abdul915 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 01:39 PM
مەنچە بۇ پروگراممىنىڭ يولغا قويۇلىشى پەقەت بىر قانچە ك ...
سىزنىڭچە قانداقراق كىشىنىڭ سۆزلەش سالاھىيتى باردۇ ؟ سىزنىڭچە مەن ئارمان شىركىتىدىنمۇ چوڭ شىركەتتىن بىر قورۇپ ئاندىن سۆزلىسەم سۆزلەش سالاھىتىم بار بولىدىغان ئوخشىمامدۇ ، خوش ئەمسە گەپ سىزنىڭ سالاھىيتىڭىزگە بېرىپ تاقىلىدۇ - دە ، مىنىڭ سالاھىيتىمگە كەلسەك مەن يۇقۇرقى سۆزلەرنى قىلىش سالاھيتىم مەيلى ئوقۇش تارىخى ياكى كەسپىي جەھەتتىن بولسۇن بار دەپ قارايمەن ، ھەم شۇڭا بۇ تىمىنى يازدىم ، ھەم تىمىدىمۇ شۇ سالاھىيتىمگە ماس كىلىدىغانلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سۆز قىلدىم ، ھەرگىز ئىقتىساد دوكتۇرلىرى ياكى لىدىرلار ياكى دۆلەت رەھبىرى سالاھيتىدە سۆز قىلمىدىم .
.ەڭ تۆۋەن مۇئاش بىلەن چىقسا بولىدۇ ، لىكىن ‹ قابىليىتى بارلار بىزگە ئىشلەپ بەرمەي دۆلەت مەمۇرلىقىغا كىتىدۇ ، ئىشلەپ بىرەي دەپ كەلگەنلەرنىڭ قابىلىيتى يوق › دەپ داۋراڭ سېلىپ سىتۇدېنتلاردىن ئاغرىنسا بولمايدۇ . مەن سىز ھەممە ئادەمگە جىق پۇل بىرىڭ دىمىدىم ، ‹ قابىلىيەتلىك ئادەم لازىم بولسا شۇنىڭغا چۇشلۇق ھەق بىرىڭ ، بىرىدىغان ھەققىڭىز ئاز بولسا شۇنىڭغا يارىشا ئادەم ئىشلىتىڭ › دىدىم .
ئارمان شىركىتىگە قارىتا قىلغان گىپىڭىزگە دەيدىغىنىم مۇشۇ ، ئارمان شىركىتىنىڭ ھازېرقى ئەھۋالىنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىمۇ ھەم ئايان ، چىدىسا ئىشلەتسۇن ، سىتۇدېنتلارمۇ ساراڭ ئەمەس ، 17 يىل ئوقۇغان ئادەم قاپاقباش ئەمەس بىكاردىن بىكار شىركەت كارخانىنى تاللىماي دۆلەت مەمۇرلىقىنى تاللايدىغان .
يەنە بىرگە سىز دىگەن ئىقتىساسلىقلار بازىرىدىمۇ ئۇنچىۋالا خارلىققا قالغان ، ئۇنچىۋالا ئەتىۋارسىز باكلاۋۇر - ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار يوق ، كۆپىنچىسى تولۇق ئوتتۇرا ياكى كەسپىي مەكتەپ ئوتتۇرا تېخنىكۇمنى پۈتتۈرگەن باللار بولغاچقا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىشقا ئۇنۋان سالاھىيەت جەھەتتىن ماس كەلمىگەچكە شۇ يەرگە بېرىشقا مەجبۇر بولغان ، بىكار بولۇپ قالسىڭىز بېرىپ ئايلىنىپ كىلىڭ .