izdan@ يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 08:28 PM
مىنىڭچە بولغاندا ھەممە ئادەم ئاسان چۈشۈندىغان يازساق ...
ھىچقانداق ئەھمىتي يوقتەك بىلىنۋاتامدۇ؟ سىز ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ يازمىلېرىنى كۆرۈپ بىقىڭ. ئاندىن جاھان مىللەتلىرىنىڭ يىزىقى بىلەن ئۇيغۇر يىزىقىنى سىلىشتۇرۇپ بىقىڭ. ئەڭ ئاددىيسى خەنلەرنىڭمۇ ئازادلىقتىن بۇرۇن ئوڭدىن سولغا ، ئاستىدىن ئۈستىگە دىگەندەك يىزىلاتتى ئەمما ئۇلار دولەت قۇرۇلغاندا ھازىرقى ئىنگىلىز يىزىقى بىلەن ئوخشاش سولدىن ئوڭغا يىزىلىدىغان قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرگەن. بىز ھازىرمۇ يىزىقىمىزنى ئىلىكتىرون ئۈسكىنىلېرىگە تۇنۇتۇپ بۇلالماي ئاۋارە. ئىشەنمىسىڭىز سىز بىر بىلوگ قۇرۇپ بىقىڭ. ئىنگىلىزچە ۋە خەنچە قۇرۇش ئۈچۈن ھىچقانچە سەۋىيە كەتمەيدۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن مەخسوس ئۆگەنمىسىڭىز ياكى كەسپ ئەھلى بولمىسا ئىپادىلىمەكچى بولغىنىڭىزنى باشقىلارغا قانداق قىلىپ بىلدۈرۈش بىر مەسلە.