مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kara-yijiran

پاجىئەلىك تەقدىر(پوۋىست)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 01:11:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىدىن ئۇيقۇسىز يىغلاپ چىققان گۈلجامالنىڭ قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەن.ئۆزىمۇ بىركىچىدە خېلىلا جۈدەپ ئورۇقلىغان.بېشى زىڭىلداپ ئاغرىپ پۇت-قوللىرىدا ماغدۇر يوق،ئۆزىمۇ ناھايىتى روھسىز ھالەتتە يەنە بىر كۈننى كۈتىۋالدى.
ئۇ ئۆينىڭ خالى ئادەمسىز بولىشىنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتىۋاتاتتى.ئەمما قېرىشقاندەك باھار ئانىنىڭ ئاغرىپ قېلىشى بىلەن ھەممىسى ئۇنىڭ ئەتراپىدا پاي-پىتەك بولۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ ئۆزىنىڭ بالىلىقىنى يەتكۈزىۋاتاتتى.گۈلجامال ئۆز خىيالىنىڭ ئىتتىك ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئويلاپ باشقىچە ئامال تاپماقچى بولۇپ ھەرخىل خىياللارنى قىلاتتى.ئەمما ئويلىغانلىرى رىئاللىقتىن چەتنەپ كىتەتتى.
-بۈگۈن قانداقراق تۇرىسەن گۈلجامال؟
خىيال سۈرۈپ ياتقان قىز، كىچىك ئاچىسىنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەنمىگەندەك، سۇئال نەزىرى بىلەن چەكچىيىپ قارىدى.
-ساڭا نىمە بولدى ؟ بىرقىسمىلا قارايسەنغۇ؟
-ماڭا گەپ قىلىۋاتامسەن؟
-توۋا ماقىزنى،بۇيەردە باشقا ئادەم يوقتۇ؟ ساڭا گەپ قىلماي تۆت تامغا، تورۇسقا گەپ قىلامتىم ئەمىسە؟
-بايام نىمە دىدىڭ باشقىدىن دىگىنە؟
-ئېلىشىپ قالمىغانسەن؟
-تويۇقسىزلا يېنىمدا پەيدا بولۇپ گەپ قىلساڭ، شۇنداق قارىماي قانداق قىلىمەن ئەمىسە؟
-باشقا گەپ قىلمىدىم مىجەزىڭ قانداراق دىدىم شۇ،
-بېشىم بەكلا ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ،
-ئاللا شىپالىق بېرە، سەنمۇ دىققەت قىلىپ ماڭساڭ بولمامتى؟
-ھە قىلىدىغان ئىش يوق ئۆزەم ئۈسۈپ يېرىۋالدىم بىكارچىلىقتىن ئىچىم پۇشۇپ، بولدىما ئەمدى خۇش بولدۇڭما؟
- ئادەمگە نېمانداق سېسىق گەپ قىلىسەن؟ مەن ساڭا يامان گەپ قىلمىغاندىمەن؟
-يەنە نېمە دىسەڭ بولاتتى بۇنىڭدىن باشقا؟
-ساراڭمۇ سەن ئوڭمۇ؟ بىر چىرايلىق ئەھۋال سوراپ كىرسەم نېمانداق سوغوق تىگىسەن؟
-سىنى ئەھۋال سورا دەپ بىرەسى ئالۋاڭ سالمىغاندۇ؟
-ئاپام ئالۋاڭ سالغان ، بولمىسا ئۆلسەڭمۇ كارىم يوق سەن ساراڭ بىلەن،
-ئالدىرمىساڭ ئارمىنىڭغىمۇ يىتەرسەن،
-گۈلجامال ،سىڭلىم ئەمدى تالاشمايلى بولامدۇ؟ ئاپام شۇ ھالەتتە ياتسا،ئۆزەڭنىڭمۇ مىجەزى يوق، كەيپىياتىڭنىڭ ناچارلىغى ماڭا ئايان، بولدى مەن خاتا قىلغان بولاي،ئاپامنىڭ ئارامىنى بۇزمايلى.ئۆزەڭنىمۇ ئاپامنىمۇ ئايا،
كىچىك ئاچىسىنىڭ مۇلايىم ئاۋازى،مىھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى.تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان چىرايى گۈلجامالغا نىسبەتەن خۇددى ئۇنى قەستەن زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ،ھەممە ئىشقا مۇشۇ كىچىك ئاچىسى سەۋەپ بولغاندەك،ئۇنىڭغا ئاچچىق ئۆچمەنلىك بىلەن لەپپىدە قاراپ قويۇپ بېشىنى بۇراپ تەتۈر قاراپ يېتىۋالدى.گۈليار سىڭلىسىنىڭ مۇنداق قىلىقلىرىغا كۆنۈك بولغاچ يەنە ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىماي بېشىنى چايقاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
شۇ تەرەزدە گۈلجامال تاماقمۇ يىمەي، ئورنىدىنمۇ تۇرماي ئۆيگە بىكىنىپ يوتقانغا ئورۇنۇپ نەچچە كۈن ياتتى.ئو پەقەت تەرەت قىلىش ئۈچۈنلا ھويلىنىڭ بىر بۇرجىكىگە ئاددى قىلىپ ياسالغان كىچىك ھاجەتخانىغا چىققاننى ھىساپقا ئالمىغاندا خۇددى سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەندەكلا.ھىچكىمگە كۆرۈنۈشنى پاراڭلىششنى خالىمايتى.گۈلجامال كىملەر بىلەندۇ قارشىلاشقاندەك  ئاشلىق ئېلان قىلىپ ئۆلىۋالماقچى بولغان ئىدى،
ئۇ زادى كىم بىلەن بېلەن قارىشلاشماقچى؟ ئائىدىسىدىكىلەر بىلەنمۇ؟ ياكى توختى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەنمۇ؟ ۋە ياكى تەقدىر بىلەنمۇ؟ بۇنى ھەتتا ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ،
بىراق بۇ ئاشلىق ئېلان قىلىشلار ئۇزۇنغا بارمىدى.تۇرمۇشتا قىلچە تەجىربىسى يوق، ئىسسىق-سوغوق بىشىدىن ئۆتمىگەن گۈلجامال كۈندىن -كۈنگە ھالسىزلىنىپ ئاخىر يىقىلدى.ئۆيىدىكىلەرنى قىيناشقا ئۇنىڭ كۆڭلى ئۇنىغان بىلەن،ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ كىسەل ئانا ،ئۆگەي ئاكا-ئاچىلىرى يەنە چىداپ تۇرالمىدى.
مانا باھارنىڭ كىسىلىدە بىر ئاز ياخشىلىنىش بولىۋىدى.ئۆزى پايپىتەك بولۇپ بۇ تەتۈر پىشانىنىڭ يېنىدىن بىردەممۇ ئايرىلماي ئىنجىقلاپ يۈرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.
ھەتتا باشقا بالىلىرى‹ئاپا سەن تېخى تولۇق ساقايمىدىڭ ئۇنىڭ يېنىدا بىز بار خاتىرجەم كىسىلىڭنى داۋالات›دىيىشلىرىگە‹سىلەر ياخشى قارىيالمايسىلەر،مەن خاتىرجەم بولالمايمەن يەنىلا ئۆزەم قاراي مەندىن ئەنسىرمەڭلار› دەپ جاۋاپ بەردى.باشقىلارمۇ ئانىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە باشقىچە ئىتىراز بىلدۈرەلمىدى.چۈكى ئۇلارمۇ باھارنىڭ گۈلجامالغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلەتتى ھەم چۈشىنەتتى.بەزىدە بۇ مىھىردىن قىزغىنىپ ئۆزلىرىنى ئۆگەي بالىدەك گۈلجامالنى ئۆزدەك ھىس قىلىشىپ قالاتتى.لىكىن ئانىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈنلا بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزىۋىتەتتى.بىر كۈنى گۈليار ئانىسىدىن تويۇقسىزلا سوراپ قالدى.
-ئاپا سىنىڭدىن بىرئىشنى سورىسام كۆڭلۈڭگە ئالما بولامدۇ؟
-قېنى سورا،
-سەن نىمە دەپ گۈلجامالغا ئالاھىدە، بىزگە ئادەتتىكىدەك مۇئامىلە قىلىسەن؟كىم سىنىڭ ھەقىقى بالاڭ؟ سىنىڭ بىزگە ۋە ئۇنىڭغا بولغان مىھرىڭدىن راستلا گۇمانلىنىپ قالدۇق قېنى دىگىنە؟
ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى گۈليارنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالىدىن جىممىدە بولۇپ قىلىشتى.مىنۇت ئالدىدىكى چىنە-قوشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە تىگىپ يىنىك تىرىڭلىغان ئاۋازىمۇ ئۆچكەن ئىدى.ھەممەيلەن بۇ سۇئالنى خېلى بۇرۇن كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئەمما سوراشقان جۈرئەت قىلالمىغان،كۈتۈلمىگەندە بۈگۈن گۈليارنىڭ غەيرەتكە كىلىپ بۇ سۇئالنى سورىشى بىلەن.ئېغىزىدىن چىقىرالمىسىمۇ قەلبىدە سىڭلىسىغا قايىل بولغاندەك،بىر-بىرىگە مەنىلىك بىقىشىۋالدى.ئەمما جاۋاپنى ئاڭلىمىغۇچە ھىچكىمنىڭ كۆڭلى تىنمايتى. شۇڭىمۇ ھىچقايسىسى چوڭراق تىنىشقىمۇ پېتىنالماي ئانىنىڭ جاۋابىغا تەقەززا بولىۋاتاتتى.بۇنى ھەممىدىن باھار ئانا بەكرەك چۈسەنسە كېرەك بالىلىرىغا تەكشى قاراپ قويۇپ.ئېغىر خۇرسىنىۋەتكەندىن كىيىن گېلىنى قىرىپ سۆزگە تەمشەلدى.
بۇ ۋاقىتنىڭ قانچىلىك جىمجىتلىق ئېغىر سۈكۈت ،بىر ئانىغا نىسبەتەن بىسىم ئېلىپ كېلىدىغىنىنى بەلكىم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز ھىس قىلالىشى مۇمكىن.
چاي قۇيۇش ئۈچۈن ئۈچۈن چەينەك كۆتۈرگەن،ناننى قوشۇققا ئېلىپ ئېغىزغا ئاپارغان قوللار،سوۋۇغان چاينى ئىچىش ئۈچۈن ئېچىلغان لەۋلەر،جايىدىلا خۇددى قىتىپ قالغاندەك توختاپ ھەممە ئانىغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى.ۋاقىت شۇنچە ئاستا ئۆتمەكتە، ھەممىنىڭ يۈرىگى گويا ھازىرلا سوقۇشتىن توختايدىغاندەك، خۇددى ئاخىرقى سوقۇشىنى سۇقىۋاتقاندەك تىز سۇقۇپ.ھەركىم بىر قولىقىدا ئۆز يۈرەك سوقىشىنى ئاڭلاپ.يەنە بىر قولىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئانىنىڭ جاۋابىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىۋاتاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 01:14:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقتىم قىس بۇلۇپ جىقراق يازالماي ۋاتىمەن، تورغىمۇ چىقالمىدىم كەچرۈڭلار مۇمكىن قەدەر تىز دىن تاماملايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 01:27:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز قۇربانلىق ئايال دىگەن ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى شۇمۇ.
ئەگەر شۇ بۇلسىڭىز  ئاخىرى چىقتىمۇ ئەسەرنىڭ. خاپا بولماي بىر ئۇچۇرىنى بەرگەن بولسىڭىز.

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 9207 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 03:36:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ساقلايمىز ئەمسە، تىزراق يوللاسىز............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 04:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ziba0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 01:27 PM
سىز قۇربانلىق ئايال دىگەن ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى شۇمۇ.
ئەگەر ...

ھەئە مەن شۇ، ئاخىرىمۇ چىقتى.بىراق مۇنبەردە ئەمەس نەشىرگە بېرىلدى. ئاللا خالىسا ‹قۇربانلىق-ئايال› رومانى پات ئارىدا نەشىردىن چىقىپ بارلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈزكۆرىشىدۇ،

ئاتا-ئانام مىنڭ بارلىقىم.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3363
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9363
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 3264 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 06:10:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قاچان چىقار ~~~  

قەدىرلىگىم. قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىكنى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 9207 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 07:18:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان يوللايسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97530
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 11:33:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: پاجىئەلىك تەقدىر(پوۋىست)

ياخشى يىزىلىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97530
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 11:34:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: پاجىئەلىك تەقدىر(پوۋىست)

ياخشى يىزىلىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97530
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 11:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: پاجىئەلىك تەقدىر(پوۋىست)

بەك ياخشى يېرىگە كىلىپ توختاپ قالدى. كۈندە نەچچە كىرىپ قاراۋاتىمەن. داۋامىنى قاچانمۇ يوللارسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش