bagmurat يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 09:10 PM
ئۇغۇز11 جان خېلى قايناپ قاپسىز ، مەن ئەركىن سىدىق ئاكى ...
مەن قاينايدىغان چەينەك ئەمەس. ئەگەر سىز ئۇ ئىنكاسنى قايناش دەپ چۈشنىۋالسىڭىز ئۇنداقتا سىزنىڭ قايناش نوقتىڭىز بەك تۆۋەن ئىكەن. بۇنچىلىك گەپلەرگە ئالداراپ قايناپ كەتمەيمىز.
مەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغىنىم ئۈچۈنلا ئۇ ماتىرىيالنى چۇقۇم تىپىپ بېرىشم ناتايىن.
تاپالمىغاندىكىن نەقىل ئالماڭ. بولمىسا مۇشۇنداق گىپىڭىزنى ئاساسىي بولماي قالىدۇ. ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ يازمىلىرىنىمۇ مەنمۇ خېلى ياخشى ئوقۇغان. ئۇ تور بىكەت ھازىرمۇ ئېچىلىدۇ. ئوبدانراق سىناپ بېقىڭ.
بۇنى ئىملا تەكشۈرگۈچ ئارقىلىقلا بىلگىلى بۇلىدۇ.
پەقەت ئىملا تەكشۈرۈش ئارقىلىقلا ئىملانىڭ توغرا - خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟ سىز بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى (ياكى كەمچىلىكى) نى يوشۇرماقچىمۇ؟ ئەگەر بۇنداق ھالەتتە سىز قانداقلا يېزىق ئىشلەتمەڭ ھامان مەغلۇب بولىسىز. ئارتۇقچە ئاۋارە بولماي ئاۋۋال ئىملايىڭىزنى توغرىلاڭ. ئىملا دېگەننى يۇمشاق دېتال بىلەن ئەمەس، ئىجتىھاد بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق تەبئىي ھالدا يېتلدۈرگىلى بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىنكاسىڭىزدىكى بىر تالاي خاتا خەتلەرنى كۆرۈپ شۇنداق ئىچىم پۇشۇپ كەتتى.
سىزنىڭ ئۇيغۇر كونا يىزىقىغا مۇھەببتىڭىز كۈچلۈك، شۇنداقلا ئىسلامغا بولغان ئىتقادىڭىزمۇ كۈچلۈك .
ئەگەر بۇ گەپچە بولغاندا سىزنىڭ ئىسلامغا بولغان ئېتىقادىڭىز ئاجىز بولغان بولامدۇ؟ بۇ نېمە دېگەن قاملاشمىغان مەنتىقە؟ قاراڭ، مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغانلىقىنى پەش قىلغىنىم ئەمەس، مەن تىلشۇناسلىقتىن مۇنتىزىم دەرس ئالغان. تىل ۋە يېزىقىنىڭ پەرقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئېنىق بىلىمەن. يۇقىرىدىكى ئىنكاسىمدىمۇ دېدىم. ئەگەر ۋاقتى كېلىپ بىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئىلغار يېزىق بولسا بىزدەك تىلشۇناسلىق بىلىمىدىن خەۋەردارلار ھامان ئەڭ ئالدىدا ماڭىمىز. بۇ ھەقتە « سىز ئۇنداقكەنسىز، بۇنداقكەنسىز» دېيىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
مەن دىگەن ئۇيغۇرلاتىن يىزىقىنىمۇ ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرى لاھىيلىگەن ئەمما پەرقى شۇكى ئۇلار پەقەت شىنجاڭ ئىچىدىلا ياشاپلا قالماستىن باشقا ئەللەردىمۇ ياشاپ باققان شۇنداقلا بىر نەچچە خىل تىل-يىزىقنى بىلىدۇ. بىزگە قارىغاندا كەڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە.
سىز دېگەن دېگەن يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنى سىز تازا ئۇقمايدىغان ئوخشايسىز. ئۇنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار لايىھلىگىنى يوق. ئۇ يېزىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى مۇنداق:
ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى-ULY) كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق بولۇپ، 2001-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىبراھىم مۇتىھى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسلان ئابدۇللا، ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم .. قاتارلىق ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور ۋە پروفېسسورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان لايىھىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن.
مەن بۇ دېتالنى بۇرۇن خېلى ئىشلەتكەن. لېكىن بۇ دېتالنىڭ ھازىرقى نەشرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بولمىسا تەسىلىي ئىشلىتىپ كۆرۈڭ. شۇڭا بۇنى ماڭا تەۋسىيە قىلىپ يۈرمەي، ھەم بۇنداق دېتاللارغا تاينىۋالماي، ئۆز تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق توغرا ئىملانى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
راسىت ئاخىرىدا سىز ئۇيغۇر سوفىتنىڭ تەھرىرلىگۈچىنى تەۋسىيە قىلاي. بۇ تەھرىرلىگۈچ ئۇيغۇر ئىدىتقا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچىلىك.