yusup0998 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 05:58 PM
دىگەنلىرڭىز ئورۇنلىۇق بوپتۇ كوپتەرەپتىن ئىزدىنىپسىز ...
توغرا ئىشلىگەنگە چۇشلۇق ھەق ئېلىش كىرەك ، مەنمۇ ھەم ئۇ كىشىگە قىممىتىدىن ئارتۇق مۇئاش بىرىڭ دىمىدىم ، ھەم بۇمۇ ئاقمىغان گەپ بولىدۇ .
يەنە بىرسى بىر مىللەتكەنمىز دەپ .....قىلمايدۇ دەپسىز . تورلاردا ئۈندىدارلاردا مىللىي كارخانىلارنى قوللايلى ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ ئۇلارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرايلى دەۋاتقان ھەم شۇنداق قىلىۋاتقانلار دەل شۇ بىر مىللەتكەنمىز دەپ قىلىۋاتىدۇ ، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار بىزنىڭ مىللىي كارخانىلارنىڭ قىممەترەك بولغان ششارائىتتىمۇ يەنە شۇ بىر مىللەتكەنمىز دەپ مىللىي كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئېلىۋاتىمىز ، ئارمان ، ئىخلاس ، مىراس ، ئابىدە .......مۇشۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ قانچى پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلادىن باشقىلار سېتىۋالىدۇ ؟ ئۇلارنى دەس تۇرغۇزۇپ كارخانىچى قىلىپ تونۇتقان قايسى مىللەت ؟ مىللەت كىشىلىرى بىر مىللەتكەنمىز دەپ قوللاپ تونۇتقان كارخانىنىڭ خوجايىنلىرىمۇ سىز دىگەندەك بىرمىللەتكەنمىز دەپلا...... قىلمايدۇ ئەمەس ، كەينىگە بىر قارىۋىتىشى كىرەكمىكىن دەيمەنغۇ .