مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: muhakima

سىز بىلمەيدىغان جىياڭ جىيېشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11670
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1662 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 10:09:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بىلمەيدىغان جىياڭ جىيېشى


تەرجىمىگە  ئىزاھات : ئالامەت (دەرىجىدىن تاشقىرى ،سۇپىر ، چاۋشىڭ) يۇلتۇز http://www.chaoxing.com تورىدىن ئالى مەكتەپلەرنىڭ  فىزىكا ۋە ماتىماتىكا تور دەرسلىكلىرىنى  ئاڭلاش جەرىيانىدا ياڭ تىيەنشى ئەپەندى سۆزلىگەن جىياڭ جىيېشىنىڭ بىز بىلمەيدىغان تەرەپلىرى جۇملىدىن دولەت ئىچى ، خەلقئارا سىياسەت ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى ، شىنجاڭ ، مۇڭغۇلىيە مەسلىسى جەھەتتىكى توھپىلىرى تارىخى نوقتىدىن چۇشەندۇرۇلگەن لىكسىيىسىنى ئۇچراتتىم ۋە كوپچىلىك بىلەن بىرگە ئوگنىش ۋە كوپچىلىكتىن تەرجىمانلىقتا تەلىم ئېلىش مەقسىتىدە ، خەنزۇ تىلى (ئالى مەكتەپتىمۇ تەييارلىقتا ئۇقۇمىغان ۋە خەنزوتىلىغا سىنىپ بۇيىچە ئاجىز ئىدىم)سەۋىيەمنىڭ تۇۋەنلىگى ، قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ ئاجىزلىقى ۋە تارىخ بىلمىمنىڭ كەملىكىگە  قارىماي  تەرجىمە قىلىشنى مۇۋاپىق كۇرۇپ  ، بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم ، تەرجىمدە ئاۋازنى ئاساس قىلغان بولغاچقا ، بىرقىسىم نوقتىلار چۇۋالچاق چىقىشى مۇمكىن ، چۇشىنىشلىك بولمىغان نوقتىلار ، خاتا قىلىنغان نوقتىلار بولسا ، ئەسلى لىكسىيىگە مۇراجئەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن .
تەرجىمىدىكى تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەر ۋە ھەرىپلەر ئەسلى سۆزلىگۇچىنىڭ سۆزى بولماستىن ، جۇملە ۋە چۇشىنىش ئھتىياجى تۇپەيلىدىن تەرجىمە جەرىيانىدا قۇشۇلدى ، كوپچىلىكنىڭ توغرا چۇشۇنىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.
تەرجىمىدە كەتكۇزۇپ قويغان تەرەپلەر بولسا ، كوپچىلىكنىڭ ئەسلى لىكسىيىنى ئاساس قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . شۇنداقلا ، ئىنكاس يازغاندا سىياسى ۋە قانۇن جەھەتتە پارتىيە  ، دۆلەت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن .
لىكسىيە جەمئى 6 قىسىم بۇلۇپ ، قىسىملار ۋە بۇلەكلەر بۇيىچە تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئاساسەن ئىنكاس شەكىلىدە يوللىنىدۇ. ئاخىرىدا تەھرىرلىنىدۇ ، شۇڭا ، تۇلۇق پۇتۇپ ۋە  تەھرىرلىنىپ بۇلۇشتىن بۇرۇن باشقا تور بەتلەرگە يوتكەشكە بولمايدۇ. قىزىققۇچىلارنىڭ بىرگە تەرجىمە قىلىشقا قۇشۇلۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن ، خاتا ياكى يىتەرسىز بۇلۇپ قالغان تەرەپلەر بولسا تەلىم بىرىشىڭلارنى سورايمەن.
لىكسىيە مەنزىلى : http://video.chaoxing.com/serie_400003446.shtml
لىكسىيە سۆزلىگۇچى :ياڭ تىيەنشى

مەنبە : ئۇستاز(سۆزلىگۇچى) نى تۇنۇشتۇرۇش
http://video.chaoxing.com/teacher_461.shtml
ياڭ تىيەنشى ، 1960-يىلى بېيجىڭ ئونۋېرسېتىتى جۇڭگۇ ئەدەبىياتى فاكولتېتىنى پۇتتۇرگەن، ھازىر جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى پەخىرى نام بۇلۇمنىڭ ھەيئىتى ،ئاكادىمىيە ئاسپىرانتورىيسىنىڭ فىرافىسورى ، مەركەز مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتخانىسى ئەزاسى ، جۇڭگۇ ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئىلىمى جەميىتىنىڭ دائىمى ئىشلار مۇئاۋېن جەميەت باشلىغى .ئۇزاق مەزگىل جۇڭگۇ مەدەنىيەت تارىخى ۋە جۇڭگۇ يېقىنقى زامان تارىخى تەتققاتى بىلەن شۇغۇللانغان ،  بۇلۇپمۇ جۇڭخۇا مىنگو تارىخى ، گومىنداڭ پارتىيىسى تارىخى ۋە جىياڭ جىيېشى تەتقىقاتىدا يىتىشكەن. يازمىلىرىدىن <<ھەقىقى جىياڭ جىيېشىنى ئىزدەش - جىياڭ جىيېشى  كۇندىلىك خاتىرىسىنى ئۇقۇش>> ، << جىياڭ جەمەتى مەخپى ئارخىۋى ۋە جىياڭ جىيېشىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى>>قاتارلىق 20تۇردىن ئارتۇق بار. يازمىلىرىدىن <<ھەقىقى جىياڭ جىيېشىنى ئىزدەش>> دىگەن كىتاۋى پۇتۇن مەملىكەتتىكى 31 ئاخبارات ۋاستىسى تەرىپىدىن 2008 –يىلدىكى 10 ياخشى كىتاپلىققا ئورتاق كۆرسۇتۈلگەن، ھەم شىياڭگاڭ كىتاپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
1-        قىسىم:
مەنزىل: http://video.chaoxing.com/play_400003446_30122.shtml
مەن جىياڭ جىيېشىنىڭ كۇندىلىك خاتىرىسى ياكى باشقا ئارىىپ ماتىرىياللار ئارقىلىق بايقىغان بىز ئوتمۇشتە بىلمەيدىغان جىياڭ جىيېشىنىڭ تۇرمۇش  ،ئىدىيە ، ئىشلىرى جەھەتتىكى بىر قاتار نوقتىلار توغرىسدا ئازراق سوزلەيمەن.
جىياڭ جىيېشى دىگەن بۇ ئادەم 1975 –يىلى ۋاپات بولغان.

بۇ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىلمىغان. يەنى ۋاپات بولغان (جەسەت ساندۇغى يېپىلغان ) بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ (ھاياتى)غا قارىتا ئورتاق بىرلىككە كەلگەن خۇلاسە چىقىرىلمىدى ، (ئۇنىڭ ھاياتىغا بىرىلگەن )باھادا  شۇنداق دىيىشىكە بۇلىدۇكى ئىككى قۇتۇپ قارشىلىشىش ، ئاسماندىكى بىلەن يەردىكىنىڭ قارشىلىشىشى بۇلۇپ قالدى ، پەرق ناھايىتى زور!. كوپچىلىك (بۇنىڭغا)ئىسپات تەلەپ قىلسا ناۋادا كوپچىلىك سۇمرۇغ تورىغا چىقسا ، مىنىڭ ئىككى پارچە ماقالەم (توغرىسىدا) تورداشلار ھازىر مۇنازىرە قىلىۋاتىدۇ. بىر پارچىسى مەن يازغان <<جىياڭ جڭگۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قانداق قايتىپ كەلگەن >>، يەنە بىر پارچىسى بولسا <<جىياڭ جىيېشى ئامىرىكىنىڭ جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئاتۇم بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا 3 قېتىم قارشى تۇرغان >>بۇلۇپ ھەر بىر پارچە ماقالىغا 100گە يېقىن تورداشلار ئىنكاس يىزىش ئارقىلىق پىكىرىنى ئىپادىلىگەن ، بىرخىل پىكىر : جىياڭ ھەزرەت – مىللى قەھرىمان ، قەھرىمان ، جىياڭ ھەزىرەتكە ئېھتىرام بىلدۇرىمىز . يەنە بىر خىل  قاراش بولسا جىياڭ جىيېشى – مىللى مۇناپىق (دىگەندىن ئىبارەت). شۇنىڭدىن  قارىغاندا ، جىياڭ جىيېشىغا نىسبەتەن باھادىكى (قارىمۇ-قارشى بولغان)پەرق – ناھايىتى ئۇزۇن تارىخى دەۋىرگىچە داۋاملاشقىدەك.
ئۇنداق بولسا بۇگۇن مەن بىر نەچچە تەرەپتىن سۆزلەيمەن.
1-        مەسلە جىياڭ جىيېشى ۋە دۇنيا ڧاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى
بۇ نوقتىدا  زور كوپچىلىك  جىياڭ جىشىنىڭ 1937-يىلىدىن 1945 – يىلىغىچە بولغان 8 يىللىق  (ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا ) قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا  رەھبەرلىك قىلغان (دىگەن پىكىرگە) قۇشۇلىدۇ. بۇنى مەن سوزلىمەيمەن.
بۇنىڭ ئىچىدىن تاللاپ جىياڭ جىيېشى ۋە ئىككىنچى (دۇنيا)چوڭ ئۇرۇشى يەنى بىز دائىم دەيدىغان  ڧاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش مۇناسىۋىتى توغرىسدا سوزلەيمەن.
ئالدى بىلەن مىنىڭ سۆزلەيدىغىنىم :
جىياڭ جىيېشى ۋە گىرمانىيە
جىياڭ جىيېشى بىلەن گىرمانىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەسلىدە ناھايىتى ياخشى ئىدى ، جىياڭ جىيېشى ئەسلىدە ھېتلىرغىمۇ ناھايىتى قايىل ئىدى .
ئۇمۇمى مۇناسىۋەت ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نىسبەتەن قۇيۇق ئىدى ،(ئۇرۇشنىڭ)كىيىنكى دەۋىرىدە مۇناسىۋەت تەدىرىجى يىراقلاشتى ، جۇڭگۇ گومىنداڭ ھۇكۇمىتى ئەنگىليە ، ئامىرىكا قاتارلىق دولەتلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەت ئورناتتى ، گىرمانىيە بولسا تەدىرىجى تۇردە ياپۇنىيەگە يېقىنلاشتى ، تەدىرىجى ھالدا ياپۇنىيە بىلەن ئىتتىپاق تۇزدى .
1940 –يىلى جۇڭگۇ دىپلۇماتىيە ساھەسى ، جۇڭگۇ سىياسى ساھەسىدە جۇڭگۇ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا قايسى دولەت بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇش ،(يەنى) ئامىرىكا ، ئەنگلىيە بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇش كېرەكمۇ ياكى گىرمانىيە بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇش كېرەكمۇ؟ (دىگەن مەسلىدە) بىر مەيدان چوڭ مۇنازىرە بولۇپ ئوتتى .
ئەسلىدە بۇ مەسلە ئەمەس ئىدى ، جۇڭگۇ ئاللىبۇرۇن ئەنگىليە ، ئامىرىكا بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ بولغان ئىدى. ئۇنداق بولسا بۇ مەسىلە 1940 –يىلى قايتىدىن نىمە ئۇچۇن ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ؟
ئاساسلىغى 1940 – يىلى جۇڭگۇ ئەنگىليە مۇناسىۋىتىدە ئىككى چوڭ ئىش يۇز بەردى. بىرىنچى ئىش ئەنگىليە جۇڭگۇ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىن شىياڭگاڭغا بارىدىغان يولنى تاقىدى ، ئۇرۇش مەزگىلىدە شىياڭگاڭ –جۇڭگۇنىڭ چەت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ، بۇلۇپمۇ قۇرال ياراق ۋە سىتىراتىگىيىلىك ماددى ئەشيا سېتىۋالىدىغان يول ئىدى ، ئەنگىليە ياپۇنىيىدىن قۇرقاتتى ، شۇڭا ئەنگىليە جۇڭگۇ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىن شىياڭگاڭغا بارىدىغان يولنى تاقىغان ئىدى .
ئىككىنچى ئىش بولسا ئەنگىليە يۇننەن بىرما تاشيۇلى يەنى يۇننەندىن بىرمىغا بارىدىغان تاشيولنى ياپۇنىيىنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن تاقىۋەتتى .
بۇ ئىككى يولنىڭ تاقىلىشى جۇڭگۇ بىلەن چەتئەلنى ئايرىۋەتتى ، جۇڭگۇ ئۇرۇش قىلىشتا تاشقى دۇنيادىن قۇرال ياراق ئىمپۇرت قىلىشى ، سىتىراتىگىيىلىك ماددى ئەشيا ئىمپورت قىلىشى ، قۇرال ئىمپۇرت قىلىشى كېرەك ئىدى. يول تاقىۋىتىلسە ئۇرۇشنى قانداق قىلغۇلۇق؟ شۇڭا ، ئەنگىليەنىڭ بۇ ھەركىتى جۇڭگۇنىڭ دىپلۇماتلىرى ، جۇڭگۇنىڭ سىياسى داھىلىرى ۋە جۇڭگۇنىڭ پۇقرالىرىنى ئاچچىقلاندۇردى.
1940 – يىلى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئىشلار يۇز بەردى؟
ھىتلىر پولشاغا ھۇجۇم، ڧىرانسىيىگە ھۇجۇم ، بىلگىيىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ياۋرۇپا دولەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوزغىدى، شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى گىرمانىيەلىكلەر ، گىرمانىيە ئارمىيىسى غەلبىنى ئارقا -ئارقىدىن ئۇڭۇشلۇق قولغا كەلتۇردى ، ماۋزىدوڭنىڭ بىر مىسراسىدا دىيىلگەندەك (گىرمانىيەنىڭ) تۇمەن قۇشۇن (ى) يۇپۇرتۇپ كىلىپ (دۇشمەننى)  كىگىز تۇرگەندەك تۇرىۋەتتى. گىرمانىيە ئارمىيىسى ياۋرۇپا ئۇرۇش مەيدانىدا (تەڭ كەلگىدەك) رەقىپنى تاپالمىدى ، بۇ ۋاقتتا گىرمانىيە ئىنگىلاند دېڭىز بوغىزىدىن ئۇتۇپ لوندۇنغا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى قىلغان ئىدى. بۇ ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئەنگىليە بىزنىڭ (شىياڭگاڭغا تۇتاش) يۇلىمىزنى تاقىۋەتتى ، ئەمما ، گىرمانىيەلىكلەر ياۋرۇپا ئۇرۇش مەيدانىدا تەڭداشسىز بۇلۇپ قالدى، شۇڭا ، جۇڭگۇ دىپلۇماتىيە ساھەسى ، سىياسى ساھەسىدىكىلەردە بىر مەسلە – جۇڭگۇ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشتا كىم بىلەن بىللە تۇرۇش ( مەسلىسى ) شەكىللەندى.
ئىككى ئادەم دىپلۇماتىيە سىياسىتىنى ئوزگەرتىش ، گىرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ، گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قايسى ئىككى مۇھىم زات گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؟
1-        قىسمىنىڭ داۋامى بار ، مۇمكىن بولسا تەھرىلەپ قويساڭلار ، مىننەتدار بۇلاتتىم.

1-        قىسمىنىڭ داۋامى
بىرىنچى كىشى سۇن كې ،بىزنىڭ سۇن باش مىنىستىرنىڭ بالىسى ، بەگزادىسى .  

ئۇ دىپلۇماتىيە سىياسىتىنى ئوزگەرتىش ، گىرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ، گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇشنى تەلەپ قىلدى .
يەنە بىر كوپچىلىكنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان ئادەم كىم  بولغىيتتى؟ ،  بەي چۇڭشى ، بەي چۇڭشى – ھەربى ئىشلار ئالىمى ، كىچىك جۇگې (لىياڭ) دىگەن نامى بار ، بەي چۇڭشىمۇ گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.  
ئۇ ئىككىيلەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن ، مەركىزى كومتىت ، دولەت مۇداپىئە  ئەڭ ئالى كومتىتى(نىڭ) زور كوپ سانلىق ئادەم (لىرى) ئۇلارنى قوللىدى  (ۋە)ئالاقە ئوبېكتىنى تىز ئوزگەرتىش ، گىرمانىيىلىكلەر بىلەن دوستلىشىشنى دىدى.
بۇ ۋاقىتتا كىم  جۇڭگۇنىڭ دىپلۇماتىيە سىياسىتىنى ئۇزگەرتمەسلىك، ئەنگىليە ، ئامىرىكا بىلەن داۋاملىق ئىتتىپاق تۇزۇش  چىڭ تۇردى؟
بۇ ئادەم-جىياڭ جىيېشى !. جىياڭ جىيېشى – گەرچە ئەنگىليە ھازىر بىزگە ياخشى ئەمەس ،يەنە ئەنگىلىيە – ڧىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ياۋرۇپا ئۇرۇش مەيدانىدا يىڭىلگەن ، گىرمانىيە تەرىپىدىن يىڭىلگەن بولسىمۇ بىراق بىز  جۇڭگۇلۇقلار ۋىجدانغا ئەھمىيەت بىرىمىز ، شۇڭا ، بىز ئەنگليەنى(ئۇرۇشتا) يىڭىلگەن بولسمۇ  كۇزگە ئىلمىساق بولمايدۇ ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەك بولمايدۇ !  -دىدى  ، شۇڭا جىياڭ جىيېشى ئەنگىليە ، ئامىرىكىلارنىڭ ئىتتىپاقداش دولەتلىكىدىن ئوزگەرمەسلىكتە چىڭ تۇردى ، گىرمانىيە بىلەن دوستلاشماسلىقتا چىڭ تۇردى.
بۇ ئىش (نىڭ ئاقىۋىتى)نى بىز بۇگۇن ئېنىق كۇرۇۋاتىمىز.
كوپچىلىك ئويلاپ باقساق : ئەگەر  جۇڭگۇ 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگىليە بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسىۋەتنى ئۇزۇپ ، ئامىرىكا بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسىۋەتنى ئۇزۇپ ، گىرمانىيە بىلەن دوست تارتىشقان بولساق ، ئۇ ھالدا قانچىلىق قۇرقۇنچلۇق ئەھۋال بۇلغىيتتى ؟! .
2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا جۇڭگۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى دولەت بولماي ، يىڭىلگۇچى دولەتكە ئايلىنىپ قالغان بۇلاتتى !. شۇڭا مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ، جىياڭ جىيېشىنىڭ سىياسىتى توغرا بولغان.
1941 –يىلى گىرمانىيە ئەڭ ئاخىرىدا ياپۇنىيە بىلەن بىر يولغا ماڭدى ، ياپۇنىيەلىكلەر بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇپلا قالماستىن  يەنە ۋاڭ قورچاق ھاكىمىيىتى يەنى ۋاڭ جىڭۋېي نەنجىڭدە قۇرغان گۇمىنداڭ ھۇكۇمىتىنى ئېتراپ قىلدى .
ئەسلىدە جىياڭ جىيېشى گىرمانىيە بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسىۋەتنى ئۇزۇشنى خالىمايتتى ، جىياڭ جىيېشىنىڭ تەدبىرى بولسا ، ئىمكانىيەتنىڭ يار بىرىشىچە ، ئەڭ زور دەرىجدە ئىمكانىيەتنىڭ يار بىرىشىچە ياپۇنىيەنى يىتىم قالدۇرۇش ئىدى . بىر دوست كوپەيسە ، بىر ياخشى (ئىش) بولمامدۇ؟ . شۇڭا ناھايتى ئۇزۇن مەزگىل جىياڭ جىيېشى گەرچە ھېتلىر  ، گىرمانىيە تەدىرىجى ھالدا جۇڭگۇغا دوستانە بولمىغان بولسمۇ ، ياپۇنىيە بىلەن تەدرىجى رەۋىشتە بىرلەشكەن بولسىمۇ، گىرمانىيە بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسىۋەتنى ئۇزۇشنى خالىمايتتى ، 1941 – يىلىغا بارغاندا ، گىرمانىيە نەنجىڭدىكى ۋاڭ قورچاق ھۇكۇمىتىنى ئېتراپ قىلغان ۋاقىتتا جىياڭ جىيېشى  چىداپ تۇرۇشقا ئامال يوقلىغىنى ھىس قىلىپ ، 1941 –يىلى قەتئى قارارغا كىلىپ گىرمانىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۇزدى، دىپلۇماتىك مۇناسىۋەتنى ئۇزدى.  
جۇڭگۇ گىرمانىيە بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسىۋەتنى ئۇزگەندىن كىيىن ، گىرمانىيىدىكى بىر قىسم كىشىلەر جۇڭگۇدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى ، نىمە ئۇچۇن؟
(بۇنىڭدا) ئىككى سەۋەپ بار ئىدى ، بىرى گىرمانىيە قورال ياسىشى كېرەك ئىدى ، ئىلغار ھەربى قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى ،گىرمانىيەدە بىر نەرسە كەم ئىدى ، نىمە كەمدۇ؟ ، ۋۇشا (ۋولفىرام توپىسى؟) (راكىتا ، توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى ، ماتۇر ، سىتىۋول ... قاتارلىقلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل كەم ئۇچرايدىغان (سىرەك) مىتال رودىسى بۇلۇپ ، تىلماچ بۇيەردە بۇ خىل رودىنى ئانا تىلىمىزدا قانداق ئاتىلدىغانلىقى توغرىسىدا تەلىم بىرىشڭلارنى ھورمەت بىلەن مۇراجىئەت قىلىدۇ) غا ئېھتىياجلىق ئىدى ، ۋۇشا ئاز ئۇچرايدىغان رودا بۇلۇپ ، بىزنىڭ جۇڭگۇدا بار ، چەتئەلدە ئىنتايىن ئاز . گىرمانىيەجۇڭگۇ بىلەن ۋۇشا سودىسى قىلماقچى ئىدى.
ئەڭ مۇھىم يەنە بىر سەۋەپ : جۇڭگۇ – چوڭ دولەت ، نۇپۇس ، بايلىق چوڭ دولىتى ، يەنە بىر قىسىم گىرمانىيەلىكلەر  تۇرلۇك ئاماللار بىلەن جۇڭگۇنى ئۇزىگە تارتىپ ، جۇڭگۇ –گىرمانىيە مۇناسىۋىتىنى تۇزىمەك بولدى.
كوپچىلىك بىلىسىلەر گىرمانىيەنىڭ ،  ھېتلىرنىڭ 2-نۇمۇرلۇق ئەربابى گىرىن ئىدى ، گېرىننىڭ بىر ئىشەنچلىك ئادىمى بۇلۇپ ئىسمى يانىك ئىدى.  
جۇڭگۇ گىرمانىيە دىپلۇماتىك مۇناسىۋېتى ئۇزۇلگەندىن كىيىن ،يانىك ئەينى ۋاقىتتا ياۋرۇپادا تۇرۇشلۇق ، ئەسلىدە گىرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربى ئەمەلدار گۇيوڭچىڭنى تېپىپ ، ئۇنىڭ بىلەن سوزلىشىدۇ.

(يانىك گۇي يوڭچىڭغا) گەرچە جۇڭگۇ – گىرمانىيە (دىپلۇماتىك) مۇناسىۋىتى ئۇزۇلگەن بولسىمۇ بىز يەنە شەرتنامە ئىمزالاشساق بۇلىدۇ، نىمە شەرتنامە ؟ جۇڭگۇ-گىرمانىيە ھەربى ئىشلار مەخپى شەرتنامىسى !. يەنى جۇڭگۇ گىرمانىيە دىپلۇماتىك مۇناسىۋىتى يوق ، ئەمما ھەربى مەخپى شەرتنامە يەنى ھەربى ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالاشساق بۇلىدۇ، شەرتنامىنىڭ مەزمۇنى نىمە؟ شەرتنامىنىڭ مەزمۇنى: جۇڭگۇ –گىرمانىيە ھەربى ئىشلاردا ھەمكارلىشىپ ، ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلساق بۇلىدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگۇ يىراققا يۇرۇش قىلىش ئارمىيىسى بىرمىغا بېرىپ بولغان بۇلۇپ، بىرمىدا ياپۇنىيە بىلەن ئۇرۇشىۋاتاتتى ، شۇڭا ، يانىك دىگەن بۇ ئادەم جۇڭگۇ ئارمىيىسى بىلەن گىرمانىيە ئارمىيىسى ھەمكارلىشىپ ھىندىستانغا بىرمىدىن ، شەرق تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش ، گىرمانىيە ئارمىيىسى غەرىپتىن ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىش، ئاخىرىدا ئىككى دولەت ئارمىيىسى ھەمكارلىشىشنى ئۇمىت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گىرمانىيەلىكلەر نىمە ئۇچۇن بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ؟
گىرمانىيەنىڭ ئەسلى مۇنداق پىلانى بار ئىدى:  ياپۇنيە ئارمىيىسى بىلەن ھىندى ئوكياندا يەنى يېقىن( ئوتتۇرا شەرق بۇلۇشى كېرەكقۇ دەيمەن ئەسلى بۇ يەردە- تىلماچتىن)  شەرقتە ئۇچرىشىشنى ئۇمىت قىلاتتى ،يەنى ياپۇنىيە ئارمىيىسى بىرمىدىن ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىش ، گىرمانىيە ئارمىيىسى سۇۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىدىن ، يېقىن شەرىق (ئەسلى بۇ يەردىمۇ ئوتتۇرا شەرق بۇلۇشى كېرەكقۇ دەيمەن - تىلماچتىن) تىن ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىش ، ئىككى ڧاشىسىتنىڭ ئۇمىدى : ھىندى ئوكياندا يەنى يېقىن شەرق  (ئەسلى بۇ يەردىمۇ ئوتتۇرا شەرق بۇلۇشى كېرەكقۇ دەيمەن - تىلماچتىن) تە بىرلىشىش ، يەنى يېقىن شەرقتە ئۇچىرىشىش ئىدى ،گىرمانىيىلىك يانىكنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگۇ گىرمانىيە ھەمكارلىىشىش ئۇمىدىنىڭ ئارقىسىدىكى مۇددىئا جۇڭگۇ بىلەن ھىندىستان (دا ) ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىككى ڧاشىسىتىك دولەتنىڭ يېقىن شەرىقتە ئۇچىرىشىشىغاپايدىلىق شارائىت يارىتىش!.
جىياڭ جىيېشى  گىرمانىيلىكلەرنىڭ بۇ خىيالىنى بىلىپ قالغاچقا ، ئەينى ۋاقىتتا ياۋرۇپادا تۇرۇشلۇق گۇي يوڭچىڭ دىگەن ھەربى ئەمەلدارغا بۇيرۇق چۇشۇرۇپ گىرمانيىلىكنىڭ پىلانىنى قەتئى رەت قىلىش يەنى قاتتىق رەت قىلىپ تۇسۇشنى ، قۇشۇلۇشقا بولمايدىغانلىقىنى دىدى.
شۇڭا،بۇ مەسلىدە جىياڭ جىيېشىنىڭ قەتئى قارشى تۇرۇشى گىرمانىيىلىكلەر بىلەن ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ ھىندى ئوكياندا ئۇچىرىشىش پىلانىنى بۇزىۋەتتى!.
بۇ ئىشنى كىچىك كۆرمەسلىك كېرەك . فىرىزدىنىت روزۋېلىت1943 –يىلى قاھىرە يىغىنى مەزگىلىدە ئوغلىغا مۇنداق دىگەن: ئويلاپ باقساڭ بۇلىدۇ ، ئەگەر جۇڭگۇ ئارمىيىسى جۇڭگۇ ئۇرۇش مەيدانىدا ياپۇنىيە ئارمىيىسىنى تۇتۇپ تۇرمىغان بولسا ، ياپۇنىيە ئارمىيىسى قۇلىنى بوشىتىپ ، شەرقى جەنۇبى ئاسياغا ھۇجۇم قىلىپ ، ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ھىندى ئوكيان رايۇنىدا (گىرمانىيە قۇشۇنلىرى بىلەن) ئۇچىرىشالايتتى ، ئۇ ئىنتايىن قۇرقۇنچلۇق مەنزىرە !. سەۋەبى ئىككى فاشىسىت ، ئارمىيە ئۇچراشمامدۇ!.
جىياڭ جىيېشىنىڭ بۇ مەسلىدە گەرچە گىرمانىيە تەلەپ قىلغان بولسىمۇ (گىرمانىيىنىڭ) تەلىۋىنى رەت قىلىشى ، ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىشىنى رەت قىلىشى – ئىككىنچى دۇنيا چوڭ ئۇرۇشى ، دۇنيا فاشىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا مۇھىم تەسىرى بار!.
كوپچىلىك ئويلىنىپ باقساڭلار بۇلىدۇ ، جۇڭگۇ نەچچە مىليۇن ئەسكىرى ، نەچچە يۇز مىليۇن نۇپۇسى بار چوڭ دولەت ، ئەگەر جۇڭگۇ گىرمانىيە تەرەپكە ئېغىپ كىتىپ ، ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلسا ، ناۋادا گىرمانىيە ، ياپۇنىيە ئىككى فاشىسىت ھىندى ئوكياندا ئۇچراشسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى قىياس قىلماق تەس!.
يەنە ئوخشاشلا 1942 – يىلى جىياڭ جىيېشى ھازىرغىچە بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر ئىشنى قىلغان، 1942 – يىلى جىياڭ كۈنخېتى (كۈندىلىك خاتىرىسى) گە 3 جۇملە سوزنى يازغان: بىرىنچى جۇملە – گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئارقىغا تىغ ئۇرۇش ھەركېتىنى قوزغاش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش ! . ئىككىنچى جۇملە چىجۇننى شىۋىتسارىيەگە ئەۋەتىش . ئۈچىنچى جۇملە – گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئارقىغا تىغ ئۇرۇش ھەركېتى پىلانىنى پىرىزدېنت رۇزىرفوردقا خەۋەر قىلىش. بۇ ئۇچ جۇملە بارمۇ –يوق ، كوپچىلىك جىياڭ جىيېشىنىڭ بىزنىڭ خۇفۇ ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان كۈنخېتنىڭ 1943 – يىلى 1-ئايدىكى يازمىسىنى بېرىپ كۇرۇپ باقسا بۇلىدۇ.
بۇنىڭ مەنىسى جىياڭ جىيېشى بىر ئادەمنى شىۋىتسارىيەگە ئەۋەرتىش ، شىۋېتسارىيە گىرمانىيىنىڭ يېنىدا ئەمەسمۇ؟ نىمىگە ئەۋەرتىدۇ ؟ گىرمانىيە ئارمىيىسىنى ھەرىكەتلەندۇرۇشكە ئەۋەتىدۇ. نىمە ھەرىكەت؟ گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئارقىغا تىغ ئۇرۇش ھەركېتى ، بۇ نىمە گەپ ؟ بۇ –گىرمانىيە ئارمىيىسىنى ھېتلىرغا قارشى تۇرغۇزۇش ، ھېتلىرنى ئاغدۇرۋېتىپ ، ھېتلىر بولمىغان يىڭى گىرمانىيە قۇرۇپ چىقىش !.
مەن بۇ ئىش توغرىسىدا تەيۋەننىڭ << تەزكىرە ئەدەبىياتى >> ژورنىلىنىڭ بۇ يىل -2010 يىلنىڭ 3- ئايلىق سانىدا بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلدىم. تىمىسى – <<جۇڭگۇ –گىرمانىيە مۇناسىۋېتى تارىخىدىكى ھەيران قالارلىق سىر>>. جۇڭگۇ – گىرمانىيە مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ھەممىنى ھەيران قالدۇردىغان ، تاڭ قالدۇرىدىغان سىر .  
ئەسلىدە جياڭ جىيېشى بىلەن ھېتلىر (نىڭ مۇناسىۋېتى) ناھايىتى ياخشى ئىدى ، جىياڭ جىيېشى ھېتلىرغا قايىل ئىدى!.
ھازىر بىر جۇڭگۇلۇقنى ئەۋەتىپ – بۇ ئادەم ھەربى ئىشلار كومتېتىنىڭ كاتىۋى بۇلۇپ – بۇ ئادەمنى شىۋىتسارىيەگە ئەۋەتىپ گىرمانىيە ئارمىيىسىنى ئارقىغا تىغ ئۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۇرۇپ ، ھېتلىرغا قارشى تۇرۇشقا قوزغاش !. بۇ ئىش قارىماققا ئەقىلغە سىغمايدىغان ئىش ، مەن ئەڭ دەسلەپتە  شاڭخەيدە – بۇ يەردە ساۋاقداش ۋاڭ يىمۇ بار ئىكەن – شاڭخەي فودەن ئونۋېرسېتىتى (چاقىرغان) سوڭ زېۋىن مۇھاكىمە يىغىنىغا بۇ ماقالىنى تاپشۇرغان. مۇھاكىمە يېغىنىغا قاتناشقان نۇرغۇن ئاڭلىغۇچىلار ئىشنىشكە جۇرئەت قىلالمىغان، ئىشەنمىگەن ، مۇمكىن ئەمەس (دەپ قارىغان)!.
1942- يىلى جۇڭگۇنىڭ ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئىنتايىن ئېغىر قىيىنچىلىق مەزگىلى ئىدى ، جىياڭ جىيېشى جۇڭگۇنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلالمايۋاتقان ۋاقىتتا ، ئادەم ئەۋەتىپ ، گىرمانىيەدە ھېتلىرغا قارشىلىق قىلىشقا قوزغاشقا قانداقمۇ زېھنىنى قۇيالىسۇن دەپ كوپچىلىك ئىشەنمىگەن.
يۇقۇرىدا سوزلىگىنىمدەك ماقالەم <<تەزكىرە ئەدەبىياتى>>نىڭ 3-ئايلىق سانىدا ئىلان قىلىندى ، 4- ئايلىق سانىغا فىرافىسۇر ۋاڭ روڭرۇ – ئەسلى بىزنىڭ جىنيا(بۇگۇنكى ئاسيا تەتقىقاتخانىسىمۇ؟)نىڭ خەنزۇ فىرافىسۇرى بۇلۇپ ھازىر ، تەيۋەندىكى <<مەركىزى ئونۋېرسېتېت>> نىڭ فىرافسورى – بىر پارچە ماقالە يېزىپتۇ ،  تىمىسى -<<جىياڭ جىيېشنىڭ گىرمانىيە ئارمىيىسىنى ھېتلىرنى ئاغدۇرۇشقا قوزغاشقا گۇمان>> بۇلۇپ ، مىنىڭ ماقالەمدىكى نوقتىنەزىرىمگە تەنقىت پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ، مەن بۇ ئىككى كۇن(دىن بۇيان) بىر پارچە ماقالە يىزىۋاتىمەن ، ۋاڭ فىرافسۇرنىڭ ماقالىسىگە جاۋاپ بەرمەكچىمەن ،  تىمىسى -<< جىياڭ جىيېشى گىرمانىيە ئارمىيىسىنى ئارقىغا تىغ ئۇرۇشقا قوزغاشنى پىلانلىشىدىن ئىبارەت بۇ بىر ئەمەلىيەت ئېتراپ قىلىنىشى كېرەك >>.
مەن بۇ ئىش ئارقىلىق ، يۇقارقى 3 ئىش ئارقىلىق جىياڭ جىيېشىنى فاشىزىمغا قارشى دونياۋى ئۇرۇشقا ئۇزىنىڭ توھپىسىنى قوشقانلىغىنى چۇشەندۇرىمەن .
مەن ۋاڭ فىرافىسورنىڭ ماقالىسىنى كورگەندىن كىيىن ، ۋاڭ فىرافسور مىنىڭ نوقتىنەزىرىمنى ئاغدۇرۇشقا ئامالسىز دەپ ھىساپلىدىم. بۇنىڭدا جىياڭ جىيېشنىڭ كۈنخېتى ئىسپات بۇلالايدۇ ، چىجۇن- شىۋىتسارىيەگە ئەۋەتىلگەن ھەربى ئىشلار كومتىتى كاتىۋى – نىڭ شىۋىتسارىيەدىن (دولەت ئىچىگە) ئورغان تېلگىراممىسى ئىسپات بۇلالايدۇ. بۇ تىلگىراممىلار بىزنىڭ خۇفۇ ئارخىپخانىمىزدىكى سوڭ زىۋېن ئارخىپلىرىدا بار ، تەكشۇرۇشكە بۇلىدۇ.
بۇ مەن سوزلىمەكچى بولغان جىياڭ جىيېشى ۋە فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش توغرىسىدىكى بىرىچى جەھەتتىن سوزلىگىنىم.
1-        قىسىمى تۇگىدى.









سىز بىلمەيدىغان جىياڭ جىيېشى (2-قىسىمى)
مەن توۋەندە  ئىككىنچى مەزمۇن قىلىپ ،جىياڭ جىيېشى ئاسىيادىكى ئىزىلگەن ئاجىز ، كىچىك مىللەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى جەھەتتە سوزلەيمەن.
بۇ مەسلىنىڭ ئىككى تەرىپى بار ، بىرى  جىياڭ جىيېشى فاشىزىمغا قانداق مۇئامىلە تۇتقان ، جاھانگىرلىككە قانداق مۇئامىلە تۇتقان ؟
يەنەبىر جەھەتتىن  جىياڭ جىېشىنىڭ ئاسيادىكى ئىزىلگەن ئاجىز ئۇششاق مىللەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا قاراش كېرەك ، مۇستەملىكە ، يېرىم مۇستەملىكە مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقان دولەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا قاراش كېرەك .
بىرىنچى ، كورىيە : كورىيەنى كوپچىلىك بىلىسىلەر ، كورىيە 1910 –يىلى يەنى بىزنىڭ جۇڭگۇنىڭ شىنخەي ئىنقىلاۋىدىن بۇرۇنلا مۇنقەرز بۇلۇپ ياپۇنىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بۇلۇپ قالغان، ياپۇنىيە كورىيەنى يۇتۇۋالغان ، ياپۇنىيە كورىيەنى بېسۋالغاندىن كىيىن زور تۇركۇمدىكى ۋەتەنسىز بۇلۇپ قېلىشنى خالىمايدىغان كورىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى جۇڭگۇغا كىلىپ  ، جۇڭگۇنى بازا قىلىپ قىلىپ تۇرۇپ ، ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ، كورىيە دولىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ، دولىتىنى قايتا قۇرۇش دەپ ئاتىلىدىغان ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغان . كورىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى  جۇڭگۇدا كورىيە ۋاقىتلىق ھۇكۇمىتىنى قۇرغان ، كورىيە ۋاقىتلىق ھۇكۇمىتى دەسلەپتە شاڭخەيدە قۇرۇلغان ، كىيىن ، شاڭخەيدىن خاڭجوغا ، خاڭجودىن شىنەن ، شىنەندىن چوڭچىڭغا كۇچۇرۇلگەن ، پۇتۇن ئۇرۇش دەۋىرىدە جىياڭ جىيېشى ، جۇڭگۇ ھۇكۇمىتى ، گومىنداڭ پارتىيىسى ، كورىيە ۋاقىتلىق ھۇكۇمىتىنى قوللىغان ، پۇلى بولمىسا پۇل بەرگەن ، كورىيە ۋەتەنپەرلىرى جۇڭگۇ تۇپىرىغىدا ۋاقىتلىق ھۇكۇمىتىنى قۇرۇپلا قالماستىن يەنە ئىككى ھەربى قۇشۇنىنى قۇرۇپ چىققان ، ئۇنىڭ بىرسى چاۋشىيەن پىدائىيلار ئەتىرىتى ، يەنە بىرسى كورىيە (ۋەتەننى) قايتورىۋېلىش ئارمىيىسى دەپ ئاتالغان ، بۇ ئىككى ئارمىيە پىدائىيلار ئەتىرىتى بىلەن قايتۇرۋېلىش ئارمىيىسىنىڭ ئىككىلىسىلا جىياڭ جىيېشىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن .
بۇ – كىچىك ئىش ئەمەس ، بىر ئىگىلىك ھۇقۇقى بار دولەت يەنە بىر دولەتنىڭ ئوز دولىتىدە ئارمىيەقۇرۇشىغا يول قۇيىدىغان ئىش نەدە بار ؟! كوپچىلىك ئويلاپ باقساق بولىدۇ : ئامىرىكا باشقا دولەتنىڭ ئامىرىكا زىمىنىدا ئارمىيە قۇرۇشىغا يول قۇيامدۇ ؟ ، بىراق جىياڭ جىيېشى بۇنىڭغا يول قۇيۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە كورىيە ۋەتەنپەرۋەر قوراللىقلىرىنى قوللىغان ، 1945 – يىلىغا بارغاندا ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كىيىن جىياڭ جىيېشى ھۇكۇمىتى  بۇ تۇركۇم كورىيە ۋاقىتلىق ھۇكۇمىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى ياپۇنىيە تەسلىم بولدى ، قايتىپ بېرىپ ، دولەت قۇرۇڭلار ، قولدىن كەتكەن زىمىنىڭلارنى قايتۇرىۋېلىڭلار دىگەن.
ئەينى ۋاقىتتىكى كورىيە ھۇكۇمىتىنىڭ داھىسى  جىن جىيۇ (كىم چىيۇ ؟) ، پەمىلىسى ئالتۇن كۇمۇشتىكى جىن ، ئىسمى يەتتە ، سەككىز ، توققۇزدىكى جىيۇ قاتارلىق كورىيە ھۇكۇمەت رەھبەرلىرىنى ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ ، خەنچىڭ (سىئۇل ؟) غا ئاپىرىپ قويغان ، ئايرۇپىلان بىلەن ئۇلارنى ئاپىرىپ قۇيۇپلا قالماستىن ، يەنە پول سوۋغا قىلغان ، قانچىلىك پۇل سوۋغا قىلغان؟،  يۇزمىليۇن فابى (قانۇنى سوم) سوۋغا قىلغان ، يالغۇز فابى سووغا قىلسىلا بولمايدۇدە ، خەلقئارادا ئۇبۇرۇت قىلىنىدىغان پۇل – ئامىرىكا دوللىرى تۇرسا !. جىياڭ جىيېشى كورىيە داھىلىرىغا يۇز مىليۇن فابى بەرگەندىن باشقا يەنە 200 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى سوۋغا بەرگەن .
ھازىرقى كۇنلەرگە نىسبەتەنمۇ  200 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى زور سومما ،ئۇمۇمەن مەنمۇ 200 مىڭ دوللار چىقىرالمايمەن ، 1945 –يىلى 200 مىڭ دوللار دىگەن ناھايىتى چوڭ پۇلدە ! شۇڭا، جىياڭ جىيېشى ياپۇنىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ، كورىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ ھەركىتىگە ياردەم قىلغان.
ئىككىنچى جىياڭ جىيېشىنىڭ ھىندىستانغا قارىتا ( تۇتقان مۇئامىلىسى)
2- قىسمىنىڭ داۋامى بار.
ھىندىستان – ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەقىقەتەن ئىتتپاقداشلارغا قاتناشتى ،فاشىزىمغا ، گىرمانىيەگە ، ياپۇنىيەگە قارشى تۇردى ، جۇڭگۇنىڭ ئىتتىپاقداش دولىتى ،بۇ نوقتىدا ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ قىلغىنى توغرا بولغان . ھىندىستانلىقلار بولسا بىز جۇڭگۇلۇققا ئەنگىليەنىڭ مۇستەمىلىكىسى بولغاچقا ئوخشىمايدۇ ، ھىندىستانلىقلار ئەنگىلىيىلىكلەرگە ئوچ ئىدى ، قارشى ئىدى ،ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۇرمەكچى ئىدى ، شۇڭا ، ھىندىستان – ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئوتكۇر ئىدى.
ئەنگىلىيەلىكلەر بىز كوپچىلىك بىرلىكتە ياپۇنيەگە ، گىرمانىيەلىكلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلايلى دەيتتى ،  ھىندىسىتانلىقلار مەن ياپۇنىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ ، گىرمانىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ نىمە قىلىمەن ؟ مىنىڭ ئوچلىكىم كىلدىغىنى سەن ئەنگىلىيەلىكلەر ! سەنلەر – بىزنىڭ ئىدارە قىلىغۇچىلارغۇ!، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن دەيتتى ، شۇڭا ، ھىندىلار ئىككىچنى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا قارشى تۇراتتى .
ئاشۇنداق بۇلۇپلا قالماستىن يەنە ياپۇنىيە جىم تۇرمىغان ئىدى ، ياپۇنىيەلىكلەر  ھىندىستانلىقلارغا ، ئولارنىڭ داھىسىغا سىلەر بىز ياپۇنلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇڭلار ، بىز ياپۇنىيەلىكلەر كەلگۇسىدە سىلەرنىڭ مۇستەقىل بۇلۇشۇڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمىز دىگەن ئىدى ، گىرمانىيەمۇ جىم تورمىغان ئىدى ، گىرمانلار ئۇلارنىڭ داھىسىغا سىلەر بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇڭلار ، بىز كەلگۇسىدە سىلەرنىڭ ھىندىستاننىڭ مۇستەقىل بۇلۇشىغا كېپىللىك قىلىمىز دىگەن .
شۇڭا ، ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستان ئىككى سەپ ئارىسىدا تەۋرىنىۋاتاتتى!.
شۇڭا ، 1942 –يىلى جىياڭ جىيېشى ۋە سوڭ مېيلىڭ – بۇ ئىككىيلەن ھىندىستانغا زىيارەتكە باردى ، نىمە قىلىدۇ ؟ ،  كىلىشتۇرۇش خىزمىتىنى قىلماقچى !. جىياڭ جىيېشى ئەنگىليىلىكلەرگە سىلەر ھىندىستانلىقلارغا ئوز-ئوزىنى ئىدارە قىلدۇرۇڭلار ، مۇستەققىللىقنى ئالدىرىماي دەيلى ، ئاۋال ئوز –ئۇزىنى ئىدارە قىلسۇن ، ئۇلارغا ئوز – ئۇزىنى ئىدارە قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت- ئۇلارنى ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرۇش ، گىرمانىيە ، ياپۇنىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ! دىدى .
جىياڭ جىيېشى يەنە ھىندىستان ۋەتەنپەرۋەرلىرىگە : مۇستەقىللىق- كىيىنكى قەدەم، ئالدى بىلەن سىلەر ئوز – ئوزەڭلارنى ئىدارە قىلىشنى قولغا كەلتۇرۇڭلار ، قولغا كەلتۇرگەندىن كىيىن بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ياپۇنىيە بىلەن ، گىرمانىيە بىلەن ئۇرۇشۇڭلار دىدى.  شۇڭا ، جىياڭ جىېشىنى كىلىشتۇرمىچىلىك خىزمىتىنى قىلدى دەيمىز ، ئۇ ھىندىستان بىلەن ئەنگىليەنىڭ تۇتۇشۇپ قالماسلىقىنى ئۇمىت قىلاتتى ، بىزنىڭ نۇۋەتتىكى ۋەزىپىمىز – فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش قىلىش دەيتتى .
كوپچىلىك ئويلاپ باقايلى ئەگەر ھىندىستانلىقلار بىلەن ئەنگىلىيىلىكلەر ئۇرۇشۇپ قالسا ، ئەگەر ھىندىستانلىقلار گىرمانىيەلىكلەر ۋە ياپۇنلار بىلەن بىر سەپتە تۇرسا ئاۋارىچىلىق بولمامدۇ ؟.
ھىندىستانمۇ نەچچە يۇز مىليۇن نۇپۇسلۇق چوڭ دولەت ئەمەسمۇ!. بەلكى يەنە ھىندىستاننىڭ داھىيىسى ، بۇيۇك دولەت پارتىيىسى ؟ (گو دا داڭ) نىڭ ئاساسلىق داھىسى ، قارشىلاشماسلىق ھەركىتىنىڭ داھىسى گەندى ئاللىبۇرۇن كىم ھىندىستان ( مۇستەقىللىقى) غا ياردەم بەرسە ، بىز شۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز دىگەن سوزنى دىگەن ئىدى ، بۇ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ھە ! . شۇڭا ، جىياڭ جىيېشى ، سوڭ مېيلىڭنىڭ ھىندىستانغا بېرىشى ئاساسلىغى ھىندىستان بىلەن ئەنگىليەنى كىلىشىپ قىلىشقا دەۋەت قىلىش ، ماسلاشتۇرۇشقا ، ھىندىستاننى ئۇرۇشقا ، فاشىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىش ئۇچۇن ئىدى.
1943- يىلى جىياڭ جىيېشى قاھىرە يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئامىرىكىغا زىيارەتكە بېرىپ روزۋېلىت فىرىزدىنت بىلەن كۇرۇشمەكچى بولغان سوڭ مېيلىڭغا سوھبەت تىزىسىنى بەردى .


فىرىزدىنىت روزۋېلىت بىلەن سوھبەتلەشكەندە نىمە مەسلىلەرنى ھەل قىلىشنى تاپشۇردى ، تىزىسنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسلە – ھېندىستان مەسلىسى !، يەنى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كىيىن ھىندىستاننى مۇستەقىل بۇلۇشقا يول قۇيۇش ، بىراق ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە نىمىلا بولمىسۇن كۇنا چوڭ ئىمپىرىيەدە ! ئۇنىمۇ ئويلاپ قويماي بولمايدۇدە! ،  (جىياڭ)كومتېت باشلىقىنىڭ يۇزى ھىندىستاننىڭ ئالدىدىمۇ چۇشۇپ كەتسە بولمايدۇدە !، ھىندىستاندىنمۇ خەۋەر ئېلىپ قۇيۇش كېرەكتە ! شۇڭا ، ئاساسى پىرىنسىپ-  ھىندىستان مۇستەقىللىقىغا يول قۇيۇش ، بىراق ئوتكۇنچى چارە بۇلۇش كېرەك .
بۇ سوھبەت تىزىسى ئىچىدە ، جىياڭ جىيېشى سوڭمېيلىڭ ئارقىلىق روزۋېلىتقا كورىيەنى موستەقىل بۇلۇشقا يول قۇيۇش ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىلىقىغا يول قۇيۇش بىراق ئوتكۇنچى چارە بۇلۇش ، بىرمىنىڭ موستەقىل بولۇشىغا يول قۇيۇش ، جەنۇبى ئوكيان (دېڭىز) تاقىم ئاراللىرى يەنى جەنۇبى ئوكيان تاقىم ئاراللىرىدىكى مىللەتلەر مەسلەن مالايسىيە قاتارلىق دولەتلەر ، ياق ، ئۇ ۋاقىتتا مالايسىيە تېخى دولەت ئەمەس ئىدى ،  قاتارلىق يەرلەرنىڭ – جىياڭ ئوتتۇرىغا قويغان – 20 يىلدىن كىيىن  موستەقىل بۇلۇشىغا يول قۇيۇش !.
جىياڭ جىيېشى سوڭمېيلىڭغا بەرگەن بۇ سوھبەت تىزىسى جىياڭنىڭ ئىزىلگەن ئاسيا مىللەتلىرىگە قىلغان غەمخورلۇقىنى تىپى ئەكىس ئەتتۇرگەن.
قاھىرە يىغىنىدا روزۋېلىت ئوتتۇرىغا قۇيۇپ:  كورىيە ياپۇنىيە تەرپىدىن ناھايىتى ئۇزۇن ئىدارە قىلىنغان ، شۇ ڭا ، كورىيە بىراقلا موستەقىل بۇلۇشى ئېھتىمال قىيىنمۇ؟ -دىدى ، شۇڭا ،  روزۋېلىت ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كىيىن ، جۇڭگۇ ، ئامىرىكا ، سوۋىت ، ئەنگېليە كورىيەنى ئورتاق باشقۇرۇش لايھەسىنى تەشەببۇس قىلدى . بۇنىڭغا جىياڭ جىيېشى  قۇشۇلماي كورىيەنى جەزمەن مۇستەقىل بولۇشقا يول قۇيۇش كېرەك دىدى.
يەنە بىر دولەت ۋېيتنام ، ۋېيتنام – ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن فىرانىسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى ، ئىككىچى دونيا ئۇرۇش مەزگىلىدە فىرانسىيىنىڭ ئىپادىسى ناچار بولغان ، قانچىلىك دەرىجىدە ناچار بولغان؟ ھېتلىر فىرانىسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ ، نەچچە ھەپتىدە فارىژغىچە باستۇرۇپ كەلگەن ، فىرانىسىيە تەسلىم بولغان ، شۇڭا ، روزۋېلىت فىرىزدىنىتنىڭ فىرانىسىيىگە قارىتا تەسىراتى ناھايىتى ناچار ئىدى ، روزۋېلىت فىرىزدېنىت جىياڭ جىيېشىغا : فىرانىسىيىلىكلەرنىڭ ئۇرۇشتىكى ئىپادىسى بەك ناچار بولدى!، شۇڭا ، ئۇرۇشتىن كىيىن ۋېيتنام يەنە قايتا فىرانىسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولماسلىغى كېرەك .فىرانسىيىنىڭ ئاساسى يوق دىدى ، روزۋېلىت جىياڭ جىيىشىغا مەسلىھەت سېلىپ :- ئۇرۇشتىن كىيىن ۋېيتنامنى سىلەرگە بەرسەك قانداق ؟ ، جۇڭگۇغا بەرسەك قانداق ؟ دىدى. ئەگەر مەن جىياڭ جىيېشى بولغان بولسام روزۋېلىتقاجەزمەن: رەھمەت فىرىزدىنىت ئەپەندى ، بۇلىدۇ !- دەيتتىم . ئەگەر سىلەر بۇلۇپ قالساڭلار لازىم دەمتىڭلار ياكى لازىم ئەمەسمۇ؟
بىراق ، جىياڭ جىيېشى مۇنداق جاۋاپ بەرگەن : ۋېيتنام ئەزەلدىن جۇڭگۇنىڭ زىمىنى ئەمەس ، ۋېيتنامنى بىز ئالساق بولمايدۇ ! – دىگەن لازىم ئەمس دەپ رەت قىلىپ.
ئۇنىڭدىن كىيىن قاھىرە يىغىنىغا ئۇلاپلا ئىراندا ئېچىلغان ، تېھراندا ئېچىلغان تېھران يىغىنىدا روزۋلىت ، سىتالىن ، چىرچىل  ئۇچ كاتتىۋاش تېھراندا ئوچراشقان ، روزۋېلىت سىتالىننى يىڭى (يىغىنغا يىڭى قاتناشتى دىمەكچى؟) دەپ قاراپ ، سىتالىنغا : - ئۇرۇشتىن كىيىن ۋېيتنامنى جۇڭگۇغا بىرەيلى دىسەك جىياڭ جىيېشى ياق دەپ رەت قىلدى- دىگەندە سىتالىنمۇ چۇشىنكىسىز ھىساپلىغان ، جىياڭ جىيېشىنى ئەخمەق دەپ ھەيران قالغان ، جۇڭگۇ نىمىشقا ۋېيتنامنى ئالمايدۇ؟ جىياڭ جىيېشى چىڭ تۇرغان نەرسە نىمە ؟ جىياڭ جىيېشى ۋېيتنامنىڭ مۇستەقىل بۇلۇشىدا چىڭ تۇرغان.
ئەڭ چۇشەنگىلى بولمايدىغىنى –تايلاند !. ئەينى ۋاقىتتا شىېلۇ (تەرجىمە قىلالمىدىم) دەپ ئاتىلاتتى . تايلاند – ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا خاتا سەپتە تۇرۇپ قالغان دولەت ! ، نىمە ئۇچۇن ؟ تايلانىد ئىتتىپاقداش دولەتلەر بىلەن بىرسەپتە تورماي ، ئوق مەركىزى دولەتلەر بىلەن بىرتەرەپتە تورغان ، ياپۇنىيە بىلەن شەرتنامە  تۇزگەن ،تايلاند ياپۇنىيەنىڭ دوستى بولغان .
بونداق بولغاندا تايلاند ئىتتىپاقداش دولەتلەرنىڭ رەقىبى بولىدۇ ، جۇڭگۇنىڭمۇ رەقىبى بۇلىدۇ ! ، شۇڭا ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئۇ مۇقەررەر مەغلۇپ بولغان دولەت بولىدۇ! ، توغرىمۇ خاتا؟
ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دولەت قانداق بۇلىدۇ ؟ غالىپ دولەتلەر ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلسا ، جازالىسا بۇلىدۇ! ، توغرىمۇ؟
بىراق ،جىياڭ جىيېشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاللىبۇرۇن دىگەن: تايلاند  ھەقىقەتەن ياپۇنىيە بىلەن  بىر تەرەپتە تورغان بولسىمۇ ئۇرۇش غەلبىسىدىن  كىيىن ، يەنىلا تايلاندنى موستەقىل بولغىلى قۇيۇش كېرەك !. نىمە ئۇچۇن ؟
تايلاندتا نۇرغۇن جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى بار ئەمەسمۇ ! شۇڭا ، تايلاند بىلەن دوستلۇق مۇناسۋىتىنى ساقلىشىمىز كېرەك .
مۇشۇ تەرەپلەردىن قارىغاندا جىياڭ كۇرىيە ، ھىندىستان ، ۋېيتنام ، بىرما ، جەنۇبى ئوكيان تاقىم ئاراللىرىدىكى كوپلىگەن مىللەتلەر يەنە تايلاند قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بۇلۇشىغا ياردەم بىرىشنى تەشەببۇس قىلاتتى!.
جىياڭ جىيشې ئۇرۇش مەزگىلىدە بىر تىلىكىنى بېكىتكەن ، ئۇ بۇلسىمۇ ، ئۇرۇشنى قانداق ئاخىرىغىچە قىلىش! ياپۇنىيە بىلەن ئۇرۇشنى ئاخىرغىچە قىلىش ؟، يەنى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرى نەدە ؟
ئۇرۇشنى ئاخىرغىچە قىلىشتىكى ئاخىرى ئاسياغا نىسبەتەن ئاسيادىكى ئىزىلىۋاتقان مىللەتلەرنى ئازات قىلىش!
ئۇنداقتا ، مەن يۇقۇرىدا سۇزلىگىنىمگە ئاساسلانغاندا جىياڭ جىيېشىنىڭ سۇزىنى يالغان دەپ ھىساپلىساق ، چىرايلىق گەپ دەپ قارىساق بولمايدۇ، قۇرۇق چەك دىيىشكىمۇ بولمايدۇ ،ئۇ شۇنداق قىلالىدى!
بۇ مەن سوزلەيدىغان بىرىنچى مەسلە – جياڭ جىيشى ۋە ڧاشىزىمغا قارشىدۇنيا ئۇرۇشى! .
مەن بىزنىڭ بۇگۇن قانچىلىك  ۋاقتىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن ، سوزلەشكە تىگىشلىك مەزمۇنلار كوپرەك ،شۇڭا بىرىنچى مەسلىنى مۇشۇ يەرگىچەئاددى ھالدا سوزلەيمەن!.
مەن سوزلىمەكچى بولغان ئىككىنچى مەزمۇن : جىياڭ جىيشى ۋە كۇچلۈكلەر.
مەن ئالدى بىلەن  جىياڭ جىيېشى ۋە سۇۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋېتىنى سوزلەيمەن.
جىياڭ جىيشى ئۇمىرىنىڭ كوپ قىسمىدا ، ئۇمىرىنىڭ كوپ ۋاقتىدا سۇۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغان ، نىمە ئۇچۇن ؟
بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى نۇرغۇن:
بۇنىڭ بىر سەۋەبى جىياڭ جىيېشى سۇۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى ئىدى.
كوپچىلىك بىلىمىز ، جۇڭگۇنىڭ ئەسلىدە شىمالدا بىر پارچە مۇڭغۇلىيە دەپ ئاتىلىدىغان زىمىنىمىز بار ئىدى.
مۇڭغۇليە – لېنىننىڭ ئوكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كىيىن جاكارلىغان ، جۇڭگۇ بىلەن تۇزۇشكەن نۇرغۇنلىغان تەڭسىز شەرتنامىنى بىكار قىلىپ ، جۇڭگۇنىڭ ئىگەللىۋالغان زىمىننى قايتۇرۇپ بىرىىمىز دىگەن گىپىگە ئاساسەن ئۇنى قايتۇرۇپ بىرەتتى ، بىراق ، ئوكتەبىر ئىنقىلابى داۋامىدا ئىككى قۇشۇن ئۇرۇشقان ، لېنىننىڭ قۇشۇنى قىزىللار دەپ ئاتالغان ، ئەسلىدىكى چار پادىشانىڭ ئارمىيىسى قىزىللار دەپ ئاتالغان ، قىزىل ئارمىيە قوزغىلاڭ كۇتۇرۇپ قارشى چىققاندىن كىيىن ئاقلار بىلەن ئۇرۇشتى ، ئاقلار ياۋرۇپادىن شەرىققە قارشى قاچتى ، نەگە قاچتى ؟ ئاقلار قېچىپ ئاخىرىدا مۇڭغۇلىيەنىڭ كۇلۇن يەنى بۇگۇنكى ئولانباتۇرغا ،  مۇڭغۇلىيىنىڭ پايتەختىگە قېچىپ كەلدى ، ۋە بۇ يەردە تۇردى ، قىزىل ئارمىيە ئاقلارغا زەربە بىرىش ئۇچۇن ياۋرۇپادىن ئاسياغا ، كۇلۇنغا ئاقلارنى قوغلاپ كىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئاقلارنى يوقاتتى ، ئۇنداقتا ، ئاقلارنى يۇقاتقاندىن كىيىن قايتىپ كەتتىمۇ ؟ ياق ، قىزىللار باشتىن ئاخىر كۇلۇندا تۇرۇۋېلىپ قايتمىدى.
1923-يىلى ، جىياڭ جىيېشى سۇن جۇڭشەن تەرىپىدىن سۇن يىشەن ھەربى ئىشلار ۋەكىللەر ئۇمىكىنىڭ ئۇمەك باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ سۇۋېت ئىتتىپاقىغا سوھبەتلىشىشكە ئەۋەتىلدى. داۋامىدا نىمە مەسلە بار ؟ مۇڭغۇلىيىنىڭ كۇلۇندا بىر ھەربى بازا قۇرۇش ، بىر مەكتەپ قۇرۇش ، يەنى كۇلۇن ئوڧىتسىرلار مەكتىۋىنى قۇرۇش!. نىمە ئۇچۇن ؟

  
سۇنجۇڭشەن جۇڭگۇنىڭ شىمالىدا ھەربى ئىشلار بازىسى قۇرماقچى ئىدى ، ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ بازىغا تايىنىپ بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ئىدى.
2- قىسمى تۇگىدى .
سىز بىلمەيدىغان جىياڭ جىيېشى (3-قىسىم)
مەنبە: http://video.chaoxing.com/play_400006489_73872.shtml
تىلماچ ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ!.
بېيجىڭ ئەينى ۋاقىتتا كىمنىڭ زىمىنى (زامانى) ئىدى ؟خېبىي مىلتارىسىتى ساۋكۇننىڭ زىمىنى ( زامانى) ئىدى.
كوپچىلىك سورىشى مۇمكىن ، سۇنجۇڭشەننىڭ ئەسلى بازىسى گۇاڭجۇ تۇرسا ، قانداقسىگە مۇڭغۇلىيىدىكى كۇلۇننى بازا قىلىشنى ئويلايدۇ؟
توغرا ، سۇنجۇڭشەننىڭ بازىسى ئەسلىدە گۇاڭجۇ ، بىراق سۇنجۇڭشەن بېيجىڭغىچە ھۇجۇم قىلىپ ، شىمال مىلتارىستلىرىنى ئاغدۇرماقچى  بولسا ، گۇاڭجۇ بەكمۇ كۇڭۇلدىكىدەك جاي ئەمەس ، نىمە ئۇچۇن ؟
بىرىنچى ، گۇاڭجۇنىڭ يىنىدىكىسى شىياڭگاڭ ، شىياڭگاڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىليەنىڭ مۇستەملىكىسى ، گومىنداڭ ئارمىيىسى شىمالغا جازا يۇرۇش قىلماقچى بولسا ، ئەنگىليە شىياڭگاڭ دائىرىلىرى كەينىدىن قالايمىقانچىلىق تامامەن چىقىرالايدۇ، ئارقا تەرەپ ئەمىنلىككە ئىرىشەلمەيدۇ.
ئىككىنچى ، گۇاڭجۇدىن شىمالغا يۇرۇش قىلسا ، يول يىراق ! گۇاڭدۇڭ ، خونەن ، جىياڭشى ، خۇ بېي ، خېنەن ، خېبىي قاتارلىق ئالتە- يەتتە ئولكىنى بېسىپ ئۇتۇپلا قالماستىن يەنە چاڭجىياڭ ، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۇتۇشكە توغرا كىلىدۇ ، خۇاڭخېدا مەسلە يوق ، بىراق چاڭجىياڭدىن ئۇتۇشتە مەسلە بار !  ، نىمە ئۇچۇن؟ كۇچلۇك دولەتلەرنىڭ ھەربى پاراخۇتلىرى ۋۇخەنگە بارالايدۇ ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنى قاپ بەلدىن ئۇزۇپ چاڭجىياڭنىڭ ئىككى تەرىپىدە قالدۇرالايدۇ ، شۇڭا ، گۇاڭجۇ تايانچ بازا بۇلۇشقا ، شىمالغا يۇرۇش قىلىشنىڭ تايانىچ بازىسى بۇلۇشقا ياخشى جاي ئەمەس.
شۇڭا ، سۇنجۇڭشەن جىياڭ جىيېشى – جىياڭ جىيېشى ياپۇنىيەدە ھەربى ئىشلاردا ئۇقۇغان ، سۇنجۇڭشەننىڭ ئەتراپىدىكىلەردىن ھەربى ئىشلارنى ئۇقىدىغىنى ئىدى- سۇۋېت ئىتتىپاقىغا كۇلۇندا ھەربى تايانچ بازا قۇرۇش ، ھەبى مەكتەپ قۇرۇش توغرىسىدا سوھبەتكە ئەۋەتكەن.
كوپچىلىك ئويلاپ باقساق بۇلىدۇ ، ئەگەر سۇۋېت ئىتتىپاقى جىياڭنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلغان بولسا مىنىڭچە جۇڭگۇ ھازىرقى زامان تارىخى بۇنداق بولمايتتى . خۇاڭپۇ ئوفىستىرلار مەكتىۋى دىگەن مەكتەپ بولمايتتى ! .يوق بۇلاتتى ، ھاجىتى بولمايتتى ، كۇلۇن ئوفىستېرلار مەكتىۋى دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپلا بۇلاتتى! ، شىمالغا جازا يۇرۇشمۇ بولمايتتى ، پەقەت جەنۇپقا جازا يۇرۇش قىلىشلا بۇلاتتى ، كۇلۇندىن بېيجىڭغا ھۇجۇم قوزغىلاتتى ، كۇلۇندىن بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟ يول يېقىن ، مۇڭغۇلىيىدىن چىقسىلا خېبېي ، خېبىيغا كىرسە بېيجىڭغا كىرگىلى بولاتتى ، مۇڭغۇلىيە بىلەن بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرىسى جايلار ئىگىزلىك بۇلۇپ چاڭجىياڭ چوڭ دەرياسى يوق ئىدى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ، جىياڭ جىيېشىنىڭ ھىس قىلىشىچە ئۇنىڭ پىلانى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىدى ،ئۇيەن تاپقىلى بولمايتتى ،شۇڭا جىياڭ جىيېشىنىڭ سۇۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىشتىكى ۋەزىپىسى سۇۋېت ئىتتىپاقىلىقلار بىلەن كۇلۇننى ھەربى بازا قىلىشنى سوزلىشىش ئىدى . جىياڭ جىيېشىنىڭ ئويلاپ باقمىغىنى شۇكى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغاندىن كىيىن سۇۋېت ئىتتىپاقى ھەربى ئىشلار كومتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كومتېت باشلىغى تىروتىسكى بىلەن كۇرۇشكەندە،  تىروتىسكى ئۇنىڭغا : سىلەر جۇڭگۇ ئارمىيىسى بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىشتا ،  سىلەر پەقەت مۇڭغۇلىيە چىگىرىسىدىنلا قۇشۇن تارتساڭلار بۇلىدۇ ،  جۇڭگۇنىڭ ئارمىيىسى مۇڭغۇلىيە توپرىقىغا ئاياق باسسا قەتئى بولمايدۇ !- دىيىشى بولدى. نىمە ئۇچۇن؟
مەن ئابىيام دەپ ئوتتۇم ، ئوكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كىيىن ، سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلار ئىزچىل تۇردە مۇڭغۇلىيەنى ئۇزىنىڭ تەسىر دائىرىسدە ھىساپلاپ كەلگەن ئىدى ، گومىنداڭنىڭ مۇڭغۇلىيەگە تەرەققى قىلىشىغا قەتئى يول قويمايتتى ،جىياڭ جىيېشى مۇڭغۇلىيە ئەسلىدىنلا جۇڭگۇنىڭ زىمىنى تۇرسا ، بىز جۇڭگۇ گومىنداڭى ئۇزىمىزنىڭ بىر پارچە زىمىنى بولغان مۇڭغۇلىيەدە ھەربى بازا قۇرساق نىمىشقا بولمايدىكەن دەپ كاللىسىدىن ئوتكۇزەلمىدى ،بىراق سۇۋېت ئىتتىپاقى رەت قىلدى.
جىياڭ جىيېشى تىروتىسكى بىلەن سوزلەشكەن شۇ كۇنى جىياڭ جىېشى كۇنخېتىگە <<باشقىلاردىن ئۇتۇنۇش ئۇزىگە ئۇتۇنۇشكە يەتمەيدۇ ،سەن بەزى ئادەملەرنىڭ سىنىڭ دوستۇڭ ، سىنىڭ يولدىشىڭ دىسىمۇ بىراق ، مەسلىلەرنى ئويلىنىشتا ئۇزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ>> دەپ يازدى.
ئىككىنچى يىلى جىياڭ جىيېشى سۇنجۇڭشەننىڭ سەپدىشى لىياۋجۇڭكەيگە بىر پارچە خەت يازدى .  
ئۇ خىتىدە :<< سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىتى قارىماققا ياخشى ، ئەمما ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى ئوخشاش ئەمەس>> دەپ يازدى يەنە <<سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلارھە ، سۇۋېت ئىتتىپاقىلىقلارنىڭ جۇڭگۇنىڭ چىگرا رايۇنلىرىغا قارىتا ، مۇڭغۇلىيە ، شىنجاڭ ، شىزاڭ رايۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە قارىتا يامان نىيىتى بار ! >>دەپ يازغان ئىدى. ئۇ سۇۋېت ئىتتىپاقى جاھانگىر دولەتمۇ ئەمەسمۇ ؟دىدى ، بۇ - شۇنداق ! بۇ –جىياڭنىڭ سۇۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى ! مەن ھەممە سەۋەپ دىمەيمەن. ئۇنداقتا ، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەقىقەتەن مۇڭغۇلىيەگە نىسبەتەن يامان نىيىتى بار ، بۇ ئىنتايىن ئۇچۇق بۇلغان بىر ئۇچۇر،جىياڭ جىيشى يەنە دىگەن :سۇۋېت ئىتتىپاقىلىقلارنىڭ شىنجاڭغا قارىتامۇ يامان نىيىتى بار .
مۇشۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟
كوپ يىللىق تارىخ – بۇ بىر نوقتىنىمۇ ئىسپاتلىدى.
شىنجاڭ ئۇزاق بىرتارىخى مەزگىل شىڭ شىسەي ئاتلىق بىر مىلتارىست   تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان .
سىز شىڭ شىسەينىڭ نىمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
شىڭ شىسەي بىر ئومىرىدە سىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىككى ئىشنى قىلغان.
بىرىنچى ئىش : شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان !.
ئىككىنچى ئىش: شىڭ شىسەي سۇۋېت ئىتتىپاقىغا شىنجاڭ سۇۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بۇلۇشنى ئىلتىماس قىلغان .
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسپاتلايدىغان ماتىرىياللار بار !.
شۇڭا سۇۋېت ئىتتىپاقى ناھايىتى ئۇزاق مەزگىلدە شىنجاڭدىكى ھېلقى بولگۇنچى ئۇنسۇرلارنى ئىزچىل قوللىغان ، ياكى مىنىڭ شىنجاڭ مۇستەقىللىقى (疆独) سۇزۇمنى قۇللانغاندا شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ئۇنسۇرلىرىنى قوللىغان .
شىنجاڭ شۇنىڭ ئۇچۇن جۇڭگۇدىن ئايرىلىپ چىقىپ كىتەلمىگەنلىكىدە- مەن ھىساپلايمەن- جىياڭ جىيېشىنىڭ توھپىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ!.
1944 – يىلى جىياڭ جىېشى بىر ئىشنى قىلدى ،شىنجاڭدىن شىڭ شىسەينى يوتكەپ ئەكەلدى .
شىڭ شىسەي ئەسلىدە شىنجاڭنىڭ مىلتارىستى ئىدى ، بىرىنچى قول ئىدى ، ئارمىيە ھۇكۇمەت چوڭ ھۇقۇقى شىڭ شىسەينىڭ قۇلىدا ئىدى . 1944 –يىلى جىياڭ جىيېشى (شىڭ شىسەيگە)<< سىز چوڭچىڭغا قايتىپ كىلىڭ ، قايتىپ كىلىڭ ، مەن سىزگە قىلىدىغانغا بىر ئەمەل بىرىمەن >> دىدى ، نىمە ئەمەلنى قىلىدۇ ؟ دىھقانچىلىق ئورمانچىلىق مىنىستىىرى بۇلىدۇ ، ئۇ دىھقانچىلىقنى باشقۇرىدۇ ، ئورماننى باشقۇرىدۇ ، يەنى جىياڭ جىيېشى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن شىڭ شىسەينى ، بۇ بىر مىللىتارىستنى شىنجاڭدىن چۇڭچىڭغا يوتكەپ ئەكەلدى ، دىھقانچىلىق ئورمانچىلىق مىنىستىىرى قىلدى ،
شىنجاڭدىكى شىڭ شىسەينىڭ قۇلىدا ئەسكەر بار ئىدى ،بەلكى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن ئىدى ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولماقچى ئىدى (سوزلىگۇچىنىڭ سۇزى ئەينەن تەرجىمە قىلىندى) ، ئۇ شىنجاڭنى سۇۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندۇرماقچى ئىدى ، ئۇ شۇنداق قىلالايتتى .  ئۇ چوڭچىڭغا بېرىپ دىھقانچىلىق ئورمانچىلىق مىنىستىىرى بۇلۇپ نىمە قىلىدۇ؟ ئۇ قارشى چىقىشقا ئامالسىزدە ، قارشىلىق قىلالمايدۇ دە!
شۇڭا ، كىيىن ، ئۇرۇش دەۋىرىدە جىياڭ جىيېشى كۇنخېتىگە مۇنداق بىر گەپنى يازغان : خەلىقنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ، شەرقى شىمال قولدىن كەتتى ، ھەقىقەتەن شەرقى شىمال قولدىن كىتىشكە تىگىشلىك ئەمەس ئىدى ، كەتمىسە بولاتتى ، بىراق مەن ھازىر شىنجاڭنى قايتۇرۇپ ئەكەلدىم >> ئۇ << شىنجاڭنىڭ زىمىنىغاگەنسۇدىكى خېشى كارىدۇرى ، يەنى ما ئائىلىسى قۇشۇنىنىڭ زىمىنىنى قوشساق قۇشۇلغان زىمىن شەرقى شىمالدىن خېلى چوڭ >>،
مەن شۇنداق ھىساپلايمەنكى ئەگەر جىياڭ ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ،  شىڭ شىسەينى چوڭچىڭغا يوتكەپ كەلمىگەن بولسا ، گۇمىنداڭنىڭ كونتىرۇل قىلىش دائىرىسىگە ئېلىپ كەلمىگەن بولمىسا ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگۇ زىمىنىغا ئايلىنىشى _مىنىڭ قارىشىمچە – يەنىلا بىر مەسلە!.
شۇڭا ، مەن  جىياڭ جىيېشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن يامان نىيىتى بار دىگەن گەپنى خاتا قىلمىغان دەپ قارايمەن.
بۇ يەردە مەن بىر كىچىك نوقتىنى ئالاھىدە سوزلەيمەن .
1923- يىلى جىياڭ جىيېشى سوۋېت ئىتتىپاقىدا 3 ئاي تۇردى ،بىر ئىشنى بايقىدى ، ئۇنى كۇنخېتىگە يازغان – كوپچىلىك خۇڧۇ ئارخپخانىسىغا بېرىپ كۇرەلەيدۇ!- جىياڭ جىيېشى خاتىرىسىگە <<سوۋېت ئىتتىپاقىدىن  ئىبارەت بۇ بىر دولەتتە ئازسانلىق مىللەت ھاكىمىيەت يۇرگۇزىدىكەن ، ھاكىميەت يۇرگۇزۇش دىگىنىمىز سىياسى ھۇقۇق دىگىنى ، سۇۋېت ئىتتىپاقىدا ئازاسانلىق مىللەت ھاكىمىيەت يۇرگۇزۇپ ، ياتلارنى چەتكە قاقىدىكەن  ، مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى بەك ئەنسىرەيمەن >>دەپ يازدى.
ئازسانلىق مىللەت ھۇقۇق تۇتىدىكەن دەپ كىمىنى كورسەتكەن؟ ئەينى ۋاقىتتا لېنىننىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان ، ھۇقۇق تۇتىۋاتقىنى سىتالىن بۇلۇپ قالغان ، سىتالىن رۇس ئەمەس ، سىتالىن گىروزىنىيەلىك ، ياتلارنى چەتكە قېقىشتا ئەينى ۋاقىتتا سىتالىن تىروتىسكىنى باستۇرۇشقا باشلىغان ، شۇڭا ، سىتالىن سۇۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەنسىرەيمەن دىگەن. مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە بۇ جىياڭ جىيېشىنىڭ ناھايىتى سەزگۇرلۇكىنى بىلدۇرىدۇ ، دونيادا سىتالىننى ئەڭ بۇرۇن تەنقىت قىلغان ئادەم -  جىياڭ جىيېشى ، ئۇ ياتلارنى چەتكە قاقىدىكەن دىگەن ئەمەسمۇ!.
مەن يەنە بىر ئىشنى سوزلەيمەن ، بەلكىم كوپچىلىك ھەيران قېلىشى مۇمكىن ،1968 يىلى 1969 –يىللىرىغا بارغاندا  ، جۇڭگۇدا << مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى >> ئوتتەك قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى ، شۇنداقلا ج ك پ ۋە س ك پ ئۇرۇشۇپ ئاسماننى ئۇرۇۋىتەي دەپ قالغان ئىدى ، بىر يەرگە پېتىشماي قالغان ئىدى ،  ج ك پ سۇۋېت كومپارتىيىسى (س ك پ )نى سۇۋېت تۇزەك( مەسلەك)چىلىرى (سۇۋېت شىيۇجىڭجۇيىچىلىرى)  دەپ تىللايتتى ، س ك پ ، ج ك پ نى قاتمالچىلار (جىياۋتىياۋجۇيىچىلار) دەپ ئەيىپلەيتتى ، باشلانغاندا ماقالە يىزىشىپ ئوزئارا تىللاشقان ، كىيىن بىراقلا ئۇرۇشۇپ كەتتى ، نەدە ئۇرۇشتى؟ ، بىرى شەرقى شىمالدىكى مەرۋايت (جىنباۋداۋ) ئارىلىدا ، يەنە بىرى شىنجاڭ رايۇنىدا ، چىگرا رايۇندا ، يەنى ئەسلىدىكى قېرىنداش دولەت دەپ ئاتالغان ئىككى دولەت  مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە ، 1968 - ، 1969 –يىللىرى تىركىشىپ قالدى ، بىر ئويگە پېتىشمىدى.
بۇ ۋاقىتتا سۇۋېت ئىتتىپاقى بىر موخبىرنى تەيۋەنگە ئەۋەتتى ، مۇخبىر نامدا ئەنگىليەنىڭ بىر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئىدى ، ئەمەلىيەتتە ك گ ب – سوۋېتنىڭ جاسۇسى ئىدى ،  ئۇنى تەيۋەنگە ئەۋەتىپ نىمە قىلماقچى ، ئۇنى تەيۋەنگە ئەۋەتىپ جىياڭ جىڭگۇنى ئىزدىمەكچى ، دەسلەپتە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋېي جىڭ مىڭ ئارقىلىق ئىزدىگەن ،  ئىزدەپ نىمە قىلىدۇ ، ئىككى تەرەپ بىرلەشمەكچى يەنى سۇۋېت ئىتتىپاقى ۋە تەيۋەندىكى ھۇكۇمەت ، تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى ، تەيۋەندىكى ئارمىيە بىلەن بىرلىشىپ نىمە قىلماقچى ؟ ماۋزېدوڭنى ئورتاق ئاغدۇرۋەتمەكچى ، سۋىت ئىتتىپاقى  تەيۋەندىكى گومىنداڭ بىلەن بىرلىشىپ ماۋزىدۇڭنى ئاغدۇرۋەتمەكچى بولغان ، جىياڭ جىيشې ھەقىقەتەن تەيۋەنگە بارغان كۇندىن باشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئوتۇشنى ئويلايتتى ،  جىياڭ جىيېشى چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۇتۇشتە ئەسلىدە ئۇمۇتنى كىمگە باغلىغان ؟ ئۇمىتنى ئامىرىكىلىقلارغا باغلىغان ،ئامىرىكىلىقلاردىن قورال ، ھەربى پاراخۇت ، ئايرۇپىلان ، پاراشۇت – بوشلۇقتىن تاشلايدىغانغا- بىلەن تەمىنلەپ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم  قىلىشقا ياردەم بىرىشىنى ئۇمىت قىلغان ،  ئەمما ئامىرىكىلىقلار ئۇرۇشنى خالىمايتتى ، ئامىرىكىلىقلار تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلسا يەنە بىر قېتىملىق دونيا ئۇرۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ئىزچىل قۇشۇلمىغان ،  قايتا- قايتا جىياڭنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ئارزۇسىنى چەكلىگەن ، شۇڭا ، جىياڭ ئامىرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ئومىتنى ئوزدۇم دىگەن ، ئەمما ، سۇۋېت ئىتتىپاقىلىقلار ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدەپ كىلىپ : ئىككىمىز ھەمكارلىشايلى ، ماۋزىدوڭنى بىرلىكتە ئۇرۇۋىتەيلى – دىگەن ، جىياڭ جىيېشى ئەلۋەتتە قارشى ئالىدۇدە ، شۇڭا ئىككى تەرەپ سوھبەتلەشتى ، دەسلەپتە تەيۋەندە سوزلەشكەن ، كىيىن ياۋرۇپاغا بېرىپ سوزلەشكەن ، ئاۋسىتىرىيەدە سوزلەشكەن ، ئىتالىيەدە سوزلەشكەن ، ھەمكارلىشىشنى ، چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇمنى قانداق قىلىشنى مۇزاكىرلەشكەن ، سوۋېتلىكلەر جىياڭ جىيېشىغا مۇنداق دىگەن :  چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىساڭ بىرىنچىدىن  قورال تەمىنلەيمىز ، ئىككىنچىدىن بىز بازا بىلەن تەمىنلەيمىز ، سوۋېتنىڭ ھەربى بازىسىنى سەن ئىشلەتسەڭلار بۇلىدۇ .
جىياڭ جىيېشى ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلسا قانداق ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئويلىغان ، جىياڭ جىيېشى ئۇندا ئويلاپ ، بۇندا ئويلاپ مىڭ(سۇلالىسى)ئاخىرى چىڭ(سۇلالىسى) باشلىرىدىكى ئىككى ئادەمنى ئىسىگە ئالغان ، بىرىنىڭ ئىسمى ۋۇسەنگۇي ، يەنە بىر خۇڭ چىنچۇۋ ، بۇ ئىككىيلەن كوپچىلىككە تۇنۇش ، بۇ ئىككى ئادەم چىڭ (سۇلالىسى) قۇشۇنلىرىنى شەرقى شىمالدىن قۇۋۇق (ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك) ئىچىگە باشلاپ كىرگەن ،نەتىجىسى قانداق بولغان؟ بۇ ئىككى ئادەم چىڭ قۇشۇنلىرىنىڭ قۇۋۇق ئىچىدىكى خەنزۇپوقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەرگەن ، ئاۋال لىزىچىڭنى بېيجىڭدىن قوغلىۋەتكەن ، ئارقىدىن چىڭ قۇشۇنىنىڭ جىياڭنەن(چاڭجىياڭ دەرياسنىڭ جەنۇبى)، ياڭجۇ ، جىڭجۇ ، جىيادىڭلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەرگەن ، شۇڭا ، چىڭ قۇشۇنلىرىنىڭ شەرقى شىمالدىن قۇۋۇق ئىچىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى ھەم ئەڭ ئاخىرىدا چىڭ سۇلالىسىنى قۇرۇشىدا بۇ ۋۇسەنگۇي ۋە خۇڭ چىنچۇۋ ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغان .
جىياڭ جىىيېشى يۇقۇرقىلارنى ئويلاپ مەن ھازىر  سۇۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلاشسام –سۇۋېت ئىتتىپاقىلىقلار ياخشى نەرسىلەر ئەمەس- سۇۋېت ئىتتىپاقىلىقلىقلار جەزمەن قۇلايلىق ئىزدەپ كىلىدۇ، جەزمەن جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىشنى ئۇيلاپ كىلىدۇ  دەپ ئۇزىنى ئەسكەرتتى : مەن ۋۇسەنگۇيدىن قايتا ئوگەنسەم بولمايدۇ! ، خوڭچىنچۇۋدىن ئوگەنسەم بولمايدۇ ! ، ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولغان يۇلىدا مەن قايتا ماڭسام بولمايدۇ!.
شۇڭا ، ئاخىرىدا بۇ ئىشنى بىكار قىلىۋەتتى ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جىياڭ جىيېشىنىڭ سوھبىتى غەلىبىلىك بولمىدى ، سوھبەتنىڭ غەلىبىلىك بولماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپ- جىياڭ جىيېشى ، ئۇ  ۋۇسەنگۇي بولسام بولمايدۇ ، خۇڭ چىنچۇۋ بولسام بولمايدۇ ، بۇرىنى قوتانغا باشلاپ كىرسەم بولمايدۇ ! ، سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلار ياخشى نەرسە ئەمەس ، ياخشى نىيەتنى كوڭلىگە پۇكمەيدۇ.
بۇلار جىياڭ جىيېشىنىڭ سۇۋېت ئىتتىپاقىلىقلارغا نىسبەتەن تۇنۇشى ئىدى.
تۇۋەندە مەن جىياڭ جىيېشىنىڭ ئەنگىليەگە  نىسبەتەن تۇنۇشىنى سوزلەيمەن.
ئوتمۇشتە چۇڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەر جىياڭ جىيېشىنى ئەنگىليە ئامىرىكىنىڭ غالچىسى دەيتتۇق ، مىنىڭچە بۇنداق دىسەك جىياڭ جىيېشىغا ئۇۋال قىلغان بۇلىمىز.
جىياڭ جىيېشىنىڭ ئۇمىرىنىڭ كوپ قىسمىدا ئەنگىليەلىكلەرگە نىسبەتەن قارىشى ناھايىتى ناچار ئىدى. جىياڭ جىيېشى ئەنگىليەنى قېرى جاھانگىر ، قىرى جاھانگىر ، مۇستەملىكە خەلقىنى ئىزچىل ، ئوزلۇكىدىن ئىزىۋاتىدۇ ، ئىكىسىپلاتاتسىيە قىلىۋاتىدۇ دەپ ھىساپلايتتى .
1943 – يىلى ئامىرىكا ۋاشىنگىتۇندا تىنىچ ئوكيان يىغىنى ئېچىلدى ، يىغىنغا قاتناشقانلاردىن  روزۋېلىت ، چىرچىل ، جۇڭگۇنىڭ دىپلۇماتىيە مىنىستىرى سوڭ زىۋېنلار بار ئىدى.
(يىغىن) نىمىنى مۇزاكىرە قىلدى؟
ياپۇنىيەگە قانداق ھۇجۇم قىلىش ، ئىتتىپاقداش دولەتلەرنىڭ  ئۇرۇش تاكتىكىسى ، پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان بىر قېتىملىق يىغىن ئىدى،
يىغىننى ئېچىپ ، ئېچىپ بىر يىرىگە بارغاندا چىرچىل ئورنىدىن تۇرۇپ دىدى: ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، جۇڭگۇ قۇشۇنىنى شىزاڭغا كىرگۇزۇۋېتىپتۇ ، بۇ قانداق بۇلىدۇ ، بۇ بولمايدۇ دە !.
3. قىسمى تۇگىدى.
سىز بىلمەيدىغان جىياڭ جىيېشى (4-قىسىم)
شۇكۈنى كەچتە جىياڭ جىيېشى كۈنختىگە مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى يازدى: بۇ – ئەنگىليە جاھانگىرلىرىنىڭ ئەپتى بەشرىسىنىڭ چوڭ ئاشكارىلىنىشى!.  چىرچىل دىگەن بۇ ئەبلەخ ، نۇمۇسسىز ، لۇكىچەك!.
1943- يىلىدىكى قاھىرە يىغىنىغا چىرچىلمۇ قاتناشتى.

ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىياڭ جىيېشى ۋە سۇڭ مېيلىڭ بىلەن كۇرۇشكىلى باردى ، كوپچىلىك ، چىرچىلنىڭ كوڭلىدە پوشايمان بولسا كېرەك ، شۇڭا ، سوڭ مېيلىڭدىن سورىدى – جىياڭ جىيېشى ئىنگىلىزچە بىلمەيتتى – سوڭ مىيلىڭدىن سورىدى: سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن چىرچىل ناھايىتى ئەسكى ئادەممۇ ئەمەس؟ .
چىرچىل سەن دىگۇچە مەن دەۋالاي دىگەندەك سوڭ مېيلىڭدىن : سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن چېرچىل ناھايىتى ئەسكى ئادەممۇ –ئەمەسمۇ ؟ دەپ سورىدى.
مەن بۇنى سوڭ مېيلىڭغا قىيىن سوئال چىقارغانلىق دەپ قارايمەن . سوڭ مېيلىڭمۇ جىياڭ جىيېشىغا ئوخشاش چىرچىلنى ياخشى كورمەيتتى ، بىراق ، بۇ دىپلۇماتىيە سۇرۇنى بولغاچقا ، سوڭ مېيلىڭ ھەرقانچە بولسىمۇ  ، توغرا ! ، سىز ئەسكى ئادەم  -دەپ جاۋاپ بىرەلمەيدۇدە ! . بۇنداقتا بولمايدۇدە ! ، سوڭ مېيلىڭ باشقىچە گەپ قىلىپ ، خاتا ، چىرچىل ئەپەندىم سىز ياخشى ئادەم دىسىمۇ بولمايدۇ دە!
شۇڭا سوڭ مېيلىڭ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن جاۋاپ بىرىپ: ئوزلىرى قانداق قارايلا؟-دەپ چىرچىلنىڭ ئۇزىگە جاۋاپ بىرىشكە قايتۇرۇپ بەردى.
مەن شۇڭا بۇ مەسلىنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق دەيمەن : جىياڭ جىيېشىنىڭ ئەنگىليە كۇنا جاھانگىربولغاچقا ، ئەنگىليەگە نىسبەتەن تۇنۇشىنى نىسبەتەن ئۇچۇق دىيىشكە بۇلىدۇ.
ئەمدى ئامىرىكا توغرىسىدا ، جىياڭ جىيېشىنىڭ ئامىرىكىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىمىز.
جىياڭ جىېشى بىلەن ئامىرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى سوزلەشتە سېدىۋېن توغرىسىدا سوزلەشكە توغرا كىلىدۇ.

ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىتتىپاقداشلار جۇڭگۇ ئۇرۇش رايۇنى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۇرۇش رايۇنىنى قۇرغان ،جۇڭگۇ ئۇرۇش رايۇنىنىڭ دائىرىسى جۇڭگۇ ۋە  بىرما ، تايلاند قاتارلىق شەرقى جەنۇبى ئاسيا رايۇنى بولغان . روزۋېلىت جىياڭ جىيېشىنى جۇڭگۇ ئۇرۇش رايۇنىنىڭ قۇماندانى قىلىپ ، جىياڭ جىيېشىغا سىتىۋېننى سەنمۇجاڭلىققا سەپلەپ بەرگەن.
شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى ئىككى ئادەمنىڭ ھەمكارلىقى ناھايىتى ياخشى بولمىغان. كىيىن جىياڭ جىيېشىنىڭ ناھايىتى ئاچچىغى كىلىپ سىتىۋىننى ئامىرىكىغا قوغلىۋەتمەك بولغان، ئۇنى سەنمۇجاڭ بولغىلى قويماسلىقنى ئويلىغان. بۇ جەرىيان بىر قەدەر ئەگىرى تۇقاي.
Dawami bar
1944-يىلىغا بارغاندا ، جۇڭگۇ ئارمىيىسى خېنەندىن باشلاپ مەغلۇپ بۇلۇپ چىكىنىشكە باشلىغان ، سەۋەبى ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگۇ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسى كۈچى ، سەرخىل قىسمى بىرمىدا ئىدى ، شۇڭا جۇڭگۇ ئارمىيىسى خېنەندىن خۇبېيگە ، خۇبېيدىن خۇنەنگە ، خۇنەندىن گۇاڭشىغا ، گۇاڭشىدىن گۇيجۇنىڭ دۇشەنگە چىكىنگەن ، يەنى جۇڭگۇ ئۇرۇش مەيدانى جىددىچىلىككە چۇشۇپ قالغان.
(بۇ ۋاقىتتا ) روزۋېلىت يەنە بۇيرۇق چۇشۇرۇپ ، بىرمىدىكى ياپۇن ئارمىسىغا ھۇجۇم قىلىش ، بىر يولدا ھىندىستاندىن ھۇجۇم قىلىپ چىقىش ، يەنە بىر يولدا يۇننەندىن (بىرمىغا) ھۇجۇم قىلىپ كىرىشنى دىگەن .
روزۋېلىتنىڭ ئىككى يول بۇيىچە قىستاپ ھۇجۇم قىلىشنى ناھايىتى ياخشى ئويلىغان .
جىياڭ جىيېشى بۇنداق قىلىشنى ئويلاشمىغان ، جىياڭ جىيېشى بىرمىغا ھۇجۇم قىلىشتا دېڭىز ، قۇرۇقلۇق ، ھاۋا ئارمىيىلىرى بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلساق غەلىبە قازانغىلى بۇلۇشى مۇمكىن، پەقەت قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە تايانغاندا دېڭىز ، ھاۋا ئارمىيىلىرى بولمىغاندا بولمايدۇ  ،بەلكى يەنە مەن خېنەندىن ئۇرۇشۇپ گۇيجۇغا كەلگىچە ئۇرۇش مەيدانىدا ئاللىبۇرۇن ناھايىتى قىينالدىم ، شۇڭا يەنە يۇننەندىن بىرمىغا ھۇجۇم قىلىشقا قۇشۇن چىقىرالىشىم قانداق مۇمكىن بولسۇن   دەپ قارىغان ، شۇڭا ، بىرمىغا نىسبەتەن (قۇشۇن) تەڭشەشنى يىتەرلىك قىلمىغان .
بىراق ، روزۋېلىت جىياڭ جىيېشىغا بۇيرۇق چۇشۇرۇپ دىگەن : سىلەر جەزمەن ئەسكەر چىقىرىشىڭلار كېرەك ، ئەگەر ئەسكەر چىقارمىساڭلار  ، ئۇنداقتا كەچۇرۇڭلار ، سىلەر بۇندىن كىيىن بىز ئامىرىكىلىقلارنىڭ قۇلىدىن بىر فۇڭلۇق ياردەم ئېلىشنى خام خىيال قىلماڭلار ، بەلكى يەنە سىلەر بۇرۇن قولغا كەلتۇرگەن بارلىق نەتىجە ، شەرەپلەرنىڭ ھەممىسى بىكار بۇلىدۇ !
بۇ روزۋېلىتنىڭ جىياڭ جىيېشىغا ئەڭ ئاخىرقى ئولتىماتۇم چۇشۇرۇپ دىگەن بۇيرۇقى ئىدى: سىلەر جەزمەن بىرمىغا ئەسكەر چىقىرىشىڭلار كېرەك ، بەلىكى يەنە روزۋېلىت جىياڭ جىيېشىغا يەنە بۇيرۇق چۇشۇرۇپ قۇماندانلىق ھۇقۇقىنى تاپشۇر دىدى ، نىمە قۇماندانلىق ھۇقۇقى ؟
جىياڭ جىيېشى جۇڭگۇ ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگۇ ئۇرۇش رايۇنىدىكى بارلىق قۇماندانلىق ھۇقۇقىنى تاپشۇر ، كىمگە تاپشۇرىدۇ؟ بىزنىڭ ئامىرىكىلىق سىتىۋىنغا تاپشۇر دىدى.
بۇ مەسلە ئېغىر ئەمەسمۇ؟
جىياڭ جىيېشى : ھەربى ھۇقۇق – دولەت ھۇقۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى تۇرسا ، مەن جۇگۇنىڭ ھەربى ھۇقۇقىنى ، قۇماندانلىق ھۇقۇقىنى ئامىرىكا گېنرالىغا تاپشۇرسام قانداق بۇلىدۇ دەپ ئويلىغان ، شۇڭا جىياڭ جىيېشىنىڭ تاپشۇرغۇسى كەلمىگەن ، بىراق ئامىرىكا – چوڭ دولەت ، كۇچلۇك دولەت ، جۇڭگۇغا ياردەم بىرىۋاتقان دولەت  ، (شۇڭا) جىياڭ جىيېشى تاپشۇرمىسىمۇ بولمايدۇ . جىياڭ جىيېشى روزۋېلىتقا : مەن يەنىلا قۇماندانلىق ھۇقۇقىنى تاپشۇرۇشقا تەييارلىق قىلاي ، بىراق ، جۇڭگۇنىڭ دولەت ئەھۋالى مۇرەككەپ ، ھەربى قۇشۇنمۇ مۇرەككەپ  ، شۇڭا مىنى بۇ ئىشنى ئاستا - ئاستا قىلدۇرۇڭلار- دىدى. مۇشۇنداق قىلىپ جىياڭ جىيشى كەينىگە سورەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مەسلىنى ئاستا- ئاستا ھەل قىلماق بولدى.
روزۋېلىتمۇ ناھايىتى ئەقىللىقتە ، ئۇ  جىياڭ جىيېشىنىڭ كەينىگە سورىشىگە يول قۇيامدىغان ، ئۇ (جىياڭ جىيېشىغا): جەزمەن تىز تاپشۇرۇشۇڭ كېرەك ، ھازىرلا تاپشۇرۇشۇڭ كېرەك ، سىلەر تاپشۇرمىساڭلار بۇندىن كىيىن پۇل بەرمەيمىز ، ياردەم بەرمەيمىز –دىدى .
شۇڭا بۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال ئاستىدا  جىياڭ جىيېشى  ئىككى قوللۇق (تەييارلىق )قىلدى ، بىرىنچى ئامىرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۇزۇشكە تەييارلاندى ، جىياڭ جىيېشى نىمىنى ئويلىغان؟
جىياڭ جىيېشى 1937 –يىلىدىن باشلاپ تىنىچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇن بىز جۇڭگۇ (ياپۇنلارغا) قارشى ئۇرۇشنى يالغۇز قىلغان! ، ناھايىتى بەك بولسا سىلەر ئامىرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۇزىمىز، بىز جۇڭگۇ يەنە يالغۇز ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش قىلىمىز دەپ ئويلىغان .
شۇڭا مۇناسىۋەتنى ئۇزۇشنىڭ تەييارلىغىنى قىلغان.
يەنە بىرسى جىياڭ جىيېشى ھۇجۇم ئارقىلىق مۇداپىئەدە تۇرۇپ جىياڭ جىيېشى روزۋېلىتىقا: سىز سىتىۋېىننى جۇڭگۇ ئارمىيىسىگە قۇماندانلىق قىلىشقا مىنىڭ ئۇرنۇمغا قۇيۇشنى ئويلايسىز ، بۇ ئادەم ماڭا لازىم ئەمەس ، ئۇ مەن بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئامالسىز ، سىز ئۇنى ئامىرىكىغا قايتۇرۇپ كىتىڭ – دىگەن – جىياڭ جىيېشى سىتىۋېندىن ئىبارەت بۇ سەنمۇجاڭنى ئىشلەتمەيمەن!.
كوپچىلىك ئويلاپ باقايلى: بىرسى چوڭ دولەت ، كۇچلۇك دولەت ، ياردەم بەرگۇچى دولەت ، بىراق جۇڭگۇ چوڭ دولەت بولسىمۇ ئاجىز دولەت ، يەنە كىلىپ ياردەم ئالغۇچى دولەت ، شۇنداق تۇرۇقلۇق روزۋېلىتتىن  تاللاپ چىققان (ۋە ئەۋەتكەن) گېنىرال- كىيىن توت يۇلتۇزلۇق گېنرال بولدى – نى قايتۇرۇپ ئەكىتىشنى تەلەپ قىلدى ، بۇ ئامىرىكىغا نىسبەتەن يۇزىنى قىلمىغان بىر ئىش بولمامدۇ ، شۇڭا مىنىڭ قارىشىمچە بۇ ئىشتا كۇچ سىنىشىش (ۋەزىيىتى ) ، ئىككى دولەت باشلىقلىرىنىڭ كۇچ سىنىشىشى شەكىللەندى ، بىزنىڭ دائىملىق چۇشىنىشىمىزگە ئاساسلانغاندا ، ئەڭ ئاخىرىدا يىڭىلگۇچى ، مەغلۇپ بولغۇچى جەزمەن ئاجىز دولەت ،جىياڭ جىيېشى بۇلىدۇ .  ئەمما ، نەتىجە بىز ئويلىغىنىمىزنىڭ ئەكىسىچە بۇلۇپ ئاخىرىدا تەسلىم بولغىنى روزۋېلىت!.
روزۋېلىت ياپۇنغا قارشى تۇرۇشتا جۇڭگۇنىڭ قاتنىشىشى بولمىسا بولمايدۇ دەپ ئۇيلاپ ئۇزى شۇتا قۇيۇپ : سىلەر سىتىۋېننى كېرەك قىلمايمىز دىدىڭلار، مەيلى ، بىزنىڭ ئامىرىكىدا گېنرال دىگەن تولا ، سىز تاللاڭ ، جىياجىيېشى سىز بىزنىڭ ئامىرىكا گېنراللىرىمىزدىن ئۇچنى تاللاڭ ، مەن ئۇچىدىن بىرنى تاللاي –دىدى ، جىياڭ جىيېشى ئۇچنى تاللىدى ، روزۋېلىت ئىچىدىن ۋېيدىمار ؟نى تاللىدى.ۋېيدىمارنىڭ ئارخىۋىمۇ خۇفۇ ئارخىپخانىمىزدا بار .  بۇ ئىشتىن كۇرۇۋېلىشقا بۇلىدۇكى ھالقىلىق ئىشلاردا جىياڭجىيېشى ئامىرىكا بىلەن قارشىلىشقا پېتىنالىغان ، ئامىرىكا نىمە دىسە شۇنىڭغا قول قۇشتۇرۇپ تۇرمىغان،
1945 – يىلى ئۇرۇش غەلبە قىلاي دىگەندە ئەنگىلىيە ، ئامىرىكا ، سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يالتادا يىغىن ئاچقان .  

ئۇلار نىمىنى مۇزاكىرە قىلغان ؟
ئۇلار ياپۇنىيە كانتۇن ئارمىيىسىنى قانداق يوقىتىشنى مۇزاكىرە قىلغان ،كانتۇن ئارمىيىسى ياپۇنىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئىچىدىكى ئەڭ سەرخىل قىسىم بولغاچقا – ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگۇنىڭ شەرقى شىمالىنى ئىشغال قىلغان- ئەگەر كانتۇن ئارمىيىسى يوقىتىلمىسا ياپۇنىيە تەسلىم بولمايتتى ، شۇڭا ، كانتۇن ئارمىيىسىنى قانداق يوقىتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.
روزۋېلىتنىڭ ھىس قىلىشىچە جۇڭگۇ ئارمىيىسىگە تاينىش ئىشەنچلىك ئەمەس ، بىخەتەر ئەمەس ، يىڭىشكە بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ ، ئەگەر ئامىرىكا قۇشۇنغا تايانسا يىڭىشتە ھەقىقەتەن ئىشەنچ بار ، بىراق روزۋىلىت : ئامىرىكىلىقلار تىچ ئوكيان ئۇرۇشىنى قىلغاندا ئارال ئاتلاپ ئۇرۇش قىلىش دىگەن ئۇرۇشنى قىلىپ  - تىنىچ ئوكياندا ياپۇنلار ئىشغالىيىتىدىكى ئاراللار بار ئەمەسمۇ ، ئامىرىكىلىقلار ياپۇنلار بىلەن ، بىر ئارال- بىر ئارالدىن تالىشىپ ، بىر ئارالنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر ئارالغا ھۇجۇم قىلىپ ئالغان ، شۇڭا ئارال ئاتلاپ ئۇرۇش قىلىش دەپ ئاتالغان -  ئامىرىكا تىنىچ ئوكياندىكى ھەربىر ئارالنى قايتۇرۋالغىچە نۇرغۇنلىغان ئامىرىكا پەرزەنتلىرى قۇربان بولغان ، كانتۇن ئارمىيىسىنىڭ شەرقى شىمالدا نەچچە يۇزمىڭ كىشىلىك قۇشۇنى تۇرسا ، يەنە قانچىلىك ئامىرىكىلىقلار قوربان بۇلىدۇ ، روزۋېلىتىنىڭ ئىچى ئېچىشاتتى ، شۇڭا يالتا يىغىنىدا سىتالىنغا سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياۋرۇپا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ھامان شەرقى شىمالغا ئەسكەر چىقىرىش تەكلىۋى بەردى .
سىتالىن قۇشۇلىدىغانلىغىنى بىلدۇردى ، بىراق شەرتى بارلىغىنى دىدى.......
داۋامىنى ئەسلى مەنبەدىن ئاڭلىغايسىلەر ، ئەپسۇس تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن تەرجىمىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم ، كەچۇرىسىلەر. رەھمەت.





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13432
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5932 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 07:13:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ئالتۇن بۈلۈش نوقتىسىدا توختىتىپسىز،كارامەت!تەرجىمىڭىزگە ئاپىرىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11670
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1662 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 09:26:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ramu يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 07:13 PM
ۋاھ ئالتۇن بۈلۈش نوقتىسىدا توختىتىپسىز،كارامەت!تەرجى ...

رەھمەت، تۇلۇق تەرجىمە قىلىۋەتسەم بۇلاتتى ، بىراق ، مۇمكىن بولمىدى.ئەرزىمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4966
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 09:45:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆزەل يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 04:44 PM
مەن كىچىكىمدىن  جىياڭ جىيشىنى بەك ئەسكى دەپ بىلىدىغان، ...

مەنمۇ شۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4966
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 09:46:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللامغا بۇ كىشنىڭ يامان تەرەپلىرىلا ئورناپ كېتىپتۇ مېنىڭ!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11670
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1662 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 12:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
花公主 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 09:46 PM
كاللامغا بۇ كىشنىڭ يامان تەرەپلىرىلا ئورناپ كېتىپتۇ م ...

جىياڭ جىيېشىدىن ئىبارەت ئوتكەن ئەسىردە  خەلقئارا ۋە دولەت ئىچىدە ئاز كەم 50 يىلچە مۇھىم رول ئوينىغان بۇ بىر سىياسئۇنغا تارىخ ھامان قايتا ئادىل باھا بىرىدۇ ، ئۇنىڭ توھپىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 11:50:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاكىميەت بېشىدا پەقەت بىرلا پارتىيە بولسا ئادىللىقتىن سۆز ئاچماق بەك قىيىن ،پارخورلوق راك كىسلىدەك ساقايماس ھالەتكە يىتىپ كىتىدىكەن ،ئەگەر كۆپ پارتىيە بولسا بىر-بىرنى نازارەت قىلىپ ،ياخشى قىلالمىغان تەرەپلىرىنى تۇلۇقلاپ ،ھەقىقى خەلق ئۈچۈن ئىشلەش خەلق ئۈچۈن ھاكىميەت يۈرگۈزۈش نىشانىغا يەتكىلى بۇلاتتىكەن ،كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنى مىسالغا ئالساقمۇ كومپارتيە گومىنداڭنىڭ يىتەرسىزلىكى ،ئاجىز تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ ھاكىميەتنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ .......................!تارىخ بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇردىغان بولساق يەنىلا تارىخنى ئەسلەيمىز ،ماۋزىدوڭنى ....جىياڭ جېشى.....لارنى سېغىنىمىز .ئۇلارنى ھازىر بولغان بولسا قانداقراق ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇلار ئىدى دەپ خىيال قىلىپمۇ قالىمىز .....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11670
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1662 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 01:24:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
vmvdwar-uyhur يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 11:50 AM
ھاكىميەت بېشىدا پەقەت بىرلا پارتىيە بولسا ئادىللىقتىن ...

لىكسىيەنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ،جىياڭ جىيېشىنىڭ نەۋرىسى بىر كۇنى قىز دوستىنى ئېلىپ ، ھۇكۇمەت ماشنىسى بىلەن رىيۇتەنگە ئوينىغىلى بېرىپتۇ ، جىياڭ جىيېشى بۇنى ئوققاندىن كىيىن شۇ كۇنىلا بۇيرۇق چۇشۇرۇپ ماشنىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىزۇپتۇ ھەم نەۋرىسىنى ھۇكۇمەت ماشنىسىنى شەخسى ئىشقا ئىشلەتتىڭ دەپ قاتتىق قايناپتۇ.
ياپۇنلانلار تەسلىم بولغاندىن كىيىن ھۇكۇمەت ئەمەلدارلىرى ۋە بەگزادىلەر شاڭخەيدە ياپۇنلار ۋە ۋاڭجىڭۋېينىڭ مال مۇلۇكىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇزىنىڭ قىلىۋېلىش دولقۇنى قوزغىلىپتۇ ، جىياڭجىيېشىنىڭ ئوغلى جىياڭ ۋېيگۇمۇ بىر ئوينى ئۇزىنىڭ قىلىۋېلىپتۇ ، بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن جىياڭ ئەپەندىم ۋېيگۇغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپتۇ ۋە ئۇينى قايتۇرغۇزۇپتۇ .
جىياڭ ۋېيگۇنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا سودا بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلىپ قالغان جىياڭ ئاچچىقلىنىپتۇ ۋە خاتىرىسىگە  ‹‹ۋېي ئوغلۇم سەسكىنەرلىك ، جىڭ ئوغلۇم ياراملىق (تەربىيىلەشكە بۇلىدۇ)›› دەپ يىزىپتۇ ۋە سىياسى ئىشلىرىدا جىڭگۇنى ۋارىسلىققا تاللاپتۇ ....
بۇنىڭدىن كۇرۇۋېلىشقا بولىدۇكى جىياڭ جىيېشى بىر ئومۇر جۇڭگۇ خەلقىنى ئويلاپ ، خەلىقنىڭ غىمىنى يەپ ، ئۇزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ، پاك ئوتكەن ئادەم ئىكەن ، لىكىن خەلىقتىن ئايرىلىپ يىڭىلىپ  قالغان يىرى بار.

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 02:53:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   سېرەك ئېلمىتنتى دۆلىتىمىزدىكى زاپاس مىقدارى دۇنيا ئومومى زاپاس مىقدارىنىڭ توقسان ئۈلۈشتىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدىغان ئېلمېنت بۇلۇپ ، نازۇك تېخنىكىلاردا كەم بولسا بولمايدۇ ، بىراق ، دۇنيادا 30 يىللار مابەينىدە باھاسى ئىزچىل چۈشۈۋاتقان ئېلمىنت بۇلۇپ قالدى . بۇنى ئادەتتە سېرەك داڭگال توپىسى دەپ ئاتايمىز ، قىسقارتىپ سېرەك داڭگال دەيمىز .
   تەرجىمىڭىزنىڭ ئاخىرىنى مۇمكىن بولسا داۋاملاشتۇرسىڭىز بۇلۇپتىكەن ...........!

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11670
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1662 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 03:12:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 02:53 PM
سېرەك ئېلمىتنتى دۆلىتىمىزدىكى زاپاس مىقدارى دۇنيا ئ ...

بىر قىسمى سەزگۇر مەسلىلەرگە چېتىلغاچقا تەرجىمە قىلىشقا بولمىغىدەك ، ئەسلى مەنبەدىن ئاڭلىغايسىز ، رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش