مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ali1234

تۇنجى مۇھاببەت...‹ سىرلىق › [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4712
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 04:18:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىزقپ ئوقۇۋاتقانتىم.........تۈگەپ كەتتى دېسە.............داۋامىنى ساقلايمەن

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3376
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 07:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 12:16 AM
كۆرەمىز تىخى ؟!

بەخىت دىگەن كەپتەرنىڭ پوقى ئەمەس ، ئا ...

پولاتجان  ماقا خۇدانى  قويۇپ ئىزلىگەن مۇھاببەت ئىنسانغا بەخىت ئاتا قىلالمايدۇ  !!!!!!!!!!!!!!1   ما پىرىنسىپ  با بىزدە .!!!!!!!!!!!!!!!!!!!111

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 12:30:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 02:17 PM
ئەسىرىڭىزنى قىززىقىپ ئۇقۇۋاتىمەن....

ماقۇل  شۇ  سەل ئالدىراش بۇلۇپ قېلۋاتىمەن  رەھمەت

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 12:31:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار تورغا چىققۇدەك ۋاقت چىقماي قالدى ... بۇندىن كىيىن ئۇنداق بولمايدۇ

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 12:32:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەئە ئەلۋەتتە كۈتىمەن بۇ مىنىڭ ۋادەم لىكىن سىز ئېنىق جاۋاپ بەرسىڭز بۇلاتتى ...؟
- مەن دىدىمغۇ  يەنە دىسەم يەنە شۇ مەن تېخى بۇ ئىشلارنى ئويلاپمۇ باقمىدىم كىيىن بىرگەپ بولسۇن ئاۋال مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇۋالاي قانداق ؟
-ماقۇل ....
شۇ ئەسنادا ئارىمىزنى جىمجىتلىق قاپلىدى .گەرچە ئۇ تەلپىمنى كىسىپلا رەت قىلمىغان بولسىمۇ لىكىن مىنىڭ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم چۈنكى نىگار مىنىڭ ھاياتىمدىكى مەن تۇنجى قېتىم سۆيگۈ ئىزھار قىلغان قىز ئەمەسمۇ...
-بۇپتۇ نىگار سىزمۇ ئوقۇيمەن دەپ كەلگەنكىن ياخشى ئۇقۇڭ ؟
- ماقۇل مىنى توغرا چۈشەنگىنڭىزگە كۆپ رەھمەت...
- ياقەي ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ مەنمۇ شەخسىيەتچلىك قىلماي سىز ياخشى ئوقۇڭ كىيىنچە بىرگەپ بۇلا...
-ماقۇل ئەلى بىزگە يەنە سائەت ئالتە يېرىمدا كەشلىك مۇزاكىرە باتتى مەن مەكتەپكە كىتەيمىكىن...؟
-ئەمسە مەن سىزنى ئاپرىپ قۇياي يۈرۈڭ...
- بولدى بولدى رەھمەت سىزنى ئاۋارە قىلماي سىزنىڭمۇ باشقا ئىشىڭىز بادۇ...؟
- مىنىڭ باشقا ئىشىمۇ يوق يۈرۈڭ مەكتىپىڭىزگە ئاپرىپ قۇياي.....
بۇ يەردىن يېنىپ چىقىپ تاكسىغا ئولتۇرۇپلا مەكتىپىگە قاراپ ماڭدۇق...يول بۇيى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق خىياللار بىلەنلا كەلدىم . نىگارمۇ بىر نەرسە ئويلاۋاتسا كېرەك تىشلا ئولتۇراتتى ...مەكتەپ ئالدىغا كىلىپ تاكسى شۇپۇرى
- ئۇكام ... ھەي ئۇكام سىلەر دىگەن مەكتەپكە يىتىپ كەلدۇق دىگەندىلا ئاندىن ئەسھۇشىمىزنى يىغىپ تاكسىدىن چۈشتۇق...
- ئەلى سىزنى ئاۋارە قىلىپ قۇيدۇم ھە ئۈزۈم كىلەيتىتىم بىكار ئاۋارە بولدىڭىز..؟
-ئۇنداق دىمەڭ بۇ دىگەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم جۇما ھې ھې
- ئۇغۇ شۇ ئۇنداق بولسا مەن مەكتەپكە  كىرىپ كىتەي بۇ گۈلىڭىزگە رەھمەت چۇقۇم ياخشى پەرۋىش قىلىمەن ....خوش ئەمسە ئاللاھقا ئامانەت ئامان بۇلۇڭ....
-ماقۇل ئەمسا كۈرۈشكىچە سالامەت بۇلۇڭ ئالاقىلىشىپ تۇرايلى...
- ماقۇل
-ئۇ ئارقىغا ئۆرىلىپلا كىتىپ قالدى... كۆزلىرىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزگىم كەلمەيۋاتىدۇ. ئۇ تاكى ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئارقىىغا ئۆرلىپ قۇل پۇلاڭلاتقانغا قەدەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردۇم....
-توۋا ئۇ كەتكىنىدە ئارقىسىدىن تەلمۈرۈپ قارغۇچە ئاباي كۈرۈشكەن ۋاختىمدا قارسام بولماسمىدى....
قەلبىمدە بىرخىل تويغۇ مىنى بۇ مەكتەپنىڭ ئالدىدىنكەتمەسلىككە ئۈندىمەكتە...! بەلكىم بۇمۇ ئۇنى بەك ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىم بولسا كېرەك...ھەي خىياللرىم مەندىن يىراق تۇرۇڭلار ئۇنىڭ چىقمايدىغنى ئېنىققۇ ئۇ تېخى ھازىرلا كىرىپ كەتتى بۇنداق ئەخمەق بولمىغىن كۆڭلۈم ئۇ سېنىڭ كۆڭلىڭنى رەت قىلىپ كەتتىغۇ...؟ بولدى شۇ جاۋاپ يىتەرلىك ....
- ئۇنىڭ شۇنچە سۆيسەممۇ بىلىمگەنلىكى بىلسىمۇ  بىر سەۋەپنى كۆرسىتىپلا رەت قىلغىننى ئويلاپ ئاچىقلىرىم كىلۋاتىدۇ.....
-ھەي بولدىلا ....ياتاققا قايىتىپ كەلدىم...كۆڭلىم يېرىم بولغاچقىمىكىن كەيپىياتىم ئانچە ياخشى ئەمەس ھەم باشلىرىم چۈشىپلا كەتكەنتى..
-ياتاققا كىرىپ بولغۇچە ئابباس...
- ۋاي بىزنىڭ ئەلى بالاڭزىنڭ قۇلاق تۈۋىگە ئىككنى سېلىپ يولغا سېلىپ قويغان ئوخشىمامدۇ گۈلنىگارئاچىمىز  ھې ھې....
- ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ تېخمۇ  ئاچىقىم كەلدى لىكىن گەپ قىلمىدىم...
- ھە نوچى بېشىمىز چۈشۈپ كىتىپتىغۇ مۇھاببەت دىگەن شۇنداق نەرسە چىدىغۇلۇق  نىم بۇلۇپسەن ؟
شۇنچە بولغۇدەك نىمىش بولدى ؟ ۋاي - ۋۇي ئاداش ساڭا گەپ قىلۋاتىمەن خاپا بولماي بىر گەپ بەسە ھە  ھې ھې....
- نىمىش بۇلىتتى ئاداش شۇ مەن ئۇ ئىشلارنى تېخى ئويلاپمۇ باقمىدىم كىيىنچە بىرگەپ بولسۇن ئاۋال مەكتەپتە ئۇقۇۋالاي دەيدۇ...
- ۋاي مۇشۇنىڭغا شۇنداق بۇلۇپ كەتتىڭمۇ...؟ بۇ دىگەن باغۇ ھەممە قىزلارنىڭ سەھنە سۈزى خۇددى ‹ ئارتىسلارنىڭ سەھنە سۈزىگە ئوخشاش › مەن تېخى گۈلنىگارنى يىگتىم بار دىگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن...ئۇنداق دەپ قالغان بولسا ئۈلۈپلا كىتىدىغان ئوخشايسە سەن....؟ كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما بىر قانچە ئايدىن كىين ياكى ئۇنىڭغا بارمىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يەنە بىر تەلەپ قۇيۇپ باق ....؟
- ئاداش قانداق بۇلار ئۇ مەن ئۇقۇۋالاي دەۋاتسا...؟
- ۋاي ھېچنىم بولمايدۇ ساڭا كۆڭلى بولسىلا تەلپىڭگە قۇشۇلىدۇ... قىزلارمۇ ئويلايدۇ شۇلارنىڭ بىزگە ئوخشاش دوسلىرى بار دىگنە ئۇلار گەپ ئۈگتىپ ئاداش بىر قېتىم تەلەپ قۇيۇپ بولغۇچە قۇشۇلساڭ قەدرىڭ بولمايدۇ تەلپىگە ئالدىرماي جاۋاپ بەرگىن دىگەن گەپ...؟
- راس شۇنداقمۇ دەمۇ...؟
-ھې ھې ئانداق دىسەم شاللاقكەنسە دىمە ....مەن ھازىرغىچە بەش-ئالتە قىز بىلەن يۈردۈم تەجىربە بۇلۇپ كەتتى ماڭا بۇ ئىشلار ھې ھې.....
- نىمە بەش-ئالتە  ۋاي سەن بىكار يۈرمەي قىزلار بىلەن تۇنشۇپ يۈرۈپ چىقتىڭمۇ نىمە ئاداش....؟
- شۇ ئاداش قانداق قىلىمىز مەنمۇ باشتا سەندەك پەقەت بىرلا قىزنى ياخشى كۈرەتتىم .
ھەم  بىرگىلا كۈڭۈل بەرگەن كىيىن تۇنجى سۆيگۈنۇم ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغاندىن كىيىن ماڭا بۇ ئىشلار بەك ئېغىر كەلدى... شۇنىڭدىن كىيىن خەپ قىز بالا دىگەننى ئەخمەق قىلىپلا يۈرۈيمەن دىۋەتكەن شۇڭا قىز بالىغا بەك ئۆچ بۇلۇپ كىتىپتىمەن. شۇڭا ئۆچ ئېلىۋاتىمەن....
-نىمە سەنمۇ قىزىقكەنسە باشقا قىزلاردا نىمە گۈناھ ؟
-شۇ ھەمىسى قىزبالا ئەمەسمۇ ھې ھې...
- ئۇنداق دىسەڭ بولمايدۇ ئاداش بىزنىڭمۇ ئاچا- سىڭلىرىمىز بار بىردىن يانمىسا بىرىدىن يانىدۇ بۇنداق قىلمايلى...بۇ دۇنيا دىگەن ئوتنە ئالەم دىگەن ھىكمەتلىرمىزمۇ باغۇ ئۇنداق قىلما...؟
-ۋاي ئاداش سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن شۇ.....
- ئاداش شۇ سەن بىز ئالداۋاتقان شۇ قىزلار بىزنىڭ ئاچا-سىڭلىرىمىز كەلگۈسىمىزنىڭ بۇغۇسى ئانىللرى ئەمسمۇ....ھەمىمىز دىققەت قىلايلى ئاچا-سىڭلرىمىزغا كۈڭۈل بۈلسەك قۇلىمىزدىن كىلىشچە ياخشى مۇئامىلە قىلساق بۇلاتتى ئەمەسمۇ....ئاچا-سىڭلرىمىز دىسەم ئەمدى خاتا چۈشىنىپ ھەممىسى قانداق ئاچا-سىڭلىرىمىز بۇلۇپ بۇلىدۇ...دىمىگىن بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ...دىنىمىز...تىلىمىز ....ئەڭ ئەقلىسى ھەمىمىز ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەمەسمۇ ...؟
- بۇ دىگنىڭغۇ توغرا ئاداش لىكىن ئۇ قىزلار بۇنداق ئۇيلمايدۇ....؟
-توغرا بەلكىم ئويلىماس ..
-شۇ ئەمەسمۇ ئاداش...؟
-سەن شۇنداق دىگەن بىلەن سەن ئەخمەق قىلىپ ئۇيۇنچۇق قىلغان قىزلار سەندىن ئايرلغاندا قان-قان يىغلىغاندۇ بەلىكم شۇنمۇ ئويلايلى ئاداش.....
-ماقۇل ئاداش مەن .....
-يەنە ئاداش لىكىن  شۇ قىزلارمۇ بۇرۇن سەندەك ئۇغۇللار تەرپىدىن ئالدىنىپ ئاندىن شۇنداق باشقلارغا ۋاپاسىزلىق قىلشنى ئويلىغان بۇلشى مۇمكىن... شۇڭا ئاداش ھەممە ئىشىنى ئۈزۈمىزدىن باشلايلى...ئەڭ ئاۋال ئۈزۈڭ ۋاپادار بولغىن ئاندىن باشقلاردىن ۋاپا كۈت....بەلكىم گەپلىرىم سەل ئېشىپ كەتتكەندۇ لىكىن كۆڭلىڭگە ئالمىغىن ....
- ۋاي ياقەي ئاداش گەپلىرىڭ شۇنداق ئورۇنلۇق بولدى...ئويلاپ باقسام مەن خاتا قىپتىمەن بۇندىن كىيىن خۇدايىم بۇيرىسا ئۇنداق ئۈجما كۈڭۈللۈك قىلمايمەن  ھې ھې...
- ماقۇل سەن دىدىڭ جىمۇ ماۋۇ گەپنى...؟
- ھەئە ئەلۋەتتە خاتىرجەم بول ۋەدەمدە تۇرىمەن . ئەجەپ سېنىڭ ئىشىڭنى ھەل قىلىمىز دەپ مىنىڭىگە ئۈتۈپ كەتتۇق دىسە...؟ بومۇ بوپ قالدى بىر ھىساپتا ياخشى سۆزلەر بۇلۇندى ئەمەسمۇ...ئەمدى ئاداش كەچمۇ بوپتۇ ئۇخلايلى سەنمۇ ياخشى بىر ئۇخلىۋال ھەمىسى ئۈتۈپ كىتىدۇ؟
- ماقۇل ئاداش سەنمۇ شۇ....
شۇ كۈندىن كىيىن گۈلنىگار مەندىن سەل يىراقلاپ قالدى . بۇرۇن كۈندە دىگۈدەك پارڭلىشىپ تۇراتتۇق ھازىر ھەپتىدە بىرە قېتىم پاراڭلىشىدىغان بولدۇق....مەن ئۇنى ئىزدىمىسەم ئۇ مىنى ئىزدپمۇ قۇيمايتتى ...
-مۇشۇ كۈنلەردە تەنھالق بىلەن ئاشىقلىق ئىككىسى بىر بۇلۇپ مىنى بەكلا بۇزەك قىلۋاتىدۇ....
ھەي ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن دۇنيادا بىرسىنى سۈيۈپ تۇرۇپ سۈيۈلمەسلىكتىن ئارتۇق ھىجران ئازابى بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ بىلەن تۇنشۇپ مۇشۇ يېرىم يىلغا يەتمىگەن جەريانىدا ئاشىقلىقنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارىتتم . يەنە قانداق ئازاپلار مىنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن بىلگۈچى پەقەت بىر ئاللاھ....ھەي مۇشۇ كۈنلەردە ھىجران كۇچىسىنىڭ ھەربىر دوقمۇشلىردا تىڭىرقايتتىم . مەن مۇھاببەتنىڭ ئۇزۇن كۇچىللىرىدا بىر قەدەممىنى ئالا ئالماي تۇرۇپلا بۇنچە ئازاپقا دۇچار بۇلشۇمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئازاپلارغا دۇچار بولدۇم.
بۇ مۇھاببەت دىگەن شۇنداق ئازپلا ئېلىپ كىلەمدىغاندۇ ئادەمگە بىلمىدىم جۇمۇ قانداق قىلىشنى؟ بىرىنجى قەدەمنى باسقانكەنمەن قېنى ئاخىرنىمۇ بېسىپ باقاي .  
مەيلى قانداق ئازاپلار ياكى قانداق قىسمەتلەر مىنى كۈتۈپ تۇرشىدىن قەتتى نەزەر داۋاملىق تىرشىمەن. پەقەت ۋە پەقەت ئاخىرقى نىشانىمغا يەتكۈچە يەنى ئۈزۈمگە تەۋە بولغان ھەققى پاك مۇھاببەتكە ئىرشكەنگە قەدەر تاكى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەپەسلىرىم قالغۇچە تىرشىمەن. كۈنلىرىم مۇشۇنداق ئىككىلىنىش ۋە مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئۈتىۋەردى.
ۋاقىت كۈتكەندە بەك ئاستا ئۆتۈشكە باشلىدى ئۇنىڭ بىلەن كۈرشىمىگلىمۇ بىر ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت بۇلۇپ قاپتۇ...ئۈزۈمنىڭ بۇنداق ئازاپلىنشىمغا قەتتى چىداپ بۇلاممىدىم.....يەنە ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ ئەمدى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قۇيۇش قارارىغا كىلىپ تىلفۇن قىلدىم ئۇ تىلفۇننى ئالدى سالاملىشىپ چىققاندىن كىيىن ...
-شۇ كۈندىن  كىيىن  يىراقلاپلا كەتتڭىزغۇ مەندىن نىگار ....
-ئۇنداق ئەمەس شۇ....
-قاچان ۋاقتىڭىز بار كۈرۈشسەك بوپتىكەن ؟
-بىرە ئىش بامىتتى...؟
-ھەئە سىزگە دەيدىغان گەپ باتتى..
- ھە چۈشتىن كىيىن ۋاقتىم بار نمە گەپتى ؟ ھازىرلا دەڭە بومىسا ئادەم تەققەزار قىمماي...؟
- يۈز  تۇرانە كۈرۈشكەندە دەي قانداق ؟
-ماقۇل نەدە كۈرشىمىز ؟
-سۇ ئۇستى باغچىسىغا بارايلى يازلىق مەنزىرسى بوپ قۇيدۇ....
- ماقۇل چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتە باغچىدا ساقلاپ تۇرۇڭ . مەن ئاشۇ يەرگىلا باراي ؟
- ماقۇل ئەمسە چۈشتىن كىين كۆرشەيلى. تىلفۇننى قۇيۇپ سائەتكە قاردىم سائەت ئۇن ئىككى بۇلاي دەپتۇ. چۈشلۈك تاماق يەپ بۇلۇپ باغچىغا بارماقچى بولدۇم . تاماق يەپ چىقىپ ئىشىممۇ بولمىغانكىن باغچىغا باردىم... ئىشكتىن كىرىپ ئەمدىلا كۆكىرىشكە باشلغان دەل- دەرخلەر گۈل- گىياھلارنى كۈرۈپ كۆڭلۈم باشقىچلا  ئېچىلىپ قالدى...بۈگۈن بۇ باغچا خېلىلا تىنچ ئىدى...باغچىنىڭ ئىشكىنىڭ يان تەرپىدىكى خالىراق  بىر ئۇرۇنغا كىلىپ ئۇلتۇرۇپ دەرخلەرنىڭ ئارسىدا قۇغلىشىپ ئويناۋاتقان ئىككى تىينغا كۈزۈم چۈشتى ئۇ ئىككسى شۇ قەدەر ئۇماق ئىدى . بۇ ئىككىسىگە قاراپ خىيالدىڭىزغا غەرىق بۇپتىمەن... ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن ھە...بىرسىنىڭ يېنىمغا كەلگىننمۇ سەزمەي ئۇلتۇرۇپتىمەن...مۆرەمگە بىرسى يەڭگىل بىرنى ئۇردى .
قارسام نىگار تۇرۇپلا قالدىم...
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلى...؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تېشلىقمۇ ؟
- تېشلىق خىيال سۈرۈپ ئولتۇراپ كىتىپسىز ئۇزۇن ساقلىتىۋەتتىما ؟
- ياق ئۇنداق ئەمەس...سىزمنى قانداق تاپتىڭىز ؟
- ئىشكتىن كىرپلا قارسام يالغۇز ئولتۇرۇپسىز شۇڭا كىلشىم...
                                          داۋامى بار.....

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!
ひyGんuR بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 12:44:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 11:28:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-ھە شۇنداقمۇ مەن تېخى قانداق تاپقاندۇ دەپ ھەيران قاپتىمەن. قايسى تەرەپكە بارايلى ؟
-مەيلى قايسى تەرەپكە بارساق...بۈگۈن خېىلى تىنىچتەك تۇردۇ بۇ يەر بومىسا ھېلىقى چاغدىكى ئىلەنگۈچكە بىرىپ پارڭلاشقاچ بۇرۇنقى كۈنلەرنى بىر ئەسلەپ چىقامدۇق . مىنىڭ بەك ئىلەنگۈچ ئۇچقۇم كىلۋاتىدۇ...؟
- ماقۇل ئۆتكەن كۈنلەرنى بىر ئەسلەپ چىقايلى راس.... بىز شۇ تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن ئىككىمىز بىرلىكتە كىلىپ باقماپتىمز ھە ...؟
- توغرا دەيسىز يۈرۈڭ ئەمسا....
-نىگار سىز مىنى مۇشۇ كۈنلەردە بەك بۇزەك قىلىپ كىتىۋاتىسز جۇمۇ ؟
- ۋاي ماۋۇ گەپنى قانداقسىگە ئەمدى ؟
-بىلىسزغۇ ھې ھې
- نىمىنى ؟
- سىزنى ياخشى كۈردىغنىمنى ۋاي بولدىلا سەل تۇرۇپ دەپ بىرەي ....بىر دەمدىلا كىلىپ بوپتىمز ئىلەنگۈچ ئۇچامسىز چىقىڭە مەن ئۆز قۇلۇم بىلەن ئۇچۇتاي سىزنى ھې ھې
- ياق ئىككىسى بولغانكىن سىزمۇ چىقىڭ ئىككىمىز بىردىن ئۇچايلى...
- ماقۇل ئىككىمىز بىر ھازا ئۇچقاندىن كىيىن نىگار...
-ئەلى مەن سىزنى باشتا ئۇچۇتاي  سىزمۇ مىنى ئۇچۇتىسز ھە ؟
- مەنمۇ ئۇچۇتىمەنما ؟ ياق مەن ئۇچۇتمايمەن ئۈزىڭىز باشتا ئۇنىمىغان شۇڭا سىز مىنى ئۇچۇتىسز مەن ئۇچۇتمايمەن قانداق ؟
- ياق سىزمۇ ئۇچۇتىسز مەن دىگەن چاقچاق قىلىپ قويغان ....
- ئىش قىلىپ مەن ئۇچۇتمايمەن بومىسا ئۇچۇتماڭ مىنى ئۈزۈم ئۇچىمەن ؟
- ئەجەپ كەنسىز ئۇ دىگەن ھەي بولدىلا ....رەنجىپ قالدىم سىزدىن ؟
- ھې ھې مەنمۇ چاقچاق قىلىپ قويدۇم مەلىكەم....
- نى نىمە دىدىڭىز نمەم قايتا دەڭە ؟
- ئاڭلىمىغان بولسىڭز ئۈزىڭىزنىڭ ئىشى ئەمدى دىمەيمەن. قېنى باشلاڭ مىنى ئۇچۇتۇڭ مەن ئۇچىمەن تىز بۇلۇڭ...
-ماقۇل بەك ئۇچتىمەن قاراپ تۇرۇڭ سىزنى يىقتىۋىتىمەن تازا ھې ھې
- ماقۇل كۈرىمىز تېخى باشلاڭ ھې ھې
- ئەلى قاراڭ يىقلايلا دەپ قالدىڭىز ؟
- ۋاي ئاستىرىق ..
- ياق ياق تېخىمۇ بەك ئۇچۇتىمەنغۇ تازا ھې ھې
- ھە قېنى ئەمسا سىناپ بېقىڭ ماڭمىۇ كىلىپ قالامكىن جۇما نۆۋەت ؟
- مەيلى مىنىڭ بېشىم قايمايدۇ ئىشقلىپ ھې ھې
- سەت كۈلىۋەرگننى كۈلمەڭ بولدى كۈلسىڭىز بەك سەت بۇلۇپ كىتىدكەنسىز نىگار ھې ھې...
- ماۋۇ گەپنى قانداق قىلاي ؟ تۇلا قۇرۇق گەپ ساتماي مەنمۇ ئۇچايمىكى ئەمدى قانداق ؟
- ياق مەن تېخى ئۇچىمەن
- مەن بەك ھېرىپ كەتتىم ئەلى ماڭىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن . ئەجىبا ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىمامدۇ ؟
- بۇ بۇ ئەلۋەتتە ئاغرىيدۇ...
- ئەمسا چۈشۈپ باقامسىز ئىلەنگۈچتىن ھې ھې ...
- ماقۇل ماقۇل خېلى يامانكەنسىز جۇما نىگار ؟
- ھە شۇ مىنى يۇۋاش كۈرۈپ قالغانما ؟
- ھەئە يۈۋاش كۈرۈپ قاپتىمەن ھې ھې  بېشىڭىز قايدىمۇ ياقمۇ ؟ بشىڭىز قايسا دەڭ جىمۇ ؟
- خاتىرجەم بۇلۇڭ بېشىم قايمىدى...بەكرەك بىر ئۇچۇتۇپ بېقڭچۇ ؟
- ئەمسا چىڭراق تۇتۇڭ جىمۇ ؟
-ماقۇل
-بولدىمۇ ؟
-ياق ياق تېخمۇ بەكرەك
- ياق ئەمدى بەك ئۇچۇرمايمەن يىقىلىپ كىتىسىز...
- ئەلى سەل بېشىم قېيىپ ئاغرىۋاتىدۇ ؟
- قەيەرى دەپلا ئۇنىڭ بېشىغا قاردىم كۆزلىرىمىز يەنە ئۇچراشتى ... بۇ قېتىم ئۇزۇنغىچە قارشىپ تۇرۇپ قالدۇق. نىگار سىز ئۆتكەندە مۇشۇ يەردە كىمنى ياخشى كۈرسىز دەپ سورغانغۇ ئەمدى جاۋاپ بىرەيمۇ ؟
-ماقۇل لىكىن سىز بۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىپ بولغانغۇ قايسى كۈنى...
-لىكىن بۇ يەردە سۇرغان ۋاقتىڭىزدا جاۋاپسىز قالغان كىيىن دەپ بىرەي دەپ دىمىگەنتىم. ئەمدى ئاڭلاڭ...
مەن سىزنى ياخشى كۈرىمەن نىگار ؟
- مەن سىزگە جاۋاپ بىرىپ بولغانغۇ...
-مەن ھازىر يەنە دۋاتىمەن ئەجىبا سىز منى ياخشى كۆرمەمسىز ؟ گەپ قىلۋاتىمەن سىزگە ؟ كۈزۈمگە قاراپ تۇرۇپ جاۋاپ بىرىڭ ؟
- شۇ ئەلى ...
- شۇ نىمە ياخشى كۈرسىز شۇنداقمۇ ؟
-خىجىل قىلماڭچۇ ئادەمنى ؟
-سىزگە دىسەم نىگار مۇھاببەتتە خىجىل بۇلۇش بولمايدۇ...ياخشى كۈرسىز شۇنداقمۇ ؟
- ھەئە..
- نىمە قايتا بىر دەڭچۇ خوش بۇلاي ؟
-مەنمۇ سىزنى ياخشى كۈرمەن ...
-ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۈرىمەن دىگننى ئاڭلاپ ھاياجانلىپ ۋاقىراپ كىتىپتىمەن...
- ساراڭ باشقلار قاراۋاتىدۇ ؟ ساراڭ ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن ئەمدى سىزنى...
-مەيلى قارىسا ئۇلار بىلەن كارىم يوق ماڭا پەقەت سىز بولسىڭىزلا بولدى. سىزنى دەپ ھەرقانداق ئىشىنى قىلىشقا رازى جۇما مەن ھې ھې
- راسما مىنى بەك خوش قىلدىڭىز ئەلى ؟
-ئەلۋەتتە راس ..
- سىز مېنى دەپ بىر ئىش قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق پەقەت ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلماي مېنى ۋە سۆيگۈمىزنى قەدىرلىسىڭزلا شۇنىڭ ئۈزى ماڭا يىتەرلىك .... شۇنداق قىلالامسىز ؟
- ئەلۋەتتە قىلىمەن سىزنىڭ سۆيگىڭىزگە ئىرشەلگەنلىكىم بۇ مىنىڭ بىر تەلىيىم شۇڭا سىزنى ۋە سۆيگۈمىزنى بەك قەدىرلەيمەن ھەم ئەزىزلەيمەن ....
- ئىشىنىمەن سىزنىڭ شۇنداق قىلايدىغىنىڭىزغا مەنمۇ سىزنى ھەم سۆيگۈمىزنى قەىدرلەيمەن...
- ئۇنىڭ قارا كۆزلىرىگە  تويماي قاريىتتىم...قارىغانسىرىم قارغۇم كىلەتتى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مۇھاببەت ئوتلىرى يالقۇنجاپ تۇراتتى.
- بەك قاراپ كەتتىڭىزغۇ ؟ خۇددى مىنى كۈرۈپ باقمىغاندەك ؟
-سىز قىز دوستۇم بولغانكىن قارغۇم كەلدى . بەك ئۇماق جىمۇ سىز ...
- نەدىكنى ئاشۇرۋەتىڭىز جۇما مەن نەدە ئۇماق ؟
- ئۇماققۇ ھې ھې  ئەمدى بىرە نەرسىگە چىقىپ ئوينامدۇق ؟
-ياق بولدى بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ ئەمدى مەكتەپكە كىتەيمىكىن كىلەر قېتىم چىقامىز باشقا ئۇيۇنچۇقلارغا...
- ماقۇل تاماق يەيلى قۇرسۇقۇم ئاشتى سىزنىڭمۇ ئاچقاندۇ ؟
- ئانچە ئەمەس..
-ئەمسا تاماق يەيلى باغچا ئەتراپىدىكى بىر تاماقخاندىن تاماق يىگەندىن كىيىن ئۇنى مەكتىپىگە ئاپرىپ قويماقچى بۇلۇپ تاكسى توستۇم ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس...
- بولدى ئەلى مەكتىپىمۇ يېقىن بولغانكىن پاراڭلاشقاچ پىيادا ماڭلىچۇ ؟
- مەيلى ئەمسە سىز نىمە دىسىڭىزشۇ...
- پاراڭلاشقاچ مەكتەپ  ئالدىغىمۇ بىردەمدىلا كەلدۇق .
-مەن مەكتەپكە كىرىپ كىتەي ئەمسا ؟
-سىزنى سۈيىمەن نىگار خوش ئۈزىڭىزنى ئاسراڭ ....ئۇ كىرىپ كەتتى مەن بۈگۈن ئىنتايىن خۇشال ئىدىم...توۋا مۇھاببەت دىگەن ئاجايىپ نەرسە جىمۇ ؟ ساقنى ساراڭ قىلدۇ...ساراڭنى ساقايتىدۇ شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ خۇشال كۈنلىرىمىز باشلاندى.
سۆيگىمىزنىڭ قەدرىگە يەتتۇق ... بىر بىرمىزنى شۇ قەدەر قەدىرلەيىتتۇقكى بۇلۇپمۇ مەن ئۇنىڭغا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيتتىم. خۇشال كۈنلەر شۇ تەرىقدە ئۈتىۋەردى.....گەرچە مۇھاببەتنىڭ بۇ ئۇزۇن كۇچىسىدا بىېشىدا ئازراق ھىجران ئازابى تارىتقىنىمنى ھىساپپقا ئالمىغاندا كۈنلىرىمىز لەيلى- مەجنۇندىن قېلىشمايتتى.... ئابباسمۇ پات پات چاقچاق قىلىپ
- سەن ھەمىمىزنىڭ ئاخىردا مۇھاببەتلىشىپ تۇرۇقلۇق بىزدىنمۇ ياخشى ئۈتەۋاتىسلەر كۆز تەگمىسىۇن ئاداش دەپ قۇياتتى....
- مەنمۇ جاۋابەن شۇ ئاداش  ياخشى ئۈتىۋاتىمىز  خۇدايىم بويرىسا بۇندىن كىينمۇ تاكى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كىيىنمۇ ياخشى ئۈتىمىز ھې ھې
-شۇنداق قىلڭلار ئاداش ئەگەر ھازىرقى جەميىتىمزدە لەيلى - مەجنۇن بار دىيىلسە سىلەردىن باشقىلارغا ئاشمايدۇ جىمۇ...
-ئۇ مىنىڭ قەلبىمنىڭ تۇنجى مىھمانى  ھەم تۇنجى سۆيگۈنۇم ئەمسمۇ ئاداش. ئاللاھ خالىسا ئۇ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلمىسىلا مەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلمايمەن ئاداش...
- ئۇغۇل بالىدەك  گەپ قىلدىڭ ئاداش ئۇمۇ يۈزسىزلىك قىلماس خاتىرجەم  بول ...!

******************************************************************************************************
كۈنلەر ئۈتۈپتۇ ئايلار ئۈتۈپتۇ....ئارىدىن ھەش پەش دىگۈچە ئىككى يىل ئۈتۈپ كەتتى.
ئۇنىڭ تىلفۇنى گاھىدا پات-پات ئالدىراش چىقىپ قېلىپ ئۇرشۇپ قالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا بۇ ئىككى يىل جەريانىدا شۇنداق ياخشى ئۆتتۇق...شۇنداق گەپ تالشىپ قالغان چاغلاردا ئۇ ماڭا ئەلى سەن ئۆزگىرەپ كەتتىڭ دەپ قۇياتتى...بۇنداق چاغلاردا مەنمۇ مەن ئۆزگەرمىدىم سەن ئۆزگەردىڭ . مىنىڭمۇ سېنىڭ كۆڭلىڭگە ئازار بەرگۈم يوق پەقەت ئىككلىمزگە ياخشى بولسۇن دەيمەن دەپ قۇياتتىم....
بۇ ئىككى يىل جەريانىدا سۆيگىمىز ھەم كەلگۈسىمز ئۈچۈن  نۇرغۇن شىرىن خىياللارنى قىلىپ كىتەتتۇق...
باغقا كىرسەك بۇلبۇللارمۇ بىز ئۈچۈن نەغمە قىلاتتى......
ئۇنىڭ ئۇقۇشىمۇ تۇشۇپ يۇرتىغا يەنى قەشقەرگە كەتتى . مەن يەنە بۇ ئۈرۈمچىدە قالدىم ئۇنىڭ بىلەن كۈندە دىگەندەك كۈرشۇپ كۈنۈپ قاپتىكەنمەن.
ئۇ كەتكەندىن بۇيان بىر نەرسەم يوقتەكلا ھىس قىلىمەن. مۇشۇ كۈنلىرىم بەك زىرىكىشلىك تويلىدىغان بۇلۇپ قالدى.
بىر- بىرمىزنى بەك سېغنىپ كەتكەچكىمىكىن تىلفۇن پاراڭلاشقاندا تۇلا ئۇرشىدىغان بۇلۇپ قالدۇق....
مۇشۇ كۈنلەردە ئابباسمۇ قەشقەرگە كەتتى . مىنىڭ بۇ شەھەردە بىرقانچە دوستۇمدىن باشقا ھېچ نەرسەم قالمىدى.
ئەمدى مەنمۇ قەشقەرگە كىتىشنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم. ئۇنى بەك سېغنىپ كەتتىم بىر كۈنى ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم...
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلى قانداق ئەھۋالىڭ جېنىم ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سەن ياخشى بولساڭلا مەن ياخشى جېنىم...
-قېنى دەپ باقە سەن ئۇ يەردە تۇرساڭ قانداق ياخشى ئۈتىمەن سېنى بەك سېغىندىم ...قاچان كىلسە قەشقەرگە ؟
- جېنىم مەنمۇ سېغىندىم سېنى شۇڭا قەشقەرگە كىتەيمىكىن...
-ۋاھ راس دەۋاتامسەن جېنىم ؟
- ئەلۋەتتە راس ساڭا دەيدىغان بىر گەپ باتتى. يۈز-تۇرانە دەيمۇ ياكى....؟
-ھازىر دەۋەرگىن جېنىم مىنى تەققەززار قىلماي..
- ئەسلى يۈز-تۇرانە دىسەم ياخشى بۇلاتتى لىكىن ھازىر دەۋىرەي بۇرۇنراق خوش بولغىن. جېنىم بىز توي قىلايلى ؟
- نى نىمە چاقچاق قىلۋاتامسەن ...؟
- ياق ياق راس دەۋاتىمەن. مەنمۇ يىگىرىمگە  كىردىم . سەنمۇ ئون سەككىزگە كىردۇڭغۇ دەيمەن شۇڭا بىز ھازىر توي قىلايلى ؟ بىر-بىرمىزنى كۈندە كۈرۈپ تۇرايلى بومىسا سېغىنىپ كىتىدىكەنمەن....سەن قانداق قارايسەن ؟
-جېنىم مىنى بەك خوش قىلدىڭ جىمۇ مەن ئەلۋەتتە قۇشلىمەن. بىز بۇ كۈننى كۈتىكىلى خېلى بولدى ئەمەسمۇ....
- راس دەيسەن جېنىم سىنىڭ ئۈيەڭدىكى چوڭلار نىمە دە بۇ ئىشىمىزغا ؟
- جېنىم خاتىرجەم بول ئۇلار قۇشلىدۇ. مەن ئانامغا دىگەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئانام قۇشۇلدى. داداممۇ قۇشۇلىدۇ...
- ئەمسا ياخشى جېنىم مىنى بىلىسە ئانام ئەقلىمنى بىلسەملا بىز بىلەن ۋاقىتسىز خوشلىشىپ كىتىپتىكەن. دادام رھمىتى بولسا مەن ئونبەش ياشقا كىرگەن يىلى ئالەمدىن ئۆتتى..  
ھەم مىنىڭ ئائىلە شارائىتىمۇ سىنىڭدەك ياخشى ئەمەس بۇ ساڭا ئېنىق شۇڭا بۇلارنىمۇ ئاناڭغا دىدىڭمۇ؟
-خاتىرجەم بول جېنىم ھەمىنى ئانامغا دىدىم ئۇ سىنىڭ ھەممە ئەھۋالىڭنى بىلدۇ ئانام ئۇ ياخشى مۇسۇلمان بالا بولسىلا بىرىمەن  دىدى ....
سېنىڭ ياخشى بىر مۇسۇلمان بالا ئىكەنلىكىڭنى ھەم  مىنى بەك قەدىرلەيدىغىنىڭنى بىلىپ سىلەر بەختلىك بولساڭلا بىر رازى بالام دىدى سەن خاتىرجەم بول جېنىم....
- جېنىم ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم مەن قەشقەرگە بېرپلا سەن بىلەن توي قىلىپ بىز يەنە ئۇرۈمچىگە يېنىپ كىلەيلى..؟
- ماقۇل توينى قاچان قىلىمىز ؟
-ھازىر ئونجى ئاينىڭ ئوتۇرلىرى شۇڭا ئون ئىككىنجى ئايدا قىلايلى ئۈيۈڭدىكىلەر قۇشۇلسا ؟
- ماقۇل مەن دەپ باقاي سەن قاچانراق كىلسە بەك سېغىندىم سېنى ؟
- بىر قانچە ھەپتىگە قالماي بارىمەن ...
- ئەمسا كەلگەن ۋاقتىڭدا كۆرشەيلى. ئىشىڭنى قىلۋەرگىن ئاللاھقا ئامانەت...
- بولدۇ ئاللاھقا ئامانەت... تىلفۇننى قۇيۇپ شۇنداق خوش بۇلۇپ كەتتىم ئاللاھ شۇ كۈنلەرگە تىزراق يەتكۈزسۇن....شۇنداق خىياللار بىلەن ئۇنى تۇيۇقسىز خوش قىلماقچى بۇلۇپ بۈگۈن ئالدىغان نەرسىلىرىمنى ئېلىپ بۇلۇپ ئەتە ماڭاي دىگەن خىيالغا كەلدىم....
                                                                                             داۋامى بار.....

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 12:21:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-ئوف بۈگۈن ئاخىرى ئالدىراپ يۈرۈپ بىر نەرسىلىرىمنى ئېلىپ بولدۇم....
ھەم دوسلىرىم بىلەن خوشلىشىپ ئەتە ئەتگەندە ماڭدىغان ئاپتۇزنىڭ بىلتنى ئېلىپ ياتاققا قايتىپ كەلدىم. بەك چارچاپ كەتكەچكىمىكىن كىرىپلا ئوخلاپ كىتىپتىمەن تاكى ئەتىسى دوستۇم تىلفۇن قىلىپ مەن بىكەتتە سەن نەدە دىگەنگە قەدەر ئوخلاپتىمەن...
بىر نەسلىرىمنى ئاخشام تەييارلاپ قۇيغان بولغاچقا ئالدىراشلا ئېلىپ بىكەتكە قاراپ ماڭدىم....
توۋا بۇ شەھەردىن كىتەمەنمۇ كۆڭلىم بىرخىل بۇلۇپ قېلۋاتىدۇ دىسە. خۇددى بۇ شەھەردە باشلانغان مۇھاببىتىم مۇشۇ شەھەردىن كەتسەم تۈگەيدىغاندەك بىرخىل تۇيغۇدا بۇلۇپ قېلۋاتىمەن نىم بولدۇممەن ؟
بىكەتتكىمۇ كەلدىم دوستۇم ئالدىمغا چىقىپتۇ .
-ئاداش ئەككە مەن كۈتۈرەي ؟
- ۋاي ئۈزۈم كۈتۈرەيچۇ كىتىدىغان ۋاقتىمدا بولسىمۇ سېنى ئاۋارە قىلماي...
- يەنە كىلەسەن ؟
- ھەئە كىلىمەن بىلسە ئاداش قەشقەر مىنىڭ يۇرتۇم بولغان بىلەن ئاتا- ئانام يوق ھەي....؟
- نىم بولدۇڭ ئاداش يىغلاپسەنغۇ..؟
-ئاداش مۇشۇ توي قىلىمەن دىگەن كۈنلىرىمنى رەھمەتلىك دادام رەھمەتلىك ئانام كۆرگەن بولسا نىم دىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە...؟
-ئاداش كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ئۇلۈغ ئاللاھ مەرھۇملارنىڭ ياتقان يېرنى جەننەتتە قىلسۇن...ئاللاھ ئۈزى ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىنى بۇرۇن ئېلىپ كىتىدۇ ئاداش سەبىر قىلغىن....!
- رەھمەت  ئاداش تۇيۇمدىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلىمەن ئاداش چۇقۇم بارغىن مىنىڭ سىلەر بىر قانچىڭلاردىن باشقا ھېچنىمەم يوق...؟
-ئۇنداق دىمە ئاداش چۇقۇم بارىمەن گۈلنىگاردەك ياخشى بىر قىز ئاللاھ خالىسا ئايالىڭ بولدۇ ئاداش... ئاللاھ بەختىڭلارنى بەرسۇن ئاداش...!
- دىگنىڭ كەلسۇن ئاداش ئەمسە مەن ماڭاي ئاپتۇز قوزغىلىشقا يەنە ئونبەش مىنۇت قاپتۇ. ئامان بولغىن مەندىن رازى بولغىن ئاداش كۆڭلڭگە ئازار بەرگەن بولسام مىنى كەچۇر ئاداش...؟
-نىمانداق گەپ قىلسە كۈرشىمىز تېخى...بىز شۇنداق ياخشى ئۆتتۇق ئاداش ئۇنداق دىمە تۇيڭدىن بۇرۇن خەۋەر قىلغىن ئۈزۈم بىر قوللۇق قارشىپ بىرمەن ؟
-ئۇكام  ھەي ئوكام ...؟
-ھە مەنما ئاكا ؟
-ھەئە سىز تىز بۇلۇڭ ئاپتۇزغا چىقىڭ ھازىر ماڭىزمىز ؟
-ماقۇل ...ئاداش ئەمسا ئالاقىلىشىپ تۇرايلى . ئاپتۇزغا چىقتىم كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم تۈنۈگۈنكى خۇشالقلىرىمنىڭ بىرسىمۇ يوق...
-يۇل بۇيى كۆڭلۈم يېرىملا ماڭدىم بۇ بىركۈن ئەجەپ تەستە ئۆتتى دىسە...ئوف يەنە يېرىم سائەتتىن كىيىن قەشقەرگىمۇ بارىمەن. ئۇدۇللا نىگارنىڭ قېشىغا باراي ئۇنى بىر خوش قىلاي دەپ ئويلىدۇم قەشقەرگىمۇ كەلدىم . قەشقەرگە كەلمىگلىمۇ بەش يىل بۇلۈپ قاپتىكەن خېلى ئۆزگىرەپتۇ جىمۇ . ئۇدۇللا نىگارنىڭ مەھەلىسىگە قاراپ ماڭدىم ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلماقچى  بۇلۇپ تىلفۇنى ئالدىم ئەپسۇس تىلفۇنۇمنىڭ تۇكى يوقتى ئەمەسمۇ ھەي بولدىلا ئامىۋى تىلفۇندىن قىلايچۇ دەپ بىر كچىك دۇكان تەرەپكە ماڭدىم. ئالدىمدا ئككىسى كىتىپ باردۇ قاراپلا قالدىم ئۇ ئەجەپ نىگارغا ئوخشاپ كەتتى دىسە ؟
ئۇنى نىگارمىكىن دىسەم بىر ئوغۇلنىڭ قۇلنى تۇتۇپ كىتىپ بېرىپتۇ. ئەمەسمىكى دىسەم شۇ دەكلا قىلاتتى. يۈرەكلىرىم ئاغزىمغا كەپلەشتى....
بۇ ئەجىبا نىگارمىدۇ ؟
بېشىم قىيىپلا كەتتى ....ئالدى تەرپكە ئاستا ئۈتۈپ قاراپ باقماقچى بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن خېلى ئەگەشتىم.
ئۇلارنىڭ ئالدىغىمۇ ئۆتتۈم. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ئۇ راسلا نىگار شۇغۇ ؟ ئاكسى ئوخشايدۇ دەيمىكىن دىسەم ئۇنىڭ ئاكىسى يوق  تۇرسا يەنە كىلىپ ئۇ ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ مېڭىپتۇ...؟
كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى يۈرەكلىرىم سوقۇشتىن توختاپ قالايلا دەۋاتىدۇ. ھەي كۆزلىرىم سىلەر نىمنى كۆردىڭلار ئۇنى بۇ ھالىتىمدە كۆرگەندىن كۆزلىرىم قارىغۇ بولسا بولماسمىدى...
دۇنيا ماڭا تارلىق قىلۋاتىدۇ . ئاھ خۇدا ئاتا-ئانامدىن ئايرلدىم يەنە ئۆز قېرندىشلىرىم تەرپىدىن خارلىنىپ مۇشۇ كۈنگە كەلدىم ئەمدى ئۈزۈم شۇنچە سۆيگەن ئككى يىلدىن ئاشقان بۇ قىز دوستۇممۇ ماڭا بىۋاپالىق قىلدى مىنىڭ گۇناھىم نىمە زادى ؟ يىگرىمىگە كىرمەي تۇرۇپ مەن كۆرمىگەن كۈن قالمىدى ھەي بولدىلا....
جايىمدا تۇرۇپلا قاپتىمەن ئۇلار ئاللا قاياقلارغىدۇر غايىپ بولغان ئىدى. نىگارغا تىلفۇن قىلدىم ئۇ بېسۋەتتى يەنە قىلدىم يەنە بېسۋەتتى....
قارسام ئالدىمدا بىر ئۇرۇندۇق تۇرۇپتۇ شۇ ئۇرۇندا ئولتۇردۇم قانچىلىك ئولتۇرغىنىمىنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن. بىر چاغدا تىلفۇنۇم سايرىدى قارسام نىگار
- قانداق ئەھۋالىڭ ؟
-ياخشى نىم بولدۇڭ جېنىم ئاغرىپ قالدىڭما ؟ ئاۋازىڭ بەك تۈۋەنغۇ ؟
- ياق ئۇنداق ئەمەس نەدە سەن نىمە تىلفۇن قىلسام ئاممايسەن ؟
شۇ ئاچاملار باتتى قېشىمدا ...قاچان كىلسەن جېنىم سېنى بەك سېغىندىم....
ھە شۇنداقمۇ ؟ نىمە سېغنىدىم ....ئۇنىڭغا قەتتى گەپ قىلغۇم كەلمەيۋاتاتتى مەن ئۈيۇڭنڭ ئالدىدا...
-نىمە چاقچاق قىلۋاتامسە جېنىم....؟
- ياق چاقچاق قىلغىلى نەدىكى ۋاقىت ھازىر...
- ئالدىنقى كۈنى تېخى ...چاقچاق قىلغىلى نەدىكى ۋاقىت دەمسەن ؟
- ھەئە نەدىكى ۋاقىت...
- جېنىم سەن باشقىنى تېپىۋاپسا زادى ؟
- نىمە ئەمدى بۇ گەپكە قەتتى چىدىمىدىم... سەن نىمە دىمەكچى نىگار  ؟
- ئەلى مەن ساڭا دەپ قۇياي سەن ئاتا-ئانسىغا دەپ بولدى دەپ ئاخسالىق قىلما ؟
- ۋاي ساڭا كىم ئاخسلىق قىپتۇ ؟ سەن ماڭا ساڭا دەپ قۇياي دەيدىغان گەپلەرنى قىلما ھەم گەپ  سۈزەڭگە دىققەت قىل چۈشەندىڭ ؟
-ھە مۇنداق دە ئەلى چۈشەندىم چۈشەندىم....يەنە بىر گەپ سەن ئاخسالىق قىلساڭ كۈتۈرەلمەيمەن بىلۋال...يامنى كەلسە سەندىن ئايرلىپ كەتسەم ئۆيدىكلەر سۇراپ قالسا سېنى ئۈلۈپ كەتتى دىسەم ھەمىسى تۈگەيدۇ چۈشەندىڭ..؟
-ئۈلۈپ كەتتى....ئارتۇق گەپ قىلماي چۈشە ساڭا دەيدىغان گەپ بار...؟
- ماقۇل ھازىر چۈشىمەن ھې ھې جېنىم ساڭا چاقچاق قىلىپ قويدۇم سېنى قەستەن رەنجىتىپ قويدۇم ھې ھې...ھازىر چۈشىمە جېنىم مەن سېنى سۈيىمەن...
- ئىشەنمەيمەن دىسەمچۇ...؟
- ئەمسا قەسەم قىلىپ بىرەيمۇ ؟
-نىمە دەپ قەسەم قىلسە ؟
- سېنى سۈيىمەن دەپ ...
- ۋاي بولدى قىلە يامان بولدۇ
- جېنىم سېنى  سۈيىمەن  قەسەم قىلدىم ئاڭلىدىڭ ئەمدى مەندىن گۇمان قىلما ھې ھې
- كىيىنچە بىر گەپ بۇلا چۈشە تىز ؟
- ماقۇل  تىلفۇننى قۇيماي تۇرغىن پاراڭلاشقاچ چۈشەي ....راس جېنىم مىنى سېغىندىڭمۇ ؟
-سەل تۇرۇپ بىلسە ئۇنڭغا گەپ قىلغۇممۇ كەلمەيۋاتىدۇ ھەي... ئۇ بۇ ئىشنى قانداق چۈشەندۈرە دەپ ئويلاۋاتىمەن....
- جېنىم سېنى كۆردۈم توختا ھازىر بارىمەن خوش ئەمسا...
- ئۇ كىلۋاتىدۇ  توۋا ئۇ بۈگۈن كۈزۈمگە شۇنداق سەت كۈرنىۋاتىدۇ....
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېشلىق كىلۋالدىڭ جېنىم...
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھەئە..
- سېنى شۇنداق سېغىندىم جېنىم بۇ يەردە تۇرساق ياخىشى بولمايدۇ تىنچراق بىر يەرگە بارايلى...
- ھە  نەگە بارىمىز شەرقى كۆل باغچىسىغا...
- ئوف سەنمۇ ئانا تىلمىزنى قەدىلەيدىغان بوپسەن ھە ھې ھې
- ۋاي دۇڭخۇ غا بارايلى بولدىمۇ  ھې ھې  يۈرە ئەمسا..
- شەرقى كۆل باغچىسى بەك تىنىچ ئىدى كىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن سۇردۇم
- جېنىم ئاباي مەن تىلفۇن قىلغاندا سەن نەدە ئىدىڭ...؟
- مەن  مەن دوستۇمنىڭ ئۆيدە...
- ھەي ئاباي ئاچاملار بار تىلفۇننى ئالامىدىم دىگەن ئادەم ئەمدى ...
- شۇ ئاچام بىلەن بارغان..ئەلى سومكامنى ئامايلا چىقپتىكەنمەن قەغەز بارمۇ ؟
- ياق قانداق قىلاتتىڭ...؟
- بۇرنۇمدى قان چىقىپ كەتتى...
- نى نىمە قارسام ئۇنىڭ بۇرنىدىن قان چېقىۋېتىپتۇ. قاچان چىقتى بۇنچىۋلا قان  ؟
-ئاباي ئۆيدىلا تامچىلاپ ئاققان ئەمدى بىراقلا ئاقتى...
- دوختۇرغا كۈرۈندۈڭمۇ ؟
- ياق
- سەندىن ئەنسىرەپ قالدىم يۈر دوختۇر خانىغا كىرەيلى ؟
- ۋاي بولدى   جېنىم بىر دەمدىلا توختايدۇ ؟
- مىنى ياخشى كۆرسەڭ كىرسە قانداق ؟
- ماقۇل ئەمسە كىرەيلى...
دوختۇر خانىغا كىرگەندىن كىيىن ئەھۋالنى دوختۇرغا دىدۇق.
- ئۇنداق بولسا قان تەكشۈرتۈڭلار ؟
- ماقۇل
- دوختۇر تەكشۈرتۈپ بولدۇق..
- نەتىجىسى بىر قانچە كۈندىن كىيىن چىقىدۇ. تىلفۇن نۇمرىڭزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ نەتىجسى چىققاندا تىلفۇن قىلىمەن ؟
-ماقۇل مىنىڭ نۇمرۇم ***13139696  ئىسمىم ئەلى مۇشنىڭغا تىلفۇن قىلڭ ھەدە ؟
- ماقۇل ئۇكام مەن تىلفۇن قىلاي ئەمسا...
دوختۇر خانىدىن يېنىپ چىقىپ ئۇنى ئۈيگە ئاپرىپ قۇيۇپ ئابباسقا تىلفۇن قىلدىم...
                داۋامى  بار.......

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 08:22:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېشلىقمۇ ئاداش ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاللاھقا شۈكىرى. ئاداش مەن قەششقەرگە كەلگەنتم ھازىر شەرقى كۆل باغچىسىدا  ئشىڭ بولمىسا چىقساڭ بوپتىكەن ؟
- ۋاي قاچان كەلدىڭ ؟ تىلفۇنمۇ قىلىپ قۇيماپسەن بىكەتكە ئالدىڭغا چىقاتتىم ئەمەسمۇ ؟
- شۇ ئاداش ئاباي كەلگەن سىلەرنى تۇيۇقسىز خوش قىلۋىتەي دەپ خەۋەر قىلمايلا كىلشىم...
- ھە گۈلنىگار بىلەمدۇ كەلگنىڭنى ؟
- ھەئە ئۇنىڭ بىلەن كۈرشەپ بۇلۇپ ئۇنى ئۈيىگە ئاپرىپ قويدۇم....
- ۋاي مۇنداق دە ئۇنىڭ بىلەن كۆرشەپ بولدىڭ دىگنە ؟
- ئاداش چىقاساڭ بوپتىكەن ئاندىن پاراڭلىشايلى...
- ماقۇل مەن شۇ ئەتراپتا ئىدىم بەش مىنۇتتقا قالماي بىرىپ بۇلىمەن ...خوش ئەمسە
-ھەي ئۇنىڭغا قانداق دىسەم بۇلار بۇ ئىشلارنى ...
- ئاداش ئولتۇرۇپ كىتىپسەنغۇ ؟ توينى قاچان قىلسام بۇلاركىن دەۋاتامسە ھې ھې....
- قۇيە ئاداش كەممەي تۇرۇپلا چاقچاق قىلىپ كەتتىڭغۇ. ئاداش قەشقەرگە چۈشۈپلا  نىگارنى ئىزدەپ مەھەللىسىگە بارغانتىم . لىكىن مەن نىمىنى كۆردۈم بىلەمسەن ؟
- نىمنى كۆردۈڭ ؟ نىگارنىڭ داداسىنى كۆردىڭمۇ ئانىسنمۇ ؟
- ئۇنداق ئەمەس يەنە ئويلاپ باقە ؟
- ئەمدى راسلا بىلمىدىم ئۇنىڭ يا ئاكا-ئاچىسى بومىسا دەپ بىرە ئادەمنى تەققەززار قىلماي...
-ئاداش مەن ئۇنىڭ بىرسى بىلەن قول تۇتشۇپ  كىتىپ بارغىننى كۆردۈم...
- نىمە چاقچاق قىلۋاتسەن ھە ؟ توي قىلمىز دەۋاتساڭلار بۇنداق دىسەڭ كىم ئىشنىدۇ ھې ھې...
- ۋاي راس چاقچاق قىلمىدىم ئاداش. ئۇنى بۇ ھالىتىدە كۈرۈپ نىمە بۇلۇپ كەتتىم بىلەمسەن ....
-ئىشىنەيمۇ ئىشەنمەيمۇ گىپىڭگە ؟ ئۇ شۇنداق ياخشى قىز تۇرسا بۇنداق دىسەڭ قانداق ئىشەنگىلى بولدۇ ؟
- راس ئاداش ئىشەنگىن . ئەسلى ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق : مەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ تۇيۇقسىز خوش قىلماقچى بۇلۇپ مەھەللىسىگە بارغانتىم . تىلفۇنىمنى ئالسام تۇكى يوق شۇنىڭ بىلەن ئاممىۋى تىلفۇندىن قىلماقچى بۇلۇپ ئىزدەپ كىتىپ بارسام ئۇچراپ قالدى....
- سەن چۇقۇم خاتا تۇنۇپ قالدىڭ . ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ...
-راس شۇ نىگاركەن ئاداش بىر تىلفۇنخانىغا كىرىپ تىلفۇن قىلسام بېسۋەتتى. كىيىن تىلفۇن قىپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئازراق سۇقۇشۇپ قالدىم. كىيىن سىرىتقا چىقىن دەپ مۇشۇ يەردە پاراڭلىشپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بۇرنىدىن قان چىقىپ كىتىپتۇ بىلمەپتىمەن تاكى ئۇ مەندىن قەغەز بارمۇ دەپ سكرغاندا قارسام شۇنداق تۇردۇ شۇنىڭ بىلەن نىم بولدۇڭ قاچاندىن باشلاپ مۇشۇنداق بولدى دىسەم   بىر قانچە ئاي بولدى باشتا تامچىلاپ ئاقىدۇ ئاندىن بىراقلا ئاقىدۇ دەپتى ئەنسىرەپ دوختۇرخانىغا تەستە ئەكرىپ قان تەكشۈرتۈپ چىقتم ئەتىلەردىن نەتىجىسى چىقىدۇ....
-ئۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ ئەمدى . كۆڭلنى يېرىم قىلما ئاداش بەلكىم ئاراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق باردۇ ...
-ئاداش قانداق قىلىشنى بىلمىدىم . تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق سۆزلىشىپ باقىمەن....ئۇ قانداق چۈشەندۈرەكىن قېنى...
- ياخشى ئويلاپسەن ئاداش بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ كىتەيلى يۈر ؟
-ئاداش قانداق بۇلار بولدىلا رەنىجىپ قالمىغىن ماقۇل ئاداش .....

*************************************************************************

ئەتىگەندە تىلفۇن قىلغان كىمدۇ بۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇكام مەن تۇنگۈنكى دوختۇر ....
-قانداق ئەھۋالىڭز ؟ دوختۇر نەتىجىسى قانداق بولدى ؟
- سىز ئۇنىڭ نىمىسى ئۇكام...
-مەن ئۇنىڭ يىگتى
-ھە بۇ قىزنىڭ ئاتا ئانىسىچۇ ئەمسا ؟
- ئۇلارمۇ بار نىمىش بولدى ...
- دوختۇرخانىغا كىلەمسىز ئېيتىۋىرەيمۇ ؟
- ئېيتىۋىرىڭ...
-ئۇكام بۇ قىز ئاق راكى ئىكەن....
- نى نىمە خاتا بۇلۇپ قالمىغاندۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى...
- ياق توغرا شۇڭا ۋاقتىدا تەدبىر قۇللانمىساق ....
- بۇ قىز ئۈلۈپ كىتىدۇ شۇنداقمۇ ؟
- توغرا ھاياتىغا خەۋىپ يىتىدۇ. شۇڭا سىز بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن  ئالاقە قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتىڭ...
- بۇ كىسەل ساقيامدۇ....؟
-تەستىرەك ساقيىدۇ .شۇڭا يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپراسسىيەسى قىلىپ ئاندىن قان تۇلۇقلىساق ساقيىپ كىتىدۇ. يىلىك ماس كەلسىلا....
- ئەمسە مەن بەرسەممۇ بۇلامدۇ ؟ مەن بىرەي يىلىكنى...
-ئۇنىڭ ئۈزىنڭ قېرىنداشلىرنىڭ بۇلسا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ ھەم ماس كىلىش نىسپىتى ئەڭ يۇقرى بولدۇ...شۇڭا سىز دەرھال ئۇنىڭ ئۇيدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ دەرھال ئوپراسسىيەگە تەييارلىق قىلىڭلار ۋاقىت ئارقىغا سۇزلۇپ كەتسە ھاياتىغا خەۋىپ يىتىدۇ...بىر بىمار كىلىپ قالدى. ئۇلار بىلەن ئالقىلىشىپ ماڭا تىلفۇن قىلڭ .يەنە كىيىنچە ئالاقلىشامىز خوش ئۇكام..
- ماقۇل رەھمەت دوختۇر ....تىلفۇننى قۇيۇپ كۆزلىرىمدىن ياشلرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك قۇيلىۋاتاتتى
ھەي رەھىمسىز تەقدىر سەن نىمىشقا مەن ياخشى كۈردىغان ئادەملىرىمنى بىر-بىرلەپ ئېلىپ كىتىسەن ھە ؟ يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكۈچە بۇرنى قاناپتۇ دىگەن ھىكمەت ئىسىمگە كەلدى . جايىمدا ئۇلتۇرۇپلا قاپتىمەن...
- ئاداش ...ئاداش نىمە بولدۇڭ يىغلاپسەنغۇ ؟
                               داۋامى بار......

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101110
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2013-12-20
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 02:20:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تەققەزالىق بىلەن كۇتىۋاتىمەن،  مۇنكىن بوولسا تىزراق يوللاپ بەرسىڭىز.... ھارمىغايسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش