sardor0908 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 01:48 PM
ھە..........سىز قانچىگە كىردىڭىز بىلمىدىم 26گە كىرىپتىمەن ...
سىز گەپ چۈشىنەمسىز ياكى چۈشەنمەس بولىۋالامسىز، بۇنى بىلگىلى بولمىدى،سۆزىڭىزدىن مەلۇمكى سىز 37يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق تارىخى بار بىر تىپىك ماركىسىزىمچى ئانىنىڭ قولىدا تەربىيلەندىڭىز، شۇڭلاشقا سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئانىڭىزنىڭ ياسىنىشى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە خاس بولغان ئۆلچەملىك ياسىنىش، بۇ سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى، شۇنداق بولغان ئىكەن شۇ يۇسۇندا ياشاۋەرسىڭىز ۋە ئانىڭىزنىڭ ياسىنىشىدىن پەخىرلىنىپ يۈرسىڭىز بۇنى ھىچكىم چەكلىمەيدۇ.
بىراق سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم سىز ئائىلىڭىزنىڭ تارىخىغا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلامغا كىرگەندىن بۇيانقى 1000يىلدىن ئارتۇق تارىخىغا قاراپ بېقىڭ.ئەنە شۇ چاغدا ھىجاپنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ قالارسىز. شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلىدىغان كىشى ئۆزىنى مۇسۇلمان ئاتىۋالغىنى بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ قالمايدۇ، ئەگەر سىز مەن ئاتىزىمچى كومپارتىيە ئەزاسى دەپ تۇرۇپ ئارقىدىن كومۇنىستىك پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارتىيە نىزامنامىلىرىنى ئىنكار قىلسىڭىز، ،پارتىيە ئەزالىق سالاھىيتىڭىز ئېلىپ تاشلىنىدۇ.خۇددى شۇنىڭدەك مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ كەينىدىن ئىسلامنىڭ خاس نىزامنامىلىرىنى ئىنكار قىلسىڭىز ئۇنداقتا يەنە مەن مۇسۇلمان دىيىش سالاھىتىڭىز قالارمۇ؟ ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرى بىر كىشىنىڭ سالاھىيتى تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغان نەرسە ئەمەس،ئانىڭىزنىڭ 327 نەپەر كادىر تەربىيلەپ دۆلىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مىسلىسىز تۆھپە قوشقانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ياسىنىشى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئۆلچەملىك ياسىنىشى بولۇپ قالمايدۇ. خەنزۇ راھىبلىرى كاسايا كىيىپ يۈرىدۇ، ناسارا ئاياللىرى ھەم يۈزىنى يۈگىمىگەن ھالەتتىكى پەرەنجە كىيىدۇ، ئەجەبا ئۇلارنىڭ دىنى كىملىكى بىلەن مىللىي كىملىكى ئارىسىدا ھىچبىر توسالغۇ پەيدا بولمايدۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرى مۇسۇلمانچە كىيىم كىيسە ئۇ مىللىي كىملىكتىن ئايرىلىپ قالغان، مىللىي توپتىن ئايرىلىپ قالغان بولامدىكەن، ئۇلارنى دەل مىللىي كىملىكتىن ئايرىپ قارىۋالغانلار دەل سىزگە ئوخشاش نەزەرىيەچىلەردۇر، سىزنىڭ نەزەرىيڭىز بويىچە سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە مۇۋاپىق ئىش ئاندىن ئىسلامغا مۇۋاپىق كەلگەن بولىدۇ، ھالبۇكى مۇسۇلماننىڭ نەزەرىدە ئىسلامغا مۇۋاپىق كەلگەن ئىش ئاندىن مۇسۇلماننىڭ ئەقلىگە مۇۋاپىق كەلگەن بولىدۇ، سىز ئۆز نەزىرىڭىزدىكى ئىشلارغا دىئالىكتىك ماتىريالىزىم ئاساسىدا يەكۈن چىقىرىسىز، مۇسۇلمان ئۆز نەزىرىدىكى ئىشلارغا قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ھۆكۈملەر ئاساسىدا يەكۈن چىقىرىدۇ، ئاساسلانغان نەزرىيە ئوخشىمىغان ئىكەن، چىققان يەكۇنمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا پىكىرىم سىز ئانىڭىزنىڭ ياسىنىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇپ يۈرمەي ئۆزىڭىز ئاساسلىنىدىغان ماركىسىزىملىق ماتىريالىزىملىق قاراش ئاساسىدا ھۆكۈم چىقارسىڭىز بۇنى ھىچكىم چەكلىمەيدۇ، شۇنداقلا بىر مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئەمەس بىر كىشىنىڭ ياسىنىشىغا قارىتا ئىسلامنىڭ ھۆكمى بويىچە باھا بېرىشى ئۆز نۆۋىتىدە توننى ئۆزىگە لايىق كىشىگە كەيدۈرمىگەنلىك بولىدۇ.