eerpan يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 05:02 AM
بىر ئانىنىڭ ئۆز يۈرەك پارىسىنى قوللاپ سەھنە ئالدىغا چ ...
مىنىڭ ئىنكاسىمدا بىر ئانا ئۆز پەرزەنتىنى قوللاپ سەھنىگە چىقمىسۇن دىگەن يېرى يوق ، ئۆز پەرزەنتىنى قوللىسا بولىدۇ ئەلۋەتتە .
ئەمما بۇ يەردىكى قوللاش ، كۆيۈنۈش ۋە ھۆرمەتنى ناۋا سەھنىسىگىلا باغلىۋالساق ۋە ناۋا سەھنىسىىدىنلا ئىزدىسەك بولماس ، يالغۇز بۇ ئانا ئەمەس بۇنىڭغا ئوخشاش مىليۇنلىغان ئانىلار بۇنىڭدىنمۇ قابىلىيەتلىك دۇنياۋى ناخشىلارنى ، دۇنياۋى يازغۇچى - شائىرلارنى ، دۇنياۋى ئالىم - ئىنژىنىرلارنى ... تەربىيلەپ قاتارغا قوشتى ، ئىنسانىيەت ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىدىن سۆيۈندى ھەم بەھىرلەندى .
ئەگەر بىز بۇ يەردە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى بىردەملىك سەنئەت تۇيغۇمىزغا ئاساسەن بۇ ئانىنى شۈنچىكى دەرىجىگە كۆتۈرۋەتسەك يۇقاردا تىلغا ئالغان يەنە نۇرغۇنلىغان ئانىلار تۆۋەندە قالمامدۇ ؟
بۇنداق دىسەم يەنە مىنى بۇ ئانىنى ھۆرمەت قىلمىدى ، ئەجرىنى يوق قىلدى دەپ قېلىشىڭىزمۇ مومكىن ، مىنىڭ ئۇنداق ئويۇم يوق ، دىمەكچىمەن سىز ئىنكاسىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ چەتئەل ۋىدىيولىرىدا سەھنىدىكى كىشىلەرنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاكلار بىلەن بىراۋغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆزىڭىزگە ياش ئالغانلىقىڭىزنى ، ئۇندىن كىيىن ئوخشاش كۆرىنىشنى بۇ قېتىملىق ناۋا سەھنىسىدە كۆرۈپ بۇ ئانىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ كەتكەنلىكىڭىزنى ھەمدە شۈنچىلىك ئالقىشقا ئىرىشىش ھوقۇقىنىڭ بار يوقىلىقىنى مەندىن سوراپسىز .
ئالقىشقا ئىرىشىش ھوقۇقى بار ئەلۋەتتە ، بىراق سىز مۇنداق بىر قىياسنى قىلىپ بېقىڭ ، بىزنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرىھم ، ئەركىن ئابدۇللا دەك نۇرغۇنلىغان ئەل ئىچىگە تونۇلغان ناخشىلىرىمىز بار ، ئۇلار ئانىلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتىمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئېلىپ چىقمىدى ( ناۋادەك مۇسابىقە تۈرىنى ئالغان پىروگراممىغا ) ، نىمىشقا ئېلىپ چىقمىدى ، ئۇلارغا پۇرسەت يوقمۇ ياكى ئۇلار ئانىلىرىنى ئېلىپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەتىجىگە ئىرىشىشنى خالىمىدىمۇ ؟ ئۇلار نۇمۇر ئورۇنلىغاندا ياكى كىچىلىك ئۆتكۈزگەندە ئانىلىرى تۆۋەندە ئولتۇرۇپ ئۇلاردىن سۆيۈندى بەزىدە سەھنىگە تەكلىپ قىلىنىپ تون كىيدۈرۈلدى .
بۇ يالغۇز يۇقارقى ئىككى ناخشىچىنىلا دىگەنلىك ئەمەس ، ئەمەلىيەتتە بۇ سەھنىدىكى ئانىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش قالقان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى نەتىجىسى ئارقىلىق ئانىلارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈشتە ئىپادىلەنگەن بولسا ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن .
ھەم ئويلىدىمكى بۇ يەردىكى ئورنىدىن تۇرۇش ۋە چاۋاكلار يالغۇز بۇ ئانىغىلا ئەمەس بەلكى مىليۇنلىغان ئانىلارغا مەنسۈپ ، شۇڭا مەن نوقۇل ھالدا بۇ ئورنىدىن تۇرۇش ۋە چاۋاكلارنى بۇ ئانىغىلا باغلاپ قويمىدىم .
سىز تەسىرلەنگەن بۇ چاۋاك - ئورنىدىن تۇرۇشلار ئەمەلىيەتتە سەھنە سىرتىدا قالغان ، بىز تونىمايدىغان ياكى تونىساقمۇ مۈشۈنچىلىك سەھنىگە چىقىش پۇرسىتى بولمايۋاتقان ، ياكى پۇرسىتى بولسىمۇ چىقىشنى خالىمايۋاتقان مىليۇنلىغان ئانىلارغىمۇ بولسۇن !
ئاساسلىقى خۇشاللىقنى ، ھۆرمەتنى ، مۇھەببەتنى ، ئۈمىدنى ، ئەتىنى ... سەنئەتتىنلا ، ناۋادىنلا ئىزدىمەيلى دىمەكچىمەن قېرىنىشىم .