سىز بىلمەيدىغان جىياڭ جىيېشى (3-قىسىم)
مەنبە:
http://video.chaoxing.com/play_400006489_73872.shtml
تىلماچ ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ!.
بېيجىڭ ئەينى ۋاقىتتا كىمنىڭ زىمىنى (زامانى) ئىدى ؟خېبىي مىلتارىسىتى ساۋكۇننىڭ زىمىنى ( زامانى) ئىدى.
كوپچىلىك سورىشى مۇمكىن ، سۇنجۇڭشەننىڭ ئەسلى بازىسى گۇاڭجۇ تۇرسا ، قانداقسىگە مۇڭغۇلىيىدىكى كۇلۇننى بازا قىلىشنى ئويلايدۇ؟
توغرا ، سۇنجۇڭشەننىڭ بازىسى ئەسلىدە گۇاڭجۇ ، بىراق سۇنجۇڭشەن بېيجىڭغىچە ھۇجۇم قىلىپ ، شىمال مىلتارىستلىرىنى ئاغدۇرماقچى بولسا ، گۇاڭجۇ بەكمۇ كۇڭۇلدىكىدەك جاي ئەمەس ، نىمە ئۇچۇن ؟
بىرىنچى ، گۇاڭجۇنىڭ يىنىدىكىسى شىياڭگاڭ ، شىياڭگاڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىليەنىڭ مۇستەملىكىسى ، گومىنداڭ ئارمىيىسى شىمالغا جازا يۇرۇش قىلماقچى بولسا ، ئەنگىليە شىياڭگاڭ دائىرىلىرى كەينىدىن قالايمىقانچىلىق تامامەن چىقىرالايدۇ، ئارقا تەرەپ ئەمىنلىككە ئىرىشەلمەيدۇ.
ئىككىنچى ، گۇاڭجۇدىن شىمالغا يۇرۇش قىلسا ، يول يىراق ! گۇاڭدۇڭ ، خونەن ، جىياڭشى ، خۇ بېي ، خېنەن ، خېبىي قاتارلىق ئالتە- يەتتە ئولكىنى بېسىپ ئۇتۇپلا قالماستىن يەنە چاڭجىياڭ ، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۇتۇشكە توغرا كىلىدۇ ، خۇاڭخېدا مەسلە يوق ، بىراق چاڭجىياڭدىن ئۇتۇشتە مەسلە بار ! ، نىمە ئۇچۇن؟ كۇچلۇك دولەتلەرنىڭ ھەربى پاراخۇتلىرى ۋۇخەنگە بارالايدۇ ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنى قاپ بەلدىن ئۇزۇپ چاڭجىياڭنىڭ ئىككى تەرىپىدە قالدۇرالايدۇ ، شۇڭا ، گۇاڭجۇ تايانچ بازا بۇلۇشقا ، شىمالغا يۇرۇش قىلىشنىڭ تايانىچ بازىسى بۇلۇشقا ياخشى جاي ئەمەس.
شۇڭا ، سۇنجۇڭشەن جىياڭ جىيېشى – جىياڭ جىيېشى ياپۇنىيەدە ھەربى ئىشلاردا ئۇقۇغان ، سۇنجۇڭشەننىڭ ئەتراپىدىكىلەردىن ھەربى ئىشلارنى ئۇقىدىغىنى ئىدى- سۇۋېت ئىتتىپاقىغا كۇلۇندا ھەربى تايانچ بازا قۇرۇش ، ھەبى مەكتەپ قۇرۇش توغرىسىدا سوھبەتكە ئەۋەتكەن.
كوپچىلىك ئويلاپ باقساق بۇلىدۇ ، ئەگەر سۇۋېت ئىتتىپاقى جىياڭنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلغان بولسا مىنىڭچە جۇڭگۇ ھازىرقى زامان تارىخى بۇنداق بولمايتتى . خۇاڭپۇ ئوفىستىرلار مەكتىۋى دىگەن مەكتەپ بولمايتتى ! .يوق بۇلاتتى ، ھاجىتى بولمايتتى ، كۇلۇن ئوفىستېرلار مەكتىۋى دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپلا بۇلاتتى! ، شىمالغا جازا يۇرۇشمۇ بولمايتتى ، پەقەت جەنۇپقا جازا يۇرۇش قىلىشلا بۇلاتتى ، كۇلۇندىن بېيجىڭغا ھۇجۇم قوزغىلاتتى ، كۇلۇندىن بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟ يول يېقىن ، مۇڭغۇلىيىدىن چىقسىلا خېبېي ، خېبىيغا كىرسە بېيجىڭغا كىرگىلى بولاتتى ، مۇڭغۇلىيە بىلەن بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرىسى جايلار ئىگىزلىك بۇلۇپ چاڭجىياڭ چوڭ دەرياسى يوق ئىدى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ، جىياڭ جىيېشىنىڭ ھىس قىلىشىچە ئۇنىڭ پىلانى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىدى ،ئۇيەن تاپقىلى بولمايتتى ،شۇڭا جىياڭ جىيېشىنىڭ سۇۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىشتىكى ۋەزىپىسى سۇۋېت ئىتتىپاقىلىقلار بىلەن كۇلۇننى ھەربى بازا قىلىشنى سوزلىشىش ئىدى . جىياڭ جىيېشىنىڭ ئويلاپ باقمىغىنى شۇكى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغاندىن كىيىن سۇۋېت ئىتتىپاقى ھەربى ئىشلار كومتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كومتېت باشلىغى تىروتىسكى بىلەن كۇرۇشكەندە، تىروتىسكى ئۇنىڭغا : سىلەر جۇڭگۇ ئارمىيىسى بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىشتا ، سىلەر پەقەت مۇڭغۇلىيە چىگىرىسىدىنلا قۇشۇن تارتساڭلار بۇلىدۇ ، جۇڭگۇنىڭ ئارمىيىسى مۇڭغۇلىيە توپرىقىغا ئاياق باسسا قەتئى بولمايدۇ !- دىيىشى بولدى. نىمە ئۇچۇن؟
مەن ئابىيام دەپ ئوتتۇم ، ئوكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كىيىن ، سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلار ئىزچىل تۇردە مۇڭغۇلىيەنى ئۇزىنىڭ تەسىر دائىرىسدە ھىساپلاپ كەلگەن ئىدى ، گومىنداڭنىڭ مۇڭغۇلىيەگە تەرەققى قىلىشىغا قەتئى يول قويمايتتى ،جىياڭ جىيېشى مۇڭغۇلىيە ئەسلىدىنلا جۇڭگۇنىڭ زىمىنى تۇرسا ، بىز جۇڭگۇ گومىنداڭى ئۇزىمىزنىڭ بىر پارچە زىمىنى بولغان مۇڭغۇلىيەدە ھەربى بازا قۇرساق نىمىشقا بولمايدىكەن دەپ كاللىسىدىن ئوتكۇزەلمىدى ،بىراق سۇۋېت ئىتتىپاقى رەت قىلدى.
جىياڭ جىيېشى تىروتىسكى بىلەن سوزلەشكەن شۇ كۇنى جىياڭ جىېشى كۇنخېتىگە <<باشقىلاردىن ئۇتۇنۇش ئۇزىگە ئۇتۇنۇشكە يەتمەيدۇ ،سەن بەزى ئادەملەرنىڭ سىنىڭ دوستۇڭ ، سىنىڭ يولدىشىڭ دىسىمۇ بىراق ، مەسلىلەرنى ئويلىنىشتا ئۇزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ>> دەپ يازدى.
ئىككىنچى يىلى جىياڭ جىيېشى سۇنجۇڭشەننىڭ سەپدىشى لىياۋجۇڭكەيگە بىر پارچە خەت يازدى .
ئۇ خىتىدە :<< سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىتى قارىماققا ياخشى ، ئەمما ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى ئوخشاش ئەمەس>> دەپ يازدى يەنە <<سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلارھە ، سۇۋېت ئىتتىپاقىلىقلارنىڭ جۇڭگۇنىڭ چىگرا رايۇنلىرىغا قارىتا ، مۇڭغۇلىيە ، شىنجاڭ ، شىزاڭ رايۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە قارىتا يامان نىيىتى بار ! >>دەپ يازغان ئىدى. ئۇ سۇۋېت ئىتتىپاقى جاھانگىر دولەتمۇ ئەمەسمۇ ؟دىدى ، بۇ - شۇنداق ! بۇ –جىياڭنىڭ سۇۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى ! مەن ھەممە سەۋەپ دىمەيمەن. ئۇنداقتا ، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەقىقەتەن مۇڭغۇلىيەگە نىسبەتەن يامان نىيىتى بار ، بۇ ئىنتايىن ئۇچۇق بۇلغان بىر ئۇچۇر،جىياڭ جىيشى يەنە دىگەن :سۇۋېت ئىتتىپاقىلىقلارنىڭ شىنجاڭغا قارىتامۇ يامان نىيىتى بار .
مۇشۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟
كوپ يىللىق تارىخ – بۇ بىر نوقتىنىمۇ ئىسپاتلىدى.
شىنجاڭ ئۇزاق بىرتارىخى مەزگىل شىڭ شىسەي ئاتلىق بىر مىلتارىست تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان .
سىز شىڭ شىسەينىڭ نىمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
شىڭ شىسەي بىر ئومىرىدە سىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىككى ئىشنى قىلغان.
بىرىنچى ئىش : شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان !.
ئىككىنچى ئىش: شىڭ شىسەي سۇۋېت ئىتتىپاقىغا شىنجاڭ سۇۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بۇلۇشنى ئىلتىماس قىلغان .
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسپاتلايدىغان ماتىرىياللار بار !.
شۇڭا سۇۋېت ئىتتىپاقى ناھايىتى ئۇزاق مەزگىلدە شىنجاڭدىكى ھېلقى بولگۇنچى ئۇنسۇرلارنى ئىزچىل قوللىغان ، ياكى مىنىڭ شىنجاڭ مۇستەقىللىقى (疆独) سۇزۇمنى قۇللانغاندا شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ئۇنسۇرلىرىنى قوللىغان .
شىنجاڭ شۇنىڭ ئۇچۇن جۇڭگۇدىن ئايرىلىپ چىقىپ كىتەلمىگەنلىكىدە- مەن ھىساپلايمەن- جىياڭ جىيېشىنىڭ توھپىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ!.
1944 – يىلى جىياڭ جىېشى بىر ئىشنى قىلدى ،شىنجاڭدىن شىڭ شىسەينى يوتكەپ ئەكەلدى .
شىڭ شىسەي ئەسلىدە شىنجاڭنىڭ مىلتارىستى ئىدى ، بىرىنچى قول ئىدى ، ئارمىيە ھۇكۇمەت چوڭ ھۇقۇقى شىڭ شىسەينىڭ قۇلىدا ئىدى . 1944 –يىلى جىياڭ جىيېشى (شىڭ شىسەيگە)<< سىز چوڭچىڭغا قايتىپ كىلىڭ ، قايتىپ كىلىڭ ، مەن سىزگە قىلىدىغانغا بىر ئەمەل بىرىمەن >> دىدى ، نىمە ئەمەلنى قىلىدۇ ؟ دىھقانچىلىق ئورمانچىلىق مىنىستىىرى بۇلىدۇ ، ئۇ دىھقانچىلىقنى باشقۇرىدۇ ، ئورماننى باشقۇرىدۇ ، يەنى جىياڭ جىيېشى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن شىڭ شىسەينى ، بۇ بىر مىللىتارىستنى شىنجاڭدىن چۇڭچىڭغا يوتكەپ ئەكەلدى ، دىھقانچىلىق ئورمانچىلىق مىنىستىىرى قىلدى ،
شىنجاڭدىكى شىڭ شىسەينىڭ قۇلىدا ئەسكەر بار ئىدى ،بەلكى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن ئىدى ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولماقچى ئىدى (سوزلىگۇچىنىڭ سۇزى ئەينەن تەرجىمە قىلىندى) ، ئۇ شىنجاڭنى سۇۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندۇرماقچى ئىدى ، ئۇ شۇنداق قىلالايتتى . ئۇ چوڭچىڭغا بېرىپ دىھقانچىلىق ئورمانچىلىق مىنىستىىرى بۇلۇپ نىمە قىلىدۇ؟ ئۇ قارشى چىقىشقا ئامالسىزدە ، قارشىلىق قىلالمايدۇ دە!
قىسىم داۋامى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-28 08:30 AM