مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ali1234

تۇنجى مۇھاببەت...‹ سىرلىق › [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11062
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1558 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 12:05:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى مۇھەببەت ،مىنىڭ شەخسى قارشىمدا مەيلى قانچىلىك پەدىشەپ بىلەن يۈرگەن بولىشدىن قەتئىي ،ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭ زىينى ھازىر قى ئەيدىز دىگەن ۋىروستىنمۇ يامان ،تۇنجى مۇھەببەت مىنىڭچە تۇنجى نىكاھنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلسا ئۇنىڭ پايدىسى ئابىھاياتتەك ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن پايدىلىق،ئىنسان ئۈچۈن توغرا بولغان پىسخىكا قارشى ئىنتايىن مۇھىم،يۇقارقى سۈزۈمنىڭ دەلىلى سۈپتىدە ئەتراپىمىزدىكى يۈز بىرۋاتقان ئېچىنىشلىق مۇھەببەت پاجىئەلىرگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىگىم كەپ قالدى،ئەگەر مىنىڭ ئېيىتقانلىرىمنى خاتا دەپ قۇبۇل قىلاممايدىغانلار بولسا ،شۇلارغا دەيدىغنىم ،بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى قارشىم،پەقەت ماڭىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ،چۈنكى ھەركىمنىڭ ئويلىغنى ئۈزگە توغرا ،بۇنداق دىيشىمدىكى مەقسەت ئختىلاپ پەيدا بوپ قالىمسۇن دىمەكچى مەن ..........
زىنانىڭ قانداق گۇناھلىغنى كۈپىنچىمىز بىلىمىز،شۇندىمۇ يەنە بىلگىنىم بويىچە تەكىتلەپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ،زىنا ئاللاھ ئۆتمەيدىغان گۇناھ،زىنانى ھارام دىدى قۇرئان كەرىم،ۋە ھەدىس-شەرىپلەردە ئېنىق قىلىپ.
ئەمسە زىنا دىگەن زادى قانداق بولىدۇ،پەقەت نىكاھ سىرتىدىكى ئەر-ئاياللار نىڭ بىنورمال مۇناسىۋىتىلا زىناغا كىرەمدۇ ياكى ئۇنىڭدىن باشقىسمۇ زىناغا كىرەمدۇ دىگەن مەسلىگە جاۋاپ،
كۆز زىىناسى،ئېغىز زىناسى،ۋە ھاكازلار.ھەممىسى ئوخشاشلا زىنا،بىر ئايال كىشنىڭ كۆينىگنىڭ پىشى يات بىر ئەرگە سۈركىلىپ كەتسىمۇ زىناغا كىردۇ ،بىر ئايال زاتىنىڭ يات بىر ئەركەكنىڭ ئالدىدا قاقاھلاپ كۈلىشىمۇ ئوخشاش زىنا،بىر ئەرنىڭ ئۈزىنىڭ نىكاھىدا بولمىغان يات بىر ئايال زاتىغا تىكىلىپ قارشىمۇ زىنا،بىر ئەرنىڭ ئۈزىنىڭ نىكاھىدا بولمىغان بىر ئايالنىڭ كۈزىگە،شۇنداقلا بەدەنلىرگە قارشىمۇ زىناھ،يات بىر ئەر نىڭ يات بىر ئايالنىڭ قۇلىنى تۇتۇش ئەمەس شۇ ئايالنىڭ قۇلىغا قارشىمۇ زىناھ،چۈنكى شەيتان ئىنساننىڭ قان تۇمۇرلىردا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەلەيدۇ،شۇنداق بولغان ئىكەن ،ھېچكىممۇ يۇقارقى زىناھلاردىن ئۈزىنى تارتىيالمايدۇ،راس تارتىيالمامدۇ ياكى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسسىنى يېڭەممەمدۇ بۇنىسى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۈزىگە شۇنداقلا ھەممىنى بىلگۈچى،كامالى قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھقا ئايان!
ئەيدىز ۋىروسىنىڭ دورىسى يېقىندا چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق،ئەمما زىناھنىڭ دورىسى بۇندىن 1400يىللار بۇرۇن مۇقەددەس كىتاپ قۇرئان كەرىمدە چىقىپ بولغان،ئەيدىزدىن مەن قوقمايمە دىيەلەيدىغانلارنى مەن كۈرۈپ باقمىدىم،بەلكىم ھېچكىم كۈرۈپ باقمىغان بولىشى مومكىن،شۇڭا ئەيدىز بىمارلىرنى كۆرسەك جىندىن قاچقاندەك قاچىمىز،ئۇدۇل كەپ قالسىمۇ ئايلىنىپ ئۈتۈپ كىتىمىز،ئەمما بىز شۇنى ئويلاپ باقايلى ،ئەيدىزدىن قورقۇيمىز،ئەمما ئاللاھ ھارام دىگەن ئىشتىنچۇ؟قورقامدۇق؟
تېخى شۇ قىمما دىگەن ئىشنى ئۈزىمىز قىلىپ تۇرۇپ ،قاقشايمىز ،يىغلايمىز،ئاللا قىمما بەندەم دىگەن ھارام ئىشنىڭ يولىدا شۇنداق  قەھرىمانلىرمىز چىقىدۇ بىر قېتىم كىلدىغان ھاياتىنى ھېچ ئىككىلەنمەي مەرىتلەرچە تەغدىم ئىتدىغان ،ئۇنداقلارنى بىز قەدىمدىن ھۆرمەتلەپ تىللاردا داستان،يېزىقتا ھىكايە،رومان،پوۋسىت قىلىپ ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا قالدۇرمىز....

نىكاھ،بىر-بىرگە يات بولغان ئىككى جىنىسنىڭ ئىسلامدىكى ئەڭ توغرا بولغان ۋىسالىغا يىتىش يولى،شەرىئەتتىمۇ پۇتاقسىز بىر قائىدە ،ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان ئايالىڭىزنى،رازلىق بىرىپ تەگكەن ئىرڭىزنى ،قانچىلىك ھۆرمەتلسڭىز،قانچىلىك قارسىڭىز،قولىنى تۇتسىڭزمۇ ۋە ھاكازلار،بولىۋىردۇ.
نىكاھتىن كىيىن،تەلەپ قۇيامسىز،ياكى كۈزىگە قاراپ ئولتۇرامسىز،ئۇ سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز،ئەگەر يولدا بىرگە ماڭسىڭىزمۇ سىزلەرگە ھېچكىم گەپ قىمايدۇ،لېكىن بىر شەرىت چۇقۇم ئۈزىڭىزنى مەن بىر ئەركىشى دەپ ھىساپلىسڭىز،ئايالىڭىزنى بارلىغىڭىز بىلەن قوغداڭ،ئايالىڭىزدىن پەقەت ئۈزىڭىزلا ھۇزۇرلىنىڭ،باشقىلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشا يول قويماڭ،ئۈزىڭىزنى ھەقىقي بىر ئايال مەن دىسڭىز شۇ ئىسڭىزدە بولسۇن،ئالدى بىلەن شۈكىر قىلىشنى ياخشى ئۈگىنىڭ،ئايال كىشى بىلىپ-بىلمەي ئەھلى دەۋزىخى بولۇپ كىتىدۇ،كىچىچە ئۇخلىماي ئىبادەت ،قىلىپ كۈندۈزى روزا تۇتقان ھالەتتىمۇ،چۈنكى شەيتان ئاياللارغا يېقىنراق ...
ئايال كىشنىڭ مىنىڭچە ۋەزىپىسى ،بىر ئائىلدە ئاياللىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش،يولدىشنىڭ ،ئاتا-ئانىسنىڭ،خىزمىتنى ياخشى قىلىشتىن سىرىت پەرزەنىتلىرنىڭ سالىھ پەرزەنىتلەردىن بۇلىشىغا تۈرىتكە بۇلۇش،.....
ئەركىشنىڭ بولسا ئىمانىنى بىرىنجى ئورۇنغا قۇيۇپ تۇرۇپ،پۈتۈن كۈچى بىلەن ئائىلىسنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش،بارچە مۇھەبىتىنى ئاتا-ئانىسى،خوتۇن باللىرغا بىرىش ،مانا شۇ چاغدىكى مۇھەببەت ئابىھاياتتەك شۇ ئىنسانلارغا شىپا قىلىپ شۇ ئائىلنى روناق تاپقۇزۇپ ،كۆكلىشگە تۈرىتكە بولىدۇ دەپ قارەيمە..............

شۇڭا مىنىڭ تەكلىپىم،تۇنجى مۇھەببەت دىگەن بۇ مۇبارەك نامنى ،خاتا ئىشلەتمەي،توغرىسنى چۈشنىپ توغرىسى بويىچە ئىشلەتسەك،جەمىيتىمىزدىكى بەزى بىر بىز ياختۇرمايۋاتقان ئەخلاقسىزلىق مەسىللىرى يىلتىزدىن تۈگىمىسمۇ ئازراق بولسىمۇ ئازلاشقا پايدىسى بارمىكىن دەيمە...

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92822
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 356
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2014-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 12:39:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قاچانلىققا چىقىدۇ؟     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 11:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xuk_re يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 12:39 AM
داۋامى قاچانلىققا چىقىدۇ؟

داۋامىغۇ چىقاتتى   لىكىن ئۈستىدىكى قېرىندىشىمىزنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە يۇلىغۇم كەلمىدى

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103041
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2014-2-1
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 02:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان كۆرەرمىز!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش