مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kara-yijiran

پاجىئەلىك تەقدىر(پوۋىست)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

nurjahan1 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 02:56:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 766
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10123
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4058 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 03:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ئەسەردىن بىرنى يوللاپسىز !!!رەھمەت سىزگە !

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102724
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 04:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى قانچە كۇن ساقلامىز ئەمدى   خىيالىم مىسرانىمدىلا قالىدىغان بولدىدە      تىزرەك يازارسڭز ئامال با

ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە!!!......

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102724
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 04:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈركۈم يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 12:35 PM
روزاخۇنغا تەگسە بولىدۇ ھەممە بالىلىرىنى تەڭ قىينىغۇ ...

ھاراقكەشكە تەگكىچەئازراك كەينالسڭمۇ بالىلىرىنى ئۇزى باككىنى ياخشى  چۇنكى ھاراك ئچسە بەك تەرساكەن ئەمەسمۇ رۇزاخۇن

ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە!!!......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60475
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3829
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 04:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇق يوللاپ بولغاندا ئۇقۇيچۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75725
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 399 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 08:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان يوللارسىز ئەمدى

سەۋىرننىڭ تىگى ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 11:55:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دەم ئېلىشلاردا قىلغىلى ئىش چىقتى دېگەن بىلەن،،داۋامىغا تەشنامەن!

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 11:43:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمەتنىڭ ‹‹ توڭ ›› لىرىمۇ ئېرىپتۇدە، قىشتىكى قار-مۇزلار ئاپتاپ چىقىپ بولغۇچە ئېرىپ سۇ بولغانغا ئوخشاش.....ھى ھى .....

روزاخۇن ھاراقكەش بولغاندىكىن تەگمىگەن گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ياشقا بېرىپ قالغاندا يات بىر ئايالنىڭ ئالتە بالىسىنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ بېقىپ كىتەلىشى ناتايىن.

داۋامىنى ساقلاۋاتىمەن جۇمۇ.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 11:39:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                           قاباھەتلىك چۈش
تەقدىر بەلكىم ئادەمنىڭ تەقەززاسىغا باقمىسا كېرەك توۋا ،تەقدىر باشقا ئارزۇ
باشقا دىگەن شۇدە،
ئاسراندى قىز ‹گۈلباھار›گۈلجامال چوڭ بولغانچە ئۇنىڭ قىزىقىشىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.ئۇ ھەر كۈنلىگى ئورنىدىن بالدۇر تۇرۇپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ بوخچا ئېسىپ نەلەرگىدۇ ئالدىراپ ماڭىدىغان، ئۆزى بېلەن تەڭدىمەتلىك بالىلارغا قىزىقىش ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ، تاكى ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكىچە كەينىدىن قاراپ ئۇلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگەندىلا ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كىرىدىغان،ئۆيگە كىرگەندىن كىيىنمۇ بىر بۇلۇڭغا تىقىلىۋىلىپ ئاللا نىمىلەرنى  خىيال قىلىدىغان بولىۋالغان ئىدى.
بۈگۈنمۇ ئۇ ئادىتى بويىچە سەھەر تۇرۇپ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتىدىغان بالىلارنى خىلى ساقلىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى.گۈلجامال ئەمدى كەينىگە يېنىپ ئۆيىگە كىرىپ كىتىش ئۈچۈن ئىككى قەدەم ئېلىشىغا خوشنىسىنىڭ ئۆزىدىن چوڭ قىزى توختىگۈل، كىرىلىپ ئەسنىگەنچە ئۆيدىن چىقىپ گۈلجامالنى كۆرۈپ قالدى.
-ئەتىگەندە تالادا نىمىش قىلىۋاتىسەن مايماق؟
-ھىچنىمە بالىلارغا قاراپ تۇردۇم.
-قايسى بالىلارغا؟
-كۈندە بوخچا ئېسىپ ماڭىدىغان بالىلارغا.
-ۋاي كالۋىرەك بۈگۈن شەنبە تۇرسا،ئۇلار ئوقۇمايدۇ ئارام ئالىدۇ شۇنىمۇ بىلمەمسەن؟
قىز گەپ قىلماي كىرىپ كەتمەكچى بولىشىغا خوشنىسىنىڭ قىزى گۈلجامالنىڭ ئالدىنى توستى.
-ھەي مىكى جىن،ئاپاڭغا دىسەڭ ساڭا تولا ئۆگەيلىك قىلماي سىنىمۇ مەكتەپكە بەرسە بولمامدۇ؟
-ئۇ مىنىڭ ئۆز ئاپام، سىزگە كىم ئۇنى ئۆگەي ئاپىسى دەيدۇ؟
-ھە بىز بىلمەيمىز ئەمەسمۇ؟
-نىمىنى بىلىسىز؟
-كاللىسىنى قاغا چوقۇپ كەتكەن ساراڭ،ئۇ تۇل خوتۇن سىنى پويىز ئىستانسىدىن ئېلىپ قىچىپ كەلگەندە مىنىڭ ئاپام بىلىپ قاپتىكەن، شۇ چاغلاردا ئىككىلىسى بىللە نان ساتىدىكەن،ئۇلار نىمە دىسە ئىشنەمسەن؟
توختىگۈل ئۆزى بىلىدىغان جەريانلارغا نەچچە ھەسسە توقۇلما قوشۇپ كۆپتۈرۈپ سۆزلىگەندىن سىرىت، گۈلجامالنى قورقۇتۇپ قىزنىڭ سەبى قەلبىگە ئاداۋەت ئورىقىنى تېرىپ، ئۇنىڭ تېزرەك بىخ چىقىرىپ كۆكلىشىنى كۈتتى.شۇ ئىشتىن كېيىن قىزچاق مەيلى كىم قانداق مۇئامىلە قىلسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭغا خاتا تۇيغۇ بېرىدىغان بولدى. توختىگۈل بولسا ئۇنىڭ بىردىن بىر سىردىشىغا ئايلاندى،
قىز بارغانچە چوڭ بولىۋاتاتتى.بۇ جەرياندا باھارغا قېرىلىق يەتتىمۇ بارغانچە كېسەلدىن چىقىنالماس بولۇپ قالدى.مەمەت مەلۇم بىر ئاشخانىدا يۈگۈر -يىتىم ئىشلارغا قاراشقاچ ھۈنەر ئۈگىنىۋاتاتتى.گۈلزار توي قىلىپ چىقىپ كەتتى.گۈلنار ئاپىسىنىڭ ئورنىدا تىجارەت قىلىپ ئۆينى قامداۋاتاتتى.گۈليار بولسا ئۆي ئىشى بىلەن بەنىت،بىردىن بىر بىكارچى ئادەم يەنىلاگۈلجامال ئىدى.
ئۇنىڭ ئەتتىگەندىن كەچكىچە قىلىدىغان ئىششى قۇرۇق خىيال سۈرۈش.ياكى توختىگۈلنىڭ يىنىغا چىقىپ ئۇنىڭ يالغان جۈيلۈشلىرىنى ئاڭلاش،ياكى ئون ئىككىمىڭ ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە ھەممىنى چىشلەپ تارتىپ غەيۋەت قىلىش بىلەن چەكلىنەتتى.
بۈگۈنمۇ ئەتتىگەندىلا  غەيۋەت خالتىسىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ ،ئاللا كىملەرنى غاجاپ ئولتۇرغان پوركۆتەك توختىگۈل بىلەن ئەبگا گۈلجامالنىڭ يېنىغا گۈليار قۇشۇمىلىرىنى تۈرگەنچە كىرىپ غەزەپ بىلەن ۋاقىردى.
-قوپە ئورنۇڭدىن،ئاپامنىڭ مىجەزى يوق ياتسا بۇيەرگە كىرىپ يەنە غەيۋەتكە چۈشتۈڭما؟
-نىمە ۋاقىرايسەن؟مەن بولمىسام سەن بارغۇ؟
-مەن قارنىڭغا ئىشلىمىسەم بولماس، ئاپام ھۇقۇشتەك يالغۇز ياتامدا؟
-مەن بولمىسام ئاپامنى جىن ئەپ قاچامدىكەن؟
-نىمانداق مەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ جاۋاپ ياندۇرىسەن؟
-مىنى ئۇرامتىڭ؟
ئىككىسىنىڭ قىزىپ تۇرغان مىجەزىگە توختىگۈل سۇ سىپپ پەسەيتمەكتە يوق، ئەكىسچە ياغ چېچىپ ئوتنى تېخىمۇ ئولغايتىۋەتتى.بۇنىڭ بىلەن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ ئاچا-سىڭىللار بىرمەيدان ھەقسىز ئۇيۇننى قىزتىپ ئەۋجىگە چىقىرىپ،توختىگۈلنىڭ ئىش پۇشىقىنى باستى.
-گۈليار سەنمۇ قىزىقكەنسەن،ئۆگەي بولسىمۇ نەچچە يىل بىر ئۆيدە بىللە ياشىدىڭلار گۈلجامالغا ئۇنداق توڭ تەگسەڭ قانداق بولىدۇ؟نىمىلا بولمىسا بۇمۇ سىنىڭ سىڭلىڭغۇ؟
-توختەم، سەن تولا ئوتتۇردا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلما،بىزنىڭ ئىششىمىزغا بوشراق ئارلاش،يەنە بىرگەپ كىشىلەرگە نەدە قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىپ بولمىغۇر گەپلەرنى تاپما،ئۇزۇن يىللىق خوشنىدارچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلمىسام ساڭا تېتىغۇچىلىگىم بارمىنىڭ،ياخشىسى سىڭلىمدىن يىراقراق تۇر.يەنە شۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام سىنى بوش قويىۋەتمەيمەن جۇمۇ؟ ئەمدى مېنىڭدىن يامانلىما ساڭا ئەسكەرتىپ قويدۇم.
-ئوھوي ماگەپنى كۆرۈڭ،تېرىققا كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر پالىڭىغا دەپ.سىڭلىڭدىن ئاچچىغىڭنى چىقىرالماي مىنىڭدىن ئۈچۈڭنى ئالماقچىمۇسەن؟سەنمۇ مىنى گۈلجامالدەك بوزەك، يىتىم ئوغلاق كۆرۈپ قالما،
گۈليار ئاچچىغىدا سىڭلىسىغا بۇرۇلۇپ قۇلىنى شىلتىپ تۇرۇپ دوق قىلدى:
-مۇشۇنداق سېسىق گەپنى ئاڭلىمىساڭ قۇرسۇغۇڭ تويمامدا سىنىڭ؟ئۆزەڭ تەڭ قىزلار بىلەن ئوينىساڭ بىرى سىنى بۇ شەھەردىن قوغلىۋىتەمدىكەن؟بۇ ئىشەك غاجىۋەتكەن سەتتىن باشقا ئادەم تېپىلمىدىمۇ ساڭا؟
چىرايىڭغا قاراپ باقە،
-ئاغزىڭغا بىقىپ سۆزلە كىمنى ئىشەك غاجىۋىتىپتۇ؟جىن تىپپەتكەن  نىرىۋە ساراڭ،
-ئەمىسە بوينۇڭدىكى شەلۋەرەپ، يىرىڭ ئېقىپ تۇرغان ساقايماس ياراڭنى قانداق چۈشەندۈرىسەن؟
-بۇ دىگەن چاشقان يارىسى.چاشقان يىگەن ناننى يەپ سالسا شۇنداق بولىدۇ،
-ھە، دەۋاتقان بەك،ئۆزەڭنىڭ مەينەتلىگىڭدىن چىققان يارا ئۇ،ئۈيۈڭگە كىرسە سۈيدۈكلا پۇرايدۇ قاسماق،بىزنى بىلمەمدىكىن دىمە،ئۇ ياراڭغا چاشقاننىڭ گۈشىنى يەپ تېرىسىنى تاڭسا ساقىيىدۇ،مەينىتىڭنى سىڭلىمغىمۇ يۇقتۇراي دىگەنمىتىڭ پاخمىۋاش؟
توختىگۈل ئەمدى گۈليارغا گەپ تېپپ بىرەلمەي،ئۆزىنىڭ بوي-بەستىگە تاراشمىغان بىرخىل قىلىقلارنى قىلىپ ئۆينى بېشىغا كىيىپ ۋاقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.گۈليار بولسا سىڭلىسىنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە ئۇنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كىردى.شۇ جىدەل بولۇپ بىرەر ئايغىچە گۈلجامال توختەمنىڭ ئۈيىگە دەسسىمىدى.
باھارنىڭ كىسىلى ئاينىپ ئېغىرلىششقا باشلىغان بىر كۈنى ھەممەيلەن ئۇنى دوختۇرغا ئېلىپ ماڭدى. ئۆيدە پەقەت گۈلجاماللا يالغۇز قالغان ئىدى.ئىشىكنىڭ تاقىداپ ئۇرۇلىشى بىلەن چاي قاينىتىۋاتقان قىز ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىشىككە يۈگۈرىشىگە، توختەمنىڭ يىرىم ساراڭ ئاكىسى ھىجايغانچە تەكەللۇپسىزلا كىرىپ كەلدى.
-توختى ئاكا بىرەر ئىششىڭىز بارمىتى؟
-گۈلجامال،ئۆتكەنكىدەك مىھماندارچىلىق ئوينايلىچو؟
-بۈگۈن بولمايدۇ،ئاپاملار دوختۇرغا كەتكەن كىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى.كىيىن ئوينايلى ھە؟
-ياق بۈگۈن ئوينايمىز،
-ئەمىسە ئاپام كەلگەندە مەن ئۈيىڭىزگە چىقاي بولامدۇ؟ھازىر چىقىپ تۇرۇڭ،
-ئەمىسە يەنە مىنىڭ خوتۇنۇم بولۇپ ئوينايمىزھە؟
-ھەئە، تىز چىقىپ كىتىڭ،
تۇردى قىزغا كۆزى قىيمىغاندەك ئۆيدىن تەستە چىقىپ كەتتى.گۈلجامال يىنىك تىنىپ ئىششىنى داۋام قىلدى.ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ دوختۇرغا كەتكەنلەردىن ھىچ خەۋەر يوق،ۋاقىتمۇ ئەسىردىن ئۆتتى.ئەمدى قىزنى قورقۇنچ بىسىشقا باشلىدى.‹ئەگەر ئاپامغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا قانداق قىلارمەن،كىچىچە كەلمىسىچۇ؟يالغۇز قانداق ياتارمەن؟› قىز خىيال بىلەن بولۇپ كىتىپ سىرىتتىكى شەپىنى سەزمەي قالغان ئىدى.
-گۈلجامال مەن يەنە كىردىم،
خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان قىز تۇيۇقسىز چىققان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈردى، ۋە ياندۇرۇپ سورىدى:
-نىمىگە كىردىڭىز؟قانداق كىردىڭىز؟دەرۋازا ئىلىغلىق ئىدىغۇ؟
-سىز چىقمىغان ئىدىڭىز مەن تامدىن ئارتىلىپ كىردىم،
-تۇردى ئاكا مەن چىقىمەن دىدىمغۇ؟ چىقىپ كىتىڭ ،ئاپام كەلسە خاپا بولىدۇ،
-ياق، مەن سىز بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇپ مىھماندارچىلىق ئوينايمەن،
-نىمانداق قىلىسىز چىقىپ كىتىڭ،
-ياق چىقىپ كەتمەيمەن، ئۆيگە چىقسام توختىگۈل مىنى يارىماس دەپ تىللايدىكەن،
-بۇ قېتىم تىللىمايدۇ يۈرۈڭ مەن ئەپ چىقىپ قوياي،
قىز ،توختىنىڭ پىشىدىن تارتىپ ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلىشىغا،توختى گۈلجامالنى سار چۈجىنى قاماللىغاندەك قاماللاپ كۆتۈرۈپ كىسەكتىن ياسالغان كاڭغا ئىرغىتىپ تاشلىۋەتتى.قىزنىڭ بېشى ئۇچاق بىلەن كاڭنى ئايرىپ تۇرغان بىر غېرىچ كەڭلىكتىكى توغرا تامنىڭ قىرىغا تىگىپ ‹ۋاي› دېگىنىچە ھۇشىدىن كەتتى.پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان توختى قىزنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى.
توختى ئىششىنى تۈگۈتۈپ قىزغا ھىجىيىپ قاراپ قويغاندىن كىيىن، كىيىملىرىنى تۈزۈشتۈرمەيلا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.خىلى ئۇزۇندىن كىيىن گۈلجامال بېشىنىڭ لوقۇلداپ  ئاغرىشىدىن تولغۇنۇپ ھۇشىغا كەلدى.قىز ئورنىدىن تەستە تۇرۇپ چىكى سۈكۈلۈپ يىرتىلغان تامبال ئۈستىگە قايرىلغان كۆينەكلىرىگە قاراپ نىمىنىدۇر چۈشەنگەندەك بولۇپ ئېچىنىشلىق يىغلاپ كەتتى.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 12:48:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان بوپتۇ، ئۆگەي بولسىمۇ ئاچا-ئاكىلىرى يامانلىق قىلماستى.
يامانغا يولۇقساڭ يارىسى يۇقار دىگەن شۇ

http://www.iptihar.net/bbs/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش