...... مۇشۇ ناخشا -ئۇسۇل دىگەن نەرسە بىلەن ئىگە خوشام يوق ئىدى ، مۇشۇ مىسرانىمدا ناۋا دىگەن پىراگىرامما توغرۇلۇق نۇرغۇن دەتالاش بولدى، ناخشا- ئۇسۇل دىسە، چۈشۈپ قالغان كەشىگە قارىماي، قوسىقى ئاچ بولسا قولتىقىغا زاغرا ناننى قىستۇرۇپ، يۈگۈرۈپ ماڭالمىسا ئۆمىلەپ بولسىمۇ مەشرەپكە، ناخشا- ئۇسۇل قاينىغان سورۇنغا بارىدىغان بەزى يولداشلارنىڭ ، ناخشا -ئۇسۇلغا قىزىقمايدىغان، ناخشا- ئۇسۇل كۆرۈشنى ، ۋاقىت ئىسراپچىلىغى دەپ بىلىدىغان بەزى ئىلمى، بىلىملىك كىشىلىرىمىزنى ،«قالاق، مەتو..، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىغان.....» دەپ پەتىۋا پىچىپ تىللاشلىرىغا قاراپ، ناۋا دىگەن قانداق جاي بىر كۆرۈپ باقاي دەپ كىرىۋىدىم، يا ئاللا، شۇنچە زورۇقۇپ كۆرگەن بولساممۇ پەقەت قىزىقىش ھىس قىلالمىدىم، مۇنداقچە ئېيتقاندا ناخشىدىن ھوزۇر ئالالمىدىم، كۆرگۈم كەلمىسىمۇ چىداپ كۆرۈپ ئاران دىگەندە، بىرىنچى باسقۇچىنى تۈگۈتۈپتىمەن، بىرىنچى باسقۇچنى تۈگۈتۈپلا تېلېۋېزورنى ئېتىۋەتتىم.... باشقىلار ناۋانى قاۋا دىسە نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن، ھەقىقەتەن شۇنداقكەن ئەمەسمۇ
، ما رىياسەتچىلەرنىڭ كەسپى ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىگى ۋاي توۋا........ئۆزەمگىمۇ ئاز، كىتاپ- ماتىرياللار... شۇنداق كۆپ تۇرسا، ماڭا نىمە قويۇپتۇ بىكا تەلەتلەرنىڭ ئىشىنى قىلىپ ناۋا كۆرۈمەن دەپ.....
ما ئىنكاسىم، قوشاقچى- پوشاقچىلارنىڭ ئوغىسىنى تازا قاينىتىدىغان بولدىدە.....