تادۇ يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:02 PM
تاشقى پىلانىتتا جانلىق بار، بەلكى ئىنساندىن ئەقىللىق ...
قاراشلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار . ئىنسان دىگەن مۇكەممەل بىر بايقۇغۇچى ئەمەس كۆپلىگەن نەرسىلەرنى زادى مۇشۇنداق ، بۇنىڭدىن باشقىسى بولمايدۇ ، مۇشۇنداق سەۋەپ بىلەن مۇنداق نەتىجە بولىدۇ .....دىگەندەك قاراشنى مۇتلەق توغرا نەتىجە دەپ قارماستىن پىلەكنى بويلاپ خەمەك ئېزدەش ئۇسۇلى بىلەن ئىنسانىيەت ئۆزى قىزىقىۋاتقان سىرلىق ئىشلارنىڭ تىگىگە يىتىش ئۈچۈن ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرمەستىن ئېملىيلىكى بار ، بىر ئاز يىرىك پۇت دەپسسەپ تۇرالايدىغان ئەقلى نەزىرىيە ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كائىناتتا ياراتقان شەيئىلىرىنىڭ تۈزلىشىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش گۇناھلارنىڭ جۇملسىىدىن ئەمەس دەپ قارايمەن .
بۇ قاراشقا ئاللاھ بىلەن ھەزىرتى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرسىدا بولۇنغان مۇبارەك سۆز بىلەن كۈچلەندۇرمەن .
ھەزىرتى داۋۇت پەيغەمبەر ئاللاھتىن سوراپتۇ . ئى قۇدىرەت ئېگىسى بولغان ئاللاھىم ، بىزلەرنى ( شۇنداق ئەقىللىق ۋە زىھنى ئوچۇق ) بىر شەكىلدە يارتىشتىكى ھېكىمىتى نىمە ۋەجىدىن ؟
- راھمان قۇدىرت ئېگىسى بولغان ئاللاھ مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ :- ئىنسانلارنى يارتىشتىكى ھېكىمىتىم ، ئىنسانلارنىڭ مىنى بىلىشىنى ياقتۇرمەن .
بۇ يەردىكى ياقتۇرۇش كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ قىرلىق مەنىلەرگە ئىشارە قىلىدۇ ۋە بۇ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنى ئاللاھنى پەقەت يەككە-يىگانىلىك سۈپىتى بىلەن چۈشەنسە ، ئىلىم بىلەن قوراللانغان كىشى ئاللاھنى ئۇلۇغلىقى بىلەن چۈشىندۇ .
مىسالەن ئاللاھ كۆرىدۇ دىسە بىلىم سەۋىيسى تۆۋەن كىشىلەر ئاللاھنىڭ كۆزى بىزنىڭ كۆزىمىزدىن بەك روشەن ياكى ئاللاھ خۇددى ھاۋا ھەممە يەردە بار بولغىنىغا ئوخشاش بىزلەرنىڭ ئەتىراپىمىزدا بىز كۆرمىگەن جىنغا ئوخشاش مەۋجۇت بولۇپ تۇردىغان ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ .
ئاللاھ ئۆز قولى بىلەن ئۆز خەزىنىسىدىن باي قىلىدۇ دىگەن قاراشتىكى قولغا بولغان ئۇقۇمنىمۇ كۆپ كۆپ قوللۇق مەنىدە چۈشىنىپ قالىدۇ بىراق ئاغزىدىن چىقىرالمايدۇ . بۇ كىشىدە پەقەت ئاللاھقا بولغان مۇھاببەت بار بىراق ئاللاھنى ئۇلۇغلىقى بىلەن چۈشىندىغان ئەقىل-ئىدراك يوق بولسىمۇ مۇشۇ بىر ئىشى بىلەن ئاللاھ بۇ كىشىنى سۆيدۈ .
قۇشنى مىسال قىلساق ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ ، ئاسمادندىكى قاناتلىرىنى كەرگەن-يىغقان ھالدا ئۇچۇپ كىتىۋاتقان قۇشلارغا قارىغىن . ئۇنى يەرگە چۈشۇرۋەتمەستىن كىم تۇتۇپ تۇردۇ ؟ - دەل ئاللاھ تۇتۇپ تۇردۇ .
ئاددىيسى مۇشۇ ئايەتتىكى تۇتۇپ تۇرۇش دىگەن سۆزنىمۇ ھەر خىل ئوخشىتىشلاردا چۈشىندىغان كىشىلەر بار . بىۋاستە ئاللاھقا باغلىماستىن قۇشلار ھاۋاغا تاينىپ ئۇچۇىدۇ ، ھاۋا يەر شارىدىكى ھەر خىل ئۆسۈملۈكەردىن شەكىللىندۇ . ھاۋالارنى ماگېنىت مەيدانى تۇتۇپ تۇردۇ ، ماگىنىەت مەيدانى يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمدىن كىلىدۇ ئىچكى قىسمدىكى ماگېنىت مەيدانى ھاسىل قىلدىغان نەرسىنى ماكۇلا ،ماكۇلانى ئاتۇم ،ئاتۇمنى ئاتۇمنى بىرلىك قىلغۇچى ماددا شەكللەندۇردۇ . بۇ ماددىنى ئاللاھ ۋۇجۇتقا كەلتۇرۇپ كونتۇرۇل قىلغان دىگەن ئىلمىي تەپەككۇر ئارقىلىق بۇ شەيئىلەرنىڭ ھەركەت قىلىش پىرىنسىپىنى تەھلىل قىلىپ ئايرۇپىلان ،راكىتا ...قتارلىق ھاۋا قوراللىرىنى كەشىپ قىلىنىشىغا زور ياردىمى بولغان .
بىراق مۇسۇلمان دىياردا ھازىغۇ ئۇنداق ئەمەس . نەچچە يۈز ئىلگىركى ۋاقىتنى مىسال قىلساق بىرەر مۇسۇلمان كىشى قۇشلار ھاۋاغا تاينىپ ئۇچىدۇ ، دىسىلا مالامەتكە قىلىپ سەن ئاللاھنىڭ قۇشلارنى ھاۋادا تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت قۇدۇرتىنى ئىنكار قىلىپ ھاۋا تۇتۇپ تۇردۇ دىدىڭ ئاللاھنىڭ قۇدىرەتلىك سۈپىتىگە شىرىكلىك قىلدىڭ دەپ قارايدىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەسكەندۇق .
ئىسلامغا بىر پۇتۇن چىن قەلبىدىن كىرىپ بولغان كىشى ھەرگىزمۇ بىرەر ئىشنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ياردەمگە ئىگە بولماي تۇرۇپ ھەركەت قىلىش ، پەيدا بولۇشىتىن ئىبارەت تەرەپلىرىنى ھەرگىزمۇ ئىنكاس قىلمايدۇ . شۇنداقكەن بۇ كىشىنىڭ ئاللاھ رەھبەرلىك قىلۋاتقان ئەڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن شۇ شەيئىنىڭ ئاشكارە يۈز بىرىۋاتقان ھەركەت شەكلى ئوتتۇرسىدىكى ۋاستى ۋە سەۋەپلەرنى مۇئەييەن بىر ئەقلى تەپەككۇر بىلەن يىشىپ چىقىشقا ئۇرۇنىشى خاتالىق ئەمەس بەلىكى ئاللاھنىڭ قۇرئاندا كىشىلەرنى مۇشۇ شەيئىلەرنىڭ ھېكىمىتىنى بىلىشكە چاقىرىق قىلغان مۇبارەك ئايەتلەرنىڭ تەكلىپىگە ئۇيغۇن.
تەھلىل قىلدىم دەپ ھاياجان بىلەن تۇيمايلا ئىتقادىغا دەز كەلتۇردىغان تەھلىلدىن ۋە خىياللاردىن ساقلىنىش كىرەك .
بۇ يەردە نەچچە ئاي بۇرۇن بىر ئاداشنىڭ يازغان مۇنۇ ئىنكاسى .
مەن ئۇيغۇرۇم راۋاج تىپىپ كۆكلەيدىغان ئىش بولسا مەن بۇ يولدا دوزاققا كىرسەممۇ رازى . شۇنىڭغا قارىغنادە مەن مىللىتىمنى سۆيمىگۈدەكمەن . چۈنكى مەن دوزاققا كىرىشنى مەڭگۈ ياقتۇرمايمەن .
يىقىندا بىر ئىنكاستا ؛ كەلگۈسىدە ئىنسانلار پىلانىتلارنىڭ ئوربىتىيسىنى ئۆزى خالغانچە قىلدىغان دەۋىرلەرگە قەدەم قويدۇ .
بۇ ئىشنى قىلىش مۈمكىن ئەمەس .
بىراق ئاللاھ يارتىپ قويغان پىلانىتنى يادرو قوراللىرى بىلەن پاچاقلاپ تاشلىيالىشى . چوڭ قىيامەت كەلگۈچە ،يەر شارىغا دەخلى قىلىشى ئىشەنچىلىك بولغان پىلانىتنى پارتىلىتىپ ، يەر شارىدا يۈش بىردىغان بالا-قازانى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرشىى ئىشقا ئاشىدىغان بىر ئىش .
.......... ماۋۇ داڭلىق بىر تور بىكەتتىن كۆرگىنىم .
كەلگۈسىدە ئىنسانلار ئەقلىي ئىقتىارغا ئىگە ئىنسانلاردەك تەپەككۇر قىلالايدىغان ماشىنا ئادەملەرنى كەشىپ قىلالايدىكەن ھازىر ياپۇنيە پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى مۇشۇ تۈردە تەتقىقاتنى باشلىدى ..........ئاخىرىغۇ غەلبە قىلىشقا بولمايدىكەن دەپ تەتقىقاتنى تاشلىدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-30 04:15 PM