Xaparang يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 01:24 AM
تېمىڭىزدىكى تاشقى ئالەم جانلىقلىرى ۋە قۇرۇق تۈشىكى تو ...
ئەڭ ياخشىسى قۇرئانۇ كەرىم ئايەتلىرىنى ئاساسىي يىپ ئۇچى قىلغان ئاساستا ئۇنىڭدىكى ئايەت ۋە ھەر بىرھەرىپنىڭ مەزمۇنىغا چەكسىز ھېكمەتلەر يۇشۇرۇنغانلىقىنى چۈشەنگەن ئاساستا پىكىر قىىلساق ياخشى ! ئۇلار بارمۇ ، يوقمۇ بىز كۆرمىدۇق ، لىكىن بىز كۆپ نەرسىنى كۆرمەي تۇرۇپ قەلىب تۇيغۇمىزغا ۋە ئەقلىي ھېسلىرىمىزغا ئاساسەن ئىشنىمىز ، چۈنكى كۆز ھەممىگە قادىر ئەمەس ، كۆرگەننىڭ ھەممىسىگە ئىشەنگىلى بولمىغاندەك ، كۆرمىدىم دەپلا ئىشەنمىسەك خۇددىي خۇدانى كۆرمىدىم ، ئىشەنمەيمەن دېگەن ئاتئىزىمچى دەھرىيلەرگە شەكلەن ئوخشاپ قالىمىز ! سىز سوئال قويغان ئۇ قېرىندىشىمىز بەلكىم بەزى ئايەت مەزمۇنىنى خاتا چۈشىنىۋالغاندۇ ، ياكى ئۇ قېرىندىشىمىز توغرا چۈشىنىپ بىز خاتا چۈشىنىپ تەپەككۈر پەرەزلەرگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاندىمىز ! كىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەنىلا ئايەت مەزمۇنىنى ئەڭ توغرا يۇسۇندا چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز لازىم ! بۇنىڭغا لازىمى يەنىلا پەننىي بىلىم !