gvlzarim يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 11:00 AM
بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەكمۇ خوشال بولدۇم. تېما ئېگىسىگە رە ...
لاتىن يىزىق تەرەپدارلىرى نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
مەن ئۇيغۇرلاتىن يىزىقىنى ئۇيغۇركونا يىزىقى بىلەن تەڭ ئۆگىنىپ مىڭىشنى ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇر ئەرەپ يىزىقىنى ئىشلەتكىلى بولمىغاندا ئىنگىلىزچە 26 ھەرپتىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىتىمىزنى ئىپادىلىگەندە مۇقىم ئۆلچەم بولسا دەيمەن شۇ. بۇ يەردىكى ئۆلچەم ھەرگىزمۇ خەنلەرنىڭ كاتەك خىتىنى ئىنگىلىزچە ھەرپلەردىن ئىپادىلەش ئۇسۇلى بۇيىچە بولماسلىقى كېرەك چۈنكى بىزنىڭ يىزىقىمىز، تىلىمىز ئۇلارنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ . ئەمما بىر قىسىم ناكەسلەر ئۆزخىيالى بۇيىچە باشلانغۇچتىكى ئۆگىنىۋالغان پىنيىن دىگەن نەرسىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىنگىلىزچە ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا دەسستىۋىلۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قانونىيىتى ئۇيغۇر يىزىقىغا نىسبەتەن بىز بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقان ئۇيغۇرلاتىن يىزىقىدەك ماس كەلمەيدۇ.
ULY نى ئۇقۇيالايدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بۇلۇش ھەرگىزمۇ UEY نى بىكار قىلىش ياكى يىزىق ئالماشتۇرۇشتىن دىرەك بەرمەيدۇ.
بۇ يەردە ھىچكىم ھىسسىياتقا تايىنىپ ھۈكۈم چىقىرىۋاتقىنى يوق. سىز دىگەن ئالىملېرىڭىز بىلەن بىز دىگەن ئالىملېرىمىز بىر پەقەت شۇنى چۈشىنىۋاتقانلارنىڭ كاللىسى ئوخشىمايدۇ.
ئاخىرىدا مەنمۇ شۇنى دەپ قۇياي مەن ULY نىڭ قاتتىق ھەۋەسكارى ۋە تەشۋىقاتچىسى چۈنكى ئاۋۋال ۋىندوۋسقا UEY نى تۇنۇتۇپ بۇلالماي ئاۋارە يۈردۇق. ئاندىن تاغ تۇرا يانفۇنلېرىغا تۇنۇتۇپ بۇلالماي يۈردۇق تەلىيمىزگە يارىشا ئاندىرويىد سىستېمىسى دەۋىر سۈرۈپ بۇ ئۇچۇق كودلۇق سىستېمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش سەل ئاسانغا تۇختىغاندەك قىلدى. كىم بىلىدۇ يەنە بىر سىستېما چىقىپ ئۇنىمۇ ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى بۇيىچە تۇنۇتۇپ بۇلالماي يىغلاپ كىتىمىزمۇ تىخى. ئۇيغۇرلاتىن يىزىقىنى ئىشلىتلەيدىغان بۇلۇش ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئەرەپ يىزىقىنى بىكار قىلىش دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئەرەپ يىزىقى ئىشلمەيدىغان جايدا ئىنگىلىزچە ھەرپلەر بىلەن مەقسىتىمىزنى ئىپادىلگەندە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. مىنىىڭچە ئۇنى يەنە مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر مەن ھۈكۈمەت ئورنىدا ئىشلىگەن ياكى ھۇقۇقۇم يەتكەن بولسا ULY مەجبورىي ئومۇملاشتۇراتتىم.