|
كۈنىڭڭىز ئۆتتى بەك ئېغىر ئەجەپ,
تەنە-ھاقارەت تۇرار دۆۋەرەپ,
ئاتا-ئانىڭىز قىلىدۇ غەزەپ,
تۇردىڭىز مەزمۇت پەقەت بىر سەۋەپ,
ئاللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
كېچەيۇ كۈندۈز تالاي مۈشكۈلات,
پاسىق ساراڭلار قىلار ھىسابات,
چاپلاشتى يەنە ئۇنسۇر دىگەن ئات,
كىشى ئالدىدا سالمىدىڭىز دات,
ئاللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
(ئددىيە)ڭىزنى ئۆزگەرتمەك ئۈچۈن,
قىلدى خىلمۇ-خىل ھىلىلەر يۇچۇن,
گاھى جىلمىيار گاھىدا جۇدۇن,
بەردىڭىز دەككە ئۇلاردىن بۇرۇن,
ئاللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
قايتۇرالمىدى قانچە رەت سولاپ,
ئاچتىن ئۆلسۇن دەپ يانچۇقنى كولاپ,
قالدى قان يۇتۇپ بۆرىدەك ھۇۋلاپ,
چۈنكى دىدىڭىز جېنىمدۇر ھىجاپ,
ئاللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
بىرى قۇچاقتا ھاپاش بىرىڭىز,
تېخى ھىماتسىز تۇرار يېرىڭىز,
يوقتۇر ئۇياتلىق مەخپى سىرىڭىز,
مەيلى دىدىڭىز قاچسا ئېرىڭىز,
ئاللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
خوشنىلىرىڭىز ھىس قىلىپ خەۋىپ,
قورقۇنۇچىدا بولۇشقان كەيىپ,
ھىجابىڭىزغا قويۇشسا ئەيىپ,
سىز يەنە مەزمۇت كەتمەستىن تېيىپ,
ئاللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
ئانىڭىز دەيدۇ جاھىل پەسەندە,
ئاتىڭىز دەيدۇ جاھىل قەلەندە,
باشقىلار دەيدۇ نەس باسقان بەندە,
لېكىن سىز دائىم ھەققە پەيۋەندە,
ئاللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
ئاجايىپ خورلۇق تارتىسىز بەزەن,
تەستەك ۋەجىدىن قىزىرار گەدەن.
مۇشت-تىپىكلەردىن قاخشايدۇ بەدەن,
بۇ زۇلۇملارغا سىزدە يوق ئرەن,
ئللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
ساقلاپ ھايا ھەم ئپپىتىڭىزنى,
چۈشۈرمىدىڭىز قىممىتىڭىزنى,
ئاچقىنىڭىز يوق ئەۋرىتىڭىزنى,
توختاتمىدىڭىز دەئۋىتىڭىزنى,
ئاللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
ھەممىمىزدىن كۆپ ئبادىتىڭىز,
كۆپ يەنە دۇئا-تىلاۋىتىڭىز,
ئلىم ۋە دەئۋەت تىجارىتىڭىز,
ئماندۇر-ئمان ھالاۋىتىڭىز,
ئاللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
شۇنچە كۆپ تۇرۇپ خىجالىتىڭىز,
تېگەر ھەممىگە ساخاۋىتىڭىز,
قېرىنداشلىقتۇر تاپاۋىتىڭىز,
ھەققانىيەتتۇر ھەر بىر گېپىڭىز,
ئاللاھىم رازى بولارمىكىن دەپ.
تەۋەككۇل قىلىپ شۇنچە خەتەرگە,
ئۈلگە بولدىڭىز ھەمشىرىلەرگە,
سوئال بولدىڭىز مۇسۇلمان ئەرگە,
لېۋىمىز چىشلەپ قارىدۇق يەرگە,
ئاللاھ مەغپىرەت قىلارمىكىن دەپ...
|
|