مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilgejan

(bilgejan) پورتلانددىكى كاتتا ئۇچرىشىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 10:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چەكتىڭىز بىلگىجان ئاكا. ۋاقىتتىن  ۋاقىت چىقىرىپ بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق ئېسىل مەزمۇنلارنى يېزىۋاتىسىز، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن. تېمىڭىزنىڭ ئاخىرىغا تەشنامەن.  

مېنىڭمۇ بەك ئاچچىغىم كەلدى، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا ئازلا قالغان بىر ئىش ئۈچۈن ئۇلار نېمىشقا ئۇنداق چىڭلىق قىلىدۇ؟ ھەي بۇ جاھان دېگەننىڭ.....قاقشىغاننىڭ نېمە پايدىسى!! ئاخىرىدا شۆھرەتكامنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 05:10:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بەك غەلىتە ئىكەنغۇ? شۆھرەتكامنىڭ تەتقىقاتىغا كېتىدىغان مەبلەغمۇ بەك كۆپ ئكەن. ئاللاھ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن. بىر كۈنلىرى سىزمۇ شۇنداق ئشلارغا دۇچ كېلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭ. داۋامىنى كۈتىمىز...

ادام ساتىپ اقشا تاباتىن زامان كەلگەن ەكەن عوي. (بىزگە قازاقنىڭ باھاسى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 725 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 06:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ئوقۇي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2081 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:32:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش (داۋامى)

بىز قويۇق ئورمانلىقلار ئارىسىدىكى مايمۇنلارنى كۆرۈپ ماڭغاچ قىززىق پاراڭلارغا چۇشتۇق. ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك، شۆھرەتكام ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھازىرغىچە چىققان نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ بىر دۇنياۋى داڭلىق ئالىمدۇر. بۇ يىل 10-ئايدا نۇرغۇنلىرىمىز نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى يىللاردىكىدىن بەكرەك تەققازالىق ئىچىدە كۈتتۇق چۈنكى ھازىر بىزنىڭ ئارىمىزدا بىز ئۈمىد باغلىغۇدەك بىرەيلەن بار، بىزنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنىپ قالسا نەق شۇ ئالاھىدە مېنۇتنى قولدىن بىرىپ قويغۇمىز يوق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئىسىمى راستىنلا ئېلان قىلىنىپ قالسا يۈرەكلەر ھاياجان ۋە شادلىقتىن يېرىلىپ كىتەرمۇ! شۇنداق تەققازالىق بىلەن ساقلىغانلار ئىچىدە ئەلۋەتتە تاشپولاتكام ئىككىمىزمۇ بار. نوبېل مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىت ياۋروپادا چۈشتىن كىيىنكى ۋاقىت بولۇپ، بۇ ئامېرىكىدا تېخى تاڭ ئاتىمىغان، يېرىم كېچىدىن ئاشقان ۋاقىتقا توغرا كىلىدىغان بولغاچقا بىز بىر كېچە ئۇخلىماي ئولتۇرۇپ شۇ مېنۇتنى تەققازالىق بىلەن ساقلىغان ئىدۇق. مەن شۆھرەتكامنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن بۇيان كۆپلىگەن تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە بولغان ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىدى، ئۇيغۇر ئۈچۈن غايەت زور ئۈمىد ۋە ئىلھام ئىلىپ كەلگەن بۇ ئالىمىمىز ئۈچۈن قانچىلىك ساقلىساقمۇ ئەرزىيتتى. بىز شۆھرەتكامنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن بۇ توغۇرلۇق گەپ ئاڭلايلى دەپ ئۇنىڭ بۇ ئىشقا بولغان قارىشىنى سوراپ باقتۇق.
-غول ھۈجەيرە ساھەسىگە تېخى ئۆتكەن يىلى نوبېل مۇكاپاتى بىرىلدى. ياماناكانىڭ شۇنچە تېز ۋاقىتتا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئاساسلىقى ئۇ ئىجاد قىلغان غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈش تېخنىكىنىسى كۆپلىگەن تەجىرىبخانىلاردا ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە غول ھۈجەيرە ساھەسىدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. ئەپسۇسكى، ياماناكا يتىشتۈرگەن iPS ھۆجەيرىلىرى شۇنچە كۆپ تەجىرىبخانىلاردا ھايۋانلار ئۈستىدە سانسىز قېتىملاپ سىناق قىلىنغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە تېخى ئىنسانلاردىكى بىرەر كېسەلنى داۋالىغىنى يوق چۈنكى iPS ھۆجەيرىلىرىدە كۆپلىگەن گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەچكە ئۇلار گېنتىكىلىق جەھەتتە نورمال ھۈجەيرىلەردىن كۆپ پەرقلىنىدۇ.  مەن ئىجاد قىلغان يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىغىلى بولىدىغانلىقى بايقالغىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى، كىشىلەر بۇ تېخنىكىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ بولغۇچە يىللار كىتىشى مۇمكىن. بىز مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تەبىئەت ژورنىلغا تاپشۇرغان ئەڭ يېڭى ماقالىمىزدە بۇ ئىككى ئۇسۇلنى سېلىشتۇرۇپ مەن ئىجاد قىلغان يادرو كۆچۈرۈ تېخنىكىسى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ گېنتىكىلىق ۋە ئېپىگېنتىكىلىق جەھەتلەردە نورمال غول ھۈجەيرىلەرگە تېخىمۇ ئوخشايدىغانلىقى ۋە iPS ھۆجەيرىلىرىدىن كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بەردۇق. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنسا چوقۇم كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتى تارتىلىدۇ. ئەمما بۇ يېڭى تېخنىكىنى ئىلىم-پەن ساھەسى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىپ بولغۇچە 5 يىل ھەتتا 10 يىل كىتىشى مۇمكىن. نوبېل مۇكاپاتى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا مەلۇم بايقاشنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن بىرىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا غول ھۈجەيرە ساھەسىگە كىلەر قېتىم قاچان نوبېل مۇكاپاتى بىرىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس.

شۆھرەتكامنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ناھايتى مۆتىدىل پوزىتسىيىسىدىن ئۇنىڭدا پىشقان ئالىملاردا بولىدىغان سالماقلىق ۋە ئەمەليەتچانلىقنىڭ تولۇق يىتىشكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولاتتى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ماقالىسىنى «تەبىئەت» ژورنىلى تەھرىرى باشقا ژورنالغا تاپشۇرمايسلىقنى ئالاھىدە تاپىلىغان بولۇپ، ئۇلار كۆپ قېتىم ماقالىنى قاچان تاپشۇرىسىلەر دەپ سۈيلەپ تۇرۇپتۇ.  «تەبىئەت» ژورنىلىدەك دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىش 99% تەبئىي پەن ئالىملىرىنىڭ چۈشى، پەقەت ئەڭ ياخشى 1% ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز سالماقتىكى ئالىملارلا مۇشۇنداق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۆھرەتكام ماقالىدىن ھىچقانداق چاتاق چىقماسلىقنى كۆزلەپ 70 قېتىمدىن كۆپرەك تۈزەتكەندىن كېيىن 6-ئايدا يېزىلىپ بولغان ماقالىنى ئاخىرى 12-ئايدا تاپشۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ پىلانى بويىچە، ئۇ ئىجاد قىلغان يادرو كۆچۈرۈش ئۇسۇلىدا ئايرىپ ئېلىنغان ئنسان غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ iPS ھۆجەيرىلىرىدىن ئەۋزەللىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئۇ يەنە كەم دىگەندە 10-15 پارچە ماقالە ئېلان قىلىشى كىرەكلىكى، ھەر جەھەتتىن ئىنچىكىلىك بىلەن باھالاپ ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلىغاندىلا ئاندىن بۇ تېخنىكنىڭ كەلگۈسىدە كىلىنىكىلق سىناق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىشىغا يول ئېچىلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۆھرەتكام ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دىدى:

-ماڭا ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن خەت كىلىپ تۇرىدۇ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنىڭ خېتىگە قىسقا بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرىمەن. مېنىڭ تەجىرىبخانامغا قىزىقدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئېلھاملاندۇرىمەن، ئەمما ئۇلار ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە دوكتۇرلۇققا كىرەلىشى ئۈچۈن ناھايتى قاتتىق تاسقاشتىن ئۆتىدۇ. ھازىرغىچە مەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ، ئۇنىۋېرسىتىمىزنىڭ دوكتۇرلۇققا قوبۇل قىلىش شەرتلىرىگە چۈشكەن بىرەر ئوقۇغۇچى كۆرۈپ باقمىدىم. كۆپىنچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزغا بەك قىزىقىمىز دەيدۇ، ئەمما ئىلتىماس قىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك.

-شۆھرەتكا، سىز ھازىر ناھايتى مۇھىم بىر ئۆتكۈنچى ۋاقىتتا تۇرىۋىتىپسىز، ئادەتتە پىرافىسورلار دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنى ياكى پوستدوكتۇر تەتقىقاتچىلارنى قوبۇل قىلسا تەتقىقات مەبلىغى ئارقىلىق ئۇلارنى قامدايدۇ. سىز بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدىمۇ مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلىپ قالسا يەنىلا قوبۇل قىلشنى ئويلىشامسىز ياكى ھازىرچە مەبلەغنى پەقەت تەتقىقاتقا سەرىپ قىلىشنى ئويلىشامسىز؟ دەپ سورىدىم، مەن كەينىگە ئۇلاپلا.

-مۇنداق گەپ، ئادەتتە بىرىنچى يىلدا دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىمىنى مەكتەپ كۆتۈرىدۇ، شۇ بىر يىل جەريانىدا مەن ئۇلارغا ياردەملىشىپ ھەر خىل تەتقىقات ئۈچۈن بىرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى تەتقىقات مۇكاپاتلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىپ بىرىمەن. مۇنەۋۋۋەر ئوقۇغۇچىلار بىر يىل ئىچىدە بۇنداق مۇكاپاتلاردىن ئاز دىگەندە بىرەسىگە ئېرىشمەي قالمايدۇ. پوستدوكتۇر تەتقىقاتچىلار تەجىرىبخانامغا كىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم بىرەر تەتقىقات مەبلىغى ياكى مۇكاپاتلىرىغا ئىلتىماس قىلغان بولۇشى كىرەك. دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن قىزىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەن بىلەن ئالاقە قىلسا مەن ئۇلارغا ياردەم قىلىپ مەبلەغ ھەل قىلساق بولىدۇ. مەن يىلدا 15-20 پارچە چوڭ-كىچىك تەتقىقات تۈرى دوكلاتلىرىنى يېزىپ سۇنىمەن، بۇنىڭ ھەممىسى تەستىقلىنىپ مەبلەغگە ئېرىشمەيدۇ، ئەلۋەتتە. مەن شۇ بىر قىسىم ئۆزەم يازغان تەتقىقات تۈرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئازراق ئۆزگەرتىپ، ئىش قوشۇپ تەتقىقات مۇكاپاتى مەبلەغلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە بىرىمەن، ئادەتتە ياش ئالىملارغا قويۇلىدىغان تەلەپ تۆۋەنرەك بولغاچقا مەن مەبلەغگە ئېرىشمىگەن ئۇ تۈرلەرنى دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىپ ئىلتىماس قىلسا ئاساسەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن پوستدوكتۇر قوبۇل قىلىشتا غول ھۈجەيرە ساھەسىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغانلارنى ئاۋۋال ئويلىشىمەن. دىمەك، بۇ يەردىكى مەسىلە مەبلەغ مەسىلىسى ئەمەس، پەقەت تېرىشچان، قىزىقىشى كۈچلۈك، قولىدىن ئىش كىلىدىغان، ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلار بولسىلا مەن ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشنى ئويلايمەن.

ئالىمنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزەمدىن سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ قالدىم. مەن ئۆتكەن يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يېزىپ ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسىغا ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانى بار-يوقلۇقىنى سورىغان ئىدىم. ئۇ ناھايتى قىسقا قىلىپ «ئەگەر تەتقىقات مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ ئۆزىنىڭ مەبلىغى بىلەن كىلىدىغانلار بولسا قارشى ئالىمەن» دەپ ئۇچۇر قايتۇرسا، مەن بۇ گەپنىڭ تېگىگە يەتمەپتىمەن.... بەرىبىر، مېنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان تەتقىقاتىم غول ھۆجەيرە ساھەسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىغاچقا ئۆتكەن يىل مۇشۇ كۈنلەردە پوستدوكتۇرلۇققا ئىلتىماس قىلغان ۋاقتىمدا پەقەت ئۆزەمنىڭ ساھەسىدىكى داڭلىق تەجىرىبخانىلارنى ئالدىن ئويلاشقان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ، شۇنداق ياخشى پۇرسەتنىڭ بارلىقىنى بىلىپ شۆھرەتكامنىڭ تەجىرىبخانىسدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلىماي تۇرالمىدىم... بۇ ئۇچۇر ھېچبولمىسا ئالىمنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قىزىقىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئەسقىتىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.

شۆھرەتكامنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۇيغۇرغا بولغان مۇھەببەتنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا خاس مىجەزى، گەپ-سۆزلىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن قەلىبداش ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۇ بىزگە شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن تاماق يىگەچ سۆزلەپ بەرگەن ئۇيغۇرغا زۇلۇم قىلغان روسىيەگە بولغان قاتتىق نەپرەتلىنىشلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. بىز بۇ پرىماتلار مەركىزىدىن ئايرىلىپ شۆھرەتكامنىڭ OHSU دىكى يېڭى تەجىرىبخانىسىغا بارغىنىمىزدا كۈن ئېچىلىپ ھاۋامۇ خىلى ئىللىپ قالغان ئىدى.







داۋامى بار....

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 01:21:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىگىجان، داۋامىنى ئۇقۇغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. تېمىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلايمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95484
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1523 سائەت
تىزىم: 2013-5-29
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 07:40:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بىلگەجان ،سىلەر تەرەپتە ئەمدى تاڭ ئېتىپ ،ئىشقا مېڭىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىسىزغۇ دەيمەن ھە ،ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزمۇ مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت .تېمىڭىزنى ئوقۇپ قاتتىق ھاياجانلاندىم ھەمدە بەرى يەرلىرىگە كەلگەندە كۆڭلۈم يېرىم بولدى .ئەسلى تېمىنى يېزىپ تۈگەتسىڭىز ئىنكاس يازاي دەپ ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدىم ،لېكىن شۇ قۇلۇم كۇنۇپكا تاختىسىغا يۈگۈرۈپ شۇ )ھاياجانلىنىپ) .كىينچە سىزنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىڭىزمۇ ئالدىراش  بۇلۇپ قالسا ،بۇنداق ياخشى تېمىلارنى كىم بىزگە يەتكۈزەر ھە .بولسا ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئۆزىڭىز ۋە تەتقىقاتىڭىز توغرىسىدا بىر تېما يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز سىزدەك ياش ئالىمىمىز بىلەنمۇ تۇنىشىۋالغان بولساق .ئاللاھ سىزنىڭ ۋە شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن ،

ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى سىزنى قارشى ئالىدۇ ،ئىزدەش نۇمۇرى     iktisad

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 10:49:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى تېزرەك ئاخىرلاشتۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2081 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 03:01:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش (داۋامى)

خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى چىقمايلا ئەھمىيەتلىك ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزگەن گۈزەل شەھەر پورتلانددىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتمۇ كەپ قالدى. پورتلاند ئايرودورۇمىدىن يولغا چىقىپ كەچ سائەت 9:00 لاردا دەنۋېرگە يىتىپ كەلدىم. دەنۋېر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاغ تىزمىلىرىنىڭ بىرى بولغان روكىي تاغلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل بۆلەكلىرى ياتىدىغان كالورادو شىتاتىنىڭ مەركىزى شەھىرى ئىدى. دەنۋېر مەن ئامېرىكىغا دەسلەپ كەلگىنىمدە تۇنجى قەدەم باسقان ۋە ئامېرىكىدىكى تۇنجى ھەپتىلىك ھاياتىمنى ئۆتكۈزگەن شەھەر. دەنۋېر مەن تونۇشقان ئەڭ قەدىناس ئامېرىكىلىق دوستىلىرىم ياشىغان ۋە ئەڭ ئۇيغۇرسىراپ يالغۇزلۇققا چىدىماي قالغان شۇ قېيىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئۇيغۇر بىلەن يۈز-تۇرانە سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ئۆزۈمنى ناھايتى بەخىتلىك ھېس قىلغان گۈزەل شەھەر! دەنۋېر ئۆتكەن تۆت يىلدا مەن ھەر ئايدا بىر دىگۈدەك كىلىپ ھالال گۆشتىن تارتىپ يۇرتمىزدا يەيدىغان كۆكتاتلارغىچە، تۇرپاننىڭ قۇرۇق ئۈزۈملىرىدىن تارتىپ قومۇلنىڭ قوغۇنلىرىغىچە، كورلىنىڭ نەشپۈتىدىن تارتىپ يەكەننىڭ باداملىرىغىچە، ھەرخىل خۇش-پۇراق خۇرۇچلاردىن تارتىپ بۆرەك، تىل، جىگەر، ھەتتا ئۈكلەنگەن قوي كاللىسى دىگەندەك مەن ۋە ئائىلەمگە يات ئەلدە ئۇيغۇرنىڭ پۇرىقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان، يۇرت سېغىنچىمىزنى ئازراق بولسىمۇ بېسىقتۇرغان مېھرى ئىسسىق شەھەر! دەنۋېر نەچچە ھېيت-بايراملارنى ئۇيغۇر دوستلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ ئامېرىكىدىكى ھاياتىمىزنى بېيىتقان ۋە بىزگە خۇشال ئەسلىمىلەرنى ئاتا قىلغان،  يېڭى ئۇيغۇر دوستلار بىلەن تونۇشقان ۋە دوستلۇقىمىزنى كۈچەيتكەن يىغىلىش شەھرىمىز. ھەر قېتىم ئىككى سائەتتىن ئوشۇق ماشىنا ھەيدەپ يېمەكلىك سېتىۋىلىش ئۈچۈن كەلسەك ئامېرىكىلىق دوستلىرىمىزغا غەلىتە ۋە كۈلكىلىك بىلىنگەن بىلەن، مەن ۋە ئائىلەم ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك، ھەر كەلگىنىمىزدە بىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىدىغان بىزنىڭ مەيلىمىزنى تارتىدىغان مەنزىلگاھ... بىر نەچچە يېقىن ئۆتىدىغان ئۇيغۇر دوستلار بىلەن كۆرۈشۈشۈپ ئۆتەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىميۇ، ئەمما يۈك-تاقلىرىمنى ئىلىپ تەييار بولغۇچە ۋاقىتمۇ خىلى بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مېھمانخانىغا بىرىپ ئورۇنلىشۋالدىم-دە، قولۇمغا قەلەم ئىلىپ ھازىر يېزىپ ئولتۇرغان ھېكايەمگە تېزىس تۈزۈۋالدىم. گەرچە شۇ كۈندىكى تېزىس بويىچىلا يازمىغان بولساممۇ، ئەمما شۇ كۈنى مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكەن شۇ ئۈچ كۈندىكى ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى مەمنۇنىيەت ۋە ھېرىسمەنلىك بىلەن ئەسلەپ چىققان ئىدىم.

شۇ كۈنى چۈشلەردە بىز پرىماتلار مەركىزىدىن ئايرىلىپ شۆھرەتكامنىڭ يەنە بىر ئىشخانىسىغا باردۇق. ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتى پورتلاند شەھرىنىڭ ئەڭ ئاۋات، شەھەر مەركىزى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاساسىي مەكتەپ ھويلىسى بىر تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىكەن. شۆھرەتكامنىڭ يېڭى تەجىرىبخانىسى مەكتەپنىڭ كېڭەيتىپ سالغان تۆپىلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمىدىكى تۈزلەڭ ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋەتلىرى مەكتەپنىڭ ئانا-بالىلار ساقلىقى ۋە تۇغۇت دوختۇرخانىسى، ئۈستۈنكى قەۋەتلىرى تەتقىقات تەجىرىبخانىلىرى بولۇپ، شۆھرەتكام 13-قەۋەتنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بۇلۇڭدىكى ئىشخانىدا ئولتۇرىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىشخانىسىغا ھەر كىمنىڭ ھەۋىسى كەلسە كىرەك، چوڭ ۋە ئازادىلىكىدىن باشقا ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن پورتلاند شەھرىنىڭ دەريا، ئاۋات شەھەر مەركىزى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ ھەقىقەتەنمۇ ناھايتى گۈزەل بىر كۆرۈنۈش ھەر قاچان كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدىكەن. مەن بۇ ئىشخانىغا قاتتىق ھەۋەس قىلىپ تۇرسام، تاشپولاتكاممۇ بۇ ئىشخانىنى ماختاپ كەتتى ۋە شۆھرەتكامدىن سورىدى:

شۆھرەت، سىلەرنىڭ ئىشخانىلىرىڭلار ھەجەپمۇ ئېسلكەن. ئىشخانا دىگەن مۇشۇنداق كەڭرى ۋە چىرايلىق كۆرۈنۈشلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولسا، ھە؟

-بۇنداق چوڭ ئىشخانىدىن ھەر قەۋەتنىڭ ئىككى بۇلۇڭىدا بىردىن ئىككىسىلا بار ئىكەن. مەن كەلسە ئەسلىدىكى ئوتتۇرىدىكى ئىشخانىلاردىن بىرسى بوش ئىكەنتۇق. مەن فاكۇلتىت مۇدىرىغا ئېيتىپ ئىككى بۇلۇڭدىكى ئىشخانىدىن بىرسىنى ماڭا بىرىسىلەر، بولمىسا باشقا بىنادىن ئورۇن بېرىڭلار دەپ تەلەپ قىلدىم. ئۇ چەتتىكى چوڭ ئىشخانىدا ئۆزى ئولتۇرۋاتقان بولغاچقا، ئۇ ماۋۇ ئىشخانىنى ماڭا بوشاتقۇزۇپ بەردى. ھېلىقى بوشىتىپ چىقىپ كەتكەن پېرافىسور ھازىرمۇ مېنى كۆرسە ھومېيىپ قارايدۇ. ئەمما مەن پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ كەتكەن بولسام پۈتۈن بىر قەۋەتنىڭ ھەممىنى ماڭا بەرگەن بولاتتى. شۇڭا مەنچە بۇ بەك كۆپ سورىغانلىق ئەمەس، دەپ چۈشەندۈردى شۆھرەتكام.

دېمىسىمۇ شۆھرەتكامدەك ئالىملارنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ مەكتەپ قانچە قىلسىمۇ ئەرزىيىتتى.

1658196_477480165695653_758797971_o.jpg



1658169_477480212362315_791627861_o.jpg




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 03:05 PM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىملىرىمىزنىڭ باشقا يۇرۇتلاردا شۇنداق ئەتىۋارلىنىپ ئىشلەۋەتقىنىدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم. شۆھرەتكام ھەقىقەتەن يامان ئىكەن. ئۇلارغا تەلەپ قۇيۇپ ئۇلارنى غىڭ قىلدۇرالماپتۇ. بىلگىجان رەھمەت سىزگە، غەيرەت قىلىڭ، داۋامىغا تەشنامىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 11:13:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, بارغانچە قىزىۋاتىمەن ئالىملىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا. مۇشۇنداق يازمىلار قانچە كۆپ بولسا ئوقۇپ زېرىكمەيمەن. چەتئەلدە ئالىملىرىمىزدىن كىملەرنىڭ بارلىغى ۋە كەسىپلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ماتىرياللارنى بىلسەك دەيمەن. ئەپسۇسكى سىز يالغۇزلۇق قىلىپ قالدىڭىزدە!
     خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزنىڭ تېخىمۇ مەزمۇنلۇق بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن!

ادام ساتىپ اقشا تاباتىن زامان كەلگەن ەكەن عوي. (بىزگە قازاقنىڭ باھاسى)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش