sardor0908 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 10:28 AM
سىزگە شۇنداق ئاغزىمنى بۇزۇپ شۇنداق گەپلەرنى قىلغۇم ب ...
مەن ھەممە ئىنكاسلارنى تولۇق ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن سىزگە شۇ ئىنكاسنى يازغانمەن. مۇشۇ ئىنكاسىڭىزدىنلا كىمنىڭ ئاۋال ئېغىزىنى بۇزىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. مەن قانداقتۇر ئىككى ئادەمنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس قىستۇرغان بولماستىن بەلكى سىزدەك ئىسلامنى بۇرمىلايدىغان ئادەمگە ئىنكاس يېزىۋاتىمەن.
«مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن ئاتىلىرىدىن يا قېيىن ئاتىلىرىدىن يا ئوغۇللىرىدىن يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا دىنداش ئاياللاردىن يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسى شەھۋىتى يوقلار)دىن يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار.»
ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯘﺭ 31 - ئايەت
بۇ ئايەتتىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟ سىز دەۋاتقان مىللىيچە كىيىم-كېچەكلىرىمىز قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ياپالامدۇ؟ ھەي قېرىندىشىم، بىلدىم سىز بىر مىللەتپەرۋەر ئىكەنسىز، لېكىن شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىزدىن ئاخىرەتتە سورۇلىدىغىنى سىزنىڭ مىللەتپەرۋەرلىڭىز بولماستىن بەلكى ئىمانىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى ئاچا-سىڭىل، قىز-ئاياللىرىڭىزغا ئىگە بولغان بولمىغانلىقىڭىز.
سىز يەنىلا ئۆز پىكرىڭىزدە بولسىڭىز بولدى سىزمۇ ئۆز پىكرىڭىزدە قېلىۋېرىڭ، بىزمۇ ئۆز پىكرىمىزدە قالايلى. ئىشقىلىپ سىزگە بولغان مەسئۇلىيىتىمىز ئادا بوپ بولدى، قالغىنى ئۆزىڭىزگە باغلىق.