ali1234 يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 11:17 PM
-ئابباس ئاداش ئابايقى گۈلنىگار دىگەن قىز بۇلدىكەن جۇم ...
-جىدديلەشكىنىمدىن گەپمۇ قلاممايلا قالدىم. ھە ھەئە مەن بىرسىنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم .... ئۇ كىمۇ دەپ سۇراپ قاممىسلا بۇلاتتىغۇ دەپ ئويلاپ تۇرشىمغا گۈلنىگارمۇ بىلگەندەكلا
- ئۇ كىمۇ ماڭا دەپ بىرىڭ ...؟
.ئۇ دەل سىز گۈلنىگار دىگۈم كەپكەتتى لىكىن ئۇنڭ بۇ كۆزلىرىگە قاراپ دىيىشكە جۈرئەت قىلاممىدىم. بولدىلا كىينچە بىلىپ قالسىز شۇ چاغدا دەپ بىرەي دەپ ئارانلا دىدىم يۈرەكلىرىم ئاغزىمغا كەپلەشتى ھېچقانداق گەپ قىلاممدىم ،گۈلنىگارمۇ چۈشەنگەن بولسا كېرەك باشقا گەپ قىلمدى. پاراڭلاشقاچ ئۇنىڭ قۇللىرىغا كۈزۈم چۈشتى ئۇنىڭ قوللىرى توڭلىغىنىدىن قىزرىپ كەتكەن ئىدى. شۇندىلا ئۈزۈمنىڭكىگە قاردىم ئىككىمىزنىڭ ئوخشاشلا چاپىنىمىزنىڭ يىڭى خېلى يەرگە كەلگۈچە مۇزلاپ كەتكەن. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى.....
- گۈلنىگار توڭلىدىڭىزمۇ ؟
-ياقاي ئازاراق توڭلدىم ....
-ئۇنداق بولسا يۈرۈڭ بىز باغچىنىڭ ئالدىدىكى بىرە تاللا بازرىغا كىرپ بىر نەرسە سېتۋلغاچ شۇيەردە باشقلارنى ساقلاپ تۇرايلى .
-ماقۇل يۈرۈڭ ئەمسە باغچىدىن چىقۇچە ئۇرۇندۇقلاردا جۈپ-جۈپ ئولتۇرغان ئاشىق-مەشۇقلارنى كۈرۈپ ئۇنىڭغا بىرنى قاراپ ھەي بىزمۇ قاچان ئاشۇلاردەك يۈرەمىز دىگەنلەرنى ئويلاپ چىقتىم. باغچىدىن چىقۇچە گەپمۇ قىلىشماي چىقتۇق....
- گۈلنىگار شاكلات يەمسىز ... سىز يەمسىز ؟
- گەرچە مەن ئادەتتە شاكلاتنى ئانچە يەپ كەتمىسەممۇ ئۇنى دەپ ھەئە دەپ جاۋاپ بەردىم.
-ئۇنداق بولسا يەيلى دەپ باغچىنڭ ئۇدۇلدىكى بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن سۇرىمايلا ئالبىنى،مىترو،دىدو،سېتۋلدىم ئۇ بۇلارنى كۈرۈپ ئۇ ئىنتايىن خوش بولۇپ كەتتى سىزگە كىم دەپ بەردى مىنىڭ بۇلارغا ئامراقلىقىمنى ...؟ شۇ مەن ئامراقتىم شۇڭا سىزنىمۇ ئامراقمىكىن دەپ سېتىۋالغانتىم ھې ھې ...كۆڭلۇمدە ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدىم. بىز باغچا ئەتراپىدىكى بىر تاماقخانىغا كىرىپ دوسلىرمىزنى ساقلاپ تۇردۇق ئۇلار كەلگەندىن كىين تاماق يەپ بۇلۇپ گۈلنىگارلارنى مەكتىپىگە ئاپرىپ قۇيۇپ يىېنىپ كەلدۇق . ئۇنىڭ مىنى ئاشىق قىلغان كۆزلىرنى ئۈزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىنى ئويلاپ ئاشىقلىق دىگەن ھەرقانداق ئادەم بولسا كۆيدۇرۇپ كۈل قىلدىكەن، قسقىغنە بىر ئاي ئىچىدىكى ئۈزۈمدىكى ئۆزگىرشلەر توۋا بۇ ئاشىقلىقتا سەنسىز مىنىڭ كۆزلىرىم قارىغۇ . سەنسىز مىنىڭ قۇلاقلىرىم ئاڭلىماس گاس ئىدى ،ئەپسۇس سەن بۇنى بىلمەيسەن بىلسەڭمۇ پەرۋا قىلماي يۈرۈيسەن.... بىرنجى ئاي مەزگلى بولغاچقا ئۇلارمۇ تەتىل بۇلۇپ يۇرتىغا كەتتى.....ئاشۇ كۈنىكى قاردىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرشەلمىدىم.... ئۇ يۇرتىدا بولغاچقا ئانچە ئالاقە قىلالمىدىم...ئۇنى پەقەت چۈشلىرىدىلا كۆرەلەيمەن خالاس. قايسى بىر شائىر سەۋدالىقتىن شائىرلىق چىقدۇ دەپ ئېيىتقىندەك مۇشۇ كۈنلەردە بىكار قالساملا خاتىرەمنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭغا ئاتاپ شېئر يازاتتىم...ئۇلارنى تەتىل قۇيۋەتكىلىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى . تەتىلمۇ تۇشايلا دەپ قالغان ئىدى بۈگۈن سەل ئىلھامىم كىلىپ تۇردۇ ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر شېئر يازماقچى بۇلۇپ خاتىرەمنى قۇلۇمغا ئالدىم....
نەدە سەن گۈزەلىم مەن سۆيگەن يار
سەن مىنىڭ چۈشلىرىمدە ھەركۈنلۈكى بار
گەر سىنى كۆرمىسەم چۈشلىرىمدە بىر كۈن
ئىزدەيمەن سىنى قايان قەلبىمدىكى يار
ئىزدىدىم خىياللار ئىچرە سىنى بۈگۈن
تاپمىدىم ئىزدەپ سىنى قەلبىمدە تۈگۈن
قالدىغۇ پاك سۆيگۈم ۋىسالسىز ھەركۈن
تاپارمەن سىنى قاچان قەلبىمدىكى يار
تاپارمەن زادى قاچان سۆيگۈنۈم سېنى
ۋىسالسىز قۇيۇپ ھەركۈنى قىينىدىڭ مېنى
يۈركىمدىن مەڭگۈگە سۆيگەنغۇ سېنى
كۈتەرمەن سېنى مەڭگۈگە قەلبىمدىكى يار
سۆيگۈدە يارىم ماڭا ئەلەم بولسىمۇ
يۈرەككە مىڭ ئازاپ دەتلەر كەلسىمۇ
يۈرەكنى سېغىنىش ھەرچاغ تىلسىمۇ
ئىزديمەن سېنى ھامان قەلبىمدىكى يار
ئىزدەيمەن سىنى قايان قەلبىمدىكى يار
تاپارمەن سىنى قاچان قەلبىمدىكى يار
ئەسلەيمەن سېنى ھامان قەلبىمدىكى يار
كۈتەيمەن سېنى مەڭگۈگە قەلبىمدىكى يار
خاتىرەمنى تاشلاپ قۇيۇپ سىرىتقا قاراپ يول ئالدىم. سىرىتقا چىقىپلا گەرچە ئۇ يۇرتىدا بولسىمۇ كۆزلىرىم ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى. ھەي توۋا ئۇ بۇ شەھەردە بولمىسىمۇ ئۇنى ئىزدەپ يۈرگىنىم بىر ئەخماقلىق ئەمسمۇ؟ بۇكۈنلەر شۇ تەرىقدە ئۇنى كۈتۈش بىلەن ئۈتىۋەردى....
ئارىدىن بىرقانچە ھەپتە ئۆتتى ئۇلار تەتىلدىنمۇ يىغلدى...ئۇنىڭ بىلەن خېلى يېقىن ئۈتۋاتىمەن ھەي بۇنداق يۇرىۋەرگىچە ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلماقچى بۇلۇپ بىر كۈنلىكى ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم.
ئۇ تىلفۇننى ئالدى گۈلنىگار چۈشتىن كىيىن ۋاقتىڭىز بامۇ ؟
- ھەئە ۋاقتىم بار بىرە ئىش بامىتى ...
-ھەئە تاماق يىگەچ پاراڭلىشپ كەلسەك دىمەكچى
-ماقۇل بولدۇ چۈشتىن كىيىن دەرستىن چۈشۈپ تىلفۇن قىلاي ئەمسە خوش چۈشتىن كىيىن كۈرشەيلى ئاللاھقا ئامانەت...
چۈشتىن كىيىن ئۇنىڭ تىلفۇننى ساقلاپ ئۇلتۇردۇم ئوف ئاخىرى تىلفۇن قىلدى.
-ئەلى مەن دەرىستىن چۈشتۈم سىز نەدە ؟
- مەن قىزىل بايراق يۇلىدا يېنىڭىزغا سىزنى ئالغىلى باراي ساقلاپ تۇرۇڭ...
- ياق بولدى ئاۋارە بولماڭ مەن باراي بەرىبىر شۇ ياققا بارىمىزغۇ....
- ھە مەيلى ئەمسە ساقلاپ تۇراي يولدا دىققەت قىلڭ...
- ئۇنىڭغا نىمە سوۋغا قىلسام بۇلار....؟ ئۇنىغا كۆڭلىمنى ئىزھار قىلماقچى بولغانكىن گۈل سوۋغا قىلاي بومىسا دەپ بىر گۈلخانىغا كىرىپ ئۈچ تال ئەتىرگۈل سېتىۋلىپ ئۇنىڭ كىلشىنى كۈتۈپ تۇردۇم...
مۇشۇ ئەتراپتا بىر قەھۋەخانا باتتى شۇ تەرەپكە ماڭدىم قۇلۇمدا گۈل بولغاچقمىكىن يولدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقانلار پات-پات قاراپ قۇياتتى.
بۇ قەھۋە خانىغىمۇ كەلدىم ۋە قەھۋە خانىغا كىرىپ قەھۋە خاننىڭ ئايرىمخانسغا بۇ گۈلنى ئەكرىپ قۇيۇپ سىرتققا چىقتىم....
تىلفۇنۇم سايرىدى نەدە سىز ئەلى مەن كىلىپ بولدۇم...
- مەن ھازىر قىزىل بايراق يۇلدىكى يەر ئاستى سودا بازرىنىڭ ئالدىدا ...
- ئەمسا جايڭىزدا ساقلاپ تۇرۇڭ مەنمۇ شۇ ئەتراپتا ھە سىزنى كۆردۈم دەپ تىلفۇننى قويدى....يېنىمغا قارسام ئۇ كۈلۈپ كىلۋاتقان ئىدى...
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلى تىېشلىقمۇ باكەنسىز ھە ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەن باغۇ لىكىن سىز مەن ئىزدىمىسەم ئىزدەپمۇ قويمىدىڭىز خەپ جىمۇ ھې ھې ...
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم شۇ تەتلدىن يېڭى يىغلغان بولغاچقا ئىزدەپ بۇلاممىدىم. قايسى تەرەپكە بارىمىز؟
- يۈرۈڭ ئالدىمىزدىللا بىر قەھۋەخانا بار شۇنىڭغا كىرەيلى..
-ماقۇل
ئايرىم خانىغا كىردۇق بۇ يەر شۇ قەدەر تنچ ھەم رومانتىك ھەرخىل رەڭلىك چىراقلار ھەم يىنىڭ ئاڭلىنىپ تۇرغان لىرىك مۇزىكلار ئادەمگە باشقىچە زوق بىرەتتى...
قەھۋە ئىچكەچ پاراڭلىشپ ئۇلتۇرۇپ..
-گۈلنىگار كۈزۈڭىزنى يۇمۇڭ ؟
نىمشقا ؟
-شۇ ئاۋال يۇمۇڭ ئاندىن بىلسىز ؟
-ماقۇل
-ئاستا-ئاستا قەدەملىرىم بىلەن ھېلقى گۈلنى ئېلىپ كىلىپ ئەمدى كۈزىڭىزنى ئېچىڭ
- ۋاھ نىمانداق چىرايلىق
دىمىسىمۇ ھەرخىل رەڭلىك چىراقلارنىڭ غۇۋا نۇردا بۇ گۈل بەكلا چىرايلىق كۈرنەتتى...
-ياختۇردىڭىزما ؟ بۇ گۈلنى سىزگە سوۋغا قىلىمەن گۈلنىگار قۇبۇل قىلڭ..؟
-مەن بۇ گۈلنى دوستۇم بەرسىڭز قۇبۇل قىلالايمەن لىكىن....؟
-لىكىن نىمە ؟ مەن سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم گۈلنىگار سىزنى تۇنجى كۈرۈپلا ياختۇرپ قالغانتىم ....بۇنداق دىسەم شاللاق كۈرۈپ قالماڭ كۆڭلىمنى بىلدۇرمەي دىسەم سىزدەك ياخشى قىزنىڭ باشقا بىرسىنىڭ بۇلۇپ كىتىشىڭزنى خالىمىدىم....سىزنى بەكلا ياخشى كۈرۈپ قالدىم بىز يۈرەيلى...؟ بەلكىم سىزمۇ سەزگەنسىز سىز بىلەن تۇنۇشقاندىن بىرى باشقىچىلا ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم....سىز مەن تۇنجى قېتىم ياخشى كۈرۈپ قالغان قىز بولغاچقىمىكىن نىمە قىلشىمنى بىلەممىدىم....؟
- ئەلى سىزگە قانداق جاۋاپ بەرسەم بۇلاركىن ئەمدى مەنمۇ پەقەت بىلمىدىم....لىكىن كەچۈرسىز مەن بۇرۇنلا سەزگەن سىزنىڭ ماڭا قىزقىپ قالغىنىڭىزنى شۇڭا مىنى ياخشى كۈرۈپ قالمىسۇن دەپ مەن بىپەرۋا بولۋالغان....لىكىن سىز مەن سىزدىن يىراق قاچقانسىرىم تېخمۇ ماڭا قىزقىپ قالدىڭز ؟ مەن سىزنىڭ ئارامىڭزنى بۇزۇپ قۇيۇدۇم .... مەن ھازىر مۇھاببەتلىشىنى ئۇيلاپمۇ باقمىدىم ھەم مەن تېخى كىچىك ھازىر بۇ تەلپىڭىزگە قۇشۇلاممايمەن..... مەن قەشقەردىن ئوقۇيمەن دەپ بۇ شەھەرگە كەلدىم شۇڭا ياخشى ئوقۇمىسام بولمايدۇ ....دىقتىمنى باشقا تەرەپلەرگە بۇرغۇم يوق. كىيىنچە بىرگەپ بولسۇن.....؟
-لىكىن- پىكىنىڭزنى قۇيۇڭ گۈلنىگار؟ كىيىن دىگنىڭز زادى قاچان ؟
-مىنى خىجىل قىلماڭ ئالدىڭزدا خىجىلمەن...
- ماقۇل گۈلنىگار سىزنى كۈتىمەن كىيىنچە بىر گەپ بولسۇن دىدىڭزغۇ؟
سىزنى ساقلايمەن لىكىن مەندەك ئاشىقڭىزنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.... سىزگە ئاتاپ بىر شېئىر يازغانتىم ئۇقۇپ بىرەيمۇ مۇشۇ يەردىلا ئاڭلاپ بېقىڭ .
گۈلنىگار ھە راس سىزنى بۇندىن كىين نىگار دىسەم بولامدۇ...؟
- سىز خالىسىڭز بولدۇ ئەمسە بۇندىن كىيىن نىگار دەپ چاقىرىڭ.....
- ماقۇل ئەمسا شېئرىمنى ئۇقۇدۇم .....
تۇنجى رەت كۆرگەندە كۆيگەنتى يۈرەك
بار ئىدى يۈرەكتە ئارزۇ ھەم تىلەك
ئىشەنگىن جانانىم سۈيىمەن سىنى
بۇلالماس يۈەككە داۋا سىنىڭدىن بۈلەك
تۇنجى رەت كۆرگەندە كۆيگەنتى يۈرەك
مەجنۇندىن قالدىمىكىن ماڭا بۇ كۈيەك
سىنى كۆرگەن كۈندىن بۇيان بىلمىدىم
نىمە ئۈچۈن سەگىمەس پىراقتا يۈرەك
سېغنىدۇ ئەبەدكە سىنى بۇ يۈرەك
باردۇر يۈرەكتە پەقەت بىر تىلەك
داۋاسى يوقتۇر سۆيگۈمنڭ جانىم
ھاياتتا بەلكىم سىنىڭدىن بۈلەك
-قانداق بوپتىمۇ بۇ شئېر سىزگە ياردىمۇ نىگار..... سىزنى مەڭگۈ كۈتىمەن بىلۋېلىڭ يەنە بىر گەپ مەندىن باشقىنى بىرنى تېپىۋالماڭ....؟
- ھەئە بەك پەيزى يېزىپسىز ...! ماقۇل ئۇنداق بولمايدۇ مۇشۇ گىپىڭز راسما مىنى مەڭگۈ كۈتەمسىز .....؟
داۋامى بار يېزلىۋاتىدۇ.....