ) ،ئەرلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ نامايەندىسى.سالىھ تەقۋا پازىل كىشىلەرنىڭ ئەھلى ھەرگىزمۇ ياتلاردەك يېرىم-يالىڭاچ،ئەبجەش سىياق  يۈرمەيدۇ.بەزىبىر ئېھتىياجلار ئىش ئورنىدا بولغىنى بىلەن باشقا يەرلەردىكى قىياپەتلەر شەخىسنىڭ ئەقىدىسىدىكى تاللىشىغا باغلىق ئىش.
قىسقىسى زىيالىيلار ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى لازىم.ئۇلار قۇلىدىن كېلىشىچە ئاۋامغا ئۈلگە بۇلىشى لازىم.ھەرگىزمۇ قىياپەتتىكى چاكىنىلىقى،روھى جەھەتتىكى ئازغۇنلىقى ،پەزىلەتتىكى رەسۋالىقى،ئادىمىلىك جەھەتتىكى كەمتۈكلىكى  ئېتىقادتىكى گۇڭگىلىقى بىلەن بىلەن ئاۋامنى ئەقىدىسىزلىككە ئۈندىمەسلىكى لازىم. بولمىسا «كىملىكى يوق ئۇيغۇر زىيالى»دىگەن سادالار يەر-جاھاننى قاپلايدۇ.ھەتتا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاكىتى كەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ،زىيالىيلارنىڭ يەتتە ئىشەككە يۈك بولغىدەك بىلىمى ،ھەقنى تۇنۇشقا ئىشلىتىلمىسە مەھشەردە جانابى ھەقنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەر بىر  ئەقىدىلىك ئىنسان چۇقۇم ئنكار قىلمايدۇ.
چۈنكى تاشقى جەھەتتىكى بۇزۇلۇش،  ئەبجەشلىك، روھى جەھەتتىكى سېسىمچىلىقنىڭ، ئاينىشنىڭ، ئازغۇنلۇقنىڭ بىشارىتىغۇ ئاخىر.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yaro + 10 ماز، ئاشقۇن تور موللى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 01:29:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى دەۋىردە بىزنىڭ ئاناتىلىمىز توغۇرلۇق ئىلىپ بىرىلغان بۇ ئىلىم سۆھبىتى بەكلا ئەھمىيەتلىك بولۇپتۇ. نەق مەيدانغا بارالىغان بولسام تولىمۇ ياخشى بولاتتى.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32874
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12079 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 03:10:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بوپتۇ

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش