مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilgejan

(bilgejan) پورتلانددىكى كاتتا ئۇچرىشىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 08:20:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن بەكلا سۆيۈندۇق. سىلەر بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز.سىلەرنىڭ ئالتۇن تېنىڭلار سالامەت بولسۇن. مىللەت ئۈچۈن قىلغانلىرىڭلار مەڭگۈ ئونتۇلمايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37493
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 09:38:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا بەزەنلەرگە نىمىنى يىزىپ بەرسە بولىدىكىن ، ھەقىقى ئاۋاز قانداق بۇلىدىغاندۇ ، دۇنياۋى ئالىم بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنچىلىك ھاياجانلىنىش نۇرمالدۇ ،
ياراتماي كىتىدىكەن تېخى ، شۇلار قىلغاننىڭ ئوندىن بىرىنى قىلالىغان بولسا ئىش باركەنتۇق بەزەنبىرلەرگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102863
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 11:35:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان بۇ پائالىيەتلرىڭلاردىن ئۇيغۇر خەلقى ئالەمچە سۆيۈنىدۇ . بولۇپمۇ پەخىرلىك ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ يېقىندا دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ئۈستىدىكى ئالەمشۇمۇل نەتىجىسى-( تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغانلىقى، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقى . . . ) بىزلەرنى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ھاياجانلاندۇردى. بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇنداق ئالىمىمىزنىڭ بولغىنىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمىز . . .
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، خىزمىتىڭلارغا مول شان-شەرەپ، ئائىلەڭلەرگە بەخت، كۈنلىرىڭلارغا بەرىكەت تىلەش بىلەن بىللە،پەخرىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ تېزىراق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىغا ئايلىنىشىنى چىن قەلبىمىزدىن تىلەيمىز ھەم شۇنداق بولۇشىغا ئىشىنىمىز
.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 11 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2081 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 12:10:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش (داۋامى)

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يىقىندا ئېلان قىلىنىغان «دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەق مەيدان دوكلاتى» (https://uyghur-archive.com/misranim/forum.php?mod=viewthread&tid=118267&page=4#pid1787316) (دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى لېكسىيىسى) ناملىق فىلىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە سالىمەن. بۇ دوكلاتنى شۆھرەتكام ئۆتكەن يىل 10-ئايدا سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى ئىككى مۇھىم ساھەگە يىغىنچاقلىغانلىقى ۋە ھەر ئىككىلىسىدە يەنىمۇ چوڭ ئىلگىرلەشلەرنىڭ مەيدانغا كىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى، لېكىن قانۇندىكى چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىىنى كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشتا بەزى مەسلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى ھەم پات ئارىدا ئۇنىڭ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئامېرىكا «يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى» بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى ئىكەنلىكىدىن مەلۇمات بەرگەن ئىدى. بىر بىئولوگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ بۇ خىل قېيىنچىلىقلارغا يولۇققاندىكى ھېسسىياتىنى ئوبدان چۈشىنەلەيتتىم. بىر ئالىم ئۈچۈن ئۆزى قىلىۋاتقان تەتقىقاتنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ھەقىقىي نەپ ئىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈشتىنمۇ چوڭ مۇكاپات بولمىسا كىرەك. نېمىلا بولسۇن شۇنچە يىل تېرىشىپ مەلۇم ساھەدە دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە تەتقىقات سەۋىيسىنى ھازىرلاپ ئاندىن ئۆزىنىڭ بىر تەجىرىبخانىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاخىرىدا ھىچكىم قىلىشقا كۆزى يەتمىگەن، سىناپمۇ نەتىجە قازىنالمىغان بىر ساھەدە بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىش مەندەك سانسىزلىغان ئەمدىلا تەتىقىقات ساھەسىگە قەدەم ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارمىنى. شۆھرەتكامغا نېسبەتەن ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدى، ئۇنىڭ ئەمدىكى ئارمىنى ئېنىقكى شۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىنسانىيەتكە ھەقىقىي نەپ ئىلىپ كىلىدىغان بىر ئۈنۈمنى كۆرۈشتۇر. مەن گەرچە شۇنداق يۈكسەك پەللىگە يىتىپ بولغان بىر ئالىمنىڭ بۇ ئاخرىقى مۇددىئا ئۈچۈن قانچىلىك تەقەززا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالمىساممۇ، ئەمما شۆھرەتكامنىڭ قەلبىدىكى تەققازالىقنى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىلمىي مۇنازىرىلىمىزدىن خىلى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم.   ئىنسانلارغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك نەپ ئىلىپ كىلىش - بىزدەك تەبئىي پەن تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرىمىز، كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلاپ تېرىشىشىمىزنىڭ ئاخىرقى مۇددىئاسىدۇر. بىز كۆرۈۋاتقان بارچە مىدىتسىنادىكى ئىلگىرلەشلەرنى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىغاندەك قانداقتۇر دوختۇرلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولماستىن، ئەمەليەتتە بىزگە ئوخشاش ئاساسى بىئولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئالدى بىلەن ھايۋانلاردا سانسىزلىغان مەغلۇپ بولغان تەجىرىبىلەرنى ئىشلەپ ئاز-ئازدىن ھاياتلىق دۇنياسىىنىڭ تىلسىماتلىق سىرلىرىنى پەيدىنپەي يېشىپ بىرىدىغان بىلىملەرنىڭ جۇغلىنىشىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇپ مۇۋاپىققىيەت قازانغان تەجىرىبە نەتىجىلىرىنىڭ ئىنسانلارغا كۆچۈرۈلۈشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كىلىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ھەممەيلەن بىلىدىغان ئاسپىرىن دىگەن دورىنى مىسال ئالسام، سىز بۇ دورىنى ئىشلىتىپ يەڭگىل ئەمما ئۈزلۈكسىز سىزنى بىئارام قىلىۋاتقان چىش ئاغرىقىڭىز قويۇپ بەرسە چوقۇم بۇ دورىنى ئىچىشكە بۇيرۇغان دوختۇردىن كۆڭلىڭىزدە مىننەتدار بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز بۇ دورىنى كىملەرنىڭ قانداق ياسىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمۇ؟ سىز كۆرۈپ تۇرۋاتقان ھەر بىر مۆجىزىدەك مىدىتسىنادىكى يېڭىلىقلار تىگىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ئەمەليەتتە ناھايتى زور ساندىكى بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بولۇپ، ئاشۇ ئاسپىرىنغا ئوخشاش دورىلارنى ياساشتىن بۇرۇن لازىم بولىدىغان بارچە بىلىملەرنى بىئولوگلار ئاز-ئازدىن تەجىرىبخانىلاردا ھايۋانلار ھەتتا ناھايتى تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلارنى تەجىرىبىە قىلىپ ئېرىشكەن نەزەرىيۋى بىلىملەرنىڭ ئىنسانلارغا، كىلىنىكىغا تەدبىقلىنىشىدىن كەلگەن. ئىشەنمىسىڭىز، سىز بىر دوختۇردىن ئاسپىرىن نېمە ئۈچۈن ئاغرىقنى توختىتىدۇ دەپ سوراپ بىقىڭ، جاۋابى بەلكىم ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن دوختۇرلار ئاسپىرىننىڭ تومۇرلارنىڭ كېڭيىىپ-تارىيىشىدا رول ئوينايدىغان پىروستاگىلاندىن دەپ ئاتىلىدىغان ئاغرىق سېزىمىنى پەيدا قىلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ سېنتىزلنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئېنزىمنى تورمۇزلىغۇچى ماددا ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالالىشى ناتايىن، ئەمما بىئو-خېمىيە بارچە بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ جىنى بولغاچقا بىئو-خېمىيەنىڭ قېلىن توملۇق كىتابلىرىدىن بىرنى ئەمەس نەچچىنى تۈگەتمىسە بىئولوگىيە ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالالىشى مۇمكىن بولمايدىغان ھەر قانداق بىر بىئولوگدىن سورىسىڭىز بۇنى سىزگە ئىزىپ ئىچكۈزۈپ ھەتتا سېڭدۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ قويالايدۇ چۈنكى بۇنىڭ سىرلىرىنى بىئولوگلار بايقىغان ۋە ئۇلار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ بىلىملەرنى ئوبدان بىلىشىنى شەرتسىز بىر مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە تەلەپ قىلىدۇ. مىدىتىسنانىڭ ھەر قايسى تارماق ساھەلىرىمۇ ئەمەليەتتە بىئولوگىيەنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا مەركەزلەشكەن مۇھىم بىر تارماق پېنىدىن ئىبارەت، شۇڭا بەلكىم بۇنچىۋالا ئايرىپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق دىيىش ئارقىلىق دوختۇرلارنىڭ غايەت زور رولىنى چەتكە قاقماقچى ئەمەسمەن ھەم ئۆزەممۇ دوختۇرلارنى ناھايتى ھۆرمەتلەيمەن، پەقەت دىمەكچى سىز بىزلەرنىڭ ساغلاملىقى، كېسەللەردىن خالىي، خۇشال-خۇرام ياشىيالىشىمىزدا دوختۇرلاردىن باشقا يەنە كىشىلىرىمىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇرمايدىغان بىئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان ئارقا سەپتىكى ئەڭ ئاساسلىق چۈمۈلىلەردەك تىرىشىپ-تىرمىشىپلا تۇرىدىغان مېھنەتلىك بىر قوشۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن. ئۇلارنىڭ مىننەتسىز، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زېرىكىشلىك بىلىنىدىغان جاپالىق ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ جامائەتكە بىلىنىشىنى ئارزۇ قىلغاچقا بۇ يەردە قوشۇپ قويۇۋاتىمەن. ئەمما بىز ئۈچۈن ھاياتلىقتىنمۇ قىزىقارلىق نەرسە دۇنيادا يوق، ھاياتلىقنىڭ ئەڭ تۈپكى سىرلىرىنى ئېچىپ بىرىدىغان بىئولوگىيەدىنمۇ قىزىقارلىقراق، مەنىلىكرەك يەنە بىر كەسىپ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەستۇر. دەل شۇنداق بولغاچقا شۆھرەتكامدەك كىشىلەر ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ھاياتىدىكى ئەڭ زور مەنالارنى تاپىدۇ ۋە ھەر بىر كۈنىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھېسسىياتقا ئېرىشىپ، ئىزدىنشلىرىدىكى ھەر بىر جەڭ ئېلان قىلىشلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىدۇ.  



1522789_477480292362307_832849532_o.jpg




شۇنداق قىلىپ گەپكە قايتىپ كەلسەك، شۆھرەتكام بىلەن بولغان بۈگۈنكى سۆھبەتلىرىمىزدىن قانچىلىك زور تەسىراتلارغا ئېرىشكىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن، بۇ سۆھبەتلەردىن بىردە ھوزۇرلىنىپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر ئىلمىي يەكۈنلەر ۋە يېڭى بىلىملەرنى كاللامغا قاچىلاۋاتقىنىمدىن خۇشاللانسام، يەنە بىردە ئۇ ئۇچراۋاتقان قېيىنچىلىقلارنىڭ مەن ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە زور ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىپ ئىچىم تەسۋىرلىگۈسىز ئاچچىققا تولاتتى. شۆھرەتكامدەك بىر ئالىمنىڭ بۇنچىۋالا قېينچىلىقلارغا يۈزلىنىشى بىردە مېنى ئېغىر ئويلاندۇرسا، بىردە ئۆزەمنىڭ شۇنچىلىك ئىمكانسىز ۋە ئاجىز ئىكەنلىكىمدىن، ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتسە شۇنچىلىك ياردەم قىلغۇم بولسىمۇ ئامالسىز ئىكەنلىكىدىن يۈرىكىم پۇچۇلىناتتى. بۇ كۈندىكى ھېسسىياتىمنى ۋە بىلگەنلىرىمنى سىلەرگە چامىمنىڭ يىتىشىچە يەتكۈزۈشكە تېرىشىپ باقاي.

داۋامى بار….
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 12:22 AM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 12:29:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلگىجان ئاكا. ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تېمىنى يوللغانلىقىڭىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.  مەزكۈر تېمىنى ئۇقۇش ئارقىلىق ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ناھايىتى تەستە مۇشۇ ئۇتۇقلارغا ئىرىشكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم. بىئولوگىيە ۋە مېدىستىنا ساھاسىگە قارىتا چۈشىنىشىم چۇڭقۇرلاشتى.

ئاللاھ خالسىا شۆھرەتكامنىڭ  قىيىنچىلىقىمۇ ھەل قىلنىپ، تەتقىقاتى ئۇڭۇشلۇق بولغان، ئاخىرىدا بىلگىجانغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2081 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 12:37:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش (داۋامى)

ئۆيدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق كۆپ شەھەرلىرىگە ئوخشاش چىرايلىق ۋە رەتلىك سېلىنغان پاكا-پاكار ئۆيلەر ۋە يېشىللىققا پۈركەنگەن مەھەللىلەردىن تۈزۈلگەن بىر شەھەردىن ئۆتۈۋىدۇق، شۆھرەتكام بۇ كىچىك شەھەرنىڭ پورتلاند شەھرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بېۋىرلى (Beverly) دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەپتىدە ئۈچ كۈن مۇشۇ يولدا تەخمىنەن 15 مېنۇت ھەيدەپ ئىشقا بارىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ماڭدى. ھاۋا يەنىلا بىر خىل بۇلۇتلۇق ھەم ھازىر يامغۇر ياغقاندەكلا نەم كۆرۈنەتتى. ئۇ ئىشلەيدىغان ئورىگون دۆلەتلىك پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى دەل مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان بولۇپ، مەركىزى كوچىنىڭ خىلىلا ئىچكىرىسىدىكى بىر خالتا كوچىغا كەلگىنىمىزدە ئالدىمىزدا قويۇق ئورمانلىقلار تاشلىنىپ ياتاتتى. مۇشۇ ئورمانلىقنىڭ ئەگرى-بۈگرى يوللىرىدىن ئۆتۈپ بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن، بىز «ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتى - ئورىگون دۆلەتلىك پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى» دەپ خەتلەر يېزىلغان يول بويىدىكى يوغان تاشنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ بىر قاراۋۇلخانىغا يىقىنلاپ كەلدۇق. شۆھرەتكام چۈشەندۈرۈپ ئامېرىكىدا ھايۋانلار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ھەر دائىم مايمۇن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يېراق بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىغى ۋە مۇشۇ يەردىن ئىشلەيدىغان كىشىلەر باشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇشۇ قاراۋۇلخانىنىڭ نېرىسىغا ئۆتۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. بىلىشىمچە، بۇ تەتقىقات مەركىزى ئامېرىكىدىكى جەمئىي 8 پرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) تەتقىقات مەركىزى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ گانگې دەرياسى مايمۇنلىرىنى ساقلاۋاتقان مەركەز بولۇپ، بۇ مەركەزدە 4500 غا يېقىن ھەر خىل تۈردىكى مايمۇنلار ساقلانغان. مەن ئىشلەۋاتقان «غەربىي جەنۇپ پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى» ئىت باش مايمۇنلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 3200 دىن كۆپرەك ھەر خىل تۈردىكى مايمۇنلار بار. گاڭگې دەرياسى مايمۇنى ۋە ئىت باش مايمۇنلار تەجىرىبخانىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىنسان-ئەمەس پىرىماتلار تىپىدىكى ھايۋانلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ ياردىمىسىز نۇرغۇنلىغان ۋاكسىنىلار ياسالمىغان، نۇرغۇنلىغان كېسەللەر ساقايمىغان بولاتتى. ئامېرىكىدىكى بۇ سەككىز پىرىماتلار تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 90-يىللاردىن كېيىن ھەممىسى دىگۈدەك شۇ رايوندىكى داڭلىق مېدىتسىنا تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتلىرىنىڭ تارمىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. بۇنداق بولۇشى مايمۇنلارنى بىقىشنىڭ چىقىملىرىنى تېخىمۇ ئاسانراق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان ئىكەن. (بۇ جەھەتتە جۇڭگودا پەقەت جۇڭگو پەنلەر ئاكادىميىسى كۇنمىڭ ھايۋاناتلار تەتقىقات مەركىزىدە 2005-يىلى قۇرۇلغان كۆلىمى ناھايتى كىچىك بىر پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى بىلەن بېيجىڭ شىيىخى تىببىي ئۇنىۋېرسىتى تارمىقىدىكى تەجىرىبىگە ئىشلىتىدىغان ھايۋانلار مەركىزىنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى مايمۇن مەركىزىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇنداق زور تىپتىكى تەتقىقات مەركەزلىرى مۇتلەق يوق). شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، مەنمۇ ھايۋانلارنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ھەم ئىلگىرى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمما ئوۋ ئوۋلاش ياكى پۇل تىپىش نىيىتىدە ئەمەس، ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىشنى كۆزلىگەن بۇ پىرىماتلار تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى قوللاشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن (ھەم شۇڭا شۇنداق مەركەزدە ئىشلەۋاتىمەن). بۇ تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ ئىنسانىيەت تىببىي ئىلىمىنىىڭ ئىلگىرىلىشىدە قوشقان تۆھپىلىرىنى ساناپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ؛ بىزگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكىدىن بىرنى مىسال قىلسام، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى دەل مەن ئىشلەۋاتقان غەربىي جەنۇپ پىرىماتلار مەركىزىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ بۇ ۋاكسىنا بولمىسا دۇنيادا ھازىر B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولمىغان ئىنسانلار ناھايتى ئاز قالغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، ئامېرىكىدا ھايۋاناتلار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچى ناھايتى زورىيىپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ نامايىشلىرى ۋە ناچار ئاخباراتلارنى ئېلان قىلىۋىرىشى ئارقىسىدا خارۋاردا ئۇنىۋېرستىتى قارىمىقىدىكى «يېڭى ئىنگىلاند دۆلەتلىك پرىماتلار مەركىزى» بۇ يىل 6-ئايدا پۈتۈنلەي تاقالماقچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ھايۋانلىرىنىڭ بىزنىڭ مەركەزگە يۆتكەپ كېلىنمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەردار ئىدىم. شۇڭا، بىزمۇ بەلگىلىمە بويىچە بۇ تەتقىقات مەركىزىدە ھىچقانداق سۈرەتكە تارتمىدۇق، پەقەت شۆھرەتكامنىڭ ئىشخانىسىدا بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشۈۋالدۇق.

stemcellmanipulation-ohsuflickr.jpg


nature08368-f2.2.jpg



گانگې دەرياسى مايمۇنى:

5742944-a-baby-rhesus-macaque-monkey-rides-his-mother-in-kathmandu-nepal.jpg


ئىت باش مايمۇن:

alg-baboon-jpg.jpg


بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بۇ تەتقىقات مەركىزى كىرىشكىلا كىشىگە تەبىئەتكە ناھايتى يېقىن تۇيغۇ بىرەتتى ھەم بەكلا يېڭى ۋە چىرايلىق كۆرۈنەتتى. بىز ماشىنىدىن چۈشسەك بىراقلا سوغۇق بولۇپ كەتكەندەك بىلىندى ۋە ماشىنا توختىتىش ئورنى بىلەن شۆھرەتكام ئىشلەيدىغان بىنانىڭ ئارىلىقى خېلى ئۇزۇندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بىنانىڭ ئىچىگە كىرىشىمىزگە ئۇرۇلغان ئىسسىق ھاۋا تولىمۇ خوشياقتى. تاشپولاتكام سەل يىلىڭ كېيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ چاندۇرمىغىنى بىلەن خىلى تىترەپ قالغانلىغىنى كۆرۈپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرگەندە:
-تاشپولاتكا، سەل توڭۇپ قالدىڭىزمۇ نېمە، ھە-دەپ قەستەن چاقچاق قىلىۋىدىم. تاشپولاتكام:
-ئۇكام، مەن غۇلجىدا چوڭ بولغان، بۇنچىلىك سوغۇق مەن ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس دېدىيۇ، ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى.
شۆھرەتكامنىڭ تەجىرىبخانىلىرى مەخسۇس غول ھۈجەيرە ۋە كۆپىيىش بىئولوگىيىسى تەتقىقاتىغا ئاتاپ يېڭىلا سېلىنغان بىر ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا بولۇپ، ئىشىكنىڭ يېنىغا قويۇلغان تەشتەكتىكى ئېگىز ئۆسكەن گۈللەر ۋە بىر ياقتىن كېلىۋاتقان قېنىق قەھۋە پۇرىقى كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلايتتى. بىنانىڭ ئىشكىدىن كىرىپلا كۈچلۈك تەتقىقات پۇرىقىغا تولغان بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. بىنادىن كىرىشكە يېقىندا بۇ يەردە سۆزلەنمەكچى بولغان ئىلمىي لېكسىيەلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرى ئۇچ پۇتلۇق يۆتكىلىشچان ئېلان تاختىلىرىدا تېزىلىپ كەتكەن، شۆھرەتكاملار ئېلان قىلغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى مۇقاۋىسىغا چىققان غول ھۈجەيرە ۋە گاڭگې دەرياسى مايمۇنلىرىنىڭ سۈرەتلىرى تاملارغا يوغان جازىغا ئېلىنىپ ئېسىلغان ئىدى. گەرچە بۈگۈن روژدىستىۋا بايرىمىنىڭ 2-كۈنى بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىنادىكىلەر بايرامنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.لېفىتقا ئولتۇرۇپ شۆھرەتكامنىڭ ئۈچىنچى قەۋەتكە جايلاشقان تەجىرىبخانىسىغا چىقىۋىدۇق، ھەيرانلىق ئىچىدە بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بايرام ۋە دەمئىلىش كۈنلىرىدە ئىشلەشنى ياقتۇرمايدۇ، ئەمما ئاكادېمىيە ساھەسىدىكىلەر بۇنىڭ سىرتىدا، بولۇپمۇ ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ ھەر كۈنى يېڭىلىقلارنى دۇنياغا سۇنۇۋاتقان تەجىرىبخانىلاردا تېخىمۇ شۇنداق. شۆھرەتكامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىشخانىلاردا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئاسىيالىق ۋە ياۋروپالىق چىراي بىر مۇنچە تەتقىقاتچىلار ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بىز شۆھرەتكامنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگۈچە شۆھرەتكام ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشتى ۋە بىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قويدى، بىزمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بۇ جاپاكەش، سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلەن سالام قىلدۇق. قىسىقىغىنە بىر نەچچە دەقىقە ئىچىدە، تاشپولاتكام ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قارىشىپ قويدۇق، ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى شۆھرەتكامنىڭ قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا كاتتا نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئازراق ھېس قىلدۇق، دەۋاتقاندەك قىلاتتى. شۆھرەتكام بىزنى ئىشخانىسىغا كىرىپلا سۇ ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى ۋە چاپانلىرىمىزنى قولىمىزدىن ئىلىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويدى. ئۇنىڭ ئازادە ئىشخانىسىنىڭ تاملىرىغا ئۇ ئېرىشكەن بىر مۇنچە دۆلەتلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مۇكاپاتلىرى ئېسىلغان ۋە لىق توشۇپ كەتكەن كىتاب جاھازىلىرى بىلەن ئالاھىدە يىقىملىق بېزەلگەن ئىدى. كىتاب جاھازىسىدا يەنە ئۇنىڭ يېقىندا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا چۈشكەن سۈرەتلىرىمۇ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بىز ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ شۇ كۈنلۈك بىر قىسىم جاۋاپ قايتۇرۇشى زۆرۈر بولغان ئېلخەتلەرگە جاۋاپ قايتۇرغىچە ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىپ تۇردۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىئانە مەبلەغ توپلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئەتىسى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە يىغىنلارغا قاتنىشىشى كىرەكلىكىنى ئيېتىپ بەرگەن ئىدى، مەن سەل ھەيران قالدىم، ئەمما بۇ سوئاللىرىمغا ئۇزۇن ئۆتمەي جاۋابمۇ تاپتىم…

092001axlly5ga3la51sgj.jpg.thumb.jpg


092005nke5w9n0wvzwcnea.jpg.thumb.jpg


بىز ئىشخانىدا پۇتىمىزغا ئاياق قاپلىرىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن تەجىرىبىخانىلارنى كۆرگىلى چىقتۇق. كارىدورنىڭ تاملىرىغا ئۇ «تەبىئەت» ژۇرنىلى، «ھۆجەيرە» ژۇرنىلى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدىن تاللانغان سۈرەتلەر رامكىغا ئېلىنىپ ئېسىلغان ۋە بىر تام دوسكىسىغا تەجرىبىخانا يېقىندا ئېلان قىلغان بىر توپ ماقالىلەر مىخلاپ قويۇلغان ئىدى. بىز ئالدى بىلەن غول ھۈجەيرىلەرنى ئۆستۈرىدىغان تەجىرىبخانىغا كىردۇق، بۇ يەردە بىر ئاق خالات كىيىۋالغان ئېگىز سېرىق چاچلىق ئايال بىزنىڭ كىرگىنىمىزنىمۇ تۇيماستىن مىكروسكوپتا تىكىلىپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بىر ھازادىن كىيىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرگەندە شۆھرەتكام ئۇنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويدى. بۇ ئۆي ئىچى ئالاھىدە ئىسسىق بولۇپ، غول ھۆجەيرە مۇشۇنداق ئىسسىق مۇھىتىنى ياخشى كۆرگەچكە بۇ ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسى مۇشۇنداق ئىسسىق ساقلىنىشى زۆرۈكەن. شۆھرەتكامنىڭ دىيىشىچە، مۇشۇ ئايال پۈتۈن تەجىرىبخانىدا ئالاھىدە مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ تەجىرىبخانىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر تېخنىكىدا بۇ ئايالنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغانلار يوق دىيەرلىك بولۇپ، شۆھرەتكام ئۆستۈرگەن غول ھۈجەيرىلەرنى كۈندە بىقىش ۋەزىپىسىنى ئۇ ئاساسلىق ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. شۇنداق، ھۆجەيرىلەرنىمۇ بىقىش كىرەك خۇددى بوۋاق بالىنى باققاندەك باقمىسڭىز ئۇلار «خاپا» بولۇپ قالىدۇ، كۈنىگە «يەيدىغان-ئىچىدىغىنى» نى ئالماشتۇرۇپ تۇرمىسىڭىز، ئۇلار سىز ئىشلىمەكچى بولغان تەجىرىبىلەرگە ئوبدان ماسلىشىپ بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆلۈپ قالسا بىر مۇنچە ۋاقىت ۋە تەتقىقات مەبلىغىگە زىيان بولىدۇ، دىگەن گەپ. بۇ بىر مۇنچە باكتىرىيەسىىز مەشغۇلات مۇنبەرلىرى، مىكروسكوپلار بىلەن تولغان تەجىرىبخانا تاشپولاتكامغا راۋۇرۇس ئالاھىدە بىلىندى بولغاي: ئۇكام، سىزنىڭ تەجىرىبخانىلىرىڭىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشامدۇ، قاراڭ ئاۋۇ شۆھرەت ئىشلىتىپ سۈرەتكە چۈشكەن مىكروسكوپ شۇ ئوخشايدۇ، نېمىدىگەن مۇرەككەپ كۆرۈنگەن، دەپ ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەلۋەتتە بۇ تەجىرىبخانىنى سىز كۆرسىڭىزمۇ شۇنداق ئويدا بولۇشىڭىز ئېنىق، ئەمما بۇ تەجىرىبخانا مەن ئامېرىكىدا كۆرگەن باشقا تەجىرىبخانىلاردىن ئۇنچىۋالا كۆپ پەرقلەنمەيتتى، پەرقلىنىدىغىنى ئېنىقكى بۇ يەردە كىملەرنىڭ، قانداق تەتقىقاتلارنى قىلىۋاتقىنى ئىدى. بىز يەنە ھايۋانات ئاناتومىيە تەجىرىبىخانىسى ۋە باشقا ھۈجەيرە بىئولوگىيە تەجىرىبخانىلىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ ئەڭ ئاخرىدا مەخسۇس مىكروسكوپ ئۆيىنىڭ يېىنىغا جايلاشقان يەنە بىر يورۇق، كەڭرەك تەجىرىبخانىدا خىلى ئۇزۇن مۇنازىرىلىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. مەن بىلمەكچى بولغان سوئاللىرىمنىڭ كۆپىنچىسىگە مۇشۇ يەردە جاۋاب چىقىپمۇ قالدى.

داۋامى بار….


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 12:58 AM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 12:49:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلگىجان ئاكا.  تېمىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ئۇقۇپ شۇنداق خۇش بولدۇم. ۋاقىتتىن- ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنداق نادېر تېمىللىرىڭىزنى بىز بىلەن كۈرۈشتۈرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2081 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 01:52:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش (داۋامى)  

ئالدىنقى كۈنى كەچتە شۆھرەتكامنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ يېقىندا «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىشى بىلەن بىر پارچە ماقالىسىنى شۇلارغا تاپشۇرغانلىقىنى ۋە ماقالىسىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە ئىككى-تۆت ئېغىز پاراڭ ئاڭلىغاندىن باشقا ئۇنىڭ تەتقىقاتى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلىشىشكە تېخى پۇرسەت چىقمىغان ئىدى. ھەممە قىزىقارلىق مۇنازىرىلەر تاشپولاتكامنىڭ گەپنى تېشىشى بىلەن باشلاندى:
-شۆھرەت، بۇ تەجىرىبخاناڭلار چوڭ ھەم ئۈسكۈنىلىرىمۇ ناھايتى تولۇق ئىكەن. بارچە تەتقىقاتىڭلار مۇشۇ يەردە بولىدىكەندە؟
-ئۇنداق ئەمەس، ئەمەليەتتە بىز بۇ يەردىن كىلەر يىلغىچە پۈتۈنلەي كۆچۈپ كەتمەكچى، ھازىرمۇ تەجىرىبخانامدىكلەرنىڭ يېرىمىنى  ئورىگون ساغلاملىق ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدىكى يېڭى سېلىنغان تەجىرىبىخانىغا كۆچۈرۈپ بولدۇم. ھازىر پەقەت مايمۇنغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تۈرلىرىلا مۇشۇ يەردە ئىشلىنىۋاتىدۇ، مايمۇنلارنىڭمۇ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ مەركەزنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزۋەتتۇق، ھەتتا مىتو (Mito) بىلەن چۈرەكىر (Tracker) نىمۇ ئۆتكۈزۋەتتۇق.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم ۋە كاللامدا چاقماق تېزلىكىدە نۇرغۇن سوئاللار پەيدا بولدى. باشقىسىغۇ مەيلى، ئەممە مىتو بىلەن چۈرەكىر ئۇنداق ئادەتتىكى مايمۇنلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ سۈرىتى ئۆز ۋاقتىدا «تەبىئەت» ژورنىلىغا بېسىلغان بولۇپ، خۇددى چولپانلاردەك كۆرمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تونۇيالايدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم. بۇ ئىككىسى قوش كېزەك بولۇپ، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ «ئۈچ ئەجداد» يەنى «بىر ئاتا، ئىككى ئانا»دىن تۇغۇلغان مايمۇنلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايتتى. بۇ مايمۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بىرىشنىڭ شۆھرەتكام ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇنىڭغا قانچىلىك تەسكە توختىغانلىقىنى ھېس قىلالايتتىم.  مەن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئۇنىڭ مەيۈسلەنگەن چىراي ئىپادىسىدىن سېىزىۋالدىم. مۇشۇ سورىغانچە بىرەر سائەتچە شۇ تۇرغان جايىمىزدا تۇرۇپ مۇنازىرە قىلىشتۇق.

-شۆھرەتكا، بۇ مايمۇنلار شۇنچە مۇھىم تۇرسا، نېمىشقا ئۆتكۈزۋەتكەنسىز؟ دەپ سورىدىم مەن ئەجەبلىنىپ.

-تۇرسۇنجان، بۇ مۇنداق ئىش- دەپ تولىمۇ ئەستائىدىللىق بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، شۆھرەتكام.

ئۇنىڭ ئېغىزىغا تىكىلگىنىمچە، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىسام يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدىكى پەن-تەتقىقات ئىشلىرىدىكى مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى ھېس قىلىپ ھەيرانلىققا تولاتتىم، ئۇنىڭ قېيىنچىلىقلىرىغا قاراپ كىمدۇر بىركىملەردىن ئاغرىنغاندەك قىلسام، يەنىلا شۆھرەتكامنىڭ ئۈمىد ئۈچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان غالىپلارغا خاس كۆزلىرىدىن خاتىرجەملىنىپمۇ قالاتتىم. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، شۆھرەتكامنىڭ ئىككى مۇھىم تەتقىقاتنىڭ بىرى ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىنى يېڭى بىر تۆرەلمىنى ئۆلتۈرمەستىن ئايرىپ ئالىدىغان تېخنىكىنى يارىتىشقا مەركەزلەشكەن بولسا، يەنە بىرى تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىكى خوندىرىئوسومدا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گېنلىرى بار ئانىلارنىڭ ساغلام بوۋاقلارنى تۇغالىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدىغان يېڭى بىر داۋالاش تېخنىكىسىنى يارىتىشقا مەركەزلەشكەن ئىدى. ئۇنىڭ مايمۇننى تەتقىقات مودىل ھايۋىنى قىلىپ تاللىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبىمۇ ئۇ بۇ تېخنىكىلارنى ئاۋۋال مايمۇندا سېناق قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىققىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىغىنى دەسلەپكى قەدەمدە يەكۈنلەپ ئاندىن ئىنسانلاردا سىناق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بالايئاپەتلەرنى كەلتۈرۋاتقان، ھازىر ھىچقانداق داۋاسى يوق ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىشنى مەقسەت قىلغان. مايمۇن گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشى، فىزىئولوگىيە ۋە يىتىلىش جەريانى ئىنسانغا ئەڭ ئوخشىشىدىغان ھايۋان بولۇپ، مايمۇندا سىناق قىلىپ مۇۋاپىققىيەتكە ئېرىشكەن تېخنىكىنىڭ ئىنسانلاردا قوللىنىشقا ماس كىلىش ئېھتىمالى باشقا ھەر قانداق ھايۋاندا قىلىنىغان سىناقلاردىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل تەتقىقات پىلانى بويىچە ئەڭ ئاۋۋال 2007-يىلى تۇنجى دۇنياۋى بۆسۈش بولغان يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا مايمۇن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى كلونلاپ چىقتى ۋە بۇ نەتىجىسى «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ شۇ يىللىق پەن-تېخنىكىدىكى دۇنياۋي «10 چوڭ بايقاش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ ئۇنىڭ نامىنى بىراقلا چىقىرىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئۇدا بەش يىل سىناق قىلىپ بۇ تېخنىكىنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىپ مۇۋاپىققىيەت قازاندى ۋە ئۆتكەن يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخىدىكى بۇ شانلىق بۆسۈشنى «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلىپ دۇنيانى يەنە بىر نۆۋەت ھەيران قالدۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىمۇ بىلگىنىمىزدەك ئۆتكەن يىللىق دۇنيادىكى «مىدىتسىنادىكى 10 زور بۆسۈش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ ئۇنىڭ نەتىجىلىرى دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ تېخنىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، ئەگەر كەلگۈسىدە كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا ھەر قانداق كېسەل بولغان كىشىگە ئۆزىگە ماس كىلىدىغان (ئىممۇنىتى يەكلىمايدىغان) ھۈجەيرە، ھەتتا ئەزالارنى تەجىرىبىخانىدا يېتىشتۈرۈپ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى مۇتلەق زور كېسەللەردىن خالىي قىلىشى مۇمكىن. شۆھرەتكامنىڭ ھازىر ئويلايدىغىنى بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىپ قانداق قىلىپ ئۇ ئايرىپ ئالغان ھۈجەيرىلەرنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىپ بىمارلارغا خاس يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ پاركىنسون كېسىلى (شۆھرەتكامنىڭ ئانىسى مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىكەن)، دىئابىت كېسىلى، قېرىلاردىكى ھاڭۋاقتىلىق كېسىلى قاتارلىق داۋاسى يوق كېسەللىكلەرنى ئالدى بىلەن داۋالاشقا يول ئېچىش ئىكەن.

بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭ خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەرنى داۋالاشتىكى نەتىجىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان ئىدى. 2009-يىلى ئۇ ئىككىنچى بىر ئايالنىڭ تۇخۇمىدىكى خوندىرىئوسومنى كېسەل ئىلىپ يۈرگۈچى ئانا تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر بىرىكمە تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى ھاسىل قىلىپ ئۇرۇقلاندۇرغاندىن كېيىن ساغلام بالا تۇغقىلى بولىدۇ، دىگەن ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان يېڭىچە بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى مايمۇندا سىناق قىلىپ پۈتۈنلەي مۇۋاپىققىيەت قازانغاندى. مىتو بىلە چۈرەكىر دەل شۇ نەتىجىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى تۇخۇم ھۆجەيرىسىدە خوندىرىئوسوملۇق توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنى ئىلىپ يۈرگەن بولۇپ، يەنە بىر چىشى مايمۇننىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئىككىسى خوندىرىئوسوملىرى ھەرقانداق كېسەل ئىلىپ يۈرگۈچى گېنلاردىن خالىي ھالدا ساق-سالامەت دۇنياغا كۆز ئىچىپ دۇنيادىكى تۇنجى بىر جۈپ «ئۈچ ئاتا-ئانا»دىن تۇغۇلغان مايمۇنلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي شۆھرەتكاملار بۇ تېخنىكىنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىپ زور مۇۋاپىققىيەتكە ئېرىشىپ، دۇنيانى ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان بالىلىق بولۇش ئارزۇسىدىكى ئاتا-ئانىلارغا يېڭىچە ئۈمىد ئىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ تېخنىكىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق كېسەل داۋالاش تېخنىكىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى شۇكى، بۇ تېخنىكا ئارقىلىق كېسەل داۋالىغاندا كېسەل تېخى كۆرۈلمەستىلا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدىغان بولغاچقا بۇ كېسەلنىڭ ساقىيىش مۇمكىنچىلىكى يۈز پىرسەنىت بولىدۇ، يەنى كېسەل ئانىدن بالىغا ئۆتىدىغان بولغاچقا ئانىنىڭ تۇخۇمىنى «داۋالىسىا»لا بالا كېسەلدىن خالىي تۇغۇلىدۇ، دىگەن گەپ.

داۋامى بار……..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 02:15:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 01:52 AM
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىد ...

ئۇخلاي دەپ تۇرسام بۇ تىمىنىڭ ئاخىرىنى يوللاپسىز . ھازىر كىچە سائەت 12 دىن ئاشتى ، داۋامىنى يوللىغان ۋاختىڭىزدا قوشۇپ كۆرۈپ چىقارمەن ، رەھمەت سىزگە ...

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2081 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 02:23:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش (داۋامى)

شۇ تەرىقىدە شۆھرەتكامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسېرى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ داۋامىنى جىددىيچىلىك ئىچىدە ساقلايتتىم. ئەمدىكى مەسىلە قانداق قىلىپ شۆھرەتكام ياراتقان بۇ دۇنياۋى ئىلغار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دوختۇرخانىلارغا ئىلىپ كىرىپ كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش بولۇپ، شۆھرەتكامنىڭ ھازىر ئەس-يادى مۇشۇ ئىشتا ئىكەن، ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن بەدەللەرنى تۆلەۋىتىپتۇ. «بۇ ئىككى چوڭ تەتقىقات تۈرى ئىچىدە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەردىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاشقا يەنە ئاز دىگەندە بەش يىل ياكى ئون يىل كېتىشى مۇمكىن. ئەمما قانچىلىك قېيىنچىلىقلار بولسىمۇ مەن بۇ تەتقىقاتىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن»-دەيدۇ، شۆھرەتكام.
-شۆھرەتكا، سىز مايمۇنلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇرسىڭىز، ئۇ مايمۇنلارنى ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز قانداق قىلارسىز، دەپ سورىدىم مەن كاللامدىكى ئەنسىرەشلىرىمگە جاۋاپ ئىزدەپ.

-تۇرسۇنجان، بىلگىنىڭدەك مايمۇنلارنىڭ كۈندىلىك چىقىمى ناھايتى يۇقىرى. يۈز چاشقان باققان پۇلغا بىر مايمۇننى باققىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدىن باشقا يەنە كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگىچە كۆزىتىپ تۇرۇشىمىز، ھەر ۋاقىت سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۈرۇشىمىز، يەنە ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بىرىشىىزغا توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىندىن بىرى، ئامېرىكا ساغلاملىق ئېنىستېتۇتى (NIH, National Institute of Health) تەتقىقات تۈرلىرىگە مەبلەغ ئاجراتقاندا ئەڭ ئالدى بىلەن چاشقاننى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، چاشقانداق مۇتلەق قىلغىلى بولمايدىغان تەتقىقاتلار ئۈچۈنلار مايمۇننى ئىشلىتىشكە قوشۇلىدۇ. شۇ سەۋەب گەرچە چاشقان بىلەن ئىشلەشنى ياقتۇرمىساممۇ، نەچچە مىڭ تەجىرىبە چاشقانلىرىنى سېتىۋالدىم ۋە ئورىگون ساغلاملىق ئۇنىۋرېرسىتىدىكى تەجىربخانىدا ھازىر ئاساسلىقى ئىنسانلار بىلەن چاشقانلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىمنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن. ھازىر قولۇمدا چاشقاننى ئىشلىتىپ قىلىدىغان تەتقىقات تۈرىدىن بەشىگە NIH نىڭ مەبلىغى بار، ھەممىسى R01. مۇشۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ چاشقاندا بىر قىسىم تەتقىقاتلارنى قىلىپ قويۇپ ئاساسلىقى مەبلەغنى ئىنسان غول ھۆجەيرىسى تەتقىقاتىمنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىمەن.

ئامېرىكىدا NIH ئەڭ چوڭ تەتقىقاتقا مەبلەغ سالىدىغان ھۆكۈمەت ئورگىنى بولۇپ، NIH نىڭ كۆپ خىل مەبلەغ تۈرى ئىچىدە R01 ئەڭ مۇھىم ۋە سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولغان تۈرى بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى كۆپىنچە 1 مىليون دوللار بىلەن 2 مىليون دوللار ئارىلىقىدا بولىدۇ ۋە 5 يىلغا بۆلۈپ بىرىلىدۇ. NIH پەقەت مىدىتسىنا ۋە بىئولوگىيەنى ئاساس قىلىپ تەتقىقات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورگان بولۇپ (بۇ يىل ئۇلار ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ 54%نى تەتقىقات تۈرلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بولۇپ سوممىسى 16.9 مىليارد دوللارغا يىتىدىكەن)، ئامېرىكىدىكى باشقا بارلىق ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي پەنلەرگە مەبلەغ ئاجىرىتىدىغان ئىككىنچى چوڭ تەتقىقات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان  ئورگان دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندى (NSF, National Science Foundation) بىلەن سېلىشتۇرغاندا (ئۇلارنىڭ بۇ يىللىق تەتقىقات ئومۇمىي مەبلىغى 7.6 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ پۇلنىڭ مەلۇم قىسىمى يەنە بىئولوگىيە ئاساسىي تەتقىقاتىغا ئاجىرىتىلىدۇ) تەتقىقات مەبلەغ سوممىسى نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئامېرىكا جەمئىيتىنىڭ بىئو-مىدىتسىنا ساھەسىگە يۈكسەك ئېتىبار بىرىدىغانلىغىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ۋە ئامېرىكىدا بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا پېنىنىڭ تەرەققىياتى شۇنداقلا ئەمەلىي كۈچىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭكىنى قوشقاندىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولسا كىرەك. ئاددىي بىر مىسال ئالسام، دۇنيادىكى راك كېسىلىنى ئەڭ ياخشى داۋالايدىغان دوختۇرخانىلار ئىچىدە دۇنيادا ئالدىنقى «10 ئەڭ ياخشى دوختۇرخانا»نىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا ھەم نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئالغانلارنىڭ تەخمىنەن 45% (جەمئىي 208 كىشى ئىچىدە 93 كىشى) ئامېرىكا پۇقرالىرىدۇر. بۇ بىر تەرەپتىن بىزدەك ئامېرىكىدا بىئو-مېدتىسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى خۇشال قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ساھەدە ئامېرىكىدىكى رىقابەتنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكى كىشىگە جەڭ ئېلان قىلاتتى ۋە زور بېسىم ھېس قىلدۇراتتى. بۇ رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن سىز ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشتا دۇنيادىكى ئەڭ نوچىسى بولىشىڭىز كىرەك، بولمىسا بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپمۇ ئېرىشكەن مەبلەغنىڭ تايىنى يوق، قىلغان ئىشتىن تۈزۈك نەتىجە چىقىرالماي ئۆتۈپ كىتىدىغان گەپ. ئادەتتىكى تەجىربىخانىلار ئۈچۈن NIH نىڭ بۇنداق تەتقىقات تۈرىدىن بەشى ئەمەس بىرسىگە ئېرىشسىمۇ خىلى خۇشال ئولتۇرىدىغان ئىش چۈنكى ئىقتىسادى كېرزىس تۈپەيلى يىقىندىن بىرى تەتقىقات مەبلىغىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەتقىقاتچىلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشمايۋاتاتتى. ئىنسان غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدىكى ھەر قانداق تەتقىقاتلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ھېقانداق مەبلەغ سالمايدىغان بولغاچقا، شۆھرەتكام بىر قىسىم شەخسىي تەتقىقات فوندلىرىنىڭ مەبلەغلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ خىلى كۆپ مەبلەغكە ئېرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم. شۇڭا بۇ گەپتىن تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم چۈنكى مۇشۇنداق كۆپ مەبلەغ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن مايمۇن تەتقىقاتىغا پۇل يەتمەيدۇ؟ شۆھرەتكام داۋاملىق چۈشەندۈردى:

-قارا، مەن ئۈچۈن ئىنسان غول ھۆجەيرىسى تەتقىقاتى ئەڭ مۇھىم، ھەم قانداقلا بولمىسۇن بۇ تەتقىقاتىمنى تاشلاپ قويسام بولمايدۇ. ئەمما بۇ ناھايتى قىممەت توختايدىغان تەتقىقات تۈرى. بىزنىڭ تەجىرىبىخانىدا ئىش باشلىشىمىز ئۈچۈنمۇ ئادەتتە بىر مىليوننى خەجلىمەي تۇرۇپ ئەمەلىي تەجىرىبىلەرنى ئىشلەپ نەتىجە چىقىرشىتىن سۆز ئاچالمايمىز. بۇ تېخنىكىدا چوقۇم ساغلام ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسى لازىم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىز مەكتىپىمىزنىڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ ئالدى بىلەن تۇخۇم ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان ئاياللارنى يىغىپ كىلىمىز ۋە ئادەتتە ھەر بىر ئايالنىڭ بىر قېتىم تۇخۇم ئىئانە قىلىشى ئۈچۈن 5000 دوللار بىرىشىمىز كېرەك. ئاندىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ پېسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىشكە، ئالدى بىلەن تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى دورىلار بىلەن دوختۇرخانىدا غىدىقلاپ ئاندىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تۇخۇمنى ئايرىۋىلىشقا كىچىك تىپتىكى ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بىمارنىڭ يول كېراسى، ۋاقتى، سېستىرالارنىڭ ھەققى، پىسخىك مەسلېھەتچى، ئادوكات، دوختۇرلارغا بېرىلىدىغان پۇللار قوشۇلۇپ بىر ئايالنىڭ بىر قېتىم تۇخۇم ئىئانە قىلشى ئاز دېگەندە 25،000 دوللارغا توختايدىغان گەپ. بىز بىر يىلدا نەچچە مىڭ تۇخۇم ئىشلىشتىشكە ئېھتىياجلىق چۈنكى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنى يتىشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم تۇخۇم ھۆجەيرىسى زۆرۈر. شۇنداق بولغاندا ئويلاپ باقساڭ بولىدۇ، بىز تەجىرىبخانىدا ئىش باشلىماي تۇرۇپ يىلىغا نەچچە مىليوننى چىقىم قىلىمىز. ئاندىن تەجرىبىخانىدا ئىشلتىدىغان دورىلارمۇ ئەرزان ئەمەس، بولۇپمۇ كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشقا ئىشلتىدىغان دورىلار تەتقىقات ئۆلچىمىدە ئەمەس كىلىنىكىلىق ئۆلچەمدە ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشى كېرەككەن. ئوپمۇ-ئوخشاش دورىنى كىلىنكىلىق-ئۆلچەمدىن ئۆتكەن دەپ سېتىش ئۈچۈن شېركەتلەر نۇرغۇن پۇل تۆلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ باھاسىمۇ نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ كىتىدىكەن. شۇڭا، ھازىرچە مەن پەقەت ئىنسانلاردا كىلىنىكلىق سىناق قىلشنى كۆزلەۋاتقان بولغاچقا، مايمۇنلاردىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىشنى قىلىپ بولغاندىكىن ئامالسىز ئۇلارنى يوق قىلدىم. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ پۇلى كۆپ ئەمەس، كۆپ ياردەممۇ قىلمىدى، بولۇپمۇ ئىنسان ئۈستىدىكى تەجىرىبىلەرنى چوقۇم دوختۇرخانا جايلاشقان مەكتەپ ئاساسىي ھويلىسىدا قىلىش لازىم بولغاچقا ئۇلارغا يېڭى تەجىرىبخانىلار بېرىڭلا دىسەم، ئۇنىماي قويدى. شۇنىڭ بىلەن، باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشنى ئويلاشقان ئىدىم ۋە ئۇلارغا شۇنداق دەپ قوقاقمۇ سالدىم.

-ھە، مۇنداق دەڭ. ئېسىت، بۇ مەكتەپ سىزدەك دۇنياۋى نەتىجىلەرنى يارىتىپ مەكتەپنىڭ ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋاتقان ئالىمنى كۆپرەك قوللىمىغىنى راستىنلا ياخشى بولماپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ مەكتەپتىن كۆچۈپ كىتەمسىز؟ دەپ سورىدىم، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن.
-ئۇلار مېنىڭ كىتىشىمنى خالىمايدۇ. مەن پېنسىلۋانىيە ئۇنۋېرسىتى مېدىتسىنا مەركىزى (ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مېدىتسىنا تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى، تەتقىقات كۈچى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتى مېدىتسىنا مەركىزىدىن دىن قالسىلا ئامېرىكىدا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ) گە خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىۋىدىم، ئۇلار مېنى قوبۇل قىلىپلار قالماي، ماڭا 50 مىليون دوللار ئاجىرىتىپ مەخسۇس خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەرنى داۋالاش مەركىزىدىن بىرنى قۇرۇپ بىرىپ بارلىق كىلىنىكىلىق سىناققا كېتىدىغان چىقىمنىمۇ ئۈستىگە ئالدىغانلىغىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن كۆچۈشكە تەييارلىنىپ تۇرسام، ئۇلار مېنىڭ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىمنى مۇشۇ يەردە قويۇپ قويۇپ بىرىشىمنى، ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىش تۈگۈل ئۇلارنى ساقلىسىمۇ شىتات قانۇنىغا خىلاپ بولارمىش. مەن قانداقمۇ بۇنى قوبۇل قىلاي؟! مەن شۇنچە كۆپ ئەجىر قىلىپ ئاران يىتىشتۈرگەن بۇ ھۆجەيرىلەر ۋە تەتقىقاتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ يوشۇرۇن كۈچى زور قىسمىنى كەينىمگە تاشلاپ قويالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ياق دىمەي بولمىدى. پۈتۈن ئامېرىكىدا نىيۇيورك شىتاتى بىلەن ئورىگون شىتاتىدىن باشقا بارلىق 48 شىتاتتا ئىنسان تۆرلمە غول ھۆجەيرىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات قىلىش چەكلەنگەن ئىكەن. شۇڭا مەن ھازىرچە مەكتىپىمگە ئۇلار تەجىرىبخانا بەرمىسە پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرستىتىغا كۆچۈپ كېتىمەن دەپ بېسىم قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر يېڭى تەجىرىبخانا بەردى، ئەمما ئىشلىتىش ھەققى تۆلەيمەن ۋە ئاز دىگەندە كەلگۈسى 3 يىلدا كۆچمەسلىككە توختام تۈزدۇرۋالدى.

مانا شۆھرەتكامدەك داڭلىق ئالىملارنىڭ قەدرى ئامېرىكىدەك دۆلەتتە ئەمەس، بەلكىم دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ مەكتىپىگە بېسىم ئىشلىتەلىشى بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدا ئىقتىدارلىقلار ۋە مۇۋاپىققىيەت قازانغانلارنى چوڭ بىلىش، قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق مۇھىم ئورۇندا تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «سورىمىسا بەرمەيدىغان» بىر جەمئىيەتنىڭ قات-قېتىغا سېڭىپ كەتكەن ئىددىيەنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىدى. ئىلگىرى يىتەكچى پرافېسورۇم دوكتۇر فورد: «ھەر دائى ئېسىڭدە تۇت، كىشى پەقەت سورىغىنىغا ئېرىشىدۇ، سورىغاننىڭ ھەممىگە ئېرىشەلمەيسەن، ئەمما سورىمىساڭ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيسەن» دەيتتى. شۆھرەتكام يەنە بىر جەھەتتىن بالىلار ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلى بولغاچقا كۆچۈپ باشقا يەردە ئوقۇشنى تازا خالىمايدىغانلىقىنى ۋە 4-5 يىلغىچە كۆپرەك مەبلەغ بىلەن تەمىلەيدىغان ئۇنىۋېرستىت، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئورىگوندىن كۆچۈپ كىتىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىشلەۋاتقان ئورىگوسن ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەتقىقات مەبلەغلىرى راك كېسىلى تەتقىقاتىغا سەرىپ قىلىنغان بولۇپ، يىللاردىن بىرى ئۇلار 50 مىليون دوللار سوممىسىدىكى تەتقىقات مەبلىغىنى پەقەت راك تەتقىقاتىغا سەرىپ قىلغان بولسىۇ، ئەمما بۇ مەكتەپتىن راك كېسىلى تەتقىقاتىدا بىرەرمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە چىقماي ئەكسىچە، ئامېرىكىدا سەل كىيىنكى قاتاردا تۇرىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا شۆھرەتكام ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى مەكتەپكە شۇنچە كۆپ دۆلەت مەبلىغى ئىلىپ كەلگەندىن باشقا يەنە مەكتەپنىڭ نامىنىنىمۇ تونۇتۋاتقان تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئۇنىڭغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ بەرمىگىنىدىن نارازى ئىكەن.
-مۇشۇ تاپتا ئىنسان غول ھۆجەيرىسى تەتقىقاتىمنى قويۇپ تۇرايلى، خوندىرىئوسوملۇق كېسەللرنى گېنى تېخنىكىسى بىلەن داۋالاش تۈرىنى كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشنىڭ ئۆزىگىلا 25-30 مىليون دوللار كەتكۈدەك. بۇ تېخنىكا ئاخىرى ئەنگىلىيەنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولدى ۋە ھازىر ئەنگىلىيە مەن بىلەن بىرلىشىپ مۇشۇ تېخنىكىنى ئەنگىلىيەدە كىلىنىكلىق سىناق قىلىپ پات ئارىدا كېسەل داۋالاشقا ئىشلتىشكە بولىدىغانلىقىنى قانۇننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدى. مەن FDA (ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسى) بىلەن ئۆتكەن ئايدا سۆزلەشتىم، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئەسلى بىر توپ ئادوكات، بىرەر مىڭ بەتلىك مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تەييارلاپ پۇختا تەييارلىق بىلەن بىرىش كېرەككەن، شۇڭا ئۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ئالاھىدە ياخشى نەتىجە چىقمىدى، بۇ قېتىم ئىككىنچى ئايدا كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويدۇم، ھەم ھازىر شۇ ئىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىمەن. مەكتەپتىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجىرىتىشنى سورىسام، ئۇلار سەنمۇ ئىئانە توپلىساڭ، بىز سەن ئىئانە توپلىغان پۇلغا باراۋەر مەبلەغ ئاجرىتىپ بىرىمىز دەيدۇ، شۇڭا ھازىر ئىئانە توپلاشنىمۇ باشلىدىم، ئەمما ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. نۇرغۇن يىغىن، ئۇچرىشىشلارغا بېرىپ تەتقىقاتىمنى چۈشەندۈرۈشۈمگە ۋە باشقىلارنى ئىئانە قىلىشقا قايىل قىلىشىمغا توغرا كىلىۋاتىدۇ.

تاشپولاتكام بولغان گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىچىدە قاتتىق ئەپسۇسلاندى بولغاي:
-شۆھرەت، بۇ مەكتەپنىڭ قىلغىنى بولماپتۇ. ئەسلى مۇنداق ياخشى تەتقىقاتلارنى بۇلار بەكرەك قوللىسا، راك كېسىلىگە بىرىدىغان  50 مىليوننىڭ يېرىمىنى سىلەرنىڭ تەجرىبىخانىغا سەرپ قىلغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن. ياپون ھۆكۈمىتى ياماناكا (2012-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن غول ھۆجەيرە ئالىمى) ئۈچۈن قانچىلىك مەبلاغ لازىم بولسا دىسىلا چىقىرىپ بىرىدىغانلىغىنى ئېيتقان. بىزدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرىنى قوللىغۇدەك  بايلار بولغان بولسىتى….

شۇنداق، ياماناكانىڭ كەينىدە ئۇنى شەرتسىز قوللايدىغان كۈچلۈك ياپونيە ھۆكۈمىتى بار، بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەكمەندەك يەھۇدى ئالىملارنىڭ كەينىدە ئۇلارنى قوللايدىغان يەھۇدي بايلار تەييار، بىزنىڭ بۇ ئۇيغۇر ئالىمىمىزغا ئەمدى نېمە جاپا؟! بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىمنى چۆرگىلىتىپ قويۇۋەتكەندەك بوپقالدىم. مەن ئەزەلدىن مائارىپنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىم بىردىبىر ئامىل دەپ تونۇيتتۇم، ئەمما شۇ تاپتا مەن ياخشى مائارىپ بىلەن بىرگە ئىقتىسادنى چىڭ تۇتمىغان مىللەتنىڭ گۈللىنىشى قېيىن ئىكەنلىكىگە چىن پۈتمەي تۇرالمىدىم. ئەسلىدە، بىر ئالىم ئالىم ئەڭ كۆپ ۋاقتىدا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانسا، دېققىتىنى ئىئانە توپلاش، قانۇن ئورۇنلىرى بىلەن كۆرۈشۈش دىگەندەك ئىشلارغا بۆلۈشكە توغرا كەلمىگەن بولسا بولاتتىغۇ؟! نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى تەتقىقاتلىرىنى جايلاپ قىلىپ بولالماي يۈرگەندە، دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا پىدائىيلارچە يول ئېچىپ كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتقان بىر ئالىمنىڭ بۇنچىۋالا بېسىملارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن ئۆزۈمدىن بىر خىل ئامالسىزلىق ئىچىدە ئىچىم تىت-تىت بولۇپ ئۇنىڭدىن بۇ توغۇرلۇق يەنە ئىچكىرىلەپ سوئال سورىغۇم كەلمىدى. ئەمما كاللامنى قاپلىۋالغان خىياللارنىڭ ئايىقى پورتلانددىن قايتىپ كىلىپمۇ نەچچە ھەپتىگىچە مېنى چىرمىۋالدى. بۇ ئىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خاپا بولغىلى بولمايتتى، ھېلىمۇ شۆھرەتكام ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇ ئەگەر ئامېرىكىدىن باشقا جايدا بولغان بولسا، بەلكىم ھازىرقى نەتىجىلىرىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈشى تەسكە توختايتتى. ئىشقىلىپ ئىچىمدە بىر ئاغرىنىش بار، يا ئۆزەمدىن ئاغرىندىممۇ ياكى بىراۋلاردىنمۇ بىلمىدىم، نامەلۇم بىرسىگە بولغان ئاچچىقىم بارلىقى ئېنىق، ھەر قانچە قىلساممۇ كىمدىن ئاغرىنىۋاتقانلىقىمنى بىلەلمەيتتىم، بەلكىم ھېچكىمدىن ئاغرىنماسلىق، ئەكسىچە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش، تېخىمۇ تېرىشىش كىرەكتۇ. شۆھرەتكامنىڭ مەن يەنىلا ئۈمىدۋار، مەن دىگەن ئىشىمنى چوقۇم قىلالايمەن دىگەنلىرىنى ئويلاپ بولسىمۇ ئۆزەمگە تەسەللىي تاپاتتىم-يۇ، بۇ ئىشنىڭ ماڭا بولغان تەسىرىنى، مەسلىلەرگە بولغان بۇرۇنقى نۇرغۇن ئويلىنىشلىرىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايتتىم.

شۇنداق قىلىپ مۇشۇ پاراڭلار بىز بۇ مەركەزدىكى مايمۇنلارنى بىر كۆرۈپ چىقىپ ئاندىن شۆھرەتكامنىڭ OHSU مەكتەپ ھويلىسىدىكى يېڭى تەجىرىبخانىسىغا بارماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن ئايرىلدۇق. بىز مايمۇنلار ساقلىندىغان ئالاھىدە ئۆيلەردە ئۇلار بىلەن يىقىن تۇرۇپ سالاملىشىپ قويدۇق، پاراڭلىرىمىز ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى شۆھرەتكامدىن كۈتۈۋاتقان نوبېل مۇكاپاتى ئىستىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تەربىيلەش ئۈستىدىكى پىكىرلىرىگە مەركەزلەشتى.

داۋامى بار…..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 02:26 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش