eerpan يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 01:43 PM
رەھمەت ئەستايىدىل جاۋاپ بەرگەنلىگىڭىزگە ، لېكىن سىز ...
بۇ يەردە مەن سىزگە مۇنداق بىر مىسالنى سۆزلەي : مۇشۇ ناۋانىڭ ئاۋالقى بىر سانىدا ( ئېنىق ئىسىمدە يوق ) بىر ئوغۇل ماھىر ( يىڭىسارلىققۇ دەيمەن ) ئانا توغۇرلۇق يەنى ئانىسى توغۇرلۇق بىر ئەسەرنى دىكلىماتسىيە قىلغان ، ھەم ئانىسىنىڭ قىسقىغىنا سىن كۆرىنىشىنى ئىكراندا قويۇپ قىستۇرما قىلغان .
ئۇ ئوغۇل ماھىرنىڭ ئېيتىشىچە دادىسى كىچىك چېغىدىلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ تاكى شۇ يېشىغىچە تۇل قالغان ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلىپ ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان ئىكەن .
ئۇ ئوغۇل ماھىر شۇ دىكلىماتسىيەنى قىلىپ بولغۇچە كۆزلىرىگە ياش تولۇپ كەتكەن ئىدى . نەتىجىدە شۇ باسقۇچنىڭ ئۆزىدىلا بىلەت سانى جەھەتتە تۆۋەن بولۇپ قېلىپ شاللىنىپ كەتتى .
ئەمدىكى گەپكە كەلسەك نىمىشقا بۇنى مىسال قىلىپ بەرگەندۇ دەيسىز ، مىىنڭچە بولغاندا مەن مىسال قىلغان ماھىر بەلكىم ناۋا سەھنىسىگە ئانىسىنى ئېلىپ كىلىشنى ئويلىمىغان بولىشى مومكىن ، ئويلىسىمۇ ئانىسى بېرىشنى خالىمىغان بولىشى مومكىن ، بۇ ساندىكى ئانا ئوينىغان ئۇسۇلنى ئاشۇ ھېلىقى ئانا ئوينىغان بولسا ، دىكلىماتسىيە قىلغان ئوغلى شوخ بىر ناخشا ئېيتىپ ئانىسى ئۇسۇلغا چۈشكەن بولسا بەلكىم شۇ باسقۇچتا شاللىنىپ كەتمەس ئىىدى .
ئوخشاش ئانا ، ئوخشاش ئوغۇل ئەمما ئوخشىمىغان شەكىل ئارقىلىق بىرى شاللانىدى ، بىرى تاللاندى .
بۇ نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟
ئەگەر بۇ سان ناۋادىكى ئوغۇلنى كۆيۈمچان دىسەك ھېلىقى ساندىكى ئوغۇل كۆيۈمچان ئەمەسمىدۇ ؟ بۇ ساندىكى ئانىنى مىھرىبان دىسەك ھېلىقى ساندىكى ئانا مىھرىبان ئەمەسمىدۇ ؟
ئەلۋەتتە ھەر ئىككلىسى بالىسىنىڭ غېمىنى قىلىدىغان ئانىلار ، ئانىسى ئويلايدىغان ئوغۇللار ئىدى . بۇ يەردىكى شەكىل پەرقى ئىككى خىل نەتىجىنى يارىتىپ قويدى ، شۇڭلاشقا بۇ سان ناۋادىكى ئانىنى سەھنىگە ماختاش ، مەدىھلەش ئۈچۈن ، تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا ئېلىپ كەلدى دىسەك تامامەن خاتالاشقان بولىمىز .
ئەسلى ھېلىقىدەك ماختاش ، ئورنىدىن تۇرۇپ چېلىنغان چاۋاكلار ئالدىنقى ساندىكى مەن تىلغا ئالغان ئانىغىمۇ بىرىلسە بولاتتى ، ئەمما نەق مەيداندىكى ھەممەيلەن ھىچبىر ھىسىياتسىزلا سۈكۈتتە ئولتۇرۇشتى .
ئەگەر مەن تىلغا ئالغان داڭلىق شەخىسلەر ئانىلىرىنى مۇشۇ ناۋا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقسا يەنىلا بىرىنجى قەۋەتتىكى ئىنكاسىمنى يېزىشىم مومكىن ، چۈنكى بىز ئاڭلاپ ياددا بولۇپ كەتكەن يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە دىگەندەك گەپلەر يەنى يەتمىش ياشتىن ھالقىغان ئانىنىڭ ناۋا سەھنىسىگە كەلگىنى راست بولغاندىن كىيىن سۆزۈمدە خاتالىق يوق دەپ ئويلايمەن .